• بىر قىسىم سوۋغا قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ مەنىسى!

    شارپا: مەن سىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىمەن.
    خەت: سىزنى سېغىندىم.
    گۈل: مەن سىزنىڭ مىنىڭ ئىسمىمنى قەلبىڭىزدە ساقلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    كىتاپ:مەن ئىشىنىمەن سىز بەك ئەقىللىق.
    سېغىز: مەن سىز بىلەن ئۇزۇق ۋاقىت ئالاقىلاشسام دەيمەن.
    تاماكا: مەن سىزگە ئۆچ.
    ئۈزۈك : سىز مەڭگۈ مىنىڭكى.
    كۈنلۈك: مەن ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا سىزنى قوغدايمەن.
    چاچ قىسقۇچ: غەلبە قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ئەينەك: مىنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
    شاكىلات: مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن.
    چاقماق: سىز مىنىڭ تۇنجى سۆيگۈنىم.

  • بوۋامدىن مۇنداق نەسىھەت قالغان!


    پەرزەنتلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق قەيت قىلىنغان ھەققىنى ئادا قىلماقلىق قەرزدۇر :

       
  • ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى 100مەشھۇر كىشى 1.مۇھەممەت ئەلەيھىسالام(مىلادى 570-632) ئىنسانىيەت تارىخىدا، مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ھەقىقەتەن دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخىس.
    2.نىيۇتون(1642-1727) نىيۇتون -يەر شارىدا ياشىغان تەسىرى ئەڭ زور ئالىم.ئۇ گالىلېي ۋاپات بولغان كۈنى تۇغۇلدى،ئۇ تۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەنىدى.



    3.قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسالام(مىلادىدىن ئالتە يىل ئىلگىرى-مىلادى 30-يىلى)مەنىۋى ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى يولباشچى ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ تەسىرى پۈتۈنلەي ئەخلاقى تۇرمۇش ۋە مەنىۋى ساھەدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
    4.ساكيامونى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 643-563)گائۇتاما(ئەسلى ئىسمى) 29يېشىدا تۈنجى پەرزەنتى دۇنياغا كىلىشى بىلەنلا ،تەركىدۇنيا بۇلۇپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەت ئىزدەش قارارىغا كەلدى.
    5.كۇڭزى(مىلادىدىن ئىلگىركى 551-479)جۇڭگۇلۇق ئۇلۇغ پەيلاسوپ كۇڭفۇزى-كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى.





    6.پائۇل(بىرىنچى ئەسىرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان)ئاپوسلى پائۇل قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ زاماندىشى ،يېشى ئىيسا ئەلەيھىسالامدىن سەل كىچىك،كېيىن خرىستىئان دىندىكى ئەڭ ئۇلۇغ مېسسئونېر بولۇپ قالغان .
    7.سەي لۇن (مىلادى 105-يىللاردا ياشىغان) بۈگۈنكى كۈندە ،قەغەز ناھايتى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلۋاتىدۇ.ئەگەر سەي لۇن بولمىغان بولسا قەغەزمۇ بولمىغان بۇلاتتى ؛بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قانداق بۇلۇشىنى تەسەۋۇر قىلشىمىزمۇ تەس ئىدى...
    8.ئىيوخان گوتېنبېرگ(1468-1400) گوتېنبېرگنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئۇنىڭ مەتبەئەچىلىك جەريانىدىكى نابور ۋە تىزىش،مەتبەئە ماشىنىسى،مەتبەئە مېيى ،ماتىريالىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئامىلنى مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىدە ھەمدە سۈپەتلىك ۋە ناھايتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش بارغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
    9.كولۇمبو(1451-1506) كولۇمبو ياۋۇرپالىقلار ئۈچۈن ئىككى چوڭ قىتئەنى كەشىپ قىلىپ بېرىپ ،بارغانسىرى كۆپىيۋاتقان ئاھالىلەرگە يېڭى ماكان تېپىپ بەردى.



    10.ئېينىشتېيىن(1879-1955) ئېينىشتېيىن 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىجاتچانلىق ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ،دەپ ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىشلەرنىڭ بىرى.



    11.ماركىس(1818-1883) پەيلاسوپلارنىڭ مۇھىملىقى ئۇلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىدە بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن -كۆرسەتمىگەنلىكىدە ھەمدە كىشلەرنىڭ بۇ ئىدىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا تۈرىتكە بولغان -بولمىغانلىقىدا .ئەگەر بىز ماركىسقا بۇ جەھەتتە باھا بىرىدىغان بولساق ،ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ غايەت زور مۇھىم رولغا ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.



    12.پاستېر (1822 1895) فىرانسىيىلىك خىمىك ۋە مىكروبىئولوگ پاستېر مېدىتسىنا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مەشھۇ شەخىس دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.



