مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقى سىردىشىدىغان بولۇپ قالدىم . باشقا خىزمەتداشلىرىم دەسلەپتە ئۇنىڭغا يېقىن يولىماسلىغىمنى تاپىلىغانىدى . مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئۇنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان بولغاندىم. ئۇنىڭ روھسىز تۇرقىدىن ھىچكىمگە يامانلىق قىلىدىغان ئادەم ئەمەسلىگى چىقىپ تۇراتتى .ئۇنىڭ باشقىلاردەك ئېچىلىپ-يېيىلىپ يۈرگەنلىكىنى تەلىيى بار ئادەملەرلا كۆرەلەيتتى .
ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرىدىكى غەمكىنلىق خۇددى يۇقتىپ قويغان نەرسىسىنى ئىزدەۋاتقان ئادەمدەك كۆرۈنگەچكە ئۇنىڭ كۆزىگە قارىغان ئادەمنىڭ ھېسداشلىق قىلغۇسى كىلىپ يۈرىكى ئىزىلىپ كىتەتتى. ئىگىز كەلگەن بوي تۇرقىنى سالاپەتلىك دىگىلى بولمىسىمۇ پاكىز كىيىنىشلىرى ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئادەملەرگە ئوخشىمايدىغان پەرقىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. مەن ئۇنى ئەستايىدىل كۈزتىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۇنى نىمىشقا يامان كۆرىدىغانلىقىنى بىملىگەچكە بارغانسىرى قىزىقىپ ئۇنى چوقۇم ھۆرمەتلىشىم كېرەكتەك تۇيغۇغا كىلىپ قالغان ئىدىم. ماڭا ياقمايدىغان بىرلا ئادىتى شۇ ئىدىكى ئۇ بويتاق تۇرمۇشىدىن زىرىكىپمۇ ئەيتاۋۇر ئۆيدە ئىت باققانىدى. بەزىدە ئۆيدە ئىت بىلەن نېمىلەرنىدۇر دىيشىپ كەتسە مەن ئىشىكنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئاڭلاپ باقاتتىم. ئۇنىڭ ئاۋازى ئېنىق ئاڭلانمىغاچقا ئۇ ئىتقا كەپ ئۈگىتىۋاتقاندەك ئەمەس، ئىتنىڭ تىلىنى ئۈگۈنىۋاتقاندەك قىلاتتى
بىز كۆپىنچە ۋاقتىمىزنى باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋېلىش بىلەن ئۆتكۈزىمىز. ئۆزىمىزنىڭ قىلىدىغان ئىشى يوقتەك باشقىلارنىڭ بىزدىن بىزار بولىشى بىلەن كارىمىز يوق ئۇنىڭغا جان-جەھلىمىز بىلەن كىرىشىۋىلىپ ئاخىرىدا باشقىلارغا قالايمىقان باھا بېرىمىز. ئارقىسىدىن تىللايمىز. ئەمىلىيەتتە ياشاش دىگەن خۇسۇسىي ئىش. خۇدا ياشا دەپ جاننى بەرسە خۇدانىڭ بەرگىنىدىن قىزغىنىدىغان شەيتان بولۇپ باشقىلاردىن، ئۇنىڭ ياشاش ئۇسۇلىدىن ئەيىپ ئىزدەپلا يۈرىمىز.
مېنىڭ ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئارلىشىۋېلىش مەخسىدىم يوق، پەقەت ئۇنىڭغا قىززىققانلىقىم سەۋەبىدىن شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئارىسىدىمۇ ئۇنى تۇنىۋالاتتىم ۋە ئاڭسىز ھالدا ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ قالاتتىم. ئۇ يولنى ناھايىتى تىز ماڭاتتى. كىيىمنى رەتلىك كىيەتتى،لىكىن چېچى ئۇزۇن ھەم قالايمىقان بولغاچقا باش ئۇنىڭ ئەمەستەكلا كۆرىنەتتى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئادەمگە قارىسا بىر خىل يىرگىنىش ۋە غەزەپ-نەپرەت بىلەن قارايتتى.پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن زىرىككەندەك قارايدىغان كۆز نۇرى رەھىمسىز سوغۇق نۇرنى ئىپادىلىگەچكە باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا گەپ قىلىش ۋە چاقچاق قىلىشتىن قورقاتتى. ئۇ ئادەتتە ئتتىن باشقا ئادەم بىلەن باردى-كەلدى قىلمايتتى. يول مېڭىشىمۇ بىر يەرگە بارىدىغاندەك ئەمەس ئادەملەردىن قېچىۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرەتتى.ئۇ سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئىتىنى مەھەللىدىن يۈگۈرتۈپ چىقىپ كىتەتتى. ئىدارىدا يوقلىما قىقىلىدىغان ۋاقىتتا پەيدا بولۇپ ھەممىمىزنىڭ قارشى تەرىپىدە ئولتۇرۇپ ئۆزىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكچىدەك يۇقۇرى ئاۋازدا (بار) دەپ توۋلايتتى. ئۇ شۇ بىر ئېغىز گەپتىن باشقا ھىچكىم بىلەن گەپ قىلىشتىن ئەيمىنگەچكە ئۇنىڭ روھى دۇنياسى بىلەن قانداق تونۇشۇشنى بىلمەي ئاخىرى بىر ساۋاقدىشىدىن ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىنى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلدىم.
-ئۇ بىر سەنئەتكار،-دېدى ساۋاقدىشى ئۇنى ئىتىخار بىلەن تىلغا ئېلىپ،-بىراق ئۇنىڭ تالانتى مۇھەببەت تەرىپىدىن بەربات قىلىندى.
مەن ئۇنىڭ ئۇزۇن گەپلىرىدىن يەنە ھىچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم.
مەن ئۇنىڭ بۇ ساۋاقدىشى بىلەن بىرەر قېتىم بىر يەردە تۇرغىنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقانلىقىنى بىر قىتىم كۆرمىگەن بولساممۇ ئۇنىڭغا ياخشى باھا بەرگەن ئادەمنىڭ تۇنجىسى بولغاچقا بەزى بىر ئەھۋالنى ئېنىق بىلىۋالاي دەپ رېژىسسورغا كىرىشىۋالدىم.
ئۇنىڭ قانداق تالانتى بار، مەن ئۇنداق ھىس قىلمىدىمغۇ؟-دىدىم مەن رېژىسسورغا تاماكا سۇنغاچ. ئۇ تاماكىنى تۇتاشتۇرغاندىن كېيىن ھاۋاغا ئىسىنى پۈلەپ بىر تىنىۋەتكەندىن كېيىن:
-ھىندىستانلىق تاگورنى بىلەمسەن؟-دەپ سورىدى.
