• 2012-04-05

    گىلەم ھەققىدە چۆچەك ۋە ئەپسانە - [تور ئەدەبىياتى]

    گىلەم ھەققىدە چۆچەك ۋە ئەپسانە

    مەلىكىنىڭ كەشپىياتى

    بىر پادىشا بولغان ئىكەن  پادىشاھنىڭ  ناھايىتى چىرايلىق جاھاندىكى ھەممە مىۋىلەر تېپىلىدىغان بىر بېغى بار ئىكەن بۇ باغدا نۇرغۇن قۇشلار بار ئىكەن بىر كۈنى پادىشاھ باغنى دىلى تارتىپ كىرىپ مىۋىلەرگە ئېغىز تىگىپتۇ بىر چاغدا ناھايىتى چىرايلىق سايرايدىغان بىر قۇش  بىر تۈپ مىۋىلىك دەرەخكە قونۇۋىلىپ سايراۋىرىپتۇ  ھەيدىۋەتسىمۇ كەتمەپتۇ شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەمىرلىرىدىن بۇ قۇشنىڭ نىمە دەپ سايراۋاتقانلىقىنى بىلىدىغان ئادەم بارمۇ دەپ سوراپتۇ  ئەمىرلەر  پەقەتلا مەلىكىنىڭلا ئۇنىڭ تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپتۇ مەلىكىنى چاقىرتىپ كىرىپ سوراپتۇ مەلىكە بۇ قۇش ئەقىللىق قىز ئەرگە تەگسە پادىشاھ ئېرىنى گاداي ،ئىرى گاداي بولسا پادىشاھمۇ قىلىۋىتەلەيدۇ دەۋاتىدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ پادىشاھنىڭ ئاچچىقى كىلىپ شۇندىن كىيىنلا قىزىنى بىر گاداي يىگىتكە ياتلىق قىلىپ قېنى سەن بۇ گاداينى پادىشاھ قىلىپ باق دەپ يىراق بىر شەھەرگە ھەيدىۋىتىپتۇ  قىز ئىرى بىلەن بىر ئورمانلىق ئىچىگە كىرىپ كىتىپ يىگانە ياشاشقا باشلاپتۇ  يىگىت ھەر كۈنى شەھەرگە ئوتۇن كىسىپ ئەكىرىپ سېتىپتۇ ئايال بولسا ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ ناھايىتى زىرىكىپتۇ -دە بىر كۈنى ئىرىگە مەن يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكىپ قالىدىكەنمەن بازاردىن ماڭا يىپ -يىڭنە ئالغاچ كىلىڭ مەن ئۇنى بۇنى تىكىپ ولتۇراي دەپتۇ يىەىت شۇنداق قىپتۇ قىز بولسا ھەر-خىل ھەر ياڭزا چىرايلىق گۈللەرنى نەقىشلەپ تىكىپتۇ  يىگىت بۇ لارنى شەھەرگە ئەكىرگەن ئىكەن

