تۇرسۇنكىرىم قارچۇق
(ھىكايە) www.iz.la
چوڭلارنى يوقلاپ كېلىش مەقسىتىدە يۇرتقا بېرىشقا جابدۇندۇم. تۇغقانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن كىچىك ئوغلۇمنىمۇ ئېلىپ بارىدىغان بولدۇم. ئوغلۇم يۇرتقا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى.
− لەگلىكىمنى ئالغاچ بارايچۇ دادا، ئاكىلىرىم بىلەن ئۇچۇرۇپ ئويناي، بۇ يەردىكى بىنالار ئارىسىدا ياخشى ئۇچۇرالمايدىكەنمەن، ماقۇلمۇ؟
− ماقۇل ئوغلۇم، ماقۇل.
بىز جۈمە كۈنى ئەتىگەندە يولغا چىقىپ كەچتە يۇرتقا يەتتۇق. بىزنى كېلىدۇ دەپ تۇغقانلار چوڭ ئۆيگە يىغىلغان ئىكەن. ئوغلۇم لەگلىكىنى نەۋرە ئاكىلىرىغا كۆرسىتىشكە ئالدىرىدى:
− دادا لەگلىكىمنى ئوڭشاپ بېرە!
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەن ئوغلۇمنىڭ ئۆتۈنۈشى بىلەن چۇۋۇپ ئەكەلگەن لەگلەكنى قۇراشتۇرۇشقا باشلىدىم. نەۋرىلەر لەگلەك قۇراشتۇرۇشۇمغا قىزىقىپ قاراپ تۇرۇشاتتى. لەگلەكنى قۇراشتۇردۇم. ئوۋتۇمەننىڭ ئېنېرگىيە تولۇقلاۋاتقان ھالەتتىكى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەڭلىك لەگلەكنى كۆرگەن نەۋرىلەر ھاياجاندا «پاھ» دېيىشىپ كەتتى.
− ۋاھ، قاراڭلار ئەجەب پەيزىكەن!
− مەن بۇنداق لەگلەكنى كۆرۈپ باقمىغان.
−− بەكلا ئېگىز ئۇچىدۇ ھەقىچان؟!
−− ئوۋتۇمەن بولغاندىكىن دېگىنە.
...
ئۇلار لەگلەكنى قولدىن - قولغا ئېلىپ ماختاشتى، ئوغلۇم نەۋرە ئاكىلىرىنىڭ لەگلىكىنى ماختاشلىرىدىن ھۇزۇرلىنىپ مەغرۇر قاراپ تۇراتتى.
− بۈگۈن قاراڭغۇ چۈشۈپ قالدى، بالىلىرىم، ئەتە ئېتىزلىققا بىللە چىقىپ قانغۇچە ئۇچۇرۇپ ئويناڭلار، ھازىر لەگلەكنى قازناققا ئەكىرىپ قويۇڭلار، بولامدۇ؟ − دېدىم نەۋرىلەرگە. ئوغلۇم لەگلەكنى كۆتۈرۈپ ماڭدى، نەۋرىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ قازناققا يوپۇرۇلۇپ كىرىپ كېتىشتى. ئەتىسى ناشتىدىن كېيىن ئوغلۇم:
− دادا، تالادا لەگلەك شامىلى چىقىۋېتىپتۇ، لەگلەك ئۇچۇرغىلى چىقايلى، − دەپ مېنى ئالدىراتتى. ئاڭغىچە باشقا نەۋرىلەرمۇ كەلدى. ئۇلارنىڭ كەلگىنىدىن خۇش بولغان ئوغلۇم ئولتۇرالماي قالدى - دە، ھەممىمىزنى ئەگەشتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. بىز بىر توپ «لەگلەكچىلەر» مەھەللىنىڭ ئارقىسىدىكى كەڭ كەتكەن ئېتىزلىققا چىقتۇق. تىنىق ئاسماندىكى باھار قۇياشى ئۆزىنىڭ يارقىن ۋە ئىللىق نۇرىنى ئەمدىلا پوتلا چىقىرىۋاتقان دەل - دەرەخلەرگە، تەكشى كۆكىرىشكە باشلىغان دالالارغا سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى، كۆك ئاسماندىكى ئاق بۇلۇتلار ئاق قۇلاردەك ئۈزۈپ يۈرەتتى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئوغلۇم چىغرىققا كاللەك قىلىپ ئورۇۋالغان يىپنى لەگلەكنى