    13.گالىلېي (1563-1642) گالىلېي ئىتالىيىلىك ئالىم .ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم پەن تەرەقىياتىدا كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىسى ھەر قانداق ئادەمنىڭكىدىن زور.



    14.ئارېستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇن384-321)ئارېستوتىل قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە ئالىمئۇ فورمال لوگىكىنى بەرپا قىلغان .ئۇ ئېنسىكلوپېدست مۇتەپەككۈر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ،پەلسەپەنىڭ ھەر قايسى تارماق پەنلىرىنى بېيىتتى،ئۇنىڭ تۆھپىسى نۇرغۇنلىغان پەنلەردە كۆرۈلدۇ،ئۇ نۇرغۇن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەندى.



    15.لېنىن (1870-1924) لېنىن دېگەن تەخەللۇس بىلەن تونۇلغان ۋىلادىمىر ئىلىئىچ ئوليانوۋ -روسىيىدە كوممۇنىزمنىڭ ئۇلىنى قۇرغان سىياسى داھىي.ئۇ كارىل ماركىسنىڭ سادىق شاگرتى ،ئۇ كارىل ماركىسنىڭ  ئىزىدىن قەدەم بېسىپ ماڭدى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.لېنىننىڭ تۇتقان كومىنىزىم يۇلى دۇنيادا تىزدىن تارقالغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا زور تەسىرگە ئىگە شەخىسلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىندى.


    16.مۇسا ئەلەيھىسالام (مىلادىدىن13ئەسىر بۇرۇن) مۇسا ئەلەيھىسالام ئالەمدىن ئۈتۈپ بۈگۈنكى كۈندىمۇيەھۇدى دىنى مۇرىتلىرى ،خىرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلمەكتە.

    17.دارۋىن (1809-1882)تەدىرجى تەرەقىيات نەزەرتىسىنىڭ ئاساسچىسى دارۋىن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگىليىنىڭ شرۇسبىلدە تۇغۇلغان.دارۋىن -تەدىرجى تەرەقىيات نەزەريىسىنىڭ بەرپاچىسى .ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ خىل نەزەريىنى ئوتتۇرغا قويغانلار چىقمىغاندى.دارۋىننىڭ تۆھپىسى ئۇ پەقەت تەبىئى تاللىنىش تەزەريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپلا قالماستىن ،يەنە نۇرغۇنلىغان قايىل قىلارلىق ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ،ئۆزىنىڭ تۈرلەرنىڭ ئۆزگىردىغانلىقى ،ماسلىشىشچانلىقى بارلار ھايات قالدىغانلىقى ،سۈپەتلىكلەر ساقلىنىپ قالدىغانلىقى ،سۈپەتسىزلەر يوقىلدىغانلىقى توغىرسىدىكى قىياسىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.



    18.چىن شىخۇاڭ (مىلادىدىن بۇرۇن259-210) جوڭگو پادىشاھى چىن شىخۇاڭ مىلادىدىن 238يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن مىلادىدىن 210يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.ئۇ جۇڭگونى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ بىرلككە كەلتۈردى ۋە بىر يۈرۈش ھەل قىلغۇچ ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزدى.بۇ ئىسلاھاتلار شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ جۇڭگو مەدىنيىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى بۇلۇپ قالدى.

                

    19.  ئاۋغۇسىت (مىلادىدىن 63يىل بۇرۇن -مىلادى14-يىلى) قەدىمقى رىم ئىمپىريىسىنىڭ تۈنجى كورۇلى ئاۋغۇسىت تارىختىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ بىرى .مىلادى 1-ئەسىردە ،ئۇ رىم جۇمھۇريىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئىچكى ئۇرۇشنى باستۇرۇپ ،رىم ھۆكىمىتىنى قايتىدىن تەشكىللىدى.ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ۋە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنكى ئىككى ئەسىر ،رىم جەمئىيىتى ئىچكى جەھەتتە تىنىچ ۋە گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋىر ئىدى.
    20.ماۋزېدۇڭ (1893-1976) ماۋزېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىميەتنى قولغا كەلتۈردى.ئۇ جۇڭگونى ئۆزگەرتىش ئىشىغا 27يىل رىياسەتھىلىك قىلدى.

                         

    21.چىڭگىزخان (1162-1227) بۈيۈك مۇڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ قۇرغۇچىسى چىڭگىزخان تەخمىنەن 1162-يىلى تۇغۇلغان .ئاتىسى ئۇنىڭغا تېمۇچىن دەپ ئىسىم قويغان؛1206- يىلى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ۋە سەركەردىلىرى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ ،تېمۇچىنغا «دۇنيا ئىمپېراتۇرى »دېگەن مەنىدە «چىڭگىزخان»دەپ نام بەردى.