-رابىندارنات تاگور. تۇنجى ئەدىبىيات نوبىل موكاپاتىغا ئىرشكەن بىردىنبىر شەرىقلىق،-دېدى مەن ئۆزۈمگە چوڭقۇر ئىشەنچ بىلەن،-
توغرا دردى،- رىژسسور بىردىنلا قىزغىنلىق ھالىتىگە ئۆتۈپ،- لوتوپۇللا مۇتەللىپمۇ ئۇنى ئەنە شۇ تاگورغا ئوخشاش تالاتلىق شائىر. مۇزىكانت، كومپازىىتۇر، ناخشىچى ۋە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە رەسسام ئىكەنتۇق ، سەن سورالغان بۇ ئادەممۇ دەل ئاشۇلارغا ئوخشاش تالانت ئىگىسى ئىدى، مۇھەببەتتىن دىلى ئازاپ يەپ ئاخىرى مۇشۇ ھالغا كىلىپ قالدى،- دېدى ماڭا سەنئەتكار ھېسداشلىق قىلغاندەك ئېغىر تىنىپ.
قۇلقىمغا سەنئاتكار دېگەن گەپ ساراڭدەك ئاڭلىغاتتى. ساراڭ دېگەن كەپمۇ ساراڭ دىگەن گەپمۇ سەنئەتكار دىگەندەك ئاڭلانغاچقا كوچىلاردىكى ساراڭلارنىمۇ سەنئەتكاردەك سەنئەتكارنىمۇ سارڭدەك ھېس قىلتتىم ئۇلارنى كۆرسەم ئىچىم ئاغرىيتى. سارڭلاردىمۇ سەنئەتكارلىغا خاس ھېسيات ۋە ۋىجدانى سىزىم بولمىسا سارڭ بولۇپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەستەك تۇيلاتتى. يىسنىن(1)ئىتالىيەلىك بىر ناخشىپى بىلەن تىل بىلىشمەي تۇرۇپمۇ ئونسەككىز يىل مۇھەببەتلەشكەن ئىدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ماياكوېىسكى(2)سۆيگەن ئايالغا قولقىنى كېسىپ بەرگەن ۋە ئايرىلىش ئېغىر كېلىپ ئۆزىنى تاپانچا بىلەن ئېتىۋالغان ئىدى.
مەن رىژسسوردىن يەنە ئارتۇقچە گەپ سوراشنى لايىق كۆرمەي ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ قالدىم. ئادەملەرگە گەپ قىلىشنى ئاريۇقچە ھېساپلايدىغان بۇ ئاددى ئادەمنىڭ ئوبرازى قەلبىمدە بارغانسىرى ئۇلۇغۋار ئالىجاناپ ئادەمنىڭ سۈپتىدە جۇلالىنىشقا باشلىدى. مەن كېيىن بىلسەم ئۇ ھەقىقىتەن رىژسسور ئېيتقاندەك تالانتلىق شائىر بولۇپ چىقتى. مەن ياخشى كۆرىدىغان بەزى كېنو ناخشىللىرى ۋە باشقا نۇرغۇن ناخشا تېكىستلىرىنى ئەسلىدە ئۇ يازغان ئىدى. ئۇنىڭ تۇرمۇشىنىڭ زادى قانداق ئۆتىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى. بىرى ماڭا ئۇنىڭ شۆھرەتپەرەس شائىرلاردىن پەرىقلىندىغان تەرەپلەرنىڭ كۆپلىكىنى ئېيتىپ بەردى. مەسلەن: ئۇ يازغان شېئىرنىڭ ئاخىرىغا ئىسمىنى يېزىشنى خالىمايدىكەن. يەنە شېئىرغا ھەق ئىلىشنى خالىمايدىكەن . بىر ناخشىچى ئۇنى تۈزۈت قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ پۇل تەڭلىگەندە ئۇ غەزەپتىن تىتىرگىنىچە شېئىرنى يىرتىپ ئوچاققا تاشلىۋىتىپ ھېلقى ناخشىنى «ھۇ قىزىل كۆز ئالدامچى، كۈزۈمدىن يوقال، مەن سېنىڭدەك سەنئەتنى ۋاستە قىلىپ خەلىقنى ئالداپ جان باقىدىغان ئىپلاس ئادەم ئەمەس. سەندەك سەنئەت كوچىسىدىكى قەلەندەر مىڭ مەشھۇر بولۇپ كەتسەڭمۇ مەڭگۈ سەنئەتكار بولالمايسەن»-دەپ ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرۋەتكەنمىش. مەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ھەقىقىتەن ئىددىيسى ئىلغار سەنئەتكار ئىكەنلىكىگە تەلتۈكۈس قول قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى. بىر كۈنى ئۇ رويالدىن بىرنى سېتىۋىلىپ باشقىلار ياردەملىشەيلى دېسىمۇ ئۇنىماي ئىشىكنىڭ ئالدىدا چۈشۈرۋالدى. رويالنىڭ تىللىرىنى بىسىپ ناھايىتى مۇرەككەپ بىرخىل ئاكورتلارنى چىقىرىشقا باشلىدى.
ئۇ رويالنىڭ تىلىنى شۇنچىلىك مىھىرى بىلەن ئاۋايلاپ باساتتىكى كۆزۈمگە بىر ئانا ئەمدى تۇققان بالىسىنى، ئاغرىقىنى ئۇنتىغان ھالدا مېھىرى بىلەن باغرىغا باسقاندەك كۆرۈرنىپ كەتتى. بىردىنلا ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق دېقىشقا باشلىدى. رويالنى تىزدىن ئەكىرۋەتمىسە يامغۇردا قالاتتى. مەن تاماكىنى تاشلاپ جىدديلىشىشكە باشلىدىم. ئەگەر يىپ-يېڭى رويال يامغۇردا قالسا تۈگىشەتتى. ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئۆرە تۇرۇپلا مەن ئاڭلاپ باقمىغان ئاجايىپ بىر كۈيگە چېلىشقا باشلىدى.
بىر ئاڭلىسام خەلق ناخشىسىدەك،بىر ئاڭلىسام ئىجادى ناخشىدەك ئاجايىپ يېقىملىق ئاڭلىنىپ كەتتى. ئۇ مۇزىكىدىكى كەمچىلىكنى ئەمەس ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى چەكسىز بوشلۇقنى تولۇقلاۋاتقاندەك شۇنچىلىك مۇڭلۇق چالدىكى ئۇنىڭ ئىتىمۇ بالكۇنغا كىلىپ مۇزىكىغا ناخشا ئېيتۋاتقاندەك قاۋاپ قويىدى. مەن ئولتۇرغان ئۇرۇندۇقنى ئۇنىڭغا بىرىپ ئۆرە تۇردۇم. ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ جايلىشۋالغاندىن كېيىن بىر ئاڭلىسام تونۇش يەنە بىر ئاڭلىسام ناتۇنۇش تۇيۇلىدىغان موزىكىغا چېلىشقا باشلىدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەن پۈتۈن دېھققىتىمنى يىغىپ بىرىلىپ ئاڭلاۋاتاتتىم. توساتتىن كائىنات موزىكىدىن تەسىرلەنگەندەك سىم-سىم يامغۇر يېغىشقا باشىدى.
ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ سەنئەت ئالىمىگە شۇڭغۇپ كەتكەچكە يامغۇر چۈشۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلمىغان بولسا كېرەك. قوللىرى ھەركەتتىن توختىدى. مۇزىكىنىڭ مۇڭىدىن ۋۇجۇدۇم ئىرىپ يەرگە سىڭىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلماقتا ئىدى. كۆز ئالدىمدا قىيا تاشلارغا غەزەپ بىلەن ئۇرۇلىپ ئۇھ تارتىپ چىكىنگەن دېڭىز دولقۇنلىرى بانايەن بولىۋاتاتتى . مەن بۇ خىل ھاياجاننى تۇنجى قېتىم ھېس قىلۋاتاتتىم. ئادەم كۆزى ئوچۇق ئەھۋالدا رىئال دۇنيانى كۆرمىسە كۆزى بۇ خىيالى ئالەمنى-غايىسىدىكى دۇنياسىدىكى كۆرىدۇ. مەن شۇ تااپتا قار ھەدەپ يېغىۋاتقان شەھەر كوچىسىدا مۇھەببىتىمدىن ئايرىلغان ئاشۇ ئاخشامدا ئۆيگە كىرگۈم كەلمەي ئايلىنىپ يۈرۋاتاتتىم. قاتتىق ئۇيقىدىن ئويغانغاندەك يۇمۇلغان كۆزۈمنى ئاچقاغدا يامغۇر چىلەكلەپ قۇيۋەتكەن ئىدى. ۋاھ،نېمىدىگەن پەيزى كۆرنۇش، يامغۇرنىڭ ھەيۋىسىدىن پايپىتەك بولغان ئادەملەر چاپانلىرىنى باشلىرىغا ئارتىپ ئۆيلىرىگە يۈگۈرۋاتاتتى. ئادەم خەلىق ئىچىدە تەۋرەنمەستىن قورقماس ئىرادە بىلەن رەقىبىنى كۈتىۋاتقان قەھرىماندەك ئولتۇرۇپ رويال چېلىۋاتقان سەنئەتكارنىڭ تۇرقى ئۇنىڭ ھاياتىنى ۋە سەنئەتنى سۆيدىغان يۈكسەك ئىرادىسىنى نامايەن قىلىۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئۇ ۋەتەننى كۈيلەۋاتتى. سۆيگەن قىزىغا خەت يېزىۋاتاتتى، ئىنسانىيەت بىھۇدە قان تۈكۈپ بۇلغانغان زىمننىڭ پاكلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا كۆرەش قىلۋاتاتتى. ئاللامۇ مەيوسلىنىۋاتقان ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى پاكلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ شەخسىيەتچىلىك سەۋەبىدىن ئىجاد قىلىنىپ تۇرغان تۈرلۈك رەزىل ئىپلاسلىقلارنى ئۇلارنىڭ نېرۋا تالالىرىدىن سۈرگۈن قىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلمەقتا ئىدى.
رويالنىڭ ئاپپاق تىلىغا چۈشۈپ چاچراپ چىقىۋاتقان يامغۇر تامچىسىنىڭ ئاۋازى ئۇنىڭغا مەدەت بىرىۋاتاتتى. سوغاقتىن كۆك رەڭگە كىرگەن بارماقلىرى ئاق تىلىنىڭ ئاق تىلىنىڭ ئۈستىدە جەڭگاھتا تۇياقلىرىدىن ئوت چىقىرىپ چېپىۋاتقان تۇلپاردەك ئەركىن ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەۋاتتى. مۇزىكا نەچچە ئۆزگۈرۈشلۈك سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەنزىلدە توختىدى. ئۇنىڭ يامغۇردا تولۇق ھۆل بولغان چاپانلىرىدىن ئېقىپ چۈشىۋاتقان تامچىلار سۈرلۈك قامىتىگە رەڭ بەرگەن قارا كاستىيۇمنىڭ يىڭىگە تامچىلايتى. مۇزىكا بىلەن تەڭ يامغۇر توختىدى. مەن ئۇنڭ ھوجۇدىدىنىڭ كائىنات بىلەن بىرلىشىپ كېتىۋاتقان سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
نېمە ئۈچۈنكى يامغۇرنىڭ تامچىسى ماڭا مۇنچىلىق تەڭشەلگەن ئىلمان سۈيدەك تۇيۇلدى. ئۇ مۇزىكىنى چېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭا قەدىناس دوستىدەك چاقچاق قىلىپ.
-كارامەت ئىش بولدى.بۇ مەن ھاياتىمدا كۈتكەن كۇن ئىدى،-بىزنىڭ ئۆيگە چىقايلى ئاغىنە.ئۆيدە ئىسىل سورتلۇق ئۈزۈم غارىقىنىڭ ھەممىسى بار.بىز كەيپىياتنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئىچەيلى يۈرۈڭ،-دېدى مۆرەمگە شاپاللاپ.
مەن ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. ئۇنىڭ ئۆيىگە ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ كىرىپ چىققانلىقىنى كۆرمىگەچكە ئۆزۈمنى مۇشۇ ئۆيگە كىرىشكە نىسىپ بولغا بىرىنجى ئادەم دەپ ئويلاپ ئۆزۈمنى تولىمۇ بەخىتلىك سەزدىم.ئۇنىڭ بوسۇغىسىدىن كىرىپلا شۇنچىلىك غەيران قالدىمكى شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىمنىڭ قانداق بولۇپ كەتكەنلىكىمۇ ئۆزۈمگە سىر.مەن بىرىنچى بولۇپ قەدەم بېسىپ كىرگەن ئۆينىڭ ھەممە تىمى ئاق سىرلانغان بولۇپ رەتلىك يېزىلغان مۇھەببەتلىك سۆزلەر بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ ئۆيگە كىرىپ ناھايىتى قىزغىن ھالدا: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-مەن كىيىم ئالماشتۇرۋالاي،-دىگەنچە سول تەرەپتىكى ئۆيگە كىىرپ كەتتى.
