مەشھۇر ئەدىب روسسو ئېيتقان ‹‹ نورمال سەيلە — ساياھەت جاپا – مۇشەققەتنىڭ تەسەللىسى ، خىزمەتنىڭ تەييارلىقىدۇر ›› دېگەن سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بەك كۈچلۈك . كبندىلىك تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئەمەلىيتىدە بارلىقىنى خىزمەتكە بېغىشلاپ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالىدىغان كىشىلىرىمىز ناھايىتى كۆپ . بۇ خىل ئاەت بىر ىىل ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان تەرەپ بولسىمۇ ، نورمال ئارام ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك . بىردەممۇ توختىماي ئالدىراش ئىشلەش كىشلىك ھاياتنى خورىتىپ ، ئىش ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ . تۇرمۇشتىكى ۋە خىزمەتتىكى بېسىملارنى يەڭگىللەتمەكچى بولساق ، ئارام ئېلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ ، شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ جىسمانىي ۋە روھىي كۈچ بىلەن كېيىنكى خىرسقا تاقابىل تۇرۇشقا ھازىرلىنىشىمىز كېرەك .
مۇۋاپىق ئارام ئالمىغاندا ، كۆز ، مېڭە ، يۈرەك قاتارلىق ئورگانىزىملارغا بېسىم بولىدۇ . ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇپ خەت يېزىش ، كۆرۈش سېزىمچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن ، يەنە ئادەمدە بويۇن ، بەل ئۇمۇرتقىسى ئۆسۈپ قېلىش ، بوۋاسىر ، دىئابېت كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن . شۇڭا خىزمەتتە ئارام ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ ئامىلنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك ، ئارام ئېلىشنىڭ ئۆزىمۇ گاھىدا خىزمەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . يۇقىرىقىلاردىن شۇنى بىلىشكە بولىدۇكى ، ئارام ئېلىشنى بىلمەيدىغان كىشى خىزمەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ . تەن ساغلام بولسا ، خىزمەتنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خەتكۈچلەر:
