ئۈچ نامرات بالىنىڭ ھىكايىسى

ۋاقتى:2012-04-14 12:21مەنبە: يوللىغۇچى: جەۋھەر چېكىلىشى:قىتىم
   ھاياتلىقتا ھەممە كىشى باي - باياشات، كەڭ - كۇشادە ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
 ئەمما، بۇ باي-باياشاتلىق، ئازادىلىككە تولغان تۇرمۇشمۇ ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، يەنىلا  تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، جاپاغا چىداپ ئالغا ئىلگىرلەشكە توغرا كېلىدۇ.
  جاپالىق مۇھىت ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ، ئۆز ئۆزىدىن ھالقىش روھىنى ئۇرغۇتىدۇ-دە، تۇرمۇشقا جەڭ ئېلان قىلدۇرىدۇ. مانا بۇنىڭ ئۆزى مۇۋەپپەقىيەت. كىشىلەر دائىم: «كۆپرەك جاپاغا چىداپ تىرىشقانلار  باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشەلەيدۇ» دېيىشىدۇ. مېنىڭچە، بۇ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان سۆز.
بىرىنچى نامرات بالىنىڭ ئائىلىسى ئىنتايىن نامرات بولۇپ، ئۇ ھەر كۈنى سەھەردە سېۋىتىنى كۆتۈرۈپ، ئاپتوموبىللاردىن چۈشۈپ قالغان كۆمۈر پارچىلىرىنى تېرىيدىكەن، بىر بولكىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، خوجايىنىدىن ئۆزىنى بولكىخانا دېرىزىسىنى سۈرتكۈزۈشنى تەلەپ قىلاتتىكەن. ھەر شەنبە كۈنى سەھەردە گېزىت ساتىدىكەن، چۈشتىن كېيىن ۋە يەكشەنبە كۈنى ساياھەتچىلەرگە مۇز سۈيى ۋە لىمون سۈيى ساتىدىكەن، يەكشەنبە كۈنى كەچتە بولسا گېزىتخانا ئۈچۈن جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن تۇغۇلغان كۈن ۋە ئولتۇرۇشلار توغرىسىدا خەۋەر يازىدىكەن. مانا مۇشۇ تەرۇزدە بۇ بالا 13 ياشقا كىرگەن يىلى مەكتەپتىن ئايرىلىپ، مەلۈم شىركەتتە تازىلىق ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەيدىكەن. بۇ جەرياندا ئۇ بىر قىسىم داڭلىق شەخسلەر بىلەن تونۇشۇپ، ئۆزىدە ئىشەنچ ۋە جاسارەت يېتىلدۈرۈپتۇ. ئۇنداقتا، بۇ بالا كىم؟ بۇ بالا دەل ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدە زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ژورنال مۇھەررىرى، دۇنيادا تارقىلىش مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان «ئائىلە ۋە ئاياللار» ژورنىلىنىڭ قۇرغۇچىسى بوك.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