مەن تامغا يېزىقلىق سۆزلەرنى زور قىزىقىش بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم:
مۇھەببەت-پەرىشتىلەرنىڭ يۇلتۇزلارغا سەجدە قىلىشىدۇر.
ھەممە نەرسىنىڭ كەينىدە خۇدا بار. لىكىن خۇدانى توسىۋالغان نەرسىلەر قارا،ئادەم سۈزۈك ئەمەس،بىر كىشىنى ياخشى كۆرۈش ئۇنى سۈزۈلدۈرۈش ئۈچۈندۇر.
بەزى پىكىرلەر دۇئادۇر.بەزىدە بەدەننىڭ ھالىتى قانداق بولسا بولسۇن،روھ ھامان يۈكۈنگەن بولىدۇ.
ئخ-باھار،سەن مېنىڭ ئۇنىڭغا يازغان خېتىمسەن.
مۇھەببەت باشلاغان ئىشنى خۇدالد ئورۇنلىيالايدۇ.
سەن مېنىڭ يىنىمغا كىلىسەن.شۇنداق ئەمەسمۇ ھە! بەخىت مەن بەزىدە چۈشۈمدە ۋاقىتنىڭ . پەرىشتىلەرنىڭ ھايھتىدىن ئايرىلىپ يەر يۈزىگە چۈشۈپ كىشىلەرنىڭ ھاياتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن.
ئىز تورى www.iz.la
مەن ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ بېقىشنى كۈتمىگەن ۋە ئويلىمىغان بۇ سۆزلەرنى ئوقۇپ ھەيران قېلىۋاتاتتىم. مەن يەنە نېمە يېڭى سۆزلەر چىقار دەپ ۋاقتىنچە ھەيرانلىقىمنى يوشۇرۇپ كۆزۈمنى سول تەەرپتىكى تامغا يۆكۈدۈم:
مۇھەببەت ئۈچۈن ئازاپ چىكىۋاتقان ئىكەنسەن تېخىمۇ كۆپرەك مۇھەببەت باغلا.مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆلۈش-مۇھەببەت ئۈچۈن ياشاش دىمەكتۇر.
مۇھەببەت- جەننەت ھاۋاسىدىننەپەس ئېلىشتىن ئىبارەت چەكسىز شادلىق.
كىشىلىك دۇنياسىدىكى مۇھەببەت بولمىغان بولسا قوياشمۇ ئۆچكەن بولاتتى
تامدا گەرچە لىق خەت بولسىمۇ مەن ئوقۇشقا بەرداشلىق بىرەلمەي قەلدىم.سەنئەتسىز دۇنيانىڭ مەۋجۇتلىقى ھەم مەنىسىنى ھېس قىلغالا بولمايدىغان دەۋىردە.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇشۇنداق بىر ئادەم بىلەن بىللە ياشاپ ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيۋاتقان دۇنيا.قىممىتىنى بىلمەيۋاتقان جەمىئەت ۋە ئادەملەرگە نەپرەت ئوقىغۇم كىلىپ كەتتى.
مەن ئوچۇق ئىشىكتىن ئىچكىرسىگە كىردىم. بۇ ئۆي ئەمەس ئاجايىپ چوڭ كۈتۈپخانا ئىدى. يەر تىگىدىن تورۇسقا تاقاشقان جىگەر رەڭ ئىشكاپتا لىق كىتاپ تۇراتتى. پەقەت شەرق تەرەپتىكى دېرىزىسدىن بۇ جاھاننى ھىس قىلغىلى بولاتتى.
مەن قايسى كىتاپنى ئىلىپ قايسىسىنى قويۇشنى ئۇقماي گاڭگىراپ قالدىم. ئىشىكنىڭ ئۇدۇلدىكى ئازراق بوشلۇقتا «كەچۈرۈڭ كىتاپ ئارىيەت بىرەلمەيمەن، كىتاپ مېنىڭ ھاياتىمدىنمۇ قىممەت » دەپ يېزىلغاندى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ۋۇجۇدۇمنى بىرخىل قورنۇش ۋە تارتىنىش ئىلكىگە ئېلىۋالدى.
ئاڭغىچە ئۇ ۋىقىپ كەلدى.مەن تارتىنىش ئىچىدە بىر چەتتە تۇردۇم.
ئۇ خۇددى مەن ئۆيدە يوقتەك ماڭا ئىرەن قىلماي:«ۋاپادار،بۇياققا كەل»-دېدى.ئاۋاز چىقىپ بولغىچە ئۇنىڭ ئىتى بالكۇندا تۇرسا كېرەك، يۈگرەپ كەلدى. مەن ئتنىڭ بوينىدىكى ئالتۇن زەنجىرگە قاراپ قالدىم. ئۇ ئاپپاق كۆينەك كىيىۋالغاندى. مەن ئىتتىن ئازراق قورقۇپ دىرىزە تەرەپكە سۈرۈلدۈم.
«قورقماڭ»-دىدى ئۇ ماڭا قارىماي ئەركىلەتكىنىچە،-ئادەملەرنىڭ تىلى بولسىمۇ ناتونۇش بولسىلا ھىچ ئىشتىن ھىچ ئىش يوق سوقۇشىۋىرىدۇ. ئىت ئۇنداق ئەمەس، ئۇ ھىچ بولمىسا بىر ئادەمنى نېمە ئۈچۈن چىشلىگەنلىكنى ئۇقىدۇ. copyright by www.iz.la
ئۇنىڭ ئىتىمۇ ئاپپاق ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭ بەدىننىڭ كۆينەك كەيگەن قىسمى ئىتىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
مەن نەدىن گەپ باشلىشىمنى ئۇقماي نېمىشقا ئت باقىسىش؟- دەپ سوردۇم ئىختىيارسىزلا.گىپىمنى دەپ بولۇپلا ماڭا ئاچچىكلايدىغان بولدى دەپ پەرەز قىلدىم. بىراق ئۇ قىزغىنلىقنى يوقاتمىغان ئىدى.
-ئىت ئادەملەرگە قارىغاندا سەمىمى،-دېدى ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ،مەن تېخى قۇرۇشقا ئۈلگۈرمىگەن چېچىمنى سىلاپ قويدۇم.
كىيىم ئالماشتۇرۋالامسىز،-دېدى ئۇ شۈمشەيگەن تۇرقۇمنى كۆرۈپ. مەن ماقۇل دىگەندەك بېشىمنى لىڭشىتىپ قويۇپ سىرتقا ماڭدىم. بىز خوشنا بولغاچقا ئۆيگە چىقىپ چاققانلىق بىلەن كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ چىقتىم. ئادەتتە داۋاملىق ئىتىگلىك تۇرىدىغان ئۆينىڭ ئىشىگى يېپىلمىغاندى. مەن ئۆيگە كىرىپ ئىشىكنى تاقىۋەتتىم.
www.iz.la
سول تەرەپتىكى كۈتۈپخانا ئۆيگە كىرسەم ئۇ يوق ئىدى. ئوڭ تەرەپتىكى ئۆيگە كىرسەم ئۇ ئالدىغا شوتلاندىيە ۋىسكىسىنى قويۇپ مېنى ساقلاپ ولتۇرغان ئىكەن.
