• 2009-03-23

    ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى 100مەشھۇر كىشى - [تەرمىلەر]

    ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى 100مەشھۇر كىشى

    1.مۇھەممەت ئەلەيھىسالام(مىلادى 570-632) ئىنسانىيەت تارىخىدا، مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ھەقىقەتەن دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساھەسىدە مۇتلەق مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخىس.
    2.نىيۇتون(1642-1727) نىيۇتون -يەر شارىدا ياشىغان تەسىرى ئەڭ زور ئالىم.ئۇ گالىلېي ۋاپات بولغان كۈنى تۇغۇلدى،ئۇ تۇغۇلۇشتىن ئىككى ئاي ئىلگىرى ئۇنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەنىدى.



    3.قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسالام(مىلادىدىن ئالتە يىل ئىلگىرى-مىلادى 30-يىلى)مەنىۋى ۋە ئەخلاق جەھەتتىكى يولباشچى ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ تەسىرى پۈتۈنلەي ئەخلاقى تۇرمۇش ۋە مەنىۋى ساھەدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
    4.ساكيامونى(مىلادىدىن بۇرۇنقى 643-563)گائۇتاما(ئەسلى ئىسمى) 29يېشىدا تۈنجى پەرزەنتى دۇنياغا كىلىشى بىلەنلا ،تەركىدۇنيا بۇلۇپ ،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەقىقەت ئىزدەش قارارىغا كەلدى.
    5.كۇڭزى(مىلادىدىن ئىلگىركى 551-479)جۇڭگۇلۇق ئۇلۇغ پەيلاسوپ كۇڭفۇزى-كۇڭزى تەلىماتىنىڭ ياراتقۇچىسى.



    6.پائۇل(بىرىنچى ئەسىرلەردە پائالىيەت ئېلىپ بارغان)ئاپوسلى پائۇل قىددىس ئىيسا ئەلەيھىسالامنىڭ زاماندىشى ،يېشى ئىيسا ئەلەيھىسالامدىن سەل كىچىك،كېيىن خرىستىئان دىندىكى ئەڭ ئۇلۇغ مېسسئونېر بولۇپ قالغان .
    7.سەي لۇن (مىلادى 105-يىللاردا ياشىغان) بۈگۈنكى كۈندە ،قەغەز ناھايتى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلۋاتىدۇ.ئەگەر سەي لۇن بولمىغان بولسا قەغەزمۇ بولمىغان بۇلاتتى ؛بۈگۈنكى دۇنيانىڭ قانداق بۇلۇشىنى تەسەۋۇر قىلشىمىزمۇ تەس ئىدى...
    8.ئىيوخان گوتېنبېرگ(1468-1400) گوتېنبېرگنىڭ مەتبەئە تېخنىكىسىدىكى مۇۋەپپىقىيەتلىرى ئۇنىڭ مەتبەئەچىلىك جەريانىدىكى نابور ۋە تىزىش،مەتبەئە ماشىنىسى،مەتبەئە مېيى ،ماتىريالىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئامىلنى مۇجەسسەملەشتۈرگەنلىكىدە ھەمدە سۈپەتلىك ۋە ناھايتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپچىقىرىش بارغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ.
    9.كولۇمبو(1451-1506) كولۇمبو ياۋۇرپالىقلار ئۈچۈن ئىككى چوڭ قىتئەنى كەشىپ قىلىپ بېرىپ ،بارغانسىرى كۆپىيۋاتقان ئاھالىلەرگە يېڭى ماكان تېپىپ بەردى.



    10.ئېينىشتېيىن(1879-1955) ئېينىشتېيىن 20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئالىم ،ئىنسانىيەت تارىخىدا ئىجاتچانلىق ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك ،دەپ ھەممە ئېتىراپ قىلغان كىشلەرنىڭ بىرى.



    11.ماركىس(1818-1883) پەيلاسوپلارنىڭ مۇھىملىقى ئۇلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىدە بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن -كۆرسەتمىگەنلىكىدە ھەمدە كىشلەرنىڭ بۇ ئىدىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا تۈرىتكە بولغان -بولمىغانلىقىدا .ئەگەر بىز ماركىسقا بۇ جەھەتتە باھا بىرىدىغان بولساق ،ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ غايەت زور مۇھىم رولغا ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.



    12.پاستېر (1822 1895) فىرانسىيىلىك خىمىك ۋە مىكروبىئولوگ پاستېر مېدىتسىنا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مەشھۇ شەخىس دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.



    13.گالىلېي (1563-1642) گالىلېي ئىتالىيىلىك ئالىم .ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم پەن تەرەقىياتىدا كۆرسەتكەن ئۇلۇغ تۆھپىسى ھەر قانداق ئادەمنىڭكىدىن زور.



    14.ئارېستوتىل (مىلادىدىن بۇرۇن384-321)ئارېستوتىل قەدىمقى زاماندا ئۆتكەن دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپ ۋە ئالىمئۇ فورمال لوگىكىنى بەرپا قىلغان .ئۇ ئېنسىكلوپېدست مۇتەپەككۈر بۇلۇش سۈپىتى بىلەن ،پەلسەپەنىڭ ھەر قايسى تارماق پەنلىرىنى بېيىتتى،ئۇنىڭ تۆھپىسى نۇرغۇنلىغان پەنلەردە كۆرۈلدۇ،ئۇ نۇرغۇن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەندى.