    22.ئېۋكلىد (مىلادىدىن300 يىل بۇرۇن) ئېۋكلىديازغان «گېئومېترىيە ئاساسلىرى»ئىشلىتىلۋاتقىلى 2000يىلدىن ئاشتى .بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ ياخشى دەرىسلىك كىتاب.ئېۋكلىدنىڭ نيۇتونغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ناھايتى زور ھەم ئىنتايىن روشەن ئىدى.


    23.مارتىن ليۇتېر (1483 -1546) مارتىن ليۇتېر 16-ئەسىردە ئۆتكەن ياۋرۇپالىق دىنىي ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى،خرىستىئان دىنى ليۇتېر مەزھىپى (يېڭى دىن)نىڭ بەرپاچىسى.ئۇ 1483-يىلى تيورىنگىيەنىڭ ساكسونىيە رايۇنىدىكى ئېسلېبېس شەھىرىدە تۇغۇلغان.




    24.كوپېرنىك (1473-1543) كوپېرنىك ئۇلۇغ پولەك ئاسترونومى .ئۇ 1473-يىلى پولشانىڭ شەرقى قىسمدىكى تولۇن شەھرىدە ھاللىق ئائىلدە دۇنياغا كەلدى.كوپېرنىكنىڭ «پلانېتلار ھەرىكىتى»نىڭ بارلىققا كېلىشى يېڭى ئاسترونومىينىڭ باشلىنىشى بۇلۇپلا قالماستىن ،بەلكى بارلىق يېڭى پەننىڭ باشلىنىش نوقتىسى دەپ قارالماقتا.




    25.ۋات (1736-1819) كىشلەر دائىم شوتلاندىيىلىك ۋاتنى پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغۇچى ،سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى دېيشىدۇ.ئەمەليەتتە ،ۋات پار ماشىنىسىنى ياسىغان تۇنجى ئادەم ئەمەس.مىلادى بىرىنچى ئەسىردە ،ئىسكەندەرىيىلىك ئالىم ھېيلو مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماشىنىنى تەسۋىرلەپ ئۆتكەن.




    26.ئېمپېراتور كونستانتىن (280-337) كونستانتىن خرىستىئان دىنىغا ئېتقاد قىلغان تۇنجى رىم ئىمپېراتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يۈز كىشى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىق.كونستانتىن خرىستىئان دىننىڭ قېقىلىپ -سوقۇلۇپ يۈرگەن كىچىك بىر گۇرۇھتىن ياۋرۇپانى كونترول قىلغان زور بىر دىنغا ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

    27.ۋاشىنگتون (1732-1799) گېئورگى ۋاشىنگتون1732-يىلى ئامېرىكا ۋىرگىنيە شتاتىنىڭ ۋېستىمولاند دېگەن يېرىدە تۇغۇلدى. ئۇ بىر ھاللىق قورۇق ئىگىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ ،20يېشىدا كاتتا بىر قورۇللا ۋارىسلىق قىلدى.



    28.فارادېي (1791-1867) فارادېي 1791-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ شىمالىي ئامپتون شەھرىدە نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان.ساۋاتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپچىقارغان،14يېشىدا كىتاپ تۈپلەيدىغان بىر زاۋۇتقا شاگىرىتلىققا كىرگەن.بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ يەردە نۇرغۇن كىتاپلارنى ئۇقۇپ چىققان.20يېشىدا ئەنگىليىلىك مەشھۇر خىمىك دېۋىدنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە بۇ ئالىمغا قاتتىق ئشتىياق باغلىغان،كىيىن ئۇ بۇ خىمىككە ياردەمچى بولغان .فارادېينىڭ ماتىماتىكا ئاساسسى كەمچىل بولسىمۇ ،بىراق ئۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق فىز -پراكتىكا ئالىمى بۇلۇپ قالدى.ئۇنىڭ ئېلىكتىر ھەققىدىكى تۇنجى كەشپىياتى 1831-يىلى ۋۇجۇتقا كەلگەن.

