• 2011-01-06

    "ھەيز"دىن "تارىم"غىچە - [تور ئەدەبىياتى]

    ماقالەمنىڭ تېمىسىدىن "ئايران" بولمىغايسىز! بۇ ماقالەمدە ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرمۇنچە سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى پەرەزىي ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. سىز بۇنىڭدىن، تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ قىزىقارلىق تەرەققىيات جەريانىنى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ سۆزلەرنى ئىنتايىن يۇقۇرى ماھارەت بىلەن ياسىغانلىقىنى، تىلىمىزدا ئىنتايىن سىپتا سۆز ياساش قانۇنىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى سېزىشىڭىز مۇمكىن. "ھەيز"دىن "تارىم"غىچە -- ئىلھام نىزام -- (شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ھاياتلىق ئىنستىتۇتى) -- ماقالەمنىڭ تېمىسىدىن "ئايران" بولمىغايسىز! بۇ ماقالەمدە ئۇيغۇر تىلىدىكى بىرمۇنچە سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى پەرەزىي ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. سىز بۇنىڭدىن، تىلىمىزدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ قىزىقارلىق تەرەققىيات جەريانىنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ سۆزلەرنى ئىنتايىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ياسىغانلىقىنى، تىلىمىزدا ئىنتايىن سىپتا سۆز ياساش قانۇنىيەتلىرىنىڭ بارلىقىنى سېزىشىڭىز مۇمكىن.

    1. "ھ" ھەرپى ئارتۇقچە قوشۇلۇپ كەلگەن سۆزلەر

    *      تىلىمىزدا نۇرغۇن سوزۇق تاۋۇش بىلەن باشلانغان سۆزلەرنىڭ ئالدىغا، ئەرەپ تىلىنىڭ تەسىرىدىنمۇ قانداق، "ھ" ھەرپى قوشۇلۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئەشۇ سۆزلەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى بىر قەۋەت پەردە ئارقىلىق نىقاپلاپ تۇرىدۇ.

    *      مەسىلەن، "ھەشەمەت" سۆزىنى ئالساق، ئۇنىڭ ئەسلى ھالىتى "ئاشامەت" بولۇشى مۇمكىن؛ "ھاكاۋۇر" سۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتى "ئاكاۋۇر" بولۇشى مۇمكىن؛ "ھىلە" سۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتى بولسا "ئىلە" ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ؛ "ھاك" سۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ "ئاق" ئىكەنلىكىگىمۇ گۇمان سىغمايدۇ.

    *           ئاش + ئار + مەت → ئاشارمەت → ئاشامەت → ھاشامەت → ھەشەمەت
    *           ئاش + ئار → ئاشار → ھاشار (ئارتۇقىغا ھەم ھەقسىز قىلىنىدىغان ئەمگەك)
    *           ئاكا + ۋۇر → ئاكاۋۇر → ھاكاۋۇر (چوڭچىلىق قىلىدىغان)
    *           ئىل + ئە → ئىلە → ھىلە
    *           ئاق → ھاق → ھاك
    *           ئەز + ئىم → ئەزىم → ھەزىم (ئوزۇقلۇقنىڭ ئاشقازان ۋە ئۈچەيدە پارچىلىنىشى)
    *           ئۆرە + لىك → ئۆرەلىك → ئۆرۈلۈك → ھۆرۈلۈك → ھۆرلۈك
    *           ئاي + ران → ئايران → ھايران → ھەيران* (ئايغا ياكى ئىگىزگە قاراپ ھاڭ بېقىپ قېلىش)
    *           ئاي، ئاي → ھاي، ھاي (بالىلار سۆزى = چىرايلىق)

    *      "ئىل، ئاي، ئۆرە" قاتارلىق سۆزلەر تىلىمىزدا بىرقەدەر قەدىمىيدۇر، ھەم ئۇلارنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە سۆز ئىكەنلىكىدە شەك يوق. بۇ يەردە مەن "ئۆرە" سۆزىگە مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر ئۈستىدە كۆپرەك توختالماقچىمەن.