كۆتۈرۈپ ماڭغان نەۋرە ئاكىسىنىڭ قەدىمىگە ماسلاشتۇرۇپ ئاستا - ئاستا قويۇپ بەردى. ئوغلۇم خېلى يىراققا بېرىپ لەگلەكنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇتۇپ تۇرغان نەۋرە ئاكىسىغا «قويۇپ بەر» دەپ بۇيرۇق قىلدى. ئۇ لەگلەكنى ئاسمانغا قارىتىپ ئېتىشى بىلەن تەڭ ئوغلۇم ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا يۈگۈردى، لەگلەك تېزلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. ئوغلۇم يۈگۈرگەچ چىغرىقنى ئىككى ئالقىنى ئارىسىدا پىرقىرىتىپ يىپنى قويۇپ بەردى. لەگلەك ئاسماننىڭ قەھرىگە كۆتۈرۈلۈپ تۇراقلاشتى. نەۋرىلەر چىغرىقنى قولدىن - قولغا ئېلىشىپ چۇرقىرىشىپ تۇرۇپ ئۇچۇرۇشاتتى. بىر دەمدىن كېيىن مەھەللىدىكى يەتتە - سەككىز بالا لەگلەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ ئېتىزلىققا كەلدى - دە، بىز ئۇچۇرۇۋاتقان بۇ غەيرىي لەگلەككە بىر ھازا قاراپ تۇرۇشتى. ئۇلارنىڭ قولىدىكى لەگلەكلەر ئوغلۇم ئۇچۇرۇۋاتقان لەگلەكتەك كۆركەم، رەڭدار، شەكلى ئۆزگىچە بولمىسىمۇ، بوپ شەكلى چۈشۈرۈلگەن سىپتا، ئاددىي لەگلەك ئىدى. بۇنىڭدىن لەگلەكنى بالىلارنىڭ ئۆزلىرى ياسىغانلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ بالىلار بىردەم قارىشىپ تۇرغاندىن كېيىن بىر - بىرىگە ياردەملىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ لەگلەكلىرىنى ئۇچۇرۇشقا باشلىدى. نەچچە لەگلەك تېزلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، دالانى بالىلارنىڭ قى - چۇلىرى قاپلىدى. ئوغلۇمنىڭ يېنىدا لەگلەك ئۇچۇرۇۋاتقان ئىككى بالىنىڭ بىرىنىڭ يىپى ئاز بولغاچقا، لەگلىكى كۆتۈرۈلەلمەي قالدى. يەنە بىرىنىڭ ئىشلەتكەن يىپى كۆپ بولسىمۇ، سەل تومراق بولغاچقا قورساق سېلىۋېلىپ ئۇنىڭمۇ لەگلىكى كۆتۈرۈلەلمىدى. ئوغلۇم لەگلىكىنى تېخىمۇ ئېگىز ئۇچۇرۇش ئۈچۈن چىغرىقتىكى يىپىنى ئازراق قالدۇرۇپ قويۇپ قالغىنىنى قويۇۋەتتى. لەگلەك ئۆرلىگەنسېرى سۈزۈك ئاسماندا جىلۋىلىنىپ تۇرغان بىر پارچە چوغقا ئوخشاپ قالغانىدى. ئۆزىنىڭ لەگلىكىنىڭ ئەڭ ئېگىز ئۇچۇۋاتقىنىنى كۆرۈپ تۇرغان ئوغلۇم يېنىدىكى بالىلارغا:
− ئۈچىلىمىز ھەممە يىپىمىزنى قويۇۋېتەيلى، كىمنىڭ لەگلىكى ئەڭ ئېگىز ئۇچىدىكىن، بەسلىشىپ باقايلى، بولامدۇ؟ − دېدى. ئوغلۇمغا يېقىنراق تۇرغان، بۆكىنى قارا، توم قاشلىرىغىچە چۆكۈرۈپ كىيگەن، چوڭ - چوڭ قوي كۆزلىرىدىن شوخ ھەم زېرەكلىكى چىقىپ تۇرغان سەككىز - توققۇز ياشلاردىكى بالا:
− لەگلىكىڭنى ئۆزۈڭ ياسىغانمۇ؟ − دەپ سورىدى كۈلۈپ تۇرۇپ. ئوغلۇم ئۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىشنى بىلەلمەي، ئىتتىك ماڭا قارىدى، ئاندىن:
− ياق، دادام بازاردىن ئېلىپ بەرگەن، − دەپ جاۋاب بەردى.