             


    29.ماكسۋېل(1831-1879) ئەنگىلىيىلىك ئۇلۇغ فىزىك ماكسۋېل ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتكا ئىلىمىنىڭ ئاساسي قانۇنيەتلىرىگە ئائىت تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش بىلەن ھەممىگە تۇنۇلغاندى.ماكسۋېل1831-يىلى ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلدى.ئۇ ئەقلى جەھەتتە بۇرۇن يىتىلگەندى.15يېشىدا ئېدىنبۇرگ شەھرىدىكى خان جەمەتى جەمئىيىتىگە ئىلمىي ماقالىسىنى تاپشۇردى.ئۇ كامبرىد داشۆسىدە ئوقۇغان .ئۇ نيۇتون بىلەن ئېينىشتېيىن ئارلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ئىدى.بەخىتكە قارشى ئئۇ راك كىسىلىگە گرىپتار بولۇپ ،48يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

      

    30.ئاكا -ئۇكا رايتلار :ۋىلبور(1867-1912)؛ئورۋېل(1871-1948) ۋىلبور 1867-يىلى ئامېرىكا ھىندىيانا شتاتىنىڭ مىلۋىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ ئىنىسى ئورۋېل1871-يىلڭ ئوھىئو شىتاتىنىڭ دايدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئاكا -ئۇكا ئىككىيلەننىڭ مېخانىكا جەھەتتە تالانتى بۇلۇپ ،ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇشقا ھەۋەس قىلاتتى.1903-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ،ئاكا -ئۇكا رايتلار ئىشلەپچىقارغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ماتورلۇق ئايرۇپىلان شىمالىي كارولىنا شىتاتىنىڭ كىدىخوك ئەتراپىدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.ئاكا -ئۇكا ئىككەيلەن ئىككى قېتىمدىن ئۇچتى،ئورۋېل 1-قېتىم 12سېكۇنىت ئىچىدە 120فوت ئارلىقنى ئۇچۇپ بولدى.ۋىلبور ئاخىرقى قېتىمدا 59سېكۇنىت ئىچىدە 852فوت ئارلىقنى ئۇچۇپ بولدى.بۇ ئايرۇپىلانغا «ئۇچقۇچى 1»نۇمۇر دەپ نام بېرىلدى.ئۇنىڭ قىممىتى 1000 ئامرىكا دوللىرى ئىدى.ئۇنىڭ قانتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40فوت،ئايرۇپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 750 قاداق كېلەتتى .ماتورنىڭ قۇۋىتى 12 ئات كۈچى ،ئېغىرلىقى 170 قاداق كېلەتتى.بۇ ئايرۇپىلان بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋاشىنگىتون دۆلەت ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىخانىسىدا ساقلانماقتا.



    31.لاۋازېر (1743-1794) فىرانسىيىلىك مەشھۇر ئالىم لاۋازېر خىمىيە پېنىنىڭ تەرەقىيات تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىس. لاۋازېر بىرىنچى بۇلۇپ خىمىيە رېئاكسىيىسىدە ماددىنىڭ يوقالمايدىغانلىق قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغانىدى.خىمىيە رېئاكسىيىسى ماددىدىكى ئېلېمېنىتلارنىڭ بىرىكىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،بىراق ماددا يوقالمايدۇ. فىرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلدە ،لاۋارېز باشقا 27 كىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ،ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.1794-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ھۆكۈم ئىجىرا قىلىنىدۇ. لاۋارېز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇردۇ.


                         


    32.فروئىد (1856-1939) روھىي ئانالىزاتسىيىنىڭ ئاساسچىسى فروئىد 1856-يىلى ،ئەسلى ئاۋسترىيە ئىمپېريىسىگە تەۋە،ھازىر چېخوسلوۋاكىيە تەۋەلىكىدىكىفرېيبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان.فروئىدنىڭ پسخولوگىيە پېنىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسىغايەت زور،ئۇنى تىل بىلەن يەكۈنلەش قىيىن.ئۇ ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئىنساننىڭ قىلمىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.ئۇ يەنە بۇ خىل يۇشۇرۇن ئاڭكىشلەرنىڭ چۈشىگە،خاتا سۆزلەپ قېلىشى،ئىسىملارنى ئۇنتۇپ قېلىشى ۋە كىشلەرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىدىغان قىسمەن ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ،ھەتتا قىسمەن كېسەللەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتكەنىدى



    33.ئىسكەندەر زۇلقەرنەين (مىلادىدىن بۇرۇن 356-323) قەدىمقى زاماندىكى ئىستىلاچىلار ئىچىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ.ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى گرېتسىيە تەۋەسىدىكى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى پىرادا تۇغۇلغان.مىلادىدىن بۇرۇن 323-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين كېزىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇ چاغدا ئۇ ئاران 33 ياش ئىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ناپولېئون،گىتلېرلارغا سېلىشتۇرغاندا زور،شۇڭلاشقا مېنىڭچە بۇ 100 شەخىس ئىچىدە ئۇنى كېيىنكى ئىككىسىنىڭ ئالدىغا قويۇشقا تامامەن ھەقلىقمىز.



