ھەمراھ

ۋاقتى:2012-04-20 12:16مەنبە: يوللىغۇچى: مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
   مۇنداق بولدى، ئۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇق ئىدى، ئەتىياز كىرىپ قالغان بولسىمۇ، سوغۇق قىشتەكلا ئادەمنى چاقاتتى، ئۆي ئىچىمۇ چىراغ ياندۇرغاندىلا ئاندىن تولۇق يورۇيتتى. ئەمما كۈندۈزىمۇ چىراغ ياندۇرۋېلىشنى ياخشى كۆرمىگەچكە، تۇتۇق ھۇجرامدا ئولتۇرىۋەردىم.
ناشتىمۇ قىلمىدىم، ئاچ قوساققا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچتىم.
مەن 19 قەۋەتتە ئولتۇرىمەن، دېرىزىلەر ھىم ئېتىلگەن، دېرىزە ئەينەكلىرىگە بىر قەۋەت تۇمان ۋە ئۇششاق سۇ تامچىلىرى چاپلاشقان بولغاچقا، دېرىزىنىڭ سىرتىنى ئېنىق كۆرەلمەيتتىم. دېرىزە سىرتىدىكى ھاۋانىڭ ئوچۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆي ئىچىدىكىدەك بۇنداق كۈلرەڭ ھاۋا ئادەمنى يۈرۈگىنى سىقىدۇ. ئۆيۈمدىكى ھاۋا كۈلرەڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر خىل ھارغىنلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. www.iz.la
ئۆگۈنلۈككە ئۆينىڭ پەسىللىك ئىجارە ھەققىنى تۆلەيدىغان كۈن. بەش مىڭ يۈەندىن ئوشۇقراق پۇل جەمئىي. بۇ، ئۆزۈمنىڭ ئامراق نەرسىسى، مەسىلەن ئالما ماركىلىق ئايپەدتىن بىرسى كېلىپ يەنە خېلى پۇل ئاشىدىغان پۇلنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تۈزۈك ئاپتاپ چۈشمەيدىغان قوتا ئۆينىڭ كۆتىگە كىرىپ كەتتى.
شۇنداقتىمۇ بۇ ئىشلار مېنىڭ پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىشىمگە يەتمەيدۇ ـــ تورلاردا توختىماي ئېلان قىلىنىپ تۇرغان ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشلەر، دېڭىز تاشقىنلىرى، يادرودىن زەھەرلىنىشلەر توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ھەر قارىغىنىمدا تۇيۇقسىز مۇنداق ئويلاپ قالىمەن: مۇبادا مەن تۇرۇۋاتقان مۇشۇ يەرگىمۇ شۇنداق تەبىئىي ئاپەتلەر كېلىپ قالسا، مەن بۇ كىچىك جېنىمنى كىم بىلەن بىللە ئېلىپ قاچسام بولار؟ تۇيۇقسىزلا ھاياتتا سۆيگۈسىز قالغاندەك بولۇپ قالدىم.