    15.لېنىن (1870-1924) لېنىن دېگەن تەخەللۇس بىلەن تونۇلغان ۋىلادىمىر ئىلىئىچ ئوليانوۋ -روسىيىدە كوممۇنىزمنىڭ ئۇلىنى قۇرغان سىياسى داھىي.ئۇ كارىل ماركىسنىڭ سادىق شاگرتى ،ئۇ كارىل ماركىسنىڭ ئىزىدىن قەدەم بېسىپ ماڭدى ۋە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.لېنىننىڭ تۇتقان كومىنىزىم يۇلى دۇنيادا تىزدىن تارقالغانلىقى ئۈچۈن ،ئۇ ئىنسانىيەت تارىخىدا زور تەسىرگە ئىگە شەخىسلەرنىڭ بىرى دەپ ئېتىراپ قىلىندى.


    16.مۇسا ئەلەيھىسالام (مىلادىدىن13ئەسىر بۇرۇن) مۇسا ئەلەيھىسالام ئالەمدىن ئۈتۈپ بۈگۈنكى كۈندىمۇيەھۇدى دىنى مۇرىتلىرى ،خىرىستىئان دىنى مۇرىتلىرى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بۇلۇپ كەلمەكتە.

    17.دارۋىن (1809-1882)تەدىرجى تەرەقىيات نەزەرتىسىنىڭ ئاساسچىسى دارۋىن 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگىليىنىڭ شرۇسبىلدە تۇغۇلغان.دارۋىن -تەدىرجى تەرەقىيات نەزەريىسىنىڭ بەرپاچىسى .ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ خىل نەزەريىنى ئوتتۇرغا قويغانلار چىقمىغاندى.دارۋىننىڭ تۆھپىسى ئۇ پەقەت تەبىئى تاللىنىش تەزەريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپلا قالماستىن ،يەنە نۇرغۇنلىغان قايىل قىلارلىق ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق ،ئۆزىنىڭ تۈرلەرنىڭ ئۆزگىردىغانلىقى ،ماسلىشىشچانلىقى بارلار ھايات قالدىغانلىقى ،سۈپەتلىكلەر ساقلىنىپ قالدىغانلىقى ،سۈپەتسىزلەر يوقىلدىغانلىقى توغىرسىدىكى قىياسىنى ئىسپاتلاپ چىقتى.



    18.چىن شىخۇاڭ (مىلادىدىن بۇرۇن259-210) جوڭگو پادىشاھى چىن شىخۇاڭ مىلادىدىن 238يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن مىلادىدىن 210يىل بۇرۇنقى ۋاقىتقىچە تەخىتتە ئولتۇرغان.ئۇ جۇڭگونى قۇرال كۈچىگە تايىنىپ بىرلككە كەلتۈردى ۋە بىر يۈرۈش ھەل قىلغۇچ ئىسلاھاتلارنى يۈرگۈزدى.بۇ ئىسلاھاتلار شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ جۇڭگو مەدىنيىتىنىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى بۇلۇپ قالدى.



    19. ئاۋغۇسىت (مىلادىدىن 63يىل بۇرۇن -مىلادى14-يىلى) قەدىمقى رىم ئىمپىريىسىنىڭ تۈنجى كورۇلى ئاۋغۇسىت تارىختىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ بىرى .مىلادى 1-ئەسىردە ،ئۇ رىم جۇمھۇريىتىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان ئىچكى ئۇرۇشنى باستۇرۇپ ،رىم ھۆكىمىتىنى قايتىدىن تەشكىللىدى.ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل ۋە ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىنكى ئىككى ئەسىر ،رىم جەمئىيىتى ئىچكى جەھەتتە تىنىچ ۋە گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋىر ئىدى.
    20.ماۋزېدۇڭ (1893-1976) ماۋزېدۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ھاكىميەتنى قولغا كەلتۈردى.ئۇ جۇڭگونى ئۆزگەرتىش ئىشىغا 27يىل رىياسەتھىلىك قىلدى.



    21.چىڭگىزخان (1162-1227) بۈيۈك مۇڭغۇل ئۇلۇسىنىڭ قۇرغۇچىسى چىڭگىزخان تەخمىنەن 1162-يىلى تۇغۇلغان .ئاتىسى ئۇنىڭغا تېمۇچىن دەپ ئىسىم قويغان؛1206- يىلى مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى ۋە سەركەردىلىرى قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈپ ،تېمۇچىنغا «دۇنيا ئىمپېراتۇرى »دېگەن مەنىدە «چىڭگىزخان»دەپ نام بەردى.



    22.ئېۋكلىد (مىلادىدىن300 يىل بۇرۇن) ئېۋكلىديازغان «گېئومېترىيە ئاساسلىرى»ئىشلىتىلۋاتقىلى 2000يىلدىن ئاشتى .بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەڭ ياخشى دەرىسلىك كىتاب.ئېۋكلىدنىڭ نيۇتونغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ ناھايتى زور ھەم ئىنتايىن روشەن ئىدى.