    34.ناپولېئون (1769-1821) فىرانسىيىلىك گېنېرال ،فرانسىيىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى ۋە ئىمپېراتور ناپولېئون』  1979-يىلى كورسىكا ئارىلىنىڭ ئاياكشو شەھرىدە تۇغۇلغان .ئەسلى ئىسمى ناپولېئون بوناپارت ئىدى.1821-يىلى تېخى 52ياشقا توشمىغان ناپولېئون راك كىسىلى بىلەن جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇقەددەس ھېلېنا دەيدىغان بىر كىچىك ئارالدا ۋاپات بولىدۇ.



    35.گىتلېر (1889-1945) گىتلېر 1889-يىلى ئاۋسترىيىنىڭ بلاۋنو دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغان رەسسام ئىدى.ئۇ ئىككى قېتىم ۋېناغا بېرىپ گۈزەل -سەنئەت شۆيۈەنىگە ئىنتىھان بېرىپ ئۆتەلمەيدۇ،بىراق ئۇ ياش ۋاقتىدا گېرمانىيىگە سادىق ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلانغانىدى.كىيىن ئۇ ناتسىسلار پارتىيىسىنىڭ ئىچىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان داھىي بۇلۇپ قالىدۇ.1940-يىلى گىتلېرنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى.ئەمەلىيەتتە ،ئۇنىڭ قوشۇنى 4-ئايدا دانىيە بىلەن نورۋىگىيىنى ،5-ئايدا گوللاندىيە،بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبورگنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.6-ئايدا فرانسىيىنى مەغلۇپ قىلدى؛بىراق ،يىل ئاخىرىدا ،ئەنگىليە گېرمانىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتتىق تاقابىل تۇرغانلىقتىن ،گىتلېر غەلبە قىلالماي قالدى.ستالىنگراد ئۇرۇشىدىن كېيىن ،گىتلېر يەنە ئىككى يىل تىرمىشىدۇ،ئۇنىڭ پاجىئەلىك خاتىمىسى1945-يىلى يېتىپ كېلىدۇ.گېرمانىيە تەسلىم بۇلۇپ يەتتە كۈندىن كىيىن ،گىتلېر 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بېرلىندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.





    36.شېكېسپېر (1564-1616) ئەنگىلىيىلىك شائىر ،دراماتورگ شېكېسپېر 1564-يىلى ئەنگىليىنىڭ ستراتغورد شەھرىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى.بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇمىغانىدى.18يېشىدا 26ياشلىق بىر قىز بىلەن توي قىلىپ ،21 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ئۈچ پەرزەنىت كۆرىدۇ.شېكېسپېر بارلىق ئەدەبىياتچىلار ئىچىدە تەڭدىشى يوق تالانىت ئىگىسى .ھازىرقى زاماندا ۋىرگىل ،گومېرلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز ،بىراق شېكېسپېرنىڭ دارامىسىنى قۇيىدىغانلا بولسا تاماشىبىنلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.گەرچە شېكېسپېر ئىنگىلىز تىلىدا ئەسەر يازسىمۇ ،ئۇ يەنىلا دۇنياغا مەشھۇر شەخىس.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى نۇرغۇن تىللاردا تەرجىمە قىلىندى،ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى نۇرغۇن ئەللەردە قويۇلدى.


                   


    37.ئادام.سىمىت (1723-1790) ئىقتىساد نەزەريىسى تەرەقىياتىدا ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان شەخس ئادام .سىمىت 1723-يىلى شوتلاندىيىنىڭ كىركالدى شەھرىدە تۇغۇلغان.ياش ۋاقىتلىرىدا كامبرىد ،ئوكسفورد داشۆلىرىدە ئوقۇغان.1751-1764-يىللىرغىچە گلازگو داشۆسىدە پروفېسسوربولۇپ تۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى «ئەخلاق -پەزىلەت توغىرسىدا »نى ئېلان قىلىپ ،ئىلىم ساھەسىدە شۆھرەت قازىنىدۇ.ھەۋالەنكى ،ئۇنى مەڭگۈلۈك شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگەن ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 1776-يىلى ئېلان قىلىنغان .كىتاب ئوقۇشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەت ،ئادام ،سىمىتنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا شان -شۆھرەت يەتكۈزدى.ئۇ 1790-يىلى كىركالدى شىھرىدە ئالەمدىن ئۆتتى .ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەنىدى.