كېلىڭ يۇقىرى ئۆتۈڭ،-دېدى ئۇ مېنىڭ كىرگەنلىكىمنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۆي سايمانلىرى پاكىزە ھەم ئاجايىپ جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغاندى. ئىشىكتىن كىرگەندە ئوڭ تەرەپتىكى تامغا ئۆزىنىڭ پورتىرىت رەسىمىنى لىق كەلگۈدەك سىزىۋالغاندى. قالغان تاملاردا بىر قىز بىلەن چۈشكەن رەسىملەر تۇراتتى. نەچچە يىل ئاۋالقى رەسىملىرى بولغاچقا ئۇ ھازىرقىدىن كۆپ ياش ھەم روھلۇق ئىدى. مەن ئىختىيارسىز ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم.
مەن ئۇنىڭ بىلەن رەسىمگە چۈشكەن قىزنى،كۆرگەندەك قىلاتتىم،لىكىن ئىسىمگە ئالالمىدىم. www.iz.la
ئۇ ماڭا خرۇستال رومكىغا تولدۇرۇپ قۇيۇلغان ھاراقنى سۇندى. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ئۆزى مەن ئۇزۇندىن بۇيان كۈتىۋاتقان پۇرسەت بولغاچقا تامدىن كۆزۈمنى ئۈزۈپ سۈترەڭ، پاكىز سافادا ئولتۇردۇم.
ئۇنىڭ روھىدىن تېخى باشقىلار يىقىن يولىما دەپ كەتكىدەك ئالاھىدە غەيرىلىكنى بايقاشقا ئۈلگۈرمىگەندىم.
-سىز نېمىشقا توي قىلمايسىز؟- دەپ سورۇدۇم مەن بىرىنچى رومكىنى كۆتۈرۋەتكەندىن كېيىن،رومكىنى ئۇنىڭغا سۇنغاچ.
قەلبىمدىن مۇھەببەت يوقالغاندا،-دېدى ئۇ تەمكىنلىك بىلەن،مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي سۇئال نەزىرىم بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلدىم.
مەن سۈرەتتىكى ئاشۇ قىزىنى ياخشى كۆرەتتىم. بىراق ئۇ مېنى تاشلاپ كەتتى،-دېدى ئۇ ھېلىلا يىغلايدىغاندەك بىچچارە كەيپىياتتا رەسىمدىكى قىزنىڭ ھالىتى خېلى سەمىمىدەك كۆرۈنگەچكە يەنە بىر قېتىم قارىۋەتتىم. ئۇنىڭ دىمەكچى بولغىننى ئاستا-ئاستا چۈشنىۋاتاتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ھەئە دەپ بېشىنى لىڭشىتى ئۇ.
-ئۇنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز، بىراق ياخشى كۆرۈش ئېرشىش ئەمەس دېدىم مەن .
-نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر مەڭگۈلۈك سۈيۈش دېگەنلىك دېدى ئۇ ھاراقنى قۇيغاچ.
مەن ئۇنىڭ بىلەن ئورتاق قاراشلىرىمىزنىڭ كۆپلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم.
-ھازىر قىزلار ياخشى كۆرمىسىمۇ پۇلى بولسىلا توي قىلىۋىرىدۇ. بۇ قانۇنلۇق پاھىشە بولىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھازىر توي قىلىش زىركىشلىك رەسمىيەتكە ئايلىنىپ قالدى. مۇھەببەتسىز توي قىلىشنى قانداق تىل بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن. ياخشى بىر ئادەم بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشتىنمۇ قاباھەتلىك ئىش بولامدۇ؟-دېدى ئۇ ماڭا يەنە رومكىنى تەڭلەپ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەن توغرا دىگەندەك قىلىپ بېشىمنى لىڭشىتتىم.
-توي قىلىش بىرخىل ياشاشتىكى ھەمكارلىق ئۇنىڭدا مۇھەببەت بولمىسا پايدا مەنپەت سەۋەبىدىن رەقىبى بىلەن ھەمكارلاشقان سودىگەرلەرچە ياشاش بولىدۇ. دېدى ئۇ ئۆزى بىلەن ياندىشىپ ئولتۇرغان ئىتىنى سىلاپ تۇرۇپ، ئىت گويا ئىتائەتمەن ئائىلە قىزىدەك بېشىنى سىلىغاندا كۆزلىرىنى يۇمۇپ سافادا ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭ ئىتىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئاجايىپ سەمىمي ۋە ئالىجاناپ بىرخىل مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇ تاپتا مېنىڭمۇ ئېتنى سىلغۇم كېلىپ كەتتى.
ئەمدى توي قىلمايدىكەنسىز – دە، دەپ سورىدىم مەن .
- بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسۇن، ۋاقىت ھەممنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەنە شۇ چاغدا مەن مۇھەببەت ئۈچۈن ئەمەس پەقەت نەسىل قالدۇرۇش ئۈچۈن توي قىلىمەن. چۈنكى بىر ئەر كىشى پەرزەنتىلك بولماي دۇنيادىن كەتسە جاھان تۇل خوتۇندەك يىغلايدۇ. دۇنيامۇ بۇ بەندىسىدىن ئۈمۈتسىزلىنىدۇ. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدا ئەمگىكى نەزەرگە ئېلىنمايۋاتقان تالانتىلىق سەنئەتكارلار، مۇزىكانىت، ناخشىچى، ئۇسۇلچىلار بار. يېزىلاردا ناھايىتى كەمبەغەل قىرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلار ياشاشنىڭ تۈرلۈك قېيىنچىلىقلىرى يەلكىسىدىن باسسىمۇ يەنىلا خوشال ۋە خاتىرجەم. ئۈمىتۋار ياشاۋاتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن، ئۇلار بىرى ياشاشنىڭ قىممىتنى ۋە مەنىسىنى تىنىمسىز ئەمگەك قىلىش دەپ قارايدۇ. ئىككىنچىسى ئۇلارنىڭ پەرزەنتىلىرى كۆپ، ئاللا ئادەمنى ئىجاد قىلغان بولسا ئادەم ئۆز پەرزەنتىنى ئىجاد قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆز پەرزەنتىلىرىدىن بىر ئاللاھنىڭ چىھرىنىڭ كۆرسە بىر ئۆزىنىڭ چھرىنى كۆرىدۇ. ئادەمنىڭ كۆڭلى ئەسلى قاراڭغۇ ئۆيگە ئوخشايدۇ. بىر پەرزەنىت بىر چىراق، بىر چىراقتىن چىققان نۇر ئۆينىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرنى يورتۇشقا يەتمەسلىكى مۇمكىن. چىراقنى كۆپ ياققاندا ئۆينىڭ كۈندۈزدەك يورىشى ئېنىق،-دېدى. ئۇ خوشە دىگەندەك رۇمكىنى كۆتۈرۈپ ئىشارەت قىلىپ، مەن پۈتۈن دىققىتىمنى يىغىپ ئۇستازدىن دەرىس ئېلىۋاتقان تالىپتەك ئولتۇراتتىم. ئۇنىڭ ئىشارەت قىلىشى بىلەن يەنە بىر رۇمكا كۆتۈرۋەتتىم. ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى چوڭقۇر خىيالغا سىلپ قويىۋاتاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ يەنە گەپ باشلىدى.
