ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىسرائىلىيەدە نامراتلار نوپۇسى %29 گە يەتتى

2010-يىلى10-ئاينىڭ19-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
( ماتېرىيال سۈرەت)     خەلق تورى 18–ئۆكتەبىر خەۋىرى ، 17–ئۆكتەبىر ، خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى . شۇ كۈنى ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە ، مەملىكەت بويىچە نامراتلار نوپۇسى %29 گە يەتكەن .     ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن خەۋەرلەر
  

( ماتېرىيال سۈرەت)

    خەلق تورى 18–ئۆكتەبىر خەۋىرى ، 17–ئۆكتەبىر ، خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى . شۇ كۈنى ، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە ، مەملىكەت بويىچە نامراتلار نوپۇسى %29 گە يەتكەن .

    ئىسرائىلىيەدىن كەلگەن خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا ، 17–ئۆكتەبىر ، ‹‹خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى›› ، ئىسرائىلىيە مەركىزىي ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى : پۈتۈن مەملىكەتتە 7 مىليون 470 مىڭ نوپۇس بار بولۇپ ، نامراتلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %29 نى ئىگىلەيدۇ ، بۇنى 2000–يىلىغا سېلىشتۇرغاندا نامراتلار نوپۇسى %2 ئاشقان بولۇپ ، بۇ نامراتلار ئائىلە كىرىمى پۈتۈن مەملىكەتتىكى كىشلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ %60 ئىگىلەيدىغان كىشلەردۇر .

   دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ياۋروپا بىلەن سېلىشتۇرغاندا بۇ نىسبەت خېلىلا يۇقىرى بولۇپ ، ياۋروپادا نامراتلارنىڭ نوپۇسى %16 ئىكەن . دوكلاتتا نامراتلىق سەۋەبى تەھلىل قىلىنىپ ، ئىسرائىلىيەدىكى نامراتلار نوپۇسىنىڭ ياۋروپاغا سېلىشتۇرغاندا يۇقىرى بولۇشتىكى سەۋەب ئىسرائىلىيەدە كۆپ بالىلىق ئائىلىلەرنىڭ نىسبىتى يۇقىرى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ بالىلىق ئائىلىلەردە خىزمەت قىلىدىغان ئادەم ناھايىتى ئاز ›› دېيىلدى .

   خەۋەر قىلىنىشىچە ، ‹‹خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى››نى ب د ت بېكىتكەن . 1992–يىلى 12–ئاينىڭ 22–كۈنى ، 42–نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيى ب د ت نىڭ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ، ھەر يىلى 17–ئۆكتەبىرنى ‹‹خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى›› قىلىپ بېكىتىپ ، ب د ت غا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۈتۈن يەر شارى بويىچە نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، نامراتلارنى يۆلەش ھەرىتىكىدە كونكېرت تەدبىر قوللىنىشنى تەلەپ قىلغان .

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!