    *      ئۇيغۇر تىلىدىكى "ئۆچىرەت" سۆزىنىڭ مەنىسىنى ھەممىمىز بىلىمىز: مەلۇم بىر ئىشنى بىجىرەي دىسىڭىز، ئەگەر سىزگە ئوخشاش تەلىپى بارلارنىڭ سانى كۆپ بولسا، ھەمدە سىز ئالماقچى بولغان مۇلازىمەت ياكى مالنىڭ سانى چەكلىك بولسا، سىز چوقۇم ئىشنى تاشلاپ كېتەلمەيسىز ---- تەقەززالىق بىلەن، ئۆرە تۇرغان پېتىڭىز، ئۆز رېتىڭىزنى ساقلاشقا مەجبۇر بولىسىز. دىمەك، "ئۆچىرەت" سۆزىنىڭ ئەسلى قىياپىتى "ئۆرىچە رەت" (ئۆرە + چە + رەت)تىن ئىبارەت. قوشۇمچە يەنە بىر سۆزنى قىستۇرۇپ قوياي: "ساتراچ" سۆزى ئىچىگە بايا سىز "ئۆرىچەرەت"تە تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئاممىۋىي سورۇننىڭ تەرتىپىنى ساقلىغان "رەت" سۆزى يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى مۇنداق: ساچ(چاچ) + رەت → ساچرەت → ساچرات → ساتراچ.

    *      ئەگەر مەن "تەتۈر" سۆزى ئىچىگە "ئۆرە" سۆزى يوشۇرۇنغان، دىسەم ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن. تۇرپان شىۋىسىدە نۇرغۇن قەدىمىي ئۇيغۇر تىلى ئامىللىرى ئۆز پېتى ساقلانغان. مەسىلەن، توخسۇندا "تەتۈر"نى تا ھازىرغىچە "تۆتۈرە"، دېيدۇ. بۇنىڭدىن مەن "تۆتۈرە" سۆزىنىگ چارۋىچىلىقتىن كېلىپ چىققان بىر سۆز ئىكەنلىكىنى ئويلاپ يەتتىم: قوينى قىرقىش ياكى ئۆلتۈرۈپ تېرىسىنى سويۇش ئۈچۈن، ئۇنى ياتقۇزۇشقا، يەنى "تورت ئاياقىنى ئۆرە" قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

    *      تۆرت (ئاياقى) ئۆرە → تۆرت ئۆرە → تۆرتۈرە → تۆتۈرە → تۆتۈر → تەتۈر

    *      "ھۆرلۈك، ھۆرىيەت" سۆزلىرىمۇ "ئۆرە" سۆزىدىن كەلگەن (ئەسلى شەكلى "ئۆرۈلۈك، ئۆرىيەت") بولۇپ، كىشى ئالدىدا تىزلانماي مەزمۇت تۇرۇشنى بىلدۈرىدۇ. بۇنداق مەزمۇت تۇرۇش بىر خىل ئازاتلىق بولۇپ، پەقەت زوراۋانلىق كۈرىشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئازاتلىقنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىسى "ئەركلىك، ئەركىنلىك" بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى "نىمىنى ئويلىسا شۇنى قىلىش ياكى قىلالىش"، دېگەن بولىدۇ. بىر كىشى ئەركلىك ھالىتىگە يېتىش ئۈچۈن، ئۇ چوقۇم تەبىئەت دۇنياسىدىكى ۋە ئىنسانىيەت جەمىيىتىدىكى بارلىق قانۇن-قانۇنىيەتلەرنى (يەنى ھەقىقەتنى) پىششىق ئىگىلىشى كېرەك بولىدۇ. دىمەك، "ھۆرلۈك" ۋە "ئەركىنلىك" گەرچە مەنىداش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەنىلىرىنىڭ دەرىجىسى ئوخشاشمايدۇ.


    *      "جۇمھۇھرىيەت" سۆزىنىڭ ئەسلى شەكلى ئەلۋەتتە "جەم ھۆرىيەت" بولۇپ، "ئورنىدىن دەس تۇرغان كىشىلەر توپى"نى بىلدۈرىدۇ: جەم + ئۆرىيەت → جەمۆرىيەت → جەمھۆرىيەت → جەمھۇرىيەت → جۇمھۇرىيەت.

    *      ئەمىلىيەتتە، "ھ" ھەرپى قوشۇلۇپ قېلىش ھادىسىسى ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ يۈز بېرىپ تۇرىدۇ: "ئوسمان" دىگەن ئىسىمنى بىر قىسىم كىشىلەر "ھۆسمان" دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ؛ "ئوسما" بولسا "ھوسما"مۇ دىيىلىدۇ، توخسۇندا "ئەقىلسىز" دىگەننى "ھەقلى يوق" دېيدىغانلار خېلى بار ... ... دىمەك، "ھ" ھەرپى ئارتۇقچە قوشۇلۇپ قالىدىغان ئەھۋال، بىر خىل قانۇنىيەت سۈپىتىدە خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ.

