كۆز ئالدىڭىزدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ

ۋاقتى:2012-04-17 16:42مەنبە: يوللىغۇچى: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
  

  يىگىت بىر دېھقاننىڭ ئاقكۆڭۈل ۋە گۈزەل قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ قىز بىلەن توي قىلغۇسى بار ئىكەن. ئەمما، ئۇ زامانلاردا توي ئىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولغاچقا، ئەگەرقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ تويغا قوشۇلمىسا، يىگىتنىڭ گۈزەل چۈشى ئەمەلگە ئاشماي قالاتتى. يىگىت نۇرغۇن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يوقلاپ كەپتۇ.
  قىزنىڭ دادىسى يىگىتنى كۈتۈۋاپتۇ. يىگىتنىڭ كېلىش مەقسىتىنى بىلگەندىن كېيىن دېھقان مۇنداق دەپتۇ:
  ـــ يىگىت، قېنى ئېتىزنىڭ ئۇ بېشىغا بېرىپ تۇرۇڭ. ئېتىزنىڭ بۇ بېشىدىن ئۈچ كالىنى، ھەر قېتىمدا بىر كالىنى قويۇپ بېرىمەن، سىز مۇشۇ ئۈچ كالىنىڭ ئىچىدە بىرەرسىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋالالىسىڭىز، قىزىمنى سىزگە ياتلىق قىلىمەن. copyright by www.iz.la
  يىگىت ئېتىز بېشىغا بېرىپ، كالىنىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىش تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرۇپتۇ. كالا ئېغىلىنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشىغا ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بىر بۇقا ئېتىلىپ چىقىپتۇ. نېمە سەۋەبتىنكىن، بۇقا قارىماققا ناھايىتىمۇ ئاچچىقى يامان، يۈگۈرۈشىمۇ تېز ھەم كۈچكە تولغان ئىكەن. خۇددى يىگىتنى قەستەن قىيىنچىلىقتا قالدۇرۇپ، غەرەزلىك ئۆچ ئالماقچى بولغاندەك تۇراتتى. يىگىت كۆڭلىدە ‹‹ئەڭ ياخشىسى بۇ ئەبلەخنىڭ چىشىغا تەگمەي، بەلكىم كەينىدىكى ئىككى كالا ئىچىدە ماڭا پۇرسەت چىقىپ قالار›› دېگەنلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈرۈپتۇ. شۇڭا شاققىدە بىر تەرەپكە ئۆتۈۋېلىپ، بۇ قوپال بۇقىغا يول بېرىپتۇ. ئىز تورى بەك ياخشى
  كالا ئېغىلىنىڭ ئىشىكى يەنە بىر قېتىم ئېچىلىپتۇ. يىگىتنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، بۇ قېتىمقىسى ئالدىنقىسىدىنمۇ كۈچلۈك، ياۋۇز بۇقا ئىكەن، يىگىت ئامالسىز ئۇنىڭغىمۇ يول بېرىپتۇ.
  يىگىتكە ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق پۇرسەت قالغان ئىدى، ئۇ بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن كالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ھېچنېمىگە قارىماستىن قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىشىم كېرەك دەپ ئويلاپتۇ. كالا ئېغىلىنىڭ ئىشىكى ئۈچىنچى قېتىم ئېچىلىپتۇ. خۇداغا شۈكرى، يىگىت ئۆز خۇشاللىقىنى يوشۇرۇپ قالالماپتۇ، ئۆزىنىڭ مۇشۇ پۇرسەتنى كۈتكەنلىكىنى ئاقىلانىلىك دەپ ئويلاپتۇ. چۈنكى بۇ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن كالا ھەم ئاجىز، ھەم ئورۇق، يول ماڭسىمۇ ئىرغاڭلاپ ماڭىدىغان ئۇنى قانچە كولدۇرلاتسىمۇ قارشىلىق قىلالمايدىغان دەرىجىدە ئىكەن. كالا يىگىتنىڭ يېنىغا كېلىشىگە ئۇ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋېلىش ئۈچۈن قوللىرىنى ئۇزىتىپتۇ.ئەمما، نېمە ئىش بولغاندۇ؟ ئەسلىدە بۇ كالىنىڭ قۇيرۇقى يوق ئىكەن! ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ھېكمەت: پۇرسەت ئالدىدا ھەرگىزمۇ ئارىسالدى بولماسلىق كېرەك، ئۈمىدنى ھەرگىزمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇۋېلىپ ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان مۇكەممەل پۇرسەتنى ساقلاپ ئولتۇرماي، باتۇرلۇق بىلەن تۇنجى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، كىشلىك ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. (خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى)

