مەن بۇ ئەسەرنى بىلىملەر مۇنبىرىدە كۆرۇپ بەك ياختۇرۇپ قالدىم، شۇڭا تورداشلار بىلەن بىرلىكتە بەھىر ئىلىش مەقسىدىدە مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سالام مەن ئۈچۈن خۇددى ئاتا - ئانامدەكلا قەدىرلىك بولغان XXX ، ياخشى تۇردۇڭمۇ ؟ خېتىڭنى تەپسىلىي ئوقوپ چىقتىم . ھەم مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرگىنىڭدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم . ساڭا كۆڭلىمدىكى گەپنى قىلسام ، مەن سىېنى بۇرۇندىنلا ياخشى كۆرۈپ كەلگەن . سەندىن ئۆزگىي بىلەن توي قىلىشنى خىيالىمغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىدىم . لېكىن خېتىڭدىكى ] جېنىم ، مېنىڭ ھاياتلىقىم سەن ئۈچۈنلا ، ماڭا پەقەت سەن بولساڭلا كۇپايە . مەن بۇ ئۈمرىمدە پەقەت سېنىلا سۆيىمەن ھەم سەن ئۈچۈنلا ياشايمەن . سەندىن ئايرىلغان ھاياتلىقىمدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ...... [ دېگەن بۇ بىر ئابزاس سۆزۈڭ مېنى سەل ئويلاندۇرۇپ قويدى . راست ، ئىككىمىز كىچىكىمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ، بىر - بىرىمىزگە مېھرىمىز بار . مېنى شۇنچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرگىنىڭگە كۆپ رەھمەت . لېكىن ئېيتقىنا جېنىم ، سەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندا ئەڭ ئاۋۋال ساڭا ھەمرا بولغان كىشى كىم ؟ ئۇ دەل ئانا بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق جاپالىرىنى ئۇنتۇپ ، سېنى بەرگەن ئۇلۇغ ئاللاھقا شۈكرىلەر ئىيتىپ ساڭا مېھرى بىلەب باققان ئاشۇ مېھرىبان ئاناڭ . سەن يىقىلغاندا يېشىڭنى سۈرۈتۈپ ، قىيىنچىلىققا ئۇچۇرغاندا سەندىن بۇرۇن غەملەر يەپ بەختىڭ ئۈچۈن جەينىماز ئۈستىدە ياشلار تۆككەن كىشى كىم ؟ ئۇدەل ۋۇجۇدىدىن تارىلىپ كەلگەن ئاپئاق سۈتىنى ساڭا بېرىپ تاللاي كىچىلەر بۆشۈك تەۋرىتىپ ، ئەللەي ناخشىسىنى ياڭراتقان ئاشۇ جاپاكەش ئاناڭ .ئەمدىلا مەكتەپكە كىرگىنىڭدە تاپشۇرۇق ئىشلىيەلمەي قىينالغان چىغىڭدا كېچىلەپ ئوقۇتقۇچىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ چۈشىنىپ كېلىپ ساڭا چۈشەندۈرگەن ، سەن بىلەن ئۈستەل ئۈستىدە تەڭ مۈگىدىگەن ، قولۇڭدىن تۇتۇپ ھەرىپ يىزىشنى ئۆگەتكەن تۇنجى ئوقۇتقۇچىڭ كىم ؟ ئۇ دەل ئاشۇ مېھنەتكەش ئاناڭ . ئازىراق زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغىنىڭدا يىنىڭدا پەرۋانە بولۇپ كېتەلمىگەن كىشى كىم ؟ ئۇ دەل سېنى جېنىدىن ئەزىز كۆردىغان ئاشۇ ئاناڭ . سېنى مىڭ بىر جاپالاردا ئوقۇتۇپ ئالي مەكتەپكە يولغا سالغىندا كۆز ياشلىرىنى ياغلىقىغا سۈرۈتۈپ تۇرۇپ ساڭا ئاق يول تىلىگەن ، يىراق شەھەردە قىينىلىپ قىلماسلىقىڭ ئچۈن ئۆزى ئاچ قالسىمۇ ساڭا يوقىنى بىلدۈرمەي چوڭ- چوڭ ئەۋەتىپ ئوقۇتقان كىشى كىم ؟ ئۇ يەنىلا شۇ بارلىقىنى ساڭا بىغشلىغان ، تارتمىغان جاپاسى قالمىغان بىچارە ئاناڭ . www.iz.la
ئاڭلا جېنىم ، ئاناڭ تارتقان بۇ جاپالارنىڭ ھىچ قايسىسىدا مەن ئۇنىڭغا ھەمرا بولالمىغان . شۇڭا سېنىڭ بۇنچە كۈچلۈك مۇھابىتىڭگە ئېرىشىشكە مەن ھەقلىق ئەمەس . بۇ مۇھابىتىڭگە ئېرىشىشكە ئەڭ ئاۋۋال تېگىشلىك بولغىنى دەل شۇ ئاناڭ .