- بىر ئادەمنىڭ سۆيگۈ مۇھەببىتى قارشى تەرەپنىڭ ئىنكار قىلىشغا ئۇچىرىغاندا سۆيگۈچىنىڭ قەلبى ئازابتىن تىتىلىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى خارلىنىش سەۋدالىقى ئىگەللىۋالىدۇ. ئىنسانىيەتكە ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. ھاياتنى قېيداشقا ئايلاندۇرۋالىدۇ. داۋاملىق ئۆلۈمنى سېغىنىدىغان بىر كۆڭۈل، بىر ۋۇجۇد ئۈچۈن ئەخلاق قارىشى، ئۆزىنى قەدىرلەش توغرىسىدىكى پەندى- نەسھەتلەر كار قىلىنسۇنمۇ؟ مۇھەببەتتە بەختلىك بولۇش يالغۇز بىر ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. ئۇ ئىككى يۈرەكنىڭ كۈچلۈك سوقۇشىدىن ھاسىل بولغان ئۇچۇق مۇھاببەت ئىككى دۇنيانىڭ بىرلىشىشى، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ، جەننەت بىلەن دوزاخنىڭ قوشۇلۇشى، ئاندىن ھايۋانى تەبئەتكە ئىگە بىر ئادەم تۇغۇلسا مۇھەببەتتىن ئۆزىنى تونۇيدىغان مېھر- مۇھەببەتلىك ئىنسان تۇغۇلىدۇ. بىرسىنىڭ مۇھەببىتىگە نائىل بولالماسلىق ھەققى ئىنسان تۇغۇلىشىدىن دىرەك بەرمەيدۇ. مەن ئەنە شۇنداق ئىنكار قىلنغۇچىمەن. ئىنسانىيەتنىڭ ئالدىشىغا،ئاياللار دۇنياسىنىڭ خىيانەت قىلىشىغا دۇچار بولغان بەختسىزمەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دۇنيادا ئادەمنى ھېچقانداق مەخسەت، مۇددىئاسىز، مىننەتسىز سۆيىدىغان بىر ئادەم بار. ئۇ بولسىمۇ ئانا،- دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭغا ماسلىشىپ.
-بۇ ئەقلى جەھەتتىن شۇنداق، بىراق ھازىر ئادەملەرنى تەبئى ئېھتىياجىغا نىسبەتەن ئۇمۇ كەم بولسا بولمايدۇ دېدى ئۇ گىپىمنى قۇۋەتلەپ.
مەن ئۇنىڭ بىلەن شۇ تەرىقىدە خىلى كۆپ پاراڭلاشتىم. ئۇ ئادەملەرگە نېمىشقا گەپ قىلمايدىغانلىقىنى، مۇناسىۋەت قىلىشنى خالمايدىغانلقىنى ئېيتىپ بەردى.
-ئەرلەرمۇ مېھمانخانا ياتاقلىرىدا پاھىشلىكنى كەسىپ قىلغان تاماگەر، نۇمۇسسىز ئاياللاردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ كەتتى. بىرسىدىن مەنپەئەتكە ئېرىششنى كۆزلىمىسە ئاسانلىقچە بىرسى بىلەن دوسىت بولمايدۇ. مەن ھېچىكمگە مەنپەئەت يەتكۈزەلمەيمەن. شۇڭا باشقىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنگىچە ئارلاشمىغىنىم ياخشى دېدى ئۇ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
مەن ئۇنىڭ بەزى پىكىرلىگە قوشۇلمىساممۇ لېكىن گىپىنى قۇۋەتلەپ تۇردۇم.
-مەن ئىتىمغا ۋاپادار دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم. مەن ئۇنى باققاندا كۈچۈك ئىدى. ھازىر ئۇ باشقىلارنىڭ بىر پارچە سۈڭەك تاشلاپ بېرىشى بىلەن مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىپ ماڭا خائىنلىق قىلمايدۇ. سىز ئەتراپىمىزدىكى ئادەملەردىن شۇنچىلىك مېھرىبانلىق، ساداقەت ۋە سەمىمىلىكنى تاپالامسىز؟ دېدى ئۇ ماڭا قاراپ. بۇ ھەقىقەتەن مۈمكىن ئەمەس ئىدى. مەن سۈكۈتتە تۇردۇم. ھاراق تىنىمنى بارغانسىرى قىزىتىۋاتاتتى. بېشىم ئازراق قېيىشقا باشلىدى. ئۇ ئاخرىقى رومكىنى كۈتۈرۋەتكەندىن كېيىن قىزىرىپ سۆزلەشكە باشلىدى:
-ئىنسانىيەت تەرەققىيات باسقۇچىدا ياشاۋاتقىلى سانسىز ئەسىرلەر بولدى. لېكىن كاللا ئۆز پېتى، بىز پەقەت چاچ ياستىشىنى ئۈگەندۇق. كاستيۇم- بۇرۇلكا كېيىپ گالاستۇك تاقاشنى ئۈگەندۇق. بەرىبىر تۇپراققا ئايلنىپ كىتىدىغان تىنىمىزنى ئۆلگەندە قۇرۇتلارنىڭ ھۇزۇرلۇنۇپ يىيشى ئۈچۈن تىرىشىمىز. ھەسەت قىلىش، مەسخرە قىلىش، قىلچىلىك ئۆزگەرگىنى يوق پەقەت كىيىم ئۆزگەردى. كىيىمنىڭ ئىچىدىكى باش ئوخشاش، تىلۋۇزۇرلاردا تەرەققى قىلدۇق دىگەن گەپنى ئاڭلىسام قۇسۇۋەتكۈم كىلىدۇ. قەۋەتلەپ بىنا سىلىش تەرەققىياتمىش، ھىم ئۇنداقتا ئاشۇ بىنانىڭ ئاستىدا گېلىنى كۆپتۈرۈپ سۇناي چىلىۋاتقان بىچارلەرچۇ؟ بالا باقمىغاندەكلا تاشلىنىپ قالغان تىلەمچى ئانىلارچۇ، يىتىلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ ئۇرۇپ سۇقۇلۇپ يۈرگەن يىتىم بالىلارچۇ؟ ئۇلارغا كىم ئىگە بولىدۇ. ئىككى تال ئىنگىلىزچە، تۆت تال خەنزۇچە گەپنى ئۇيغۇرچىغا ئالماشتۇرۇپ سۆزلىيەلىگەنلەر مەدىنيەتلىكىمىش. ئۇنداقتا تەرەققىيات، مېھر- مۇھەببەت يوقالغان بۇنداق مەدىنيەت قۇرۇپ كەتسۇن، -دېدى ئۇ بىردەم سۈكۈتتە تۇرغاندىن كىيىن ئېغىر نەپەس ئېلىۋىلىپ سۆزنى داۋاملاشتۇرۇپ. بىز بەزى ناچار ئادەملەرنى كۆرسەك ھايۋان، ئىت، ئىشەك دەپ تىللايمىز. لېكىن بۇ گەپ ھايۋانات دۇنياسى ئۈچۈن زور ھاقارەت! بىز يۈكسەك ئاڭغا ئىگە ئادەم تۇرۇپ شەخسى مەنپەئىتىمىز ئۈچۈن ھايۋاندىنمۇ بەتتەر رەزىللىك بىلەن قان تۆكىۋاتساق، ۋاستە تاللىماي ئۆز – ئارا سۈيقەسىت قىلىۋاتساق قانداقمۇ ۋاپادار ھايۋانغا ئوخشايمىز. ئەسلى ئادەم بولالمىساقمۇ ھايۋان بولساقمۇ مەيلى ئىدى. لېكىن ھايۋانمۇ بولالمايۋاتقانلىقىمىزنى پەرىق ئىتىدىغانلار كۆپ ئەمەس. ھەر قانچە ۋەھشى ھايۋانمۇ قورسىقىم ئاچتى دىگەننى باھانە قىلىپ ئۆز بالىسنى يەۋەتمەيدۇ. بالىسنىڭ سۇغۇرتا پۇلىنى دەپ ئىككى ئوغلىنى ئۆلتۈرۋەتكەن دادا ئېسىڭىزدىمۇ، روھىمىزنىڭ نالىسىغا قۇلاق سالماي ياشاش ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. ئانىلار بەدەننىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن بالىلىرنى كالا سۈتى بىلەن بېقىۋاتىدۇ. كالا سۈتى ئىچىپ چوڭ بولغان ئادەم بالىسى ئەلۋەتتە كالىدەك چوڭ بولىدۇ، دە- ئادەمنىڭ ئىچى قۇرۇق بولغانسىرى تاشقى قىياپەتكە ئەھمىيەت بىرىدۇ. شۇڭا ئەيش-ئىشرەت، كەيىپ-ساپادىن باشقا كىرەككە كەلمەيدىغان تىنىمىزنى قىممەت باھالىق كىيىملەرگە ئوراپ ئۆز ئۆزىمىنى يۇشۇرۋاتىمىز، روھىمىز قىلغان خىيانىتىمىز ئۈچۈن پەريات چىكىۋاتىدۇ. ئەگە4ر ھايۋانغا تىل چىقىپ قالسا بىزنى نېمەدەپ ھاقارەتلەيدىغانلىقىنى ۋە قانداق باھا بىرىدىغانلىقى بىزگە ئايان. ئىھ ئىت بىلەن ياشاش نىمە دېگەن بەخىت- ھە؟
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئىت ئۇنىڭ گىپىنى چۈشەنگەندەك ئۇنىڭغا قاراپ بوش ئاۋازدا قاۋاپ قويدى.
ئۇنىڭ كەيپى قاچقان بولۇپ ئىتقا يۆلەنگىنىچە ئۇيغىغا كەتتى. مېنىڭ ئۇيقۇم كىلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ باياتىن تەپسىلى كۆرەلمىگەن رەسىملەرنى بىر قۇر كۆرىۋىتىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم.
مەن بۇرۇن ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان بولسام ئەمدى ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ئۆز ئۆزەمگە ئىچ ئاغرىتىپ قىلىۋاتاتتىم. ئۇنىڭ دىگەنلىرى ھەق ئىدى.
بولۇپمۇ ئۇنڭ ئاياللارنىڭ خىيانەت قىلىشقا دۇچار بولغان بەختسىزمەن دېگەن گىپىنى ئاڭلىغاندا كۆزۈمگە ياش كەلگەنىدى. مەن ئۆزۈمچە بارىلىق دەتلەرنى مەن تارتۋاتسام باشقا ئەرلەرگە تارتقىلى دەرت نەدە تۇرۇپتۇ دەپ ئويلاپتىكەنمەن. شۇ تاپتا مەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئوت ئىچىدە كۆيۈۋاتاتتم. مېنىڭمۇ غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە ساداقەت ئۈچۈن ئۆلگەن ئادەمنى كۆرمىدىم دىگىننى ئۆزەمدەكلا ھېس قىلدىم. مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم ماڭا خائىنلىق قىلغاچقا ئۆرتىنىپ بىر جىنىم پارە بولۇپ بولغاندى. ئىز تورى بەك ياخشى
مەن ئايرىلىش مەغلۇبىيەتتىن دېرەك بەرمەيدۇ دەپ قۇرۇق باھانە ئارقىلىق ئۆزۈمگە تەسەللى بىرىپ ئەمدى ئون ئالتە ياشقا كىرىگەن ھازىرقى قىزچاق بىلەن يۈرۋاتاتتىم. ئۇنىڭ سەبىيلكىنىڭ ئۆزىلا بارىلىق ساداقىتىمنى بىرىشكە دەۋەت قىلىپ جاراھەتلەنگەن كۆڭلۈمگە تەسەللى بولغانىدى. ئۇنىڭدا جەمئەتتىكى بەزى قىزلارنىڭ تەسىرى بولسىمۇ ئۆزۈم تەربىيلەپ كېتەلەيمەن دەپ بەل باغلىغانىدىم. ياشاشقا بولغان مۇھەببەت تۈپەيلىدىن تۇلۇق ئۈزۈلۈشكە ئۈلگۈرمىگەن ئۈمىت يىپقم يەنە بىر رەت ئۈزۈلىش ئالدىدا تۇراتتى.