    23.مارتىن ليۇتېر (1483 -1546) مارتىن ليۇتېر 16-ئەسىردە ئۆتكەن ياۋرۇپالىق دىنىي ئىسلاھات ھەركىتىنىڭ باشلامچىسى،خرىستىئان دىنى ليۇتېر مەزھىپى (يېڭى دىن)نىڭ بەرپاچىسى.ئۇ 1483-يىلى تيورىنگىيەنىڭ ساكسونىيە رايۇنىدىكى ئېسلېبېس شەھىرىدە تۇغۇلغان.




    24.كوپېرنىك (1473-1543) كوپېرنىك ئۇلۇغ پولەك ئاسترونومى .ئۇ 1473-يىلى پولشانىڭ شەرقى قىسمدىكى تولۇن شەھرىدە ھاللىق ئائىلدە دۇنياغا كەلدى.كوپېرنىكنىڭ «پلانېتلار ھەرىكىتى»نىڭ بارلىققا كېلىشى يېڭى ئاسترونومىينىڭ باشلىنىشى بۇلۇپلا قالماستىن ،بەلكى بارلىق يېڭى پەننىڭ باشلىنىش نوقتىسى دەپ قارالماقتا.




    25.ۋات (1736-1819) كىشلەر دائىم شوتلاندىيىلىك ۋاتنى پار ماشىنىسىنى كەشىپ قىلغۇچى ،سانائەت ئىنقىلابىنىڭ ئاساسچىسى دېيشىدۇ.ئەمەليەتتە ،ۋات پار ماشىنىسىنى ياسىغان تۇنجى ئادەم ئەمەس.مىلادى بىرىنچى ئەسىردە ،ئىسكەندەرىيىلىك ئالىم ھېيلو مۇشۇنىڭغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ماشىنىنى تەسۋىرلەپ ئۆتكەن.




    26.ئېمپېراتور كونستانتىن (280-337) كونستانتىن خرىستىئان دىنىغا ئېتقاد قىلغان تۇنجى رىم ئىمپېراتورى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ يۈز كىشى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا پۈتۈنلەي ھەقلىق.كونستانتىن خرىستىئان دىننىڭ قېقىلىپ -سوقۇلۇپ يۈرگەن كىچىك بىر گۇرۇھتىن ياۋرۇپانى كونترول قىلغان زور بىر دىنغا ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.

    27.ۋاشىنگتون (1732-1799) گېئورگى ۋاشىنگتون1732-يىلى ئامېرىكا ۋىرگىنيە شتاتىنىڭ ۋېستىمولاند دېگەن يېرىدە تۇغۇلدى. ئۇ بىر ھاللىق قورۇق ئىگىسىنىڭ ئوغلى بولۇپ ،20يېشىدا كاتتا بىر قورۇللا ۋارىسلىق قىلدى.



    28.فارادېي (1791-1867) فارادېي 1791-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ شىمالىي ئامپتون شەھرىدە نامرات بىر ئائىلىدە تۇغۇلغان.ساۋاتىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپچىقارغان،14يېشىدا كىتاپ تۈپلەيدىغان بىر زاۋۇتقا شاگىرىتلىققا كىرگەن.بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ يەردە نۇرغۇن كىتاپلارنى ئۇقۇپ چىققان.20يېشىدا ئەنگىليىلىك مەشھۇر خىمىك دېۋىدنىڭ دەرىسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولغان ھەمدە بۇ ئالىمغا قاتتىق ئشتىياق باغلىغان،كىيىن ئۇ بۇ خىمىككە ياردەمچى بولغان .فارادېينىڭ ماتىماتىكا ئاساسسى كەمچىل بولسىمۇ ،بىراق ئۇ كىشىنى قايىل قىلارلىق فىز -پراكتىكا ئالىمى بۇلۇپ قالدى.ئۇنىڭ ئېلىكتىر ھەققىدىكى تۇنجى كەشپىياتى 1831-يىلى ۋۇجۇتقا كەلگەن.




    29.ماكسۋېل(1831-1879) ئەنگىلىيىلىك ئۇلۇغ فىزىك ماكسۋېل ئېلېكترىكا ۋە ماگنىتكا ئىلىمىنىڭ ئاساسي قانۇنيەتلىرىگە ئائىت تەڭلىمىلەر سىستېمىسىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش بىلەن ھەممىگە تۇنۇلغاندى.ماكسۋېل1831-يىلى ئېدىنبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلدى.ئۇ ئەقلى جەھەتتە بۇرۇن يىتىلگەندى.15يېشىدا ئېدىنبۇرگ شەھرىدىكى خان جەمەتى جەمئىيىتىگە ئىلمىي ماقالىسىنى تاپشۇردى.ئۇ كامبرىد داشۆسىدە ئوقۇغان .ئۇ نيۇتون بىلەن ئېينىشتېيىن ئارلىقىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى ئىدى.بەخىتكە قارشى ئئۇ راك كىسىلىگە گرىپتار بولۇپ ،48يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.