www.iz.la


مىڭ نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئاتا-ئانامنى قويۇپ تۇرۇپ، مەن بىلەن بىللە مۇشۇ چوڭ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى ئويلىسام، مەندىن بەش كلومېتىر يىراقلىقتا تۇرىدىغان ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم كۆز ئالدىمغا كەلدى. ئەمما ئۇنداق ئۆلۈم قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالغان چاغدا ئۇ ساۋاقدىشىم بىلەن جان ئېلىپ قېچىشنى لايىق كۆرمىدىم.
مەنە ئۆزۈمنىڭ ھەربىر دوستىنى تولۇق چۈشىنىمەن، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا مەېجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھەربىر پايدا-زىيان نۇقتىلىرىنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتكەنمەن. ناۋادا شۇنداق بىر كەلكۈن، يەر تەۋرەشلەر كېلىدىغان بولسا مەن ئۇنىڭغا:
-بىز ئېگىزراق يەرگە قاچايلى، بولمىسا سۇدا تۇنجۇقۇپ قالمىغان تەقدىردىمۇ يەر ئاستىغا باستۇرۇلۇپ كېتىمىز!-دەيمەن. copyright by www.iz.la
ئۇ دوستۇم چوقۇم ئىنتايىن تەمكىن ۋە قەتئىي ھالدا ماڭا قاراپ مۇنداق دەيدۇ:
-بىز ئەسلى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىغا كىرىۋېلىشىمىز كېرەك ئىدى!
مەن ئۇنىڭدىن ھەيران بولۇپ سورايمەن:
-نېمە ئۈچۈن؟
-سەن مەملىكىتىمىزدە نەچچىلىك نوپۇسنىڭ بارلىقىنى بىلەمسەن؟ بىز شۇنداق ئېگىزگە يامىشىۋاتقاندا كەينىمىزدىكى كىشىلەر بېشىمىزغا دەسسەپ ئۆتۈشۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز سۇدا تۇنجۇقۇپ قالماي تۇرۇپلا، دەسسىلىپ ئۆلۈپ كېتىمىز. دەسسلىپ ئۆلۈپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، بۇ ئېگىزگە چىقىۋالغان كىشىلەر تەرىپىدىن قىستىلىپ ئۆلۈپ كېتىمىز، چۈنكى ئۇنداق ۋاقىتتا ھەرقانداق ئادەم ئەقلىنى يوقىتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-ئەمىسە سەنچە قانداق قىلساق بولىدۇ؟
-بىز يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرى ئارقىلىق بىر ئامال قىلىپ باشقا يۇرتقا كېتىدىغان بېكەتكە بېرىۋالساق، ئاندىن بۇ شەھەردىن ئايرىلساق بولىدۇ.
-نېمە؟
-قوشنا شەھەرلەرگە بېرىپ ئارام ئالغاننىڭ ئورنىدا تۇرۇپ كەلسەكمۇ بولىدۇ.