ئالدىنقى كۈنى ئاناڭ بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ يىقىندىن بېرى سېنىڭ كەيپىياتىڭنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ، دائىم سۇلغۇن يۈرىيدىغانلىقىڭنى ، سەندىن ئەنسىرەپ ئۆزىنىڭمۇ كېچىچە كىرپىك قاقماي چىققانلىقىنى ئېيتتى . تېخى ئۇ يەنە ئېتىزلىقتتا كۆكتات ئوتاۋىتىپ سېنىڭ خىزمەت ئىشىڭنى غەم قىلىپ ئىھتىياتسىزلىقتىن ئۇتىغۇچ بىلەن پۇتىنى يارلاندۇرۋالغىنى ، ئالدىنقى كۈنى كەچ تېخى قايتىپ كەلمىگىنىڭدىن ئەنسىرەپ ئاران سېغىپ كىرگەن سۈتىنى تۇڭدىكى سۇ ئۈستىگە قۇيۋەتكىنىنى ، يەنە تېخى يارلانغان بارمىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،تۈنۈگۈن گۆش تۇغراۋاتقاندا سېنىڭ كىرىپ كېلىپ قاپىقىڭنىمۇ ئاچماي ، گەپمۇ قىلماي ھۇجۇراڭغا كىرىپ كەتكىنڭنى ، ئۇنىڭ ئىچى ئاچچىق بولۇپ ساڭا قارايمەن دەپ قولىنىمۇ قۇشۇپ تۇغرىۋالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاناڭ ئۆز قېنىنى قۇشۇپ تۇرۇپ ئېتىپ بەرگەن شۇ تاماقنى ئاناڭ بىلەن بىرگە يەۋىتىپ ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسالدىڭمۇ ؟ ئۇنىڭ يۈرەك تىۋىشىنى ئاڭلاپ باقتىڭمۇ ؟ ئۇنىڭ قولىدىنلا ئەمەس يۈرىكىدىنمۇ قان تەپچىراۋاتقانلىقىنى ھىس قىلالدىڭمۇ ؟ ياق ، جېنىم . بۇلارنى سەن ھىس قىلالىغان بولساڭ ئاناڭغا بۇنداق مۇئامئىلىدە بولمايتىڭ . ئاناڭ سېنىڭ نېمە بولغىنىڭدىن ئەنسىرەپ مېىنىڭ گەپ ئېلىپ بېقىشمنى ئۆتۈنۈپ كىرىپتىكەن . مانا مەن سەن بىلەن پاراڭلاشماي تۇرۇپلا بۈگۈن جاۋابىنى ئۆزۈڭ ئېلىپ كىرىپسەن . ئەسلى سېنىڭ بۇ ھالتىڭگە مەن سەۋەبچى بولغاندىن كېيىن تەلىپىڭگە ماقۇل بولۇشۇم كېرەك ئىدى ، لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن . سەن ئەڭ ئاۋۋال ئاناڭنى سۆيىشنى ئۆگەنگىن ، مېنىڭ كۆزۈمدىكى مۇھاببەتنى ئەمەس ئاناڭنىڭ قان - قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ئانىلىق مېھرىنىڭ زەرىرچىسىنى بولسىمۇ ئىزدە . پۈتكۈل مېھرىڭ بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ باق ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىل . سەن چىن دىلىڭدىن ئاناڭنى سۆيگەن چاغدىلا ئاندىن مەن سەن بىلەن توي قىلىشقا رازى ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن . چۈنكى ئۆز ئانىسىنى سۆيمىگەن كىشى كېيىن قانداقمۇ ئايالىنى سۈيەلىسۇن ؟! ئۆز ئانىسىغا ۋاپا قىلمىغان كىشى كېيىن قانداقمۇ ئايالىغا ۋاپا قىلالىسۇن ؟! ئۆز ئانىسىغا كۆيىنمىگەن كىشى كېيىن قانداقمۇ ئايالىغا كۆيىنەلىسۇن ؟! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنمۇ كەلگۈسىدىكى بىر ئانا ، شۇڭا مەنمۇ كەلگۈسىدە ئۆز پەرزەنتىمنىڭ مېنى شۇنداق سۆيىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . شۇڭا جېنىم بۇ خەتنى ئوقىغاندىن كېيىن ئاناڭغا قايتىدىن بىر تەببەسسۇم بىلەب بېقىشىڭنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن .
خەيرى ، سېنى سۆيۈپ مەشۇقىڭ : XXX
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛ بىلىملەر مۇنبىرىدىن ئىلىندى ئىز تورى بەك ياخشى