    30.ئاكا -ئۇكا رايتلار :ۋىلبور(1867-1912)؛ئورۋېل(1871-1948) ۋىلبور 1867-يىلى ئامېرىكا ھىندىيانا شتاتىنىڭ مىلۋىل دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ ئىنىسى ئورۋېل1871-يىلڭ ئوھىئو شىتاتىنىڭ دايدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئاكا -ئۇكا ئىككىيلەننىڭ مېخانىكا جەھەتتە تالانتى بۇلۇپ ،ھەر ئىككىلىسى ئۇچۇشقا ھەۋەس قىلاتتى.1903-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى ،ئاكا -ئۇكا رايتلار ئىشلەپچىقارغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ماتورلۇق ئايرۇپىلان شىمالىي كارولىنا شىتاتىنىڭ كىدىخوك ئەتراپىدا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى.ئاكا -ئۇكا ئىككەيلەن ئىككى قېتىمدىن ئۇچتى،ئورۋېل 1-قېتىم 12سېكۇنىت ئىچىدە 120فوت ئارلىقنى ئۇچۇپ بولدى.ۋىلبور ئاخىرقى قېتىمدا 59سېكۇنىت ئىچىدە 852فوت ئارلىقنى ئۇچۇپ بولدى.بۇ ئايرۇپىلانغا «ئۇچقۇچى 1»نۇمۇر دەپ نام بېرىلدى.ئۇنىڭ قىممىتى 1000 ئامرىكا دوللىرى ئىدى.ئۇنىڭ قانتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40فوت،ئايرۇپىلاننىڭ ئېغىرلىقى 750 قاداق كېلەتتى .ماتورنىڭ قۇۋىتى 12 ئات كۈچى ،ئېغىرلىقى 170 قاداق كېلەتتى.بۇ ئايرۇپىلان بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر ۋاشىنگىتون دۆلەت ئاۋىئاتسىيە كۆرگەزمىخانىسىدا ساقلانماقتا.

    31.لاۋازېر (1743-1794) فىرانسىيىلىك مەشھۇر ئالىم لاۋازېر خىمىيە پېنىنىڭ تەرەقىيات تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخىس. لاۋازېر بىرىنچى بۇلۇپ خىمىيە رېئاكسىيىسىدە ماددىنىڭ يوقالمايدىغانلىق قانۇنىنى ئوتتۇرغا قويغانىدى.خىمىيە رېئاكسىيىسى ماددىدىكى ئېلېمېنىتلارنىڭ بىرىكىشىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،بىراق ماددا يوقالمايدۇ. فىرانسىيە ئىنقىلابى مەزگىلدە ،لاۋارېز باشقا 27 كىشى بىلەن قولغا ئېلىنىپ ،ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ.1794-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ھۆكۈم ئىجىرا قىلىنىدۇ. لاۋارېز ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى تەتقىقاتنى داۋاملاشتۇردۇ.





    32.فروئىد (1856-1939) روھىي ئانالىزاتسىيىنىڭ ئاساسچىسى فروئىد 1856-يىلى ،ئەسلى ئاۋسترىيە ئىمپېريىسىگە تەۋە،ھازىر چېخوسلوۋاكىيە تەۋەلىكىدىكىفرېيبۇرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان.فروئىدنىڭ پسخولوگىيە پېنىدە كۆرسەتكەن تۆھپىسىغايەت زور،ئۇنى تىل بىلەن يەكۈنلەش قىيىن.ئۇ ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئېڭى ئىنساننىڭ قىلمىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.ئۇ يەنە بۇ خىل يۇشۇرۇن ئاڭكىشلەرنىڭ چۈشىگە،خاتا سۆزلەپ قېلىشى،ئىسىملارنى ئۇنتۇپ قېلىشى ۋە كىشلەرنىڭ ئۆزىدە يۈز بېرىدىغان قىسمەن ئىشلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ،ھەتتا قىسمەن كېسەللەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتكەنىدى



    33.ئىسكەندەر زۇلقەرنەين (مىلادىدىن بۇرۇن 356-323) قەدىمقى زاماندىكى ئىستىلاچىلار ئىچىدە ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ئەڭ مەشھۇر ھېسابلىنىدۇ.ئۇ مىلادىدىن بۇرۇن 356-يىلى گرېتسىيە تەۋەسىدىكى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى پىرادا تۇغۇلغان.مىلادىدىن بۇرۇن 323-يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەين كېزىك بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇ چاغدا ئۇ ئاران 33 ياش ئىدى. ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ دۇنيادىكى تەسىرى ناپولېئون،گىتلېرلارغا سېلىشتۇرغاندا زور،شۇڭلاشقا مېنىڭچە بۇ 100 شەخىس ئىچىدە ئۇنى كېيىنكى ئىككىسىنىڭ ئالدىغا قويۇشقا تامامەن ھەقلىقمىز.



    34.ناپولېئون (1769-1821) فىرانسىيىلىك گېنېرال ،فرانسىيىنىڭ تۇنجى ھۆكۈمرانى ۋە ئىمپېراتور ناپولېئون』 1979-يىلى كورسىكا ئارىلىنىڭ ئاياكشو شەھرىدە تۇغۇلغان .ئەسلى ئىسمى ناپولېئون بوناپارت ئىدى.1821-يىلى تېخى 52ياشقا توشمىغان ناپولېئون راك كىسىلى بىلەن جەنۇبى ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇقەددەس ھېلېنا دەيدىغان بىر كىچىك ئارالدا ۋاپات بولىدۇ.