ئادەمنىڭ جېنى بىر نەپەس بىلەن يەنە بىر نەپەسنىڭ ئارلىقدا بولغانلىقىدەك ۋە ئۇنىڭ قۇدۇرتىمۇ ئەنە شۇنداق ئاجىز ۋە نازۇك نەرسە ئىكەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ مېنىڭ خىيالىمدا تاڭ سەھەردە ئېچىلغان ۋە تولۇق ئېچىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىر تال غۇنچە ئىدى. ئۇ ياشغىلى ئەمەس بۇ ئالەمگە گۈزەللىك ۋە سەبىيلىك ئاتا قىلغاندەك كۆرىنەتتى. شۇڭلاشقا مەن ئۇنى سەبىيلىكنىڭ ھەقىقى ھۆرمىتى ئۈچۈنلا ياخشى كۆرگەندىم.
ئاشۇ كۈنى مەن ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىم، ئۇ كەچتە ماڭا تېلىفۇن ئۇرماقچى بولغاندى.
مەن ساقالاپ-ساقلاپ كەچ سائەت ئون يېرمدىن ئاشقاندا ياتقىغا تېلىفۇن ئۇردۇم. تېلىفۇننى باشقا ساۋاقدىشى ئېلىپ ئۇنىڭ يوقلىغىنى ئېيتتى بىنانىڭ ئىشكىنى سائەت 10 دىلا تاقىۋىتەتتى. ساۋاقدىشى ئۇنى پەستىكى ياتاققا چۈشۈپ كەتتى دېدى.
www.iz.la
تېلىفۇن نومىرىنى سورىسام بىلمەيمەن دېدى. مەن تېلىفۇننى قويىۋىتىپ ئۆزۈمنى يوقتەك ھېس قىلدىم. بۇرۇنقى مۇھەببىتىم ماڭا:«سىلەر ئەرلەر بىر خۇتۇننى تاشلاپ قويۇپ ئاشنا ئوينىساڭلار بولىدىكەن بىز ئۇنداق قىلساق نىمىشقا بولمايدىكەن» دىگەنىدى. شۇ تاپتا كاللام پىرىلداپ كېيىۋاتاتتى. مەن بىرىنجى، ئىككىنجى قېتىم مەغلۇپ بولدۇم لېكىن ئونئالتە ياشلىق بۇ قىزنىڭ پاكلىقىغا ئىشەنمىدىم. بۇمۇ بولمىدى. قانداق قىلىش كېرەك. دىگەن سوئال كاللامدا پەيدا بولدى.
مەنمۇ ئىنسانىيەت دۇنياسىدىن، ئاياللار ئالىمىگە چىش تىرنىقىمگىچە ئۆچ بولۇپ ھېلقى سەنئاتكاردەك ئادەمدىن ئىتنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ياشارمەنمۇ دەپ ئۇزاق ئويلاندىم. ئۇ ماڭا ئەتىسى كەچتە تېلىفۇن ئۇردى يۈرۈگىم ئېغىپ كەتتى. قانداق قىلسام بولار؟ ئۇنىڭ بىلەن گەپنى ئوچۇق قىلۋەتكىنىم ياخشى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم كۆردۈمكى ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرنى يوقاتقانىدى كۆزئالدىمغا ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن ياتقان ھالىتى كېلىپ سىلكىنىپ كەتتىم. ئۇ كۆزۈمگە تىكىلىپ قارىيالمايتتى. ئېغىزدا يالغان گەپ قىلىشقا تىرىشسىمۇ يۈرىكى يول قويمىدى.
بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ كارۋىتىغا مېھرى بولىدىغانلىقىنى مەن ئۇنىڭدىن ياخشىراق بىلەتتىم شۇڭىلاشقا بىر بىنادا تۇرۇپ باشقا ياتاقتا يېتىپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ چوقۇم باشقا بىرى بىلەن كېچىنى بىللە ئۆتكۈزگەن ئىدى. يۈرۈكۈم پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ تېلىفۇندا چىڭ تۇرغان گەپلىرى ئاشكارىلىنىپ يالغانغا چىقىشقا باشلىدى. مەن ئۇنى زورلاپ ئىقارار قىلدۇرۇشتىن باش تارتىپ ئۇنى مەكتىبىگە ئاپىرىپ قويدۇم. ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا، مېنىڭ يېشىم ئوتتۇزغا بېرىپ قالاي دېدى، يەنە سىزنىڭ جىنايىتىڭىزنى كۆتۈرەلمەيمەن. ماڭا جاۋاپ بىرىمەن دېسىڭىز ۋىجدانىڭىز، ئىمانىڭىز بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ دەپ كىتىپ قالدىم. ئۇنىڭ ماڭا يېشىغا لايىق سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۇمىت قىلاتتىم. ئىمكان بار ئاشۇ ئاخشامدا ئۇ باشقىلار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەت قىلماسلىقىنى ئۈمىت قىلاتتىم. چۈشلۈك تاماقنى مەن بىلەن يەپ كىچىنى باشقا بىرى بىلەن ئۆتكۈزشىنى ھەرقانچە قىلىپمۇ كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەيتتم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سەنئەتكارنىڭ نېمىشقا چۈشكۈنلىشىپ روھى جەھەتتىن بەربات بولغانلىقىنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىشكە باشلىدىم. ئويلىغانسىرى ئاچچىقىم كىلەتتى. ئۆرتىنەتتم، شۇ ياشقىنا قىز دوپپامغا جىگدە سالىمەن دەپ ماڭا يالغان سۆزلەۋاتسا سەمىمىيلىك دىگەن زاشى كىمدە، قانچىلىك باردۇ دەپ ئويلىناتتىم.
ئەتە چوقۇم ئارىمىزنى ئوچۇق قىلىۋىتىمەن، مەيلى قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر شۇنداق قىلىشىم كېرەك. مەن ئاياللارغا ئىشىنەي دەپ ئىشىنەلمەي ئىتقا ئىشىنىپ شۇ پىتى ئۆلۈپ كەتسەم چوقۇم بۇ جاھان مەن ئۈچۈن قايغۇرۇپ تول جوتۇندەك يىغلايدۇ. ئەجدادىمنىڭ روھىمۇ مەيۈسلىنىدۇ.
مەن ھېلىقى ئىت بىلەن ياشاۋاتقان سەنئەتكاردىن دۇنيانىڭ يەنىلا ئادەملەر بىلەن گۈزەللىكىنى تونۇشىنى ھەمدە ئۆزەمنىڭ پاكلىقى بىلەن ياشاپ پاكلىقىم بىلەن باشقىلارغا تەسىر بېرىشمنى قايتا-قايتا ئويلاندىم.