    2. كەينىگە "ز" ھەرپى قوشۇلۇشتىن شەكىللەڭەن سۆزلەر

    *      ئۇيغۇر تىلىدا قايسى بىر زامانلاردا ئىسىم ۋە باشقا سۆزلەرنىڭ كەينىگە "ز" ھەرپىنى قوشۇش ئارقىلىق نۇرغۇن ناھايىتى باي مەزمۇنلارنى ئىپادىلىيەلەيدىغان سۆزلەر ياسالغان بولۇپ، بىزنىڭ بۇ جەھەتتىن داۋاملىق قېزىش ئېلىپ بېرىشىمىزغا ئەرزىيدۇ.

    *           لەۋ + ز → لەۋز
    *           تەر + ز → تەرز
    *           ئارا + ز → ئاراز
    *           ئۇستا + ز → ئۇستاز*
    *           كۆر + ز → كۆرز → كۆز ("ر" ھەرپىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى)
    *           بەر + ز → بەرز → بەز ("ر" ھەرپىنىڭ چۈشۈپ قېلىشى)
    *           غار + ز → غارز → كارز → كارىز** ("ئى" ھەرپىنىڭ قوشۇلۇپ قېلىشى)
    *           ئىككى + ز → ئىككىز (ئىككى كېزەك، ، 1-توم، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981، 194-بەت)
    *         ئاي + ز → ئايز → ھايز → ھەيز

    *      يۇقۇرقىلاردىن، سۆزلەر كەينىگە قوشۇلغان "ز" قوشۇمچىسىنىڭ ئەسلى سۆزنىڭ مەنىسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېپ-يېڭى مەنىلەرگە ئىگە سۆزلەرنى ياسىغانلىقىنى كۆرىسىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ماقالىنىڭ ماۋزۇسىدا ئۇچرىغان "ھەيز" سۆزىگە يولۇقىسىز.

    *      "ھەيز" سۆزىنىڭ مەنىسى: ئاياللاردا ۋە بالاغەتكە يەتكەن قىزلاردا بولىدىغان ھەر 28 كۈندە بىر قېتىم يۈز بېرىدىغان بالىياتقۇ قاناش ھادىسىسى. دىمەك، ئەجداتلىرىمىز ئاسمان جىسىمى ئاينىڭ ھەركىتى بىلەن دەۋرىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان "قاناش ھادىسىسى"نى "ئايز"، دەپ ئاتىغان.

    *      "ئۆغۇز" سۆزىنىڭ كېلىپ چىقىشى: ئۆغۇر + ز → ئۆغۇرز → ئۆغۇز (؟)

    *      بىر كۈنى مەن ئىنتېرنېتتا "糖尿病"نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى قانداق ئېلىش توغرىسىدا بولىۋاتقان مۇنازىرىلەرنى كۆرۈپ قالدىم: (1)"دىيابىت" دىسەكلا كۇپايە؛ (2)"دىيابىت كېسىلى"، دېيىش كېرەك؛ (3)"قەنتلىك دىيابىت"، دېيىش تىببىي ساھەدە بىرلىككە كېلىپ بولغان؛ (4)"قەنتسىز دىيابىت"مۇ بارمۇ؟ ......

    *      سۆز ئارقا قوشۇمچىسى "ز"نىڭ رولىنى ئويلىغىنىمىزدا، "糖尿病"نى "قەنز"، دەپلا ئالساق قانداق بولار؟ بۇ ھەقتە تىلشۇناسلىرىمىز ۋە تىببىي مۇتەخەسىسلىرىمىز ئويلىشىپ كۆرسە بولىدۇ. يەنە، "味精"نى "تېتىتقۇ"، دەپ ئىشلىتىپتىكەن، بولغاندەكمۇ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇنى "تەمز"، دېسەك تېخىمۇ ياخشى بولۇرمىكىن؟

    3. سۆز ئارقا قوسگۇمچىسى "ت"نىڭ رولى

    *      "ت" ھەرپىمۇ "ز" ھەرپىگە ئوخشاش سۆز ئارقا قوشۇمچىسى ھالىتىدە پېئىل ۋە سۈپەتلەرنىڭ كەينىگە ئۇلىنىپ، ئەسلى سۆزنىڭ مەنىسىنى كۈچەيتىپ يېڭى سۆز ياسايدۇ. مەسىلەن:

    *           تۈر + ت → تۈرت
    *           ۋاق (ۋاھ) + ت → ۋاقت
    *           ۋاھ → گاھ، گاھى (تۇرپان شىۋىسىدىكى "ۋ"نىڭ "گ"غا ئۆزگۈرۈشى)
    *           سۈر + ت → سۈرت
    *           قاي + ت → قايت
    *           خۇش + ت → خۇشت
    *           پوس + ت → پوست
    *           تار + ت → تارت
    *           قۇرۇ + ت → قۇرۇت

    *      يۇقۇرىقىلاردىن سۆز ئارقا قوشۇمچىسى "ت"نىڭمۇ ئىنتايىن زور سۆز ياساش ئىقتىدارى بارلىقىنى بىلىمىز. ئالدىنقى بۆلۈمدىكى "قەن" سۆزىنىڭ "قەنت" دەپ ئېلىنىشىمۇ "ت"نىڭ كۈچەيتىش رولىدىن بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە، "قۇرۇت" سۆزىگە يانداشتۇرۇپ ئىزاھلاپ ئۆتىدىغىنىم: ھاشارەت مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان "قۇرت" سۆزىنىڭ يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇزى بۇ يەردىكى "قۇرۇت" سۆزىگە ئوخشىمايدۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىككى سۆزنى پەرقلەندۈرمەي ئىشلىتىدۇ. ئەگەر بىز "قۇرۇت"نىڭ مەنىسىنىڭ "قۇرۇتىلغان پىشلاق" دىگەن مەنىدە ياسالغان سۆز ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، ئۇنداق خاتالىق سادىر بولمايدۇ.

    4. "تارىم"

    *      ئەمدى ماۋزۇدا ئېيتىلغان "تارىم" سۆزىگە كېلەيلى.

    *      3-بۆلۈمدە "تارت" سۆزىنىڭ "تار" سۆزىدىن كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدۇق. "تار" سۆزىنىڭ "ئىنچىكە، كەڭ ئەمەس، (ئارىلىق جەھەتتىن) قىسقا"، قاتارلىق مەنىلىرى بار بولۇپ، ئۇنى سۆز تومۇرى قىلىپ ياسالغان سۆزلەر ناھايىتى كۆپ:

    *           تار + ت → تارت، تارتما، تارتىن، تارتىنچاق
    *           تار + ئا → تارا (تارىماق)، تاراي، تاراغاق (تاغاق)
    *           تار + قا → تارقا، تارقال، تارقاق
    *           تار + ماق → تارماق
    *           تار + غىل → تارغىل → تاغىل
    *           تار + ئى → تارى → تېرى (تېرىماق = ئۇرۇق چاچماق)
    *           تار + ئىم → تارىم = تېرىلغۇ يەر
    *           تار + ئىك → تارىك → تېرىك (تېرىكمەك = كەيپىياتنى چاچماق)

    *      "تارت"نىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى: "تار" سۆزىگە ئارقا قوشۇمچە "ت" قوشۇلغاندىن كېيىن، سۆز مەنىسى كۈچىيىپ، ئادەم بىلەن جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ئەسلىتىنلا ئۇزۇن بولمىغان (تار) ئارىلىق قىسقىرايدۇ (تارت).

    *      "تارى (تېرى)" سۆزىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇنداق قىياس قىلايلى: بىز مېڭىۋاتقان كەڭ يول، بىر يەرگە كەلگەندە شاخلىنىپ، يول ئىنچىكىرەپ، يولنىڭ سانى بولسا كۆپىيىپ بارىدۇ، خۇددى كەڭ يول چېچىۋېتىلىپ، نۇرغۇن ئۇششاق يوللار شەكىللەنگەندەك. دىمەك، "تارىيىش"نىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى "چېچىلىش" بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن "تېرىماق"نىڭ مەنىسى "(يەرگە ئۇرۇق) چاچماق"، بولىدۇ.

    *      يىغىپ ئېيتقاندا، بىز "تارىم" سۆزىنىڭ ئەسلى مەنىسىنىڭ "تېرىلغۇ يەر" بولۇپ، تارىم ۋادىسىنىڭ بۇرۇنقى زامانلاردىن تارتىپلا خەلقىمىزنى بېقىپ كەلگەن مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. "تارىم" سۆزى مەخمۇت قەشقەرىنىڭ <> (1-توم)دا دەريانىڭ ئىسمى دەپ يېزىلغان. دىمەك، "تارىم"نىڭ يەر ئىسمى بولۇپ ئىشلىتىلىشى مەخمۇت قەشقەرى زامانىسىدىنمۇ نۇرغۇن يىللار ئىلگىرىكى ئىش بولۇشى كېرەك.