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(9)
81.8%
ناچار
(2)
18.2%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • سۆيۈنچە ئۆستۈرۈش

    بىر باي سەيلە قىلىۋاتقاندا ئىتى يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىت ئىزدەش ئېلانى چاپلاپ، ئىتىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە 10 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئېلان چاپلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىت ئەكەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئە...

  • بەخت ئىزدەش

    گەرچە ئۇ قىز بىلەن تېلېفۇندا كۆرۇشۇپ كېلىۋاتقىلى بىرەر يىلغا يىقىنىلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن تېخىچە بىرەر قېتىممۇ يۈز تۇرانە كۆرۇشۇپ باقمىغان ئىدىم شۇڭا ، ئۇنىڭ بۈگۈنىكى گېپى مىنى قاتتىق ساراسىمغا سېلىۋەتتى . - ئەتە كەچ سائەت سەككىزىدە ئېقىن دەريا ئارا...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • ئالدىرماي تۇرۇڭ،سىزگىمۇ كېلىدۇ بۇ قېرىلىق

    بىر شەھەردە 100ياشقا كىرگەن،چىرايى ئۆزگەرگەن،بېلى پۈكۈلگەن بىر كشى بار ئىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قېرى كىشى مۈكچىيىپ كېتىۋاتسا،بىر يىگىت ئۇنى كۆرۈپ چاقچاق تەرىقىسىدە سوراپتۇ؛ -ئەي بوۋا،ھاسىنى قانچە پۇلغا ئالدىڭىز،قەيەردە ساتىدىكەن؟ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ،مەنمۇ ب...

  • مۇھەببەت سىنىقى

    ھېكايە ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ كۆڭۈلنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بېرىلگەن تاللاشلار ئەڭ خاتا تاللاشتىن ئىبارەت. ئۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ھىجران ۋە ئەلەملەرنى پەيدا قىلىدۇ. ـــ خاتىرەمدىكى كۆچۈرمىلەردىن. يېرىم كېچە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر قەيسەرنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىد...

  • كەڭ قورساقلىق(ھىكايە)

    بۇ ئېچىنىشلىق، كەسكىن جەڭ بولدى. جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ھالاك بولدى. تەقدىر سالاھىيىتى پەرقلىق ئىككىيلەننى ياش كوماندىر بىلەن ياشانغان ئاشپەزنى قاچقۇندا ئۇچراشتۇردى. ئىككىيلەن ئوخشاشلا قۇملۇققا قاچقانىدى. قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر قۇملۇقنىڭ...

  • ئاددىي ئادەم

    (ھېكايە) ماردىكا(ئامېرىكا) بىر موماي يېڭىلا ياغقان قارنى غاچىرلىتىپ دەسسەپ ئاستا كېتىۋاتاتتى. شەھەرنىڭ ئاۋات بۇ كوچىسىدا كىشىلەر ئۇنىڭغا كۆز قىرىنى سېلىپمۇ قويمايتتى. سەل دىققەت قىلغان ئادەم ئۇنىڭ پۇتىدا ئاياغ كىيىم يوقلۇقىنى، قارنى يالاڭئاياغ دەسسەپ كېتى...