    38.ئېدىسون (1847-1931) نۇرغۇن كەشپىياتلار ياراتقان كەشپىياتچى ئېدىسون 1847-يىلى ئامېركىدىكى ئوھئو شىتاتىنىڭ مىلان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاران ئۈچ ئاي مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن،مۇئەللىم ئۇنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دۆت بالىلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن.ئېدىسون بىر كەشپىياتچى بۇلۇپلا قالماستىن ،ئۇ يەنە بىر قانچە سانائەت شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن ،ھەم بىر سانائەت شىركىتى قۇرغان،كىيىن بۇ شىركەت «ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى »دەپ ئاتالغان.ئېدىسوننىڭ قۇلىقى پاڭ بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان خىزمەت ئىقتىدارى ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ كەتكەنىدى.ئېدىسون ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن،تۇنجى ئايالى قازا بولغاندا ئۇ تېخى ياش ئىدى.ئۇنىڭ ھەر بىر ئايالىدىن ئۈچتىن بالىسى بار.1931-يىلى ئۇ نىيۇ-خېرسى شتاتىنىڭ ۋوتېئولان شەھىردە ۋاپات بولغان. ئېدىسۇن ھەممە ئېتىراپ قىلغان كارامەت تۇغما تالانىت ئىگىسى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتچى.


                      


    39.لېئوۋېنخوك (1632-1723) باكتىريىنى كەشىپ قىلغان لېئوۋېنخوك 1632-يىلى گوللاندىيىنىڭ دېرفوتتا بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمى ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى بۇلۇش بىلەن ئۆتكەن.لېئوۋېنخوك نۇرغۇن زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.ئۇ ت
  • 29.ماكسۋېل(1831-1879) ئەنگىلىيىلىك ئۇلۇغ فىزىك ماكسۋېل ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتكا ئىلىمىنىڭ ئاساسي قانۇنيەتلىرىگە ئائىت تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش بىلەن ھەممىگە تۇنۇلغاندى.ماكسۋېل1831-يىلى ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلدى.ئۇ ئەقلى جەھەتتە بۇرۇن يىتىلگەندى.15يېشىدا ئېدىنبۇرگ شەھرىدىكى خان جەمەتى جەمئىيىتىگە ئىلمىي ماقالىسىنى تاپشۇردى.ئۇ كامبرىد داشۆسىدە ئوقۇغان .ئۇ نيۇتون بىلەن ئېينىشتېيىن ئارلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ئىدى.بەخىتكە قارشى ئئۇ راك كىسىلىگە گرىپتار بولۇپ ،48يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.



    30.ئاكا -ئۇكا رايتلار :ۋىلبور(1867-1912)؛ئورۋېل(1871-1948) ۋىلبور 1867-يىلى ئامېرىكا ھىندىيانا شتاتىنىڭ مىلۋىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ ئىنىسى ئورۋېل1871-يىلڭ ئوھىئو شىتاتىنىڭ دايدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئاكا -ئۇكا ئىككىيلەننىڭ مېخانىكا جەھەتتە تالانتى بۇلۇپ ،ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇشقا ھەۋەس قىلاتتى.1903-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ،ئاكا -ئۇكا رايتلار ئىشلەپچىقارغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ماتورلۇق ئايرۇپىلان شىمالىي كارولىنا شىتاتىنىڭ كىدىخوك ئەتراپىدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.ئاكا -ئۇكا ئىككەيلەن ئىككى قېتىمدىن ئۇچتى،ئورۋېل 1-قېتىم 12سېكۇنىت ئىچىدە 120فوت ئارلىقنى ئۇچۇپ بولدى.ۋىلبور ئاخىرقى قېتىمدا 59سېكۇنىت ئىچىدە 852فوت ئارلىقنى ئۇچۇپ بولدى.بۇ ئايرۇپىلانغا «ئۇچقۇچى 1»نۇمۇر دەپ نام بېرىلدى.ئۇنىڭ قىممىتى 1000 ئامرىكا دوللىرى ئىدى.ئۇنىڭ قانتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40فوت،ئايرۇپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 750 قاداق كېلەتتى .ماتورنىڭ قۇۋىتى 12 ئات كۈچى ،ئېغىرلىقى 170 قاداق كېلەتتى.بۇ ئايرۇپىلان بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋاشىنگىتون دۆلەت ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىخانىسىدا ساقلانماقتا.

  • ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى 100مەشھۇر كىشى

    1.مۇھەممەت ئەلەيھىسالام(مىلادى 570-632) ئىنسانىيەت تارىخىدا، مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ھەقىقەتەن دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخىس.
    2.نىيۇتون(1642-1727) نىيۇتون -يەر شارىدا ياشىغان تەسىرى ئەڭ زور ئالىم.ئۇ گالىلېي ۋاپات بولغان كۈنى تۇغۇلدى،ئۇ تۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەنىدى.