ئۇ چوقۇم مۇشۇنداق دەيدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇنداق ئاپەتلىك كۈنلەر يېتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ كاللىسىغا بىرىنچى بولۇپ كەلگەن ئادەم بەلكىم مەن بولماسلىقىممۇ مۇمكىن. چۈنكى ئۇ يېقىندىلا ئۆزى كۆيۈپ قالغان قىزنىڭ مەھەللىسىنىڭ ئۇدۇلىغا كۆچۈپ كەتتى، يەنە كېلىپ ئۇ قىز بۇ ئىشتىن پەقەتلا خەۋەرسىز ئەھۋال ئاستىدا. ئۇ قىز بولسا بىر بۇنى ئون مىڭ قېتىم تاشلىۋەتكەن، تور دۇنياسىغا باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن، كومپىيوتېر ئۇيۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئويناپ ئايال ئاتامان بولۇپ كەتكەن، كەچلىرى قاۋاقخانىلارغا كۆنۈپ كەتكەن، ھەممىلا يەردە كۆڭۈل ئويۇنى ئويناپ يۈرسىمۇ، ئۆزىنى يا خەقنى خوش قىلالمايدىغان بۇرۇقتۇم، ئات يۈزلۈك قىز ئىدى. مەن «كەلكۈن كەلگەندە مەن بىلەن ئاشۇ ئىچەرمەن-چېكەرمەن قىزنىڭ ئىككىلىمىز سۇغا چۈشۈپ كەتسەم، ساۋاقدىشىم قايسىمىزنى قۇتۇلدۇرار» دېگەن مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلدىم. مۇرەسسە كەتمەيدۇكى، ئۇ ئەلۋەتتە شۇ لۈكچەك قىز دوستىنى قۇتۇلدۇرىدۇ، مەيلى ئىككىسىنىڭ تونۇشقىنىغا نەچچە ئايلا بولغان بولسۇن، مەن بىلەن بولسا بەش يىللىق يېقىن ئاغىنە بولسۇن، بۇ مۇھىم ئەمەس. ـــ بولدى! ئۇنى ئىزدىگىلى قەتئىي بولمايدۇ، دەپ ئويلىدىم، ئۆزۈمنىڭ ھايات-ماماتى قاش بىلەن كىرپىك ئارىسىدا قالغاندا، ئەتىدىن –كەچكىچە توردىن چۈشەلمەيدىغان، كەچكىچە ئۇيۇن ئويناشنى، ئۇ يەر-بۇيەرلەردە كۆڭۈل خۇشى قىلىپ يۈرىدىغان قىزغا ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى پەقەتلا خالىمايتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئالىي مەكتەپتىكى ئەڭ يېقىن دوستۇمدىن ئۈمىد ئۈزگەندىن كېيىن، جان قۇتۇلدۇرىدىغان ھەمرا 2 نىشانىمنى مەندىن 10 كلومېتىر  يىراقلىقتا ئولتۇرىدىغان ئىلگىرىكى قوشنامغا ئاغدۇردۇم.
ئەقىللىقلىقى ئېشىپ كەتكەن بۇرۇنقى قوشنام بىلەن تونۇشقىلى ئىككى يىل بولدى. ئۇنىڭ ئىنتىلىدىغىنى چەكسىز ئەركىنلىك ۋە خۇشاللىق بولغاچقا، پۇل، مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇپ كەتكەنلەرنى كەمسىتەتتى. ئەمما ئۇنىڭ بىلەن بۇنداق ئىتتىكلا ئالاقىلاشقىلى بولماسمىكىن دەيمەن، چۈنكى ئۇنىڭ يانفونىنىڭ بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم.
ئۇ كۈنى ئۇ مېنىڭ بىلەن ئۆيۈمدىكى كىرىسلودا ئىنتايىن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ پاراڭ قىلىۋېتىپ، قولىنى ئۈستەل ئۈستىدىكى چايغا ئۇزۇتىشىغىلا، بايام ياقى ئۇنىڭ-بۇنىڭ بىلەن قىسقا ئۇچۇرلىشىپ ئولتۇرغان يانفونى قۇچىقىدىن سېيرىلىپلا يەرگە چۈشۈپ كەتتى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارا رەڭلىك يانفون پەقەتلا يانماي قويدى، ھېچقانداق ئاۋازمۇ چىقماي، ئەسكى-تۈسەكنىڭ ئۆزى بولدى.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