    35.گىتلېر (1889-1945) گىتلېر 1889-يىلى ئاۋسترىيىنىڭ بلاۋنو دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان.ئۇ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرالمىغان رەسسام ئىدى.ئۇ ئىككى قېتىم ۋېناغا بېرىپ گۈزەل -سەنئەت شۆيۈەنىگە ئىنتىھان بېرىپ ئۆتەلمەيدۇ،بىراق ئۇ ياش ۋاقتىدا گېرمانىيىگە سادىق ۋەتەنپەرۋەرگە ئايلانغانىدى.كىيىن ئۇ ناتسىسلار پارتىيىسىنىڭ ئىچىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان داھىي بۇلۇپ قالىدۇ.1940-يىلى گىتلېرنىڭ ئالتۇن دەۋرى ئىدى.ئەمەلىيەتتە ،ئۇنىڭ قوشۇنى 4-ئايدا دانىيە بىلەن نورۋىگىيىنى ،5-ئايدا گوللاندىيە،بېلگىيە ۋە ليۇكسېمبورگنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.6-ئايدا فرانسىيىنى مەغلۇپ قىلدى؛بىراق ،يىل ئاخىرىدا ،ئەنگىليە گېرمانىيىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا قاتتىق تاقابىل تۇرغانلىقتىن ،گىتلېر غەلبە قىلالماي قالدى.ستالىنگراد ئۇرۇشىدىن كېيىن ،گىتلېر يەنە ئىككى يىل تىرمىشىدۇ،ئۇنىڭ پاجىئەلىك خاتىمىسى1945-يىلى يېتىپ كېلىدۇ.گېرمانىيە تەسلىم بۇلۇپ يەتتە كۈندىن كىيىن ،گىتلېر 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بېرلىندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالىدۇ.





    36.شېكېسپېر (1564-1616) ئەنگىلىيىلىك شائىر ،دراماتورگ شېكېسپېر 1564-يىلى ئەنگىليىنىڭ ستراتغورد شەھرىدە تۇغۇلغان.ئۇنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ناھايىتى چوڭقۇر ئىدى.بىراق ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇمىغانىدى.18يېشىدا 26ياشلىق بىر قىز بىلەن توي قىلىپ ،21 ياشقا توشماي تۇرۇپلا ئۈچ پەرزەنىت كۆرىدۇ.شېكېسپېر بارلىق ئەدەبىياتچىلار ئىچىدە تەڭدىشى يوق تالانىت ئىگىسى .ھازىرقى زاماندا ۋىرگىل ،گومېرلارنىڭ ئەسىرىنى ئوقۇيدىغانلار ناھايىتى ئاز ،بىراق شېكېسپېرنىڭ دارامىسىنى قۇيىدىغانلا بولسا تاماشىبىنلىرى ناھايىتى كۆپ بولىدۇ.گەرچە شېكېسپېر ئىنگىلىز تىلىدا ئەسەر يازسىمۇ ،ئۇ يەنىلا دۇنياغا مەشھۇر شەخىس.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى نۇرغۇن تىللاردا تەرجىمە قىلىندى،ئۇنىڭ سەھنە ئەسەرلىرى نۇرغۇن ئەللەردە قويۇلدى.





    37.ئادام.سىمىت (1723-1790) ئىقتىساد نەزەريىسى تەرەقىياتىدا ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپە قوشقان شەخس ئادام .سىمىت 1723-يىلى شوتلاندىيىنىڭ كىركالدى شەھرىدە تۇغۇلغان.ياش ۋاقىتلىرىدا كامبرىد ،ئوكسفورد داشۆلىرىدە ئوقۇغان.1751-1764-يىللىرغىچە گلازگو داشۆسىدە پروفېسسوربولۇپ تۇرغان. بۇ جەرياندا ئۇ ئۆزىنىڭ تۇنجى ئەسىرى «ئەخلاق -پەزىلەت توغىرسىدا »نى ئېلان قىلىپ ،ئىلىم ساھەسىدە شۆھرەت قازىنىدۇ.ھەۋالەنكى ،ئۇنى مەڭگۈلۈك شۆھرەتكە ئېرىشتۈرگەن ئۇنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «مىللىي بايلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە سەۋەبلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەر 1776-يىلى ئېلان قىلىنغان .كىتاب ئوقۇشتىكى زور مۇۋەپپەقىيەت ،ئادام ،سىمىتنىڭ پۈتۈن ھاياتىغا شان -شۆھرەت يەتكۈزدى.ئۇ 1790-يىلى كىركالدى شىھرىدە ئالەمدىن ئۆتتى .ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆيلەنمىگەنىدى.




    38.ئېدىسون (1847-1931) نۇرغۇن كەشپىياتلار ياراتقان كەشپىياتچى ئېدىسون 1847-يىلى ئامېركىدىكى ئوھئو شىتاتىنىڭ مىلان شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئاران ئۈچ ئاي مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن،مۇئەللىم ئۇنى كاللىسى ئىشلىمەيدىغان دۆت بالىلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن.ئېدىسون بىر كەشپىياتچى بۇلۇپلا قالماستىن ،ئۇ يەنە بىر قانچە سانائەت شىركەتلىرىدە ئىشلىگەن ،ھەم بىر سانائەت شىركىتى قۇرغان،كىيىن بۇ شىركەت «ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى »دەپ ئاتالغان.ئېدىسوننىڭ قۇلىقى پاڭ بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان خىزمەت ئىقتىدارى ئۇنىڭ بۇ ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇپ كەتكەنىدى.ئېدىسون ئىككى قېتىم ئۆيلەنگەن،تۇنجى ئايالى قازا بولغاندا ئۇ تېخى ياش ئىدى.ئۇنىڭ ھەر بىر ئايالىدىن ئۈچتىن بالىسى بار.1931-يىلى ئۇ نىيۇ-خېرسى شتاتىنىڭ ۋوتېئولان شەھىردە ۋاپات بولغان. ئېدىسۇن ھەممە ئېتىراپ قىلغان كارامەت تۇغما تالانىت ئىگىسى شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇلۇغ كەشپىياتچى.





    39.لېئوۋېنخوك (1632-1723) باكتىريىنى كەشىپ قىلغان لېئوۋېنخوك 1632-يىلى گوللاندىيىنىڭ دېرفوتتا بىر ئوتتۇرا بۇرژۇئا ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن،ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ كۆپ قىسىمى ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچىسى بۇلۇش بىلەن ئۆتكەن.لېئوۋېنخوك نۇرغۇن زور بايقاشلارنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.ئۇ تۈنجى بولۇپ ھاشارەت ،ئىت ۋە ئادەم قاتارلىقلارنىڭ ئۇرۇقىنى تەسۋىرلىگەن.1684-يىلى ئۇ ئالدىنقىلارنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ئاساسىدا ھىمانتىك ھۈجەيرە (قىزىل قان ھۈجەيرىسى) نى توغرا تەسۋىرلەپ بەرگەن.1674- يىلى ئۇنىڭ تۈنجى قېتىم باكتىريىنى كۆزىتىپ چىققانلىقى لېئوۋېنخوكنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بايقىشى ھېساپلىنىدۇ. لېئوۋېنخوك ئىككى قېتىم ئۆيلىنىپ ئالتە پەرزەنىت كۆرگەن،بىراق نەۋرە كۆرمىگەن.1723-يىلى ئۇ 90 يېشىدا گوللاندىيىنىڭ دېرفوتتا ۋاپات بولغان.





    40.ئەپلاتون (مىلادىدىن بۇرۇن 427-347) گرېتسىيىلىك ئۇلۇغ پەيلاسوپ ئەپلاتون غەرىب سىياسى پەلسەپەسىنىڭ باشلىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئەخلاقى قاراش ۋە مىتافىزىكا (دۇنيانىڭ تۈپ ئاساسى توغىرسىدا)نىڭ ئاساس سالغۇچىسى.ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىدىيە ۋە ئۇقۇملىرى تەتقىق قىلىنۋاتقىلى 2300يىل بولدى،شۇڭلاشقا ئەپلاتون غەرىب ئىدىيىسىنىڭ پېشىۋاسى دەپ قارىلىدۇ.ئەپلاتون تەخمىنەن مىلادىدىن 427 يىل بۇرۇن گرېتسىيىنىڭ ئافىنادا بىر ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان .ياش مەزگىلىدە ئۇلۇغ پەيلاسوپ سوقرات بىلەن تونۇشىدۇ،كېيىن سوقرات ئەپلاتوننىڭ دوستى ھەم ئۇستازى بولۇپ قالىدۇ.





    41.ماركونى (1874-1937) رادىئونى كەشىپ قىلغان ماركونى 1874-يىلى ئىتالىيىنىڭ بولۇنىيە دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان،ئائىلە ئەھۋالى ھاللىق سەۋىيىدە ئىدى،ئائىلە ئۇقۇتقۇچىسى قولىدا تەربىيە كۆرگەن.1896-يىلى ماركونىنىڭ يېڭى كەشپىياتى ئەنگىليىدە پاتېنتقا ئېرىشتى .ئىككىنچى يىلى ماركونى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالىدا ئەنگىليە بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتىدىغان رادىئو ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.گەرچە ئۇنىڭ مۇھىم كەشپىياتى بولغان رادىئو 1900-يىلى پاتېنىتقا ئېرىشكەن بولسىمۇ ،بىراق ئۇ قەتئىي بوشاشماي ئىشلەپ ،كۆپ تۈرلۈك مۇھىم بولغان ،ئۆزگەرتىش كەشپىياتى جەھەتتە پاتېنتقا ئېرىشكەن .ئاخىرى 1901-يىلى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالىدا ئەنگليىدىن ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ ،نيوفاندلېند بىلەن بولغان رادىئو ئالاقىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.