    3.قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسالام(مىلادىدىن ئالتە يىل ئىلگىرى-مىلادى 30-يىلى)مەنىۋى ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى يولباشچى ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ تەسىرى پۈتۈنلەي ئەخلاقى تۇرمۇش ۋە مەنىۋى ساھەدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
    4.ساكيامونى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 643-563)گائۇتاما(ئەسلى ئىسمى) 29يېشىدا تۈنجى پەرزەنتى دۇنياغا كىلىشى بىلەنلا ،تەركىدۇنيا بۇلۇپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەت ئىزدەش قارارىغا كەلدى.
    5.كۇڭزى(مىلادىدىن ئىلگىركى 551-479)جۇڭگۇلۇق ئۇلۇغ پەيلاسوپ كۇڭفۇزى-كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى.

  • سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى تونۇشتۇرۇش

    ( j6 C9 @1 e ^, }لىنىيە مۇنبىرى

    * J' N" h1 c3 u3 ?

    8 h- Q- Z6 R/ l2 T
    سوۋېت سوتسىيالىسيىك رىسپوپلىكىلار ئىتتىپاقى __ قىسقارتىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ( روسچە قىسقارتىلمىى : cccp، ئېنگىلى...
  • 1.دائىم يېرىم كىچىدە تاماق يېگەندە، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئارام ئالمايدۇ.
    2. بىر ھەپتىدە تۆتتىن ئارتۇق تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سالامەتلىككە زىيانلىق.
    3. توخۇنىڭ قۇيرۇقىدا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ قىسىمنى يېمەسلىك كېرەك.
    4. مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەك.
    5. ئاياللار ھەيز كۆرگەندە يېشىل چاي ئىچمەسلىكى، قان تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم.
    6. پۇرچاق سۈتىنى ئىچىشتە تۇخۇم ۋە شىكەرنى قوشماسلىق، شۇنداقلا ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
    7. پەمدۇرنى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن يېيىش كېرەك.
    8. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  • 8 h- Q- Z6 R/ l2 T سوۋېت سوتسىيالىسيىك رىسپوپلىكىلار ئىتتىپاقى __ قىسقارتىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ( روسچە قىسقارتىلمىى : cccp، ئېنگىلىسچە قىسقارتىلمىسى : USSR دىيىلىدۇ )، ھازىر بۇ دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس 1922 - يىلى 12-ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە بولغان بولۇپ فىدىراتسىيە شەكلىدىكى دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى يولغا قويغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت . ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان . يەر كۆلىمى 22 مىليون 400 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتېر بولۇپ دۇنيا بويىچە زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت . نوپوسى 290 مىليون 100 مىڭ ( 1990 - يىل ) . 100 دىن كۆپەرەك مىللەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە روسلار %51 نى، ئوكرائىنلار %15 نى، ئۆزبېكلەر %6 نى، بىلىروسلار %4 نى، باشقا قازاقلار ، تاتارلار ، ئەزەربەيجانلار ، ئەرمىنىيەلىكلەر ، گىروزىنلار، موردوۋالار ، تاجىكلار ، لىتۋالىقلار ، تۈركمەنلەر ، گىرمانلار ، قىرغىزلار ، يەھۇدىيلار ، لاتۋىيىلىكلەر ، ئىستونىيەلىكلەر بولۇپ %24 نى تەشكىل قىلىدۇ . دۆلەت تىلى روس تىلى . 200 دىن كۆپەرەك تىل ۋە يەرلىك دىئالىكىت ( يەرلىك شىۋە ) بار بولۇپ ، سىلاۋىيان تىل سېستىمىسىدىكىلەر %75 نى ، ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكىلەر %8 نى ، ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكىلەر %12 نى ، ئورال تىل سېستىمىسىدىكىلەر %3 نى ، كاپكاز تىل سېستىمىسىدىكىلەر %2 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاساسلىق دىن روسلارنىڭ پىراۋىسلاۋىيە دىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىرستىيان دىنى ، يەھۇدىي دىنى ۋە ئىسلام دىنى مەۋجۇت بولغان . پايتەخت موسكىۋا . سوۋېت ئىتتىپاقى روسىيە ، ئوكرائىنا ، بىلىروسىيە ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان ، گىروزىيە ، ئەزەربەيجان ، تاجىكىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان ، ئەرمىنىيە ، موردۇۋا ، لاتۋىيە ، لىتۋا ، ئىستونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش رىسپوپلىكىلارنى ۋە باشقىرت ، بوريات ، داغىستان ، قارا قالپاق ( ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ) ، كارا بالدا - بايقال ، قىرمىز ، كارىرىيە ، كېمى ، مالى ، شىمالىي ئوسىتىي ، تاتارىستان ، توۋا ، ۋودمۇرت ، چېچىن - ئىنگۇش ، چۇۋاشىيە ، ياقۇت ، ئابغازىيە ، ئازار ، ناشچىفان قاتارلىق 20 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت ، 8 ئاپتونۇم ئوبلاست 10 ئاپتونۇم رايون ۋە 129 چېگرا رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