-يائاللا، ئاخىرى بۇزۇلدى، بەك ساقلىغان ئىدىم بۇ نەرسىنىڭ ئۆزلىكىدىن بۇزۇلۇپ كېتىشىنى، يا تاشلىۋېتىشكە كۆزۈم قىيماي،-دېدى ئۇ.
-دەرۋازا ئالدىدىلا نەچچە دۇكان بار، بەك ياخشى رېمونت قىلىپ بېرىدۇ يانفوننى،-دېدىم مەن.
-رېمونت قىلغىلى بولمايدۇ، قاراڭغۇ بازاردىكى نىمكەشچىلەردىن ئالغان يانفون قانداق بولماقچىتى؟ لېكىن،- ئۇ يەنە ئۇلاپ دېدى،- ياخشى يېرى، ئەمدى مەن ھېچكىم بىلەن ئالاقە قىلمىساممۇ بولىدىغان بولدى، ھەنىم  بولسا! بولۇپمۇ ئاپام، ھەر ھەپتىسىگە بىردىن ئادەمنى بۇرۇقتۇم قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان كۆرۈشۈشلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتاتتى، تەلىيىمگە ئەمدى خېلى قۇلىقىم تېنچلىنىپ قالىدىغان بولدى.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

-ئەمىسە مەن قانداق ئالاقىلىشىمەن سەن بىلەن؟ كېلەر ھەپتە تاغقا چىقىمىز دېيىشتۇققۇ؟
-ھازىرچە كومپىيوتېردا تور ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرمامدۇق، بۇ ئايلىق مۇئاشىمنى ئالساملا، يېڭى  يانفون ئالىمەن. ئەمدى ھەرگىزمۇ نىمكەشنى ئالماسمىنا!
ئۇ قوشنام خىزمەتتىكى ۋاقتىدا كومپىيوتېر ئىشلەتسىمۇ، ئەمما ئۇ توردا پاراڭ قىلغىلى بولىدىغان ھېچقانداق بىر ئالاقىلىشىش يۇمتالىغا چىقمايدۇ، ئۇ زادى مۇشۇنداق قىز بالا، شۇڭا مەن ئامالنىڭ يوقىدىن ئېلخەت ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتىم. بەلكىم شۇنداق بىر ئاپەتلىك كۈنلەر يېتىپ كېلىۋاتقاندا، مەن ئۇنىڭغا بىر پارچە: «جېنىم، جاننى بىللە ئېلىپ قاچامدۇق؟ ئەگەر ماقۇل بولساڭ، سائەت نەچچىدىرەك خەۋەر بېرەرسەن؟ بەلكىم ب ر ت غا ئولتۇرساڭ ئەرزان ھەم قولايلىقراق بولارمىكىن، ئەمىسە قايسى بېكەتتە ئۇچرىشىمىز؟ قانچىنچى يول بېكەت؟ » دېگەن ئېلخەت ئەۋەتىشىم مۇمكىن.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئەمما يامان يېرى ئۇ ئۆيىدە تۇرشۇسى كەلمەيدىغانراق قىز، كەچكىچە كومپىيوتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇۋالمايدۇ، ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن  ئېلخەتنى ئۇ بەلكىم نەچچە كۈندىن كېيىن تاسادىپىي كۆرۈپ قېلىشى مۇمكىن، (پوچتا ئارقىلىق ئاستا سۈرئەتلىك خەتنىڭ يېتىپ بېرىش تېزلىكى بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك) ئەلۋەتتە، ئۇ خەتنى كۆرگەن ئۈچىنچى كۈنى بىز ھاياتلا بولساق.
ئاپەتلىك كۈنلەردە قولنى-قولغان، مۆرىنى-مۆرىگە تىرىشىپ جان قۇتۇلدۇرىدىغان ئىككى نامزاتنىڭ ئىككىلىسىدىلا كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان مەغلۇبىيەت بار ئىدى. شۇنىڭ بىلەن يانفونۇمدىكى بارلىق ئىسىملىكلەرنى يەنە قايتىدىن ئاختۇرۇپ چىققان بولساممۇ، كۆڭۈلگە يارىغۇدەك ئىشەنچلىك نامزاتتىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. بەزىلىرى مەندىن بەكلا يىراقتا ئىدى، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا باشقىچە تاللىشى بار بۇلۇشى مۇرەسسەسىز ئىدى.
www.iz.la

ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ پەقەت ئۆز-ئارا مۇھەببەتلەشكەن كىشىلەر ئارىسىدىلا مەن ئويلىغاندەك بىر-بىرسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇشۇپ، نېمە كۆرسە تەڭ كۆرىدىغان بىر نىيەت بىر مەقسەت بولىدىغانلىقىنى «ماڭا ئىشىنىڭ، بىز چوقۇم بۇ كۈنلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ كېتەلەيمىز» دېيەيدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردۇم.
ئىككى چوڭقۇر سۆيۈشۈپ، بىر-بىرىگە بولغان ۋاپاسىنى ساقلىغان بىر جۈپلەر يەر تەۋرەشتە قالسىمۇ، «پەقەت ئىككىمىز  بىللىلا بولساق، ھەرقانداق كۈن بايرام» دېيەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندىم.
شۇنداق بىر ئاپەتلىك كۈنلەرنىڭ ھارپىلىرىدا، قارشى تەرەپنىڭ ھېچقانداق ئەتىۋارلىغۇدەك يېرى يوق بولۇپ ئادەتتىكى دوستتەك بولۇپ قالغان بىر جۈپلەرمۇ چوقۇم بىر-بىرىنى باشقىچە قەدىرلەشكە باشلايدۇ، يامانلىشىپ قالغانلىرى ئۆزلىكىدىن تەبەسسۇم قىلىشىدۇ، سوقۇشۇۋاتقانلىرى بولسا، قوللىرىنى قايتىدىن تۇتىشىدۇ. ئۇلاردىكى يەنە قانداق بىر زىددىيەت كۆز ئالدىدىكى مۇشۇنداق ئاپەتتىنمۇ ئېغىر بولسۇن، دەيسىز؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇ بىر ئىنتايىن ياخشى ئىش.
ئەمما ئۇنداق ئاپەتلىك كۈنلەرنىڭ كەلمەسلىكى تېخىمۇ ياخشى ئىش!
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
77.8%
ناچار
(2)
22.2%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاچ كۆز باي