    42.بېتخوۋېن (1770-1827) تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ كومپوزىتور بېتخوۋېن 1770-يىلى گېرمانىيىنىڭ بوتىن شەھرىدە تۇغۇلغان. تەغدىر قەستەن ئويناشقاندەك ئۇلۇغ كومپوزىتورنى ئاڭلاش ئىقتىدارىدىن ئايرىپ قويدى.ۋاھالەنكى ئەمەلىيەت تەسەۋۋۇردىن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار بولدى،بېتخوۋېن ئەشۇ زۇلماتلىك كۈنلەردە تامام قىلغان ئەسىرى دەل ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم،ئەڭ نەپىس ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قالدى.ئۇ 1827-يىلى 57يېشىدا ۋېنادا ۋاپات بولدى. بېتخوۋېننىڭ ئەسەرلىرى توققۇز سېمفونىيە،32پىئانىنو سونىتىسى،ئوركېسترنىڭ تەڭكەش قىلىنىشىبىلەن پىئانىنودا ئورۇنلىغان مۇزىكىدىن بەش ،پىئانىنو بىلەن ئىسكىراپكا سونىتىسى ۋە بىر يۈرۈش تارىلىق چالغۇ مۇزىكىلىرى ،ناخشا مۇزىكىلىرى يەنە ئوپېرا مۇزىكىلىرى قاتارلىق مۇزىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بېتخوۋېن ھەقىقى بىر مۇزىكانىت .ئۇنىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسىدا ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتى ناھايتى ئۇزۇن تەسىر كۆرسەتتى .بېتخوۋېن كلاسسىك مۇزىكىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى جەملەپ ،رومانتىزىم مۇزىكىلىرىنىڭ ياراتقۇچىسى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نۇرغۇنلىغان رومانتىك تالانتقا ئىگە مۇزىكانتلار ئۈچۈن زور ئىلھام بەخىش ئەتتى.



    43.ھېيزېنبېرگ (1901-1976) 1932-يىلى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتى گېرمانىيىلىك فىزىك ھېيزېنبېرگگە بېرىلدى.چۈنكى ئۇ فىزىكا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەتنىڭ بىرى -كۋانت مېخانىكىسىنى كەشىپ قىلغانىدى.ھېيزېنبېرگ 1901-يىلى گېرمانىيىنىڭ ۋىتزنبورگدا تۇغۇلغان .1923-يىلى ئۇ ميۇنخېن داشۆسىدە نەزەرىيە فىزىكىسى دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن .1924-يىلدىن 1927-يىلغىچە ،كوپېنھاگېندە دانىيىلىك مەشھۇر فىزىك بېل بىلەن بىرگە خىزمەت قىلغان .1925-يىلى كۋانت مېخانىكىسىگە ئائىت تۇنجى ماقالىسىنى ئېلان قىلغان .1927-يىلى «دەل ئۆلچىگىلى بولماسلىق قائىدىسى »نى ئوتتۇرغا قويغان.1976-يىلى 76يېشىدا ۋاپات بولغان.ئۇ ئۆيلەنگەن ھەم يەتتە پەرزەنت كۆرگەن.





    44.بېل (1847-1922) تېلفۇننىڭ كەشپىياتچىسى بېل 1857-يىلى شوتلاندىيىنىڭ ئېدىبورگ شەھىرىدە تۇغۇلغان.گەرچە ئۇ پەقەت بىر نەچچە يىللا مۇنتىزىم مەكتەپ تەربىيىسى كۆرگەن بولسىمۇ،بىراق ئۇ ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ۋە ئائىلە تەربىيىسى ئارقىلىق مەدەنىيەت ئاساسىنى ياخشى سېلىۋالغان.ئۇ گاسلارنىڭ كۆرگىلى بولىدىغان تىلىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى ،چۈنكى ئۇنىڭ دادىسى گاس -گاچىلارنى تەربىيلەيدىغان مۇتەخەسىسى ئىدى.1871-يىلى بېل ئامېركىنىڭ ماسساچوستېس شىتاتىدىكى بوستون شەھرىگە بېرىپ ئۆز كەشپىياتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ ،تېلفۇننى ئىجاد قىلىدۇ.1876-يىلى 2-ئايدا پاتېنىت ئىلتىماسىنى تاپشۇرىدۇ،نەچچە ھەپتىدىن كىيىن پاتېنىت ھۇقۇقىغا ئېرىشىدۇ.قىزىق يىرى شۇكى ،بېل پاتېنىت ئىلتىماسىنى تاپشۇرغان كۈنى يەنە بىر ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاش پاتېنىت ئىلتىماسىنى سۇنىدۇ،بىراق ،ئۇ بېلدىن بىر سائەت كېيىن قالغانىدى.




    45.فېمىڭ (1881-1955) پېنتىسىللىننى كەشىپ قىلغۇچى فېمىڭ 1881- يىلى ئەنگىليىنىڭ روشپىد دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان .ئۇ لوندۇن سانتا -مارىيە تىببي ئىنىستوتىنى پۈتتۈرۈپ ،ئىممۇنىتېت ھادىسىسى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.1928- يىلى فېمىڭ ئۆزىنىڭ تەجىربىخانىسىدا بىر خىل زەمبۇرۇغ بىلەن بۇلغىنىشنى مەخسەت قىلغان باكتىريە يېتىشتۈرۈش تەجىربىسى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا،زەمبۇرۇغ ئەتراپىدا باكتېريە يوق بىر دائىرنى بايقايدۇ.فېمىڭ بۇنىڭدىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىردۇ؛ ئەشۇ خىل زەمبۇرۇغ بىر خىل زەھەرلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىپ ،باكتىريىنى ئۆلتۈرگەن،ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە مۇنداق زەھەرلىك ماددا يەنە بىر نەچچە خىل زەھەرلىك باكتېريىنى ئىشلەپچىقىردىغانلىقىنى بايقايدۇ. خېمىڭ زەمبۇرۇغنىڭ نامى بىلەن بۇ خىل زەھەرلىك ماددىنى «پېنتىسىللىن »دەپ ئاتايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانغا زىيىنى يوقلىقىنى بايقايدۇ.پېنتىسللىننىڭ بايقىلىشى باشقا باكتىريىگە قارشى دورىلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە ئىلھام بولدى.فېمىڭنىڭ ئائىلىسى بەخىتلىك ۋەم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئائىلە .ئۇ بىر پەرزەنىت كۆرگەن ،1945- يىلى ئۇ چېنېن ،فىلورى بىلەن بىرگە نوبېل بىئولوگىيە ۋە تىببى پەنلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .فېمىڭ 1955 -يىلى ۋاپات بولدى.