 دېمەك، جاپالىق مۇھىت ئۇنى ئاخىرى داڭلىق ئاخباراتچى قىلىپ تەربىيىلەپ چىقتى. ئەمدى ئىككىنچى نامرات بولسا  شوتلاندىيەدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى زىغىر تالاسىدىن كاناپ رەخت توقۇپ ساتاتتى. ئاپىسى ئاياغ كىيىم تىكەتتى. كېيىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يەردە كۈنىنى ئالالماي ئامالسىز ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەتتى. ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇ توقۇمىچىلىق زاۋۇتىغا بېرىپ، بالا ئىشچى بولۇپ ئىشلەش، پار قازانغا ئوت قالاش، ماي پونكىتىدا ماي قاچىلاش، پوچتىكەشلىك قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى قىلدى. پوچىتىكەشلىك قىلىش جەريانىدا، ئۇ تېلېگىرامما يوللاشنى تىرىشىپ ئۆگىنىۋالغاچقا، مەلۈم بىر تۆمۈر يول شىركىتى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتتى. ئۇ دەسلەپ پاي چېكى ساھەسىگە كىرگەندە ئائىلىسىنىڭ بارلىق بىساتى ئاران 60 دوللاردىن ئاشمايتتى. ئۇ ئاپىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئۆيىنى رەنىگە قويۇپ، 600دوللارلىق پاي سېتىۋالدى. ئۇ دەل دۇنياغا داڭلىق پولات - تۆمۈر ماگناتى كارنېگ ئىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى روكفېللىر، مورگانلار بىلەن بىر قاتاردا تۇرىدىغان، ئامېرىكا ئىقتىساد  ساھەسىدىكى ئۈچ كاتتىبېشىنىڭ بىرىدۇر. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
 مېنىڭچە، بۇ نامرات بالىنىڭ ھېكايىسىدىن شۇنى بېلىۋېلىش تەس ئەمەسكى، تۇرمۇشتا قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرىشتىن سىرت، يەنە تۇرمۇشتا تەۋەككۈلچى بولۇشمۇ بەك مۇھىم. بەزى ئىشلاردا قورقۇمسىز ھەم تەۋەككۇلچى بولسىڭىز، زىيىنىڭىزدىن كۆرگەن پايدىڭىز كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن.
 ئۈچىنچى نامرات بالىنىڭ ھېكايىسى مۇنداق.
بۇ بالا ۋېنگىرىيەدىكى بىر كىچىك بازاردا تۇغۇلغان. ئۇ كىچىك ۋاقتىدا دادىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئاپىسى قايتا ياتلىق بولغان. ئۇ ئۆگەي دادىسى بىلەن چىقىشالمايتتى. ئۇ 17ياش ۋاقتىدا ئوغۇرلىقچە پاراخوت بىلەن ئامېرىكىغا باردى. دەسلەپ ئۇنىڭ ھەربىي بولغۇسى بار ئىدى. لېكىن، ئىشلىرى ئوڭغا تارتمىدى. كېيىن ئۇ  ئامېرىكىنىڭ غەربىگە باردى. ئۇ قېچىر باققۇچى، ماتروس، قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولدى. پورتتا مەدىكار، ئاشخانا خىزمەتچىسى، رېكشىچى بولۇپ ئىشلىدى. كېيىن ئۇ كۈتۈپخانىدا خىزمەت تاپتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ھەر كۈنى كۈتۈپخانىدا ئىككى سائەت ئىشلەپ، خالىغان كىتابنى ئارىيەت ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ بالا دەل ئامېرىكا ئاخباراتچىلىقىنىڭ بايراقدارى پۇلىستېر. ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن نام بېرىلگەن «پۇلىستېر ئاخبارات مۇكاپاتى» ھازىرغىچە ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى يۇقىرى شان - شەرەپ بولۇپ كەلمەكتە.

www.iz.la


 دېمەك، قەدىرلىك دوستلار، ھاياتلىق بىزدىن ئەنە شۇنداق جاسارەت ۋە  پەم - پاراسەتنى تەلەپ قىلىدۇ. ھاياتلىقتا مۇۋەپپەقىيەتنىڭ  يولىمۇ ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(10)
90.9%
ناچار
(1)
9.1%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئاچ كۆز باي

    مال-دۇنيانى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان بىر باي سەكراتقا چۈشۈپ قالغان بولسىمۇ، بىراق ھەر قانچە قىپمۇ مال-دۇنيالىرىنى تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە كۆز قىيماپتۇ. تەڭرى بۇ باينىڭ يېنىغا تېزرەك كىلىپ ئۆزىنى دوكلات قىلمىغانلىقىدىن ناھايىتى زېرىكىشلىك ھېس قىلىپ، پەرىشتىن...