  • سەنئەتكار ۋە ئىت

    مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەقىقى سىردىشىدىغان بولۇپ قالدىم . باشقا خىزمەتداشلىرىم دەسلەپتە ئۇنىڭغا يېقىن يولىماسلىغىمنى تاپىلىغانىدى . مەن ئۇلارنىڭ نېمىشقا ئۇنى يامان كۆرىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە ئۇنىڭ يۈرۈش تۇرۇشلىرىغا ئالاھىدە...

  • ھەمراھ

    مۇنداق بولدى، ئۇ كۈنى ھاۋا تۇتۇق ئىدى، ئەتىياز كىرىپ قالغان بولسىمۇ، سوغۇق قىشتەكلا ئادەمنى چاقاتتى، ئۆي ئىچىمۇ چىراغ ياندۇرغاندىلا ئاندىن تولۇق يورۇيتتى. ئەمما كۈندۈزىمۇ چىراغ ياندۇرۋېلىشنى ياخشى كۆرمىگەچكە، تۇتۇق ھۇجرامدا ئولتۇرىۋەردىم. ناشتىمۇ قىلمىدىم...

  • لەگلەك

    تۇرسۇنكىرىم قارچۇق (ھىكايە) چوڭلارنى يوقلاپ كېلىش مەقسىتىدە يۇرتقا بېرىشقا جابدۇندۇم. تۇغقانلارنىڭ تەكلىپى بىلەن كىچىك ئوغلۇمنىمۇ ئېلىپ بارىدىغان بولدۇم. ئوغلۇم يۇرتقا بارىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقىدىن سەكرەپ كەتتى. لەگلىكىمنى ئالغاچ بارايچۇ دادا، ئاكىل...

  • كۆز ئالدىڭىزدىكى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ

    يىگىت بىر دېھقاننىڭ ئاقكۆڭۈل ۋە گۈزەل قىزىنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ، ئۇنىڭ قىز بىلەن توي قىلغۇسى بار ئىكەن. ئەمما، ئۇ زامانلاردا توي ئىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ دېگىنى ھېساب بولغاچقا، ئەگەرقىزنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ تويغا قوشۇلمىسا، يىگىتنىڭ گۈزەل چۈشى ئەمەلگە ئاشماي قا...

  • بىر قىزنىڭ يىگىتكە يازغان خىتى

    مەن بۇ ئەسەرنى بىلىملەر مۇنبىرىدە كۆرۇپ بەك ياختۇرۇپ قالدىم، شۇڭا تورداشلار بىلەن بىرلىكتە بەھىر ئىلىش مەقسىدىدە مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم....

  • مەن - ئۆزۈمنىڭ بەخت

    ( ھىكايە) ئۆزھال مەن ئاجىرىشىش كېنىشكىسنى قولۇمغا ئىلىپ خۇددى ئالى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى قولىغا ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومى ئالغاندا خۇشال بولغاندەك ھاياجان بىلەن نىمە قىلىشىمنى بىلمەستىن سەكرەپ كەتتىم . ئەسلىدە ئاجراشتۇرىدىغان ئورۇندىك...

  • ئۈچ نامرات بالىنىڭ ھىكايىسى

    ھاياتلىقتا ھەممە كىشى باي - باياشات، كەڭ - كۇشادە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، بۇ باي-باياشاتلىق، ئازادىلىككە تولغان تۇرمۇشمۇ ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، يەنىلا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، جاپاغا چىداپ ئالغا ئىلگىرلەشكە توغرا كېلىدۇ. جاپالىق مۇھىت ئادەمنىڭ...

  • يولۇچى ۋە ئات

    بىر ئاتنى ئوتلاققا قويۇپ بەرگەن ئىدى.ئات ئوتلاقتا ئوتلاپ خالىغان يېرىگە چېپىپ-سەكرەپ ئويناپ يۈرەتتى،ئوتلاقنىڭ ئايغىدىكى چوڭقۇرراق بىر يولدىن ئۆتۈپ كېتى] بارغان يولۇچىلارنى ئات ئاندا-مۇندا تاماشا قىلاتتى. بالا-چاقىلىرىغا ئۇزۇق-ئوقەت ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن شەھەر...