جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 4-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىنىڭ 10-قېتىمىلىق يىغىنى 7-نويابىر رۇسىيىنىڭ سانكىتپىتىربورىك شەھرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. رۇسىيە ئەمەلدارى ۋە مۇتەخەسسىسلىرى بۇ توغرىسىدا ئوبزور ئېلان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجابىي رول ئويناۋاتقانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىشلىرى بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇشى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۆپ تەرەپلىك دىپلوماتىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشغا توسقۇنلۇق قىلىنماسلىقى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە ئىجابىي رول ئوينىغانلىقتىن، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر جۈملىدىن مەزكۇر تەشكىلاتقا يىراق بولغان دۆلەتلەرنىڭ بارغانسېرى ھۆرمىتىگە ئېرىشمەكتە.
تەرجىمان: ئىلھام مامۇت
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!