− مەن لەگلىكىمنى ئۆزۈم ياسىغان، − بالا نەزەرىنى كۆكتىكى لەگلىكىگە ئاغدۇرغاچ گېپىنى داۋاملاشتۇردى، − سەنمۇ لەگلىكىڭنى ئۆزۈڭ ياسىغان بولساڭ ئاندىن بەسلەشسەك توغرا بولاتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى
بالىنىڭ تەمكىنلىك بىلەن ئېيتقان ئورۇنلۇق سۆزىدىن خىجىل بولۇپ قالدىم. چۈنكى مەن ئوغلۇمنىڭ «بەسلىشەيلى» دېگەن تەلىپىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ يېنىدا گىدىيىپ تۇرغان ھالىتىمدىن نومۇس قىلغانتىم. بالىنىڭ ۋۇجۇدىدا كۈۋەجەپ تۇرغان ھەققانىيلىق تۇيغۇسى بىردىنلا نۇرغا ئايلاندى - دە، تامدەك دېۋەيلەپ تۇرغان جىسمىمنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتتى. مەن ئېسىمنى تېپىپ بولغۇچە ئوغلۇم:
− مەن... مەن لەگلەك ياساشنى بىلمەيمەن، − دېدى دۇدۇقلاپ. ئۇنىڭ دۇدۇقلىشىدىن ئويلاشماي دەپ قويغان گېپىدىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى سەزدىم.
− ئەگەر خالىساڭ ساڭا لەگلەك ياساشنى ئۆگىتىپ قويىمەن. ئاۋۇ بالىلار ئۇچۇرۇۋاتقان لەگلەكلەرنىمۇ مەن ياساپ بەرگەن.
− ۋاھ... بەك ياخشى بولدى، − ئوغلۇم خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى ھەم ئالدىمغا كېلىپ:
− دادا، مەنمۇ لەگلەك ياساشنى ئۆگىنىۋالاي، ماقۇلمۇ؟ − ئۇ تۇمشۇقلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ ئەركىلەپ سورىدى ھەم جاۋابىمنىمۇ كۈتمەي بالىدىن سورىدى:
− قاچان ئۆگىتىپ قويىسەن؟
− داداڭ ئۇنىسا، ھازىرلا بىزنىڭ ئۆيگە بېرىپ ئۆگىتىپ قويساممۇ بولىدۇ، لەگلەك ياسايدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيدە بار، − بالا شۇنداق دېگەچ ماڭا ئۈمىد بىلەن قاراپ قويدى، قارىسام ئوغلۇم لەگلىكىنىڭ يىپىنى ئالدىراپ يىغقىلى تۇرۇپتۇ.
− ئۇنايمەن، ئۇنىمامدىغان، −− دېدىم ئۆزۈمنى ئوڭشاپ، − قانچە ياشقا كىردىڭ قوزام، ئىسمىڭ نېمە؟
− توققۇز ياشقا كىردىم، ئىسمىم ئەسمەت.
ئوغلۇم لەگلىكىنى يىغىپ ماڭا تۇتقۇزۇپ قويدى، نېمىشقىكىن، چوغ تۇتقاندەك ئەندىكىپ كەتتىم. ئەسمەت بىر قولىدا لەگلىكىنى، يەنە بىر قولىدا ئوغلۇمنىڭ مۈرىسىنى تۇتقىنىچە قىزغىن پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى. مېھرى ئىسسىق، يېقىشلىق بۇ بالىغا مەسلىكىم كېلىپ قاراپ قالدىم. بۈگۈن ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ لەگلەك ياسىيالىغان بالا كەلگۈسىدە ئايروپىلان ياسىيالىشى مۇمكىنغۇ دەپ پەرەز قىلدىم. شۇڭا ئۇ نەزەرىمدە باھارنىڭ سۈزۈك ئەتىگىنى كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشقا ئوخشاپ قالدى. ئىز تورى بەك ياخشى