    بايلار يۇقىرى باھادا سېتىۋاپتۇ  ئايال بۇ ئىشنى قىلىۋىرىپ ھەرخىل يىڭى-يىڭى نەقىشلەرنى ئىشلەيدىغان بوپتۇ ھەم بارغانسىرى بازار تېپىپ داڭقى تەرەپ تەرەپكە تارقاپتۇ شۇ تەرىقىدە ئاي-يىللار ئۆتۈپ قىزنىڭ قولىدىن گىلەمگە ئوخشايدىغان بىر توقۇلما چىقىپتۇ ۋە ئۇنى ناھايىتى يۇقىرى باھاغا سېتىپتۇ ۋە بايلار بۇنىڭغا مەپتۇن زاكاس مال بۇيرۇتۇپتۇ ئەر -ئايال يىتىشىپ بولالماي ئادەم ياللاپ ئىشلىتىپتۇ شۇ تەرىقىدە ئۇلار نۇرغۇن پۇل تېپىپتۇ  شەھەرگە كىرىپ كارخانا قۇرۇپتۇ  كىشىلەرگە قولىدىن كىلىشىچە ياخشىلىق قىپتۇ  بارا-بارا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇپ كىتىپتۇ شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە بۇ شەھەرنىڭ پادىشاسى تۇيۇقسىز ۋاپات بوپتۇ ۋە پادىشاھ ۋارىسى بولۇشقا ئوغۇللىرى يوق ئىكەن شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ھەقلىق يوسۇندا ئەل ئارىسىدىن پادىشاھ تاللايدىغان بوپتۇ ئويلىمىغان يەردىن مەلىكىنىڭ ئېرى پادىشاھ بولۇپ تاللىنىپتۇ -دە پادىشاھلىق تاجىنى بېشىغا كىيىپتۇ كۇنلەردىن بىرى پادىشاھ بىلەن خانىش پادىشاھ دادىسىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ ۋە مانا ئېرىمنى پادىشاھ قىلىپ ئالدىڭىزغا كەلدىم دەپتۇ پادىشاھ قايىل بولۇپ  بارىكاللا ئېيتىپتۇ ۋە بۇ پادىشاھلىقنىمۇ كىي ئوغلىغا سوغا قىلىپ بىرىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۈتۈن ئەلدە گىلەم گىلەم ئىشلەپ چىقىرىشنى يولغا قويۇپ پۈتۈن ئەلگە ھەم دۇنياغا تارقىتىپتۇ گىلەمنىڭ داڭقى پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپتۇ بۇ ئەل دەل خوتەن ئىكەن.

    لايىق تاللاش

    بىر مەلىكە بولۇپ ناھايىتى چىرايلىق ئىكەن پۈتۈن ئەلدە داڭقى بار ئىكەن ئۇنىڭ ئاشىقى بىقارار بولۇپ ئەلچى ئەۋەتكەن  شاھزادىلەرنىڭ سانىنى بىلمەك تەس ئىكەن ئەمما مەلىكە ھىچ قايسىسىغا رازىلىق بىلدۈرمەي تۇرۇۋاپتۇ ئەمما ئۇلار ئىچىدىن ئۈچ شاھزادە كۆڭلىگە ئازراق يېقىپتۇ -دە ئۇلارنىڭ  ھىممىتى ،سەمىمىيتى ۋە ئەقلقنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئۇلارغا دۇنيادىكى ئەڭ ئالاھىدە سوغىدىن بىردىن تەپ كىلىشنى تاپىلاپتۇ  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆز ئىلىگە قايتىپ سوغات تەييارلاپ قايتاشىدا ئۇچرىشىپرۇ ۋە بىر بىرسىدىن نىمە سوغات تەييارلىغانلىقىنى سورىشىپتۇ ئۇچار گىلەم تەييارلىغانلىقىنى دەپتۇ يەنە بىرى جاھاننامە ئەينىكى تەييارلىغان ئىكەن يەنە بىرى ئادەم تىرىلدۇرىدىغان ئانار تەييارلىغان ئىكەن ئۇلار شۇلارنى دىيىشىپ ئولتۇرۇپ تۇيۇقسىز مەلىكىنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى جاھاننامە ئەينىكىدىن كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ شۇنداق ئېچىپ قارىسا مەلىكىنىڭ ماتەم مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئىكەن شۇ ئان ئۇچار گىلەمگە ئولتۇرۇپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يىتىپ بېرىپتۇ  ھەم ھىلىقى ئانار بىلەن مەلىكىنى تىرىلدۇرۇپتۇ ئەڭ چاتاق يېرى ئەمدى مەلىكىمۇ كىمنى تاللاشنى بىلەلمەپتۇ  شاھزادىلەرمۇ ئويلاپ تۇرۇپ قاپتۇ باشقىلارمۇ  قانداق قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى بىلەلمەپتۇ سىز  قانداق قىلىشنى توغرا دەپ قارايسىز؟

