• 2011-05-25

    گېرمانىيىدىكى ئۇيغۇر پاھىشە قىزلار - [ئۇنىڭدىن-بۇنىڭدىن]

    ....گېرمانىيەدە ئوقۇۋاتقان دىلمۇرات ئىسىملىك ئىنىمىز بىزگە مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى:
         -ئۆتكەن يىلى مەن بىلەن بىللە بىر تەنتەربىيە كۇلۇبىدا ئىشلەيدىغان تۈرك تونۇشۇم ھامبۇرگدا بىر ھەپتىلىك ئىشىنىڭ بارلىقىنى، ھەققىنىڭ خېلى يۇقىرىلىقىنى، ئەگەر خالىسام ئالاقىلىشىپ كۆرۈشۈمنى ئېيتتى. مېنىڭ تەتىل مەزگىلىم بولغاچقا بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىك ئۈچۈن دەرھال تېلىفون بېرىپ سۈرۈشتۈردۈم. ھامبۇرگدىكى ئادەم ئىشلەتمەكچى بولغان شېركەت دەرھال كېلىشىمنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنىلا ھامبۇرگقا ماڭىدىغان پويىزنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ يولغا چىقتىم. يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا ھامبۇرگدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالىغا تېلىفون قىلىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا چۈشمەكچى بولدۇم. پويىزدا يولۇچىلار شالاڭ بولۇپ مەن ئولتۇرغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلى بوش ئىدى. بىر چاغدا ئارىلىقتىكى بىر بېكەتتىن بىر قانچە يولۇچىلار چىقتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىككى قىزنىڭ ئۇيغۇرچە گەپ قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن بېشىمنى كۆتىرىپ ھەيران بولغان ھالدا ئۇلارغا قارىدىم. راستتىنلا ئۇيغۇر قىزلار ئىكەن!ئۇلار ئەتراپقا بىر قۇر قاراپ خۇددى بىلگەندەك مېنىڭ ئۇدۇلۇمدىكى بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. مەن ئۇلارغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ سالام قىلدىم.ئۇلارمۇ كۈلۈمسىرەپ قويدى- دە، ئۆز پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتى.
       -ئۇدۇلدىكى بالا ئەجەپ ئۇيغۇرلارغا ئوخشايدىكەن، ئۇيغۇر ئەمەستۇ- ھە؟- دىدى قىزلارنىڭ بىرى ماڭا يالت قىلىپ قاراپ ،-كۆزۈمگە ئۇيغۇردەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى...
       -ھەي نىمە دەيدىغانسەن، ئاداش، - دىدى قىزلارنىڭ يەنە بىرى ماڭا قايتىدىن سەپ سېلىپ ، - بۇ پويىزدا ئۇيغۇر نىمە ئىش قىلسۇن، تۈركتۇ ھەقىچان!؟
       مەن دەرھال ئۇلارغا<<مەن ئۇيغۇر!>> دەپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشقا تەمشەلدىم- يۇ، ئۇلارنىڭ كېيىنكى سۆزلىرىنى ئاڭلاپ توختاپ قالدىم ھەمدە ئۇلارغا دىققەت قىلمىغان بولۇپ قولۇمدىكى گېزىتكە قاراپ ئولتۇردۇم. توۋا! ئۇلارنىڭ ئۆز- ئارا قىلىشقان گەپلىرىنى ئاڭلاپ سەسكىنىپ كەتتىم. ئۇلار ئەسلىدە پاھىشە قىزلار ئىكەن- ئەمەسمۇ!ئۇلارنىڭ بىرى تۈنۈگۈن كېچە ئۆزىنى ئېلىپ كەتكەن بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى دوستىغا سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇ قېرىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي بىر جىنسىيەت تەلۋىسى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىدىن قانداق ئۇسۇللار بىلەن جىنسىي ھېسسىياتىنى قوزغاشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، سەھەردە قايتار ۋاقتىدا قانچىلىك پۇل بەرگەنلىكىنى ھىچبىر ئۇيالماستىن سۆزلىدى. ئۇنىڭ دوستىمۇ ئۆزىنىڭ كېچىدىن بۇيانقى ئىشلىرىنى سۆزلەشكە باشلىغىنىدا يانفونۇم جىرىڭلاپ كەتتى. تېلىفوننى ئالسام ھامبۇرگدىكى مەن ئۆيىگە چۈشمەكچى بولغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئىكەن، مېنىڭ ئۇيغۇرچە سۆزلىگىنىمىنى ئاڭلاپ ھېلىقى ئىككى قىز بىر-بىرىگە قارىغىنىچەداڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى. مەنمۇ تېلىفوندىكى گېپىمنى تۈگىتىپ، ناھايىتى بىئاراملىقتا قىزلارغا ئېغىز ئاچتىم:
       -كەچۈرۈڭلار، مەنمۇ ئۇيغۇر!
       -ۋىييەي، بالدۇرراق تونۇشلۇق بەرسىڭىزچۇ! ئەمدى بىزگە نىمە كۈن-بۇ ، بايىقى گەپلىرىمىزنى ئاڭلىدىڭىز، شۇنداقمۇ؟-ئۇلار كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە ماڭا بىر ھازا قاراپ ئولتۇرۇپ قالدى.
       ئارىمىزدا ناھايىتى قىيىن بولغان بىر خىل كۆڭۈلسىز كەيپىيات ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. ئالدىمدىكى ئورۇندۇقتا ئىككى نەپەر ۋەتەندىشىمنىڭ تولىمۇ خىجالەتچىلىكتە ئولتۇرغانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئۆزۈممۇ بۇ يەردە ئارتۇقچە ئادەمدەك، ئاڭلىماسلىققا تېگىشلىك ئىشنى ئاڭلاپ قالغانلىقىم ئۈچۈن قاتتىق تەڭقىسلىق ئىچىدە قالدىم. قىزلار ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق ۋە جەزبىدار ئىدى. ۋەتەندىكى چېغىمدا ئىچكى ئۆلكىلەردە بولۇپمۇ دېڭىز بويىدىكى چوڭ شەھەرلەردە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مۇشۇنداق يولغا كىرىپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلىغانىدىم. لېكىن چەت ئەلدە، يۇرتىمىزدىن يىراق بىر ئەلدە چېگرا ئاتلاپ بۇ يەرگە كېلىپ مۇشