• 2012-04-10

    باي ئاياللارنىڭ قۇچىقىدا غەمسىز ياشاۋاتقان 10 داڭلىق ئەر چولپان

    تاماشا ساھەسىدە ئايال چولپانلارنىڭ باي ئائىلىگە ياتلىق بولۇشى بىر خىل <قائىدە>گە ئايلىنىپ قالدى .ئايال چولپانلار ئاساسلىقى ياشلىقى ۋە گۈزەللىكىگە تايىنىپ تاماشا ساھەسىدە نام -ئاتاققا ئېرىشىپ نام چىقىرىدۇ .لېكىن ئۇلار مەڭگۈ ياش تۇرۇۋەرمەيدۇ .شۇڭا ئۇلار ياشلىق ۋە گۈزەللىكىدىن پايدىلىنىپ كېيىنكى كۈنلىرىدە يار يۆلەك بولىدىغان باي ئەرلەرنى تېپىشقا ئالدىرايدۇ ۋە شۇنداق< يۆلەنچۈك تاغلارنى >تاپىدۇ .ئەمما تاماشا ساھەسىدىكى ئەرلەرمۇ بۇ دولقۇنغا قوشۇلغان بولۇپ ،قاملاشقان سالاپىتى ۋە تاتلىق سۆزلىرى بىلەن باي ئاياللارنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئۇلارغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدۇ .ئۇلار بۇ ھالىتىدىن خىجىل بولۇشتا يوق ئەكسىچە بەخت ۋە خۇشاللىق ئىلىكىدە غەمسىز ياشايدۇ .تۆۋەندە تاماشا ساھەسىدىكى شۇ <غەمسىز >ئەر چولپانلىرىمىزنى كۆرۈپ باقايلى !


        لى ياپېڭ 

        ئەينى يىللاردا لى ياپېڭ بىلەن ۋاڭ فېينىڭ توي خەۋىرى ئاشكارىلانغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ۋاڭ فېيغا ئېچىنغان ئىدى .دېگەندەك تويدىن كېيىن ۋاڭفېينىڭ زىممىسىدىكى يۈك يېنىكلەشتە يوق ئەكسىچە ئېغىرلاپ باردى .ۋاڭ فېي بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ ،قىزى ۋە لىياپېڭ ھەممىدە ئۇنىڭغا تايىنىۋالدى .لىياپېڭ مەبلەغ سېلىپ زىيان تارتقاندىن كېيىن ۋاڭ فېي يەنىلا پۇل تېپىپ ئائىلىنى باقتى .لىياپېڭنىڭ بۇنداق غەمسىز تۇرمۇش كەچۈرۈشى ۋاڭفېينىڭ تۆھپىسىدىن بولغان .
     

        چېن زىسوڭ 

        چېن زىسوڭ ئادەتتىكى بىر ناخشىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا  ئاۋمېن قىمار شاھى خېخوڭ شېننىڭ قىزى خې چاۋيىنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالدى .خې چاۋيى خې خوڭ شېنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بولۇپ، ئۇ چېن زىسوڭ بىلەن توي قىلغاندا ،تويلۇق ئۈچۈن 2مىليون بەردى .تويدىن كېيىن ئىقتىسادتىنمۇ قىلچە غەم قىلمىغان بولۇپ، چېن زىسوڭ بىراقلا بايلار سەھنىسىگە چىقتى .بۇنداق ياخشى شارائىتتا ئۇنىڭ يەنە جاپا تارتىپ پۇل تېپىشى ھاجەتسىز بولغاچقا ،ئايالىغا تايىنىپ خۇشال ياشىماقتا .
     

         چى جوڭ رۈي 

         <غەربكە ساياھەت>فىلىمىدە تاڭسىڭنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى ياخشى ئېلىپ چىقىپ ،ھەممەيلەنگە تونۇلغان چى جوڭ رۈي بىرىنچى باي ئايال چېن لىخۇا بىلەن توي قىلغان . ئىككىيلەن توي قىلغاندىن كېيىن ،نۇرغۇن كىشىلەر <تاڭ سىڭ>مۇ ئايال كىشىگە تايىنىپ ياشايدىغان بولدى دەپ قارىغان .چى جوڭ رۈي ئايالىدىن 10نەچچە ياش كىچىك بولۇپ ، تويدىن كېيىن ئۇ تاماشا ساھەسىدىن چېكىنىپ <ئائىلىدىكى ئەر>بولغان . ئۇمۇ ئايالىغا تايىنىپ ياشاۋاتقان ئەر چولپاننىڭ بىرى .
     

         دوڭ داۋېي 

         دوڭ داۋېي تىلغا ئېلىنسا ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئايالنى ئاتاپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئۇ دۆلەت ئىچى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ  ئاساسلىق جىنايەتچىسى شىلېي . دوڭ داۋېي نام قازىنىشتىن ئىلگىرى شىلېي ئۇنى باققان بولۇپلا قالماي يەنە ئۇنىڭ <قاشتېشى >ناملىق فىلىمدىن باشلاپ نام قازىنىشىغا ياردەم قىلغان . دوڭ داۋېينىڭ بۈگۈنكىدەك نام قازىنىشى پۈتۈنلەي شىلېينىڭ تۆھپىسىدىن بولغان بولۇپ، دوڭ داۋېي ئاياللارغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان ئەر چولپانلارنىڭ بىرى .
     

        خۇاڭ جيا نو 

        گۈەنجىلىن ھېسسىيات تۇرمۇشى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان ئايال چولپانلارنىڭ بىرى . ئىلگىرى ئۇنىڭ ئۈچىنچى شەخس بولۇپ ،ئائىلىسى بار ئەر بىلەن ئارىلىشىپ نەتىجە چىقمىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى . كېيىن يەنە ئۇنىڭ پۇلى بىلەن  بىر ئەرنى بېقىۋاتقانلىق توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغان بولۇپ ،بۇ ئەر دەل خۇاڭ جيا نو ئىدى . خۇاڭ جيانونىڭ داچىسى ،ئېسىل ماشىنىسىنىڭ ھەممىنى گۈەن جىلىن سوۋغا قىلغان .ئۇ ئايال كىشىگە تايىنىپ ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى كۆرۈۋاتقان ئەرنىڭ بىرى .
     

         جوۋ شىڭ چى 

         داڭلىق قىزىقارلىق فىلىم شاھى جوۋشىڭچىنىڭ ئىلگىرى ئاياللارغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەنلىكىنى پەرەز قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن .ئەينى ۋاقىتلاردىكى جوۋ شىڭ چى داڭلىق باينىڭ قىزى يۈ ۋېنفېڭ بىلەن ئارىلاشقان بولۇپ،يۈ ۋېنفېڭ گەرچە ئىككىنچى ئەۋلاد باي ھېسابلانسىمۇ لېكىن ئۆزىنىڭ قابىلىيىتى ۋە كۈچلۈك ئاياللىقىغا تايىنىپ نام چىقارغان . ئۇنىڭ كۈچلۈك باي ئايال بولۇشى  ئەينى ۋاقىتلاردا جوۋشىڭچىنىڭ جان باقىدىغان يۆلەنچۈكى بولۇپ قالغان .
     

         خۇاڭ جۆ

          تاماشا ساھەسىدە خۇاڭ جۆگە بولغان باھا بولسا <ئاياللارغا تايىنىپ ياشاشنىڭ نەمۇنىسى>.ئۇ تاماشا ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئەزەلدىن باي ھەم گۈزەل ئاياللارنىڭ <بېقىش>نى رەت قىلىپ باقمىغان . ئەينى يىللىرى شۈ جىڭ لېي بىلەن خۇاڭ جۆنىڭ بىللە تۇرغانلىق خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن تور ئەھلى ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان . خۇاڭ جۆنىڭ ماشىنىسى ۋە ئۆيىنىڭ ھەممىسىنىڭ شۈجىڭ لېي سوۋغا قىلغان بولۇپ،  خۇاڭ جۆنىڭ تۇرمۇشى غەم-ئەندىشىسىز ئۆتكەن .
     

         گاۋ فېڭ 

        نايىڭنىڭ ئىلگىرىكى ئوغۇل دوستى گاۋفېڭمۇ ئاياللارغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن ئەر چولپانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتلاردىكى گاۋفېڭنىڭ كىرىمى يوق بولۇپ، ھەممىدە نايىڭغا تايىناتتى .گەرچە سىرتقا ئىككىسىنىڭ ئاشىق-مەشۇق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ لېكىن گاۋفېڭ نايىڭ ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بېرىپ باقمىغان .ھەتتا تۇرمۇشتىمۇ ئۇنىڭغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى . لېكىن ئۇ بۇ ھېسسىياتنى قەدىرلىمەي نايىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغان .
     

        خۇاڭ چاڭ شىڭ 

         داڭلىق ئۇسۇل چولپىنى خۇاڭ چاڭ شىڭ بايلىقى نەچچە مىلياردتىن ئاشىدىغان شۈمېيچىنى بىر تانسا بىلەن قولغا كەلتۈرۈۋالغان بولۇپ،ئىككىسى رەسمىي ئارىلاشقاندىن كېيىن خۇاڭ چاڭ شىڭنىڭ< قىممىتى> بىراقلا ئاشقان .ئۇ شۈ مېيچى بىلەن بىللە نۇرغۇن جايلارنى ساياھەت قىلىپ كەلگەندىن سىرت يەنە ،500مىڭ مەبلەغ سېلىپ فرانسىيە ئاشخانىسىدىن بىرنى ئاچقان .
     

         ما دېلۈن 

         ئەينى يىللاردا مادېلۈن بايلىقى ۋە نام-ئاتاق جەھەتتە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان مو ۋېن ۋېي بىلەن تونۇشقان . موۋېنۋېي مادېلۈننىڭ كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن نۇرغۇن مەبلەغ سېلىپ ئۇنىڭغا ياردەم بەرگەن . ئۆز قولى بىلەن مەبلەغ سېلىپ فىلىم ئىشلەپ ئۇنى رېژىسسورلۇق ئورنىغا چىقارغان . ئەپسۇس ،مادېلۈننىڭ بۇنداق ھايات ھۇزۇرىنىڭ ئارقىسىدا ۋاپاسىزلىق يوشۇرۇنغان بولۇپ، مەقسىتىگە يېتىۋالغاندىن كېيىن مو ۋېنۋېيدىن ئايرىلىپ كەتكەن .

         جۇڭگودا ئەرلەر يەنىلا ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى دەيدىغان گەپ بار .ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشى ھەقىقەتەنمۇ بىر ياخشى ئىش ئەمەس . ئەر چولپانلارنىڭ تېخىمۇ شۇنداق