    چەتئەللىكنىڭ ئۇچار گىلەم سېتىۋىلىشى

    بىر تەرجىمان ئاغىنەم  چەتئەللىككە گىلەم سېتىپ جىق پايدا ئېلىش ئۈچۈن گىلەمنى تازا ماختاپتۇ تارىخىنى سۆزلەپتۇ يۇقارقى چۆچەكلەرنى سۆزلەپتۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ گىلەمنىڭ ئۈستىگە ئادەم ئېلىپ ئۇچالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلمەپتۇ ئەمما چەتئەللىكنى سىناپ بېقىشقا كۆندۈرۈپتۇ شۇنىڭ بىلەن گىلەم دۇككىنىنىڭ ئالدىغا كىلىپ چىرايلىق بىر گىلەمنى تاللاپ پۇلنى تۆلەتكۈزۈپتۇ ئەگەر ئۇچالمىسا ئەسلى باھاسىغا قوشۇپ تۆلەم تۆلەيدىغان بوپتۇ چەتئەللىك ەىلەم ئۈستىەە چىقىپ ئۇچ ئۇچ گىلىمىم ئۇچ دەپتۇ ئەمما گىلەم مىتمۇ قىلىپ قويماپتۇ چەتئەللىك سەن مىنى ئەخمەق قىلىپ ئويناپسەن دەپ تازا خاپا بولۇپتۇ ئاغىنەم ئالدىرىماي چۈشۈندۈرۈپتۇ  بۇ گىلەم خوتەندە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن توقۇلغان بۇنى ئۇچۇرۇش ئۈچۈن چوقۇم توقۇغان كىشى ئەپسۇننى دەپ بىرىشى كىرەك دەپ توقۇغان كىشىگە گىلەمچى ئارقىلىق تىلىفون قىلىپ ئەپسۇننى سوراپ ئۇنىڭغا ناھايىتى دەستە دەپتىرىگە خاتىرلەتكۈزۈپ  ئاندىن دىگۈزۈپتىكەن گىلەم ئاسمانغا كۆتۈرلۈپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ  بۇلارمۇ چاخچاقنىڭ راستقا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ  ئۈچ كۈندىن كىيىن ئاغىنەم ئۆيىدە چاي-ئىچىپ ئولتۇرسا بىر چەتئەللىكنىڭ ئەنسىز ئەمما زەئىپ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھويلىغا چىقسا ھىلىقى چەتئەللىك چىرايى ساماندەك سارغايغان ھالەتتە مەن بۇنىڭ ئۇچىدىغان ئەپسۇنىنى ئۈگۈنۈپ قونىدىغاننى ئۈگەنمىگەن ئىكەنمەن دۆلىتىمگە قايتىپ چۈشەلمەي بۇ يەرگە كەلدىم ئۈچ كۈندىن بىرى ھىچنىمە يىمەي ئۆلگۈدەك بولدۇم دەپ ۋايساپتۇ ئاغىنەمنىڭ ئىچى ئاغرىپ يەنە گىلەمچىگە تىلىپون قىلىپ چۈشۈش ئەپسۇنىنى دەپ بىرىپتۇ  شۇ ھامان چەتئەللىك يەرگە قونۇپ ئاغىنەمنىڭكىدە ئۇيغۇر چېيى ئىچىپ پولۇ يەپ چىرايىغا قان يۈگۈرۈپ خۇشاللىققا چۈمۈپ پۈتۈن دۇنياغا  ئۇيغۇر گىلىمىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى تەشۋەق قىلىشقا ئۆمرۈمنى ئاتايمەن دەپ ئۇچۇپ كىتىپتۇ. شۇندىن بىرى بۇ ئەپسانىنى ئاغىنەم ھەر-بىر كۈتكەن مىھمانلىرىغا سۆزلەپ يۈرۈپ گىلەمنى تازا-سېتىپ باي بولۇپ كەتتى ھازىر گەرچە گىلەمدە ئۇچمىسىمۇ شۇ گىلەمدىن تاپقان پۇل بىلەن ئايرۇپىلاندا ئۇچۇپ يۈرىيدۇ.