  • سۈيقەسىت

    ھېكايە -سىز راستىنلا كەتمەكچىمۇ ؟-دىدى نىجات دىلنارنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ . -نىمە ئۈچۈن مىنى توسىسىز ،نىجات ،ئاكتىيورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم ، ئاران دىگەندە بىر پۇرسەت كەلگەندە نىمىنداق قىلىسىز ؟؟مىنىڭ بۇنداق ئاددىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ب...

  • مىلىيونېرىغا ئايلانغان مۈشۈك

    ئىتالىيەدىكى 4 ياشلىق بىر مۈشۈك ئىگىسىنىڭ 10مىليون ياۋرو قىممىتىكى بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن، دۇنيادىكى ئەڭ باي مۈشۈكلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. توماس ئىسىملىك بۇ مۈشۈك خىلى بىر چاغلارغىچە، رىمنىڭ كوچىلىرىدا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن، كىيىن تەلىيىگە...

  • ئانا مىنى كەچۈر

    ئانا، مېنى كەچۈر ئىككى تەرىپى بۈككىدە دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەنت يولىدا لىق سېۋەت بېسىلغان كىچىك كوزۇپلۇق يۈك ئاپتوموبىلى ئىككى تەرىپىگە ئېغاڭلىغىنىچە نورمال سۈرئەتتە شىمالغايېزا مەركىزىگە كېتىپ باراتتى. كوزۇپتىكى سېۋەتلەرگە لىق قىدە ئۆرۈك قاچىلانغان ب...

  • مەندىن قانچىلىك ئۆتكەندۇ

    ئۆزىمىز ۋە باشقىلارنىڭ ئائىلە تۇرمۇشىدا، ئۇنداق ياكى مۇنداق كېلىشمەسلىكلەر، جېدەل- ماجرالارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەر تەرەپنىڭكىنى ئاڭلىسا، ھەممە گۇناھ ئايالدىدەك، ئايالنىڭ دەردىنى ئاڭلىسا، ئاشۇ ئەر بارىلىق جېدەل- ماجرانىڭ جاۋابكارىدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز...

  • ئۆچكەن تەبەسسۇم

    جىيەن فىڭ تەرجىمە قىلغۇچى: روشەنگۈل قادىر مەن تۇيۇقسىز ئىلگىرى يۈزلىرىمدە دائىم جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان تەبەسسۇملىرىمنى ئويلاپ قالدىم. بىلمىدىم، قاچاندىن بۇيان بۇ خىل تەبەسسۇملىرىم يوقاپ كەتتىكىن؟ ئېنىق ئېسىمدە، ئىلگىرى بۇ خىل كۈلكە-تەبەسسۇم كىشىنىڭ زوقىنى ك...

  • يامغۇردىكى تۇنجى مۇھەببەت

    ياخشىمۇسەن قەدىرلىكىم. بىز تۇنۇشقان ئاشۇ كۇن ئىسىڭدىمۇ؟ تاساددىبىلا تۇنۇشۇپ قالدۇق. گەرچە ئەتتىگەندە ئويدىن كۇڭلۇم ئىنتايىن غەش ھالدا چىققان بولساممۇ. سەن بىلەن بىرگە ئايلىنىپ.پاراڭلىشىپ يۇرۇپ روھىم خېلىلا كۇتۇرۇلۇپ قالغانىدى. سەن ماڭا ناھايتى خۇشخۇيلۇق ب...

  • تەقدىم

    بۇرۇن بىر ئادەم بولغانىكەن،بىر كۈنى ئۇ قۇملۇقتا يولدىن ئادىشىپ قېلىپ ئاچارچىلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلەي دەپ قاپتۇ،شۇنداقتىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان پۇتلىرىنى تەستە يۆتكەپ،مىڭ بىر مۇشەققەتتە تاشلاندۇق بىر ئەسكى ئۆيگە كېلىپ قاپتۇ،خېلىدىن بېرى ئادەم تۇرمىغاچقىم...