    46.بولىۋار (1783-1830) بولىۋار دائىم كىشلەر تەرپىدىن جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ۋاشىنگىتون دەپ تەرىپلىنىدۇ،چۈنكى ئۇ جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەش دۆلەتنى ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئازات قىلىش ھەركىتىدە مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ بەش دۆلەت :كولومبىيە ،ۋېنېسۇئېلا ،ئېكۋادۇر ،پېرو ۋە بولۋىيە .ھىچقانداق بىر سىياسئون چوڭ قىتئەدە بولىۋوردەك چوڭ رول ئويناپ باققان ئەمەس.بولىۋور يۈكسەك قابىليەتلىك كىشى ئىدى.ئۇ ئۇمۇمنىڭ مەنپەتى ۋە غايىۋى دىمۇكىراتىيە ئۈچۈن ،ئۆز نەپسىنى تارتىپ ،ئاخىرى مۇتلەق ھاكىميەت ھۇقۇقىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى .بىر قېتىم ھۆكۈمرانلىقنى ئۇنىڭغا بەرگەندە ئۇ رەت قىلدى .ئۇنىڭچە «ئازات قىلغۇچى »دېگەن نام پادىشا دىگەن نامدىن ياخشى ئىدى.

    47.كرۇمۋېل (1599-1658) كرۇمۋېل ئاجايىپ داڭلىق ھەربي قۇماندان .ئەنگىليە ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا پارلامېنت قۇشۇنىنى باشلاپ نۇرغۇن غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن .ئۇ ئەنگىليە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر خىل شەكلى -دېمۇكراتىك پارلامېنت ھۆكۈمىتىنى بەرپا قىلغۇچىلارنىڭ بىرى .

    48.لوك (1632-1704) لوك -دېمۇكراتىك ئاساسي قانۇنلۇق ئىدىيىنىڭ ئاساسي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن تۇنجى پەيلاسوپ ،ئۇنىڭ ئىدىيىسى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرغۇچىسىغا تەسىر كۆرسەتكەن .شۇنداقلا 18-ئەسىردىكى فىرانسىيە پەلسەپە ئاقارتىش ھەرىكىتى جەييانىدىكى نۇرغۇن پەيلاسوپلارغا تەسىر كۆرسەتكەن.لوك 1632-يىلى ئەنگىليىنىڭ لانگېدون دېگەن يېرىدە تۇغۇلغان .ئوكىسفورد داشۆسىدە ئوقۇغان ،ياش مەزگىلىدە ئىلىم -پەنگە ئىنتايىن قىزىقاتتى .36يېشىدا خان جەمەتى ئىلمىي جگمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىغا تاللانغان .نيۇتون بىلەن ياخشى دوستلاردىن ئىدى.

    49.مىكېل ئانگېلو (1475-1565) ئەدەبىيات -سەنئەتنىڭ گۈللىنىش دەۋرىدىكى ئۇلۇغ سەنئەتكار مىكېىل ئانگېلۇ ئىنسانىيەت سەنئەت تارخدكى مەشھۇر شەخىس.ئۇ-رەسام ،ئويمىكار ئارخىكېتۇر .ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتىكەن مول سنئەت ئەسەرلىرى تۈت ئەسىردىن بۇيان سانىسىزلىغان كشلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىتىرەتتى .شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ۋاقىتا ،ياۋرۇپانىڭ رەساملىق ۋە ئويمىچلىق سەنئتىگە غايەت زور تەسىر كۈرسەتتى.
    50.ئوربان2(1042-1099)كىشلەر رىم پاپىسى ئوربان2 نى ئۇنتۇپ كېتىشىكەن بولسمۇ،ئىنسانىيەت تارىخىغا شۇنداق زور تەسىر كۈرسەتكەن كىشلەر يەنىلا ئاز.ئوربان2 خرستئانىلار دۇنىياسىغا ئەھلىسەلىپنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئىيىسا ئەلەھيسلامنىڭ مەقىبەرسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەربىي يۈرۈش قىلىشىقا چاقىرىق قىلىشىقا چىقارىغان رىم پاپسىدۇر.





    评论

  • دارۋېن بىلەن لېنىننى قەۋەتلا ياقتۇرمايمەن .
    ياخشى تىمائىكەن ، خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا رەھمەت .
  • بەلەنكەنغۇ بۇ بلوگ