    مال-دۇنيانى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان بىر باي سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ھەر قانچە قىپمۇ مال-دۇنيالىرىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە كۆز قىيماپتۇ. تەڭرى بۇ باينىڭ يېنىغا تېزرەك كىلىپ ئۆزىنى دوكلات قىلمىغانلىقىدىن ناھايىتى زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، پەرىشتىن...

  • سۈيقەسىت

    ھېكايە -سىز راستىنلا كەتمەكچىمۇ ؟-دىدى نىجات دىلنارنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ . -نىمە ئۈچۈن مىنى توسىسىز ،نىجات ،ئاكتىيورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم ، ئاران دىگەندە بىر پۇرسەت كەلگەندە نىمىنداق قىلىسىز ؟؟مىنىڭ بۇنداق ئاددىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ب...

  • مىلىيونېرىغا ئايلانغان مۈشۈك

    ئىتالىيەدىكى 4 ياشلىق بىر مۈشۈك ئىگىسىنىڭ 10مىليون ياۋرو قىممىتىكى بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن، دۇنيادىكى ئەڭ باي مۈشۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. توماس ئىسىملىك بۇ مۈشۈك خىلى بىر چاغلارغىچە، رىمنىڭ كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، كىيىن تەلىيىگە...

  • ئانا مىنى كەچۈر

    ئانا، مېنى كەچۈر ئىككى تەرىپى بۈككىدە دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەنت يولىدا لىق سېۋەت بېسىلغان كىچىك كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى ئىككى تەرىپىگە ئېغاڭلىغىنىچە نورمال سۈرئەتتە شىمالغايېزا مەركىزىگە كېتىپ باراتتى. كوزۇپتىكى سېۋەتلەرگە لىق قىدە ئۆرۈك قاچىلانغان ب...

  • مەندىن قانچىلىك ئۆتكەندۇ

    ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا، ئۇنداق ياكى مۇنداق كېلىشمەسلىكلەر، جېدەل- ماجرالارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەر تەرەپنىڭكىنى ئاڭلىسا، ھەممە گۇناھ ئايالدىدەك، ئايالنىڭ دەردىنى ئاڭلىسا، ئاشۇ ئەر بارىلىق جېدەل- ماجرانىڭ جاۋابكارىدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز...

  • ئۆچكەن تەبەسسۇم

    جىيەن فىڭ تەرجىمە قىلغۇچى: روشەنگۈل قادىر مەن تۇيۇقسىز ئىلگىرى يۈزلىرىمدە دائىم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تەبەسسۇملىرىمنى ئويلاپ قالدىم. بىلمىدىم، قاچاندىن بۇيان بۇ خىل تەبەسسۇملىرىم يوقاپ كەتتىكىن؟ ئېنىق ئېسىمدە، ئىلگىرى بۇ خىل كۈلكە-تەبەسسۇم كىشىنىڭ زوقىنى ك...