  • ﺑﯘ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﻛﺎﻧﺎﺩﺍﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ 14 ﻳﯩﻞ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﺗﻮﻗﻘﺎﻥ ﻳﻮﻗﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﭙﺘﯘ:
    1. ﮬﯩﭽﻜﯩﻢ <ﻳﺎﻧﻔﯘﻧﻨﻰ ﭼﻮﯓ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ>، ﻣﻪﻥ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺏ ﭖ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﯩﻤﯘ ﻳﻮﻗﺘﻰ.
    2. ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠ...
  • ئەرلەردىكى 76خىل سىر

    1. ناۋادا بىر ئەر سىزگە قىزىقسا،ئۇنىڭ كاللىسىدىكى تۈنجى ئۇقۇم سىزنىڭ تېلىفون نۇمۇرىڭىزغا ئېرىشىشتۇر،ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى بېرىش ئەمەس.ئەمما ئەمەلىيەتتە،ئەرلەرنىڭ سىزنىڭ تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى سورىشىمۇ ئۇنىڭ سىزن...
  • ئىككى ئېغىزلىق بوتۇلكا: سىز بىرلا ۋاقىتتا ھەسەتخورلۇقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە جەھەتتىن سەرلەپ-مىسقاللاپ ھېسابلىشىشىقا ئامراق ئىككى ئايال بىلەن بىرگە تاماق يېگەن ۋاقتىڭىزدا بۇ بوتۇلكا سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ. چۈنكى بۇ بوتۇلكىدا بىرلا ۋاق...
  • دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت نەرسىلەر  

      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاپتوماتىك مىلتىق: ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە ئالاھىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس قورالنى كۆرگەزمە قىلدى، بۇ بىر پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغا...
  • 1 .ئاي ___مىجەز ئالاھىدىلكى .ھاكاۋۇر ،سوغۇققا چىداملىق .قەيسەر مەردانە ،خۇش پىئىل كىلىدۇ
    ئەخلاق پەزىلىتى__تەبىئىي ئەقىللىق ،چىچەن كۆپ كىشىلەرنى ئۆزىگەجەلىپ قىلىدۇ ،ئىسىل پەزىلەتكە ئىگە.ئىقتىسادىي چىڭ ،باشقىلار .ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى خۇشاللىق دەپ ب...
  • 100 يىللىق نادىر UFO سۈرەتلىرى



    1979- يىلى يېڭى زىللاندىيە



    1979-يىلى گىزمانىيە



    1973 __ 1979 - يىلى فىنلاندىيە



    1979-يىلى ئامېرىكا كالفۇرنىيە


    ...

  •   دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك گېزىت: FirstNews لوندوندىكى بىر مەخسۇس بالىلارغا تارقىتىلىدىغان گېزىت بولۇپ، يېقىندا دۇنيا جىننېس رېكورتى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك گېزىت» دەپ ئېتىراپ قىلىندى. گېزىتنىڭ ئۆلچىمى: 32X22 مىللىمېتىر؛ بەت سانى: 24؛ مەزمۇنى: ئېقىم مەسىلىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مەزمۇنلار؛ باھاسى: 4.50 فوندستېرلىڭ.
      
  • ئەرلەر ، ئاياللار ۋە  باشقىلار
    ئاياللارنىڭ  سۈزلىيەلەيدىغان  ئۈچ ئىغىزى بار  . بىرى بۇرنىنىڭ  ئاستىدا  ،قالغان  ئىككىسى  
    قىشىنىڭ  ئاستىدا .

    ...
  • 2009-03-07

    ۋەتەن - [تەرمىلەر]


     

      دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات «باشمالتاق قىز» بىر ئويۇنچۇق كۆرگەزمىسىگە ئىشتىراك قىلدى. «باشمالتاق قىز» بىر 7 ياشلىق بايتال بولۇپ، 2006-يىلى جىننېس دۇنيا رېكورتى تەرىپىدىن «دۇنيادا ھازىر بار بولغان ئەڭ كىچىك ئات» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
  • بۇ كودنى بلوگىڭىزنىڭ headبۆلىكىگە قويۇپ كۆرۈپ بېقىڭ،،ئاجايىپ ئۈنۈمگە ېرىشەلەيسىز                            &nbs...
  • سەن بىلسەڭچۇ قەلبىمنى ، ساڭا ئېيتار سۆزۈمنى ،
    ماڭا باقساڭ بىر مەگەر ، گۈللەر تۇتقۇم كىلىدۇ .
    خىيالىمغا ھەمراھدۇر ئەشۇ بىر تۈپ چوڭ دەرەخ ،
    ئۇزۇن كەتكەن چىغىر يول بىرگە ماڭغۇم كىلىدۇ .