  • تۇخۇم دىلوسى

    ئىككى دوست ساماۋارخانىدا ئولتۇرۇپ سۆھبەت قۇرۇشۇپتۇ،سۆز ئايلىنىپ كېلىپ،ئاياللارنىڭ سىر ساقلىيالماسلىقىدا توختاپتۇ،بىرى دەرھال ئېتىراز بىلىدۈرۈپ؛ -مەن ئايالىمغا ئىشىنمەن،سىرىمنى ھېچكىمگە ئېيتمايدۇ-دەپتۇ. مۇنازىرە قىزىپتۇ،شۇندا ئىككى دوست مەسلىنى باشقىچە ھەل...

  • سۆيۈنچە ئۆستۈرۈش

    بىر باي سەيلە قىلىۋاتقاندا ئىتى يوقاپ كېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىت ئىزدەش ئېلانى چاپلاپ، ئىتىنى تېپىپ بەرگۈچىلەرگە 10 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئېلان چاپلانغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۆيىگە ئىت ئەكەلگۈچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئە...

  • بەخت ئىزدەش

    گەرچە ئۇ قىز بىلەن تېلېفۇندا كۆرۇشۇپ كېلىۋاتقىلى بىرەر يىلغا يىقىنىلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، لېكىن تېخىچە بىرەر قېتىممۇ يۈز تۇرانە كۆرۇشۇپ باقمىغان ئىدىم شۇڭا ، ئۇنىڭ بۈگۈنىكى گېپى مىنى قاتتىق ساراسىمغا سېلىۋەتتى . - ئەتە كەچ سائەت سەككىزىدە ئېقىن دەريا ئارا...

  • قەلب رىشتى

    (ھېكايە) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يېتۈك ئىزباسارلار ئىنسىتىتۇتى مەخسۇس كۇرس سېستىرالىق 2010- يىللىق29- سىنىپتىن مەرھابا ئابدۇرىھىم تاڭ سەھەر، شەرقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش ئۆز نۇرىنى سېخىيلىق بىلەن چېچىپ، يەر جاھاننى ئىللىتىشقا باشلىدى. باش ئەتىيازنىڭ مەيىن...

  • ئالدىرماي تۇرۇڭ،سىزگىمۇ كېلىدۇ بۇ قېرىلىق

    بىر شەھەردە 100ياشقا كىرگەن،چىرايى ئۆزگەرگەن،بېلى پۈكۈلگەن بىر كشى بار ئىكەن.كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قېرى كىشى مۈكچىيىپ كېتىۋاتسا،بىر يىگىت ئۇنى كۆرۈپ چاقچاق تەرىقىسىدە سوراپتۇ؛ -ئەي بوۋا،ھاسىنى قانچە پۇلغا ئالدىڭىز،قەيەردە ساتىدىكەن؟ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ،مەنمۇ ب...

  • مۇھەببەت سىنىقى

    ھېكايە ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ كۆڭۈلنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بېرىلگەن تاللاشلار ئەڭ خاتا تاللاشتىن ئىبارەت. ئۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان ھىجران ۋە ئەلەملەرنى پەيدا قىلىدۇ. ـــ خاتىرەمدىكى كۆچۈرمىلەردىن. يېرىم كېچە بولۇپ قالغان بولسىمۇ، نېمىشقىدۇر قەيسەرنىڭ ئۇيقۇسى كەلمىد...

  • كەڭ قورساقلىق(ھىكايە)

    بۇ ئېچىنىشلىق، كەسكىن جەڭ بولدى. جەڭچىلەرنىڭ ھەممىسى دۈشمەننىڭ قىلىچىدا ھالاك بولدى. تەقدىر سالاھىيىتى پەرقلىق ئىككىيلەننى ياش كوماندىر بىلەن ياشانغان ئاشپەزنى قاچقۇندا ئۇچراشتۇردى. ئىككىيلەن ئوخشاشلا قۇملۇققا قاچقانىدى. قوغلاپ كەلگەن دۈشمەنلەر قۇملۇقنىڭ...