  • يامغۇردىكى تۇنجى مۇھەببەت

    ياخشىمۇسەن قەدىرلىكىم. بىز تۇنۇشقان ئاشۇ كۇن ئىسىڭدىمۇ؟ تاساددىبىلا تۇنۇشۇپ قالدۇق. گەرچە ئەتتىگەندە ئويدىن كۇڭلۇم ئىنتايىن غەش ھالدا چىققان بولساممۇ. سەن بىلەن بىرگە ئايلىنىپ.پاراڭلىشىپ يۇرۇپ روھىم خېلىلا كۇتۇرۇلۇپ قالغانىدى. سەن ماڭا ناھايتى خۇشخۇيلۇق ب...

  • تەقدىم

    بۇرۇن بىر ئادەم بولغانىكەن،بىر كۈنى ئۇ قۇملۇقتا يولدىن ئادىشىپ قېلىپ ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قاپتۇ،شۇنداقتىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ،مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاشلاندۇق بىر ئەسكى ئۆيگە كېلىپ قاپتۇ،خېلىدىن بېرى ئادەم تۇرمىغاچقىم...

  • تۇخۇم دىلوسى

    ئىككى دوست ساماۋارخانىدا ئولتۇرۇپ سۆھبەت قۇرۇشۇپتۇ،سۆز ئايلىنىپ كېلىپ،ئاياللارنىڭ سىر ساقلىيالماسلىقىدا توختاپتۇ،بىرى دەرھال ئېتىراز بىلىدۈرۈپ؛ -مەن ئايالىمغا ئىشىنمەن،سىرىمنى ھېچكىمگە ئېيتمايدۇ-دەپتۇ. مۇنازىرە قىزىپتۇ،شۇندا ئىككى دوست مەسلىنى باشقىچە ھەل...

  • سۆيۈنچە ئۆستۈرۈش

    بىر باي سەيلە قىلىۋاتقاندا ئىتى يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىت ئىزدەش ئېلانى چاپلاپ، ئىتىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە 10 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئېلان چاپلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىت ئەكەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئە...

  • بەخت ئىزدەش

    گەرچە ئۇ قىز بىلەن تېلېفۇندا كۆرۇشۇپ كېلىۋاتقىلى بىرەر يىلغا يىقىنىلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن تېخىچە بىرەر قېتىممۇ يۈز تۇرانە كۆرۇشۇپ باقمىغان ئىدىم شۇڭا ، ئۇنىڭ بۈگۈنىكى گېپى مىنى قاتتىق ساراسىمغا سېلىۋەتتى . - ئەتە كەچ سائەت سەككىزىدە ئېقىن دەريا ئارا...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • ئالدىرماي تۇرۇڭ،سىزگىمۇ كېلىدۇ بۇ قېرىلىق

    بىر شەھەردە 100ياشقا كىرگەن،چىرايى ئۆزگەرگەن،بېلى پۈكۈلگەن بىر كشى بار ئىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قېرى كىشى مۈكچىيىپ كېتىۋاتسا،بىر يىگىت ئۇنى كۆرۈپ چاقچاق تەرىقىسىدە سوراپتۇ؛ -ئەي بوۋا،ھاسىنى قانچە پۇلغا ئالدىڭىز،قەيەردە ساتىدىكەن؟ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ،مەنمۇ ب...

  • مۇھەببەت سىنىقى

    ھېكايە ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ كۆڭۈلنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بېرىلگەن تاللاشلار ئەڭ خاتا تاللاشتىن ئىبارەت. ئۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ھىجران ۋە ئەلەملەرنى پەيدا قىلىدۇ. ـــ خاتىرەمدىكى كۆچۈرمىلەردىن. يېرىم كېچە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر قەيسەرنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىد...

  • كەڭ قورساقلىق(ھىكايە)

    بۇ ئېچىنىشلىق، كەسكىن جەڭ بولدى. جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ھالاك بولدى. تەقدىر سالاھىيىتى پەرقلىق ئىككىيلەننى ياش كوماندىر بىلەن ياشانغان ئاشپەزنى قاچقۇندا ئۇچراشتۇردى. ئىككىيلەن ئوخشاشلا قۇملۇققا قاچقانىدى. قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر قۇملۇقنىڭ...