    5. خۇلاسە

    *      ئۇيغۇر تىلى ئەسلىدىن سۆزلۈككە ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىنتايىن باي بىر تىل. ئەمما بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە، خەلقىمىز ھېساپسىز ئۇچۇرلارغا دۇچ كېلىپ، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ۋاستىچىسى بولغان "ئەجنەبى" ئاتالغۇلار ئالدىدا نىمە قىلىشنى، يەنى ئۇلارنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي قېلىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە، نۇرغۇنلىغان تىلىمىزغا يات بولغان سۆز-ئاتالغۇلار ھەممىلا ساھەدە مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشمەكتە؛ بەزىلەر "ھازارەت" دىگەنگە ئوخشاش ناتونۇش ئەرەپچە سۆزلەرنى ئەپكىرىپ، "ئۇيغارلىق" دىگەنگە ئوخشاش تۈركىي نەسىللىك سۆزلەرگە ئورۇن بەرمەسلىككە ئۇرۇنسا، بەزىلەر ئەسلى شەكلى ئازراق ئۆزگىرىپ قالغان سۆزلۈكلىرىمىزنى ئەرەپچە ياكى پارسچە سۆز، دەپ ئۆرگەيلىمەكتە، يەنە بەزىلەر "باتۇر" دىگەنگە ئوخشاش ئانا تىلىمىزغا خاس بولغان سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىن ئۇيۇلۇپ، "باھادۇر"غا ئوخشاش تاشقىي دۇنيانى ئايلىنىپ ئەرەپلىشىپ-پارسلىشىپ قايتىپ كەلگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىشنى سەۋىيەنىڭ ئۆلچىمى قىلماقتا، ... قىسقىسى، بىزنىڭ تىلىمىز ھازىر ئۆزىنىڭ ئەسلى نەسلىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىغان دەرىجىدە دەپسەندە بولماقتا؛ كېلەچىكىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدىن بىشارەتلەر بېرىپ تەتقىقاتسىز قالماقتا.

    *      مەن ئىشىنىمەنكى، تىلىمىز ھەرقانداق ئۇقۇمنى ئىپادىلەشكە يېتىدۇ، گەپ تىل بايلىقىمىزنى قانداق قىلىپ قېزىشتا. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن تىلىمىزنى ھەرتەرەپلىمە، چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئېنگلىزچىنى ئۆگەنگەنلەر باشتا بۇ تىلنىڭ بەكلا قانۇنىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، ئەمما ئېنگلىزچە سەۋىيىسىنىڭ يۇقۇرىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ قانۇنىيەتلىرىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى، ھەمدە ئىنتايىن مۇكەممەللىكىنى ھېس قىلىدۇ. چۈنكى ئېنگلىز تىلىنى تەتقىق قىلىدىغان تىل ئالىملىرى ئەزەلدىن كەم ئەمەس. دىمەك، تىل ئىشلىتىشكە، تەتقىق قىلىشقا، راۋاجلاندۇرۇشقا مۇھتاج.

    --------------------------------------------------
    * ئۇيغۇرچە لۇھگەتلىرىمىدە، "ھەيران"، "ئۇستا"، "ئۇستاز" دىگەن سۆزلەرنىڭ مەنبەسى ئەرەپچە دىيىلگەن. مەزكۇر ماقالەمدىن بىلىسىزكى، بۇ سۆزلەر تۈركىي تىللارغا تەۋە سۆزلەردۇر.

    ** كارىز خەلقىمىز ئىجات قىلغان يەر ئاستى سۇ ئىنشاھاتى بولۇپ، ئىنتايىن ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئىراندىمۇ كارىز بار. بىراق، ئىرانلىقلار كارىزنى يەنە بىر خىل نام (قانات) بىلەنمۇ ئاتايدۇ. ئىراننىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ (گەرچە ئۇلاردا ھازىر بار بولغان كارىز بىلەن بىز دەۋاتقان كارىز فۇنكتسىيە جەھەتتىن پەرقلەنسىمۇ) "كارىز " سۆزى ۋە كارىزنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆزلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ، بىزنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمىزمۇ شۇنداق. [لىتىپ توھتىنىڭ ماقالىسى <<论كارىز及维吾尔人的坎儿井文化>>(民族语文، 2003/4)غا قاراڭ.]





    评论

  • توغرا دەيسىز، بىز تىلغا خېلى باي مەسىلە بۇنى ھازىرقىغا قانداق ماسلاش تۇرۇشتا.
    iplas回复wulkan说:
    داۋاملىق كېىپ تۇرۇڭ
    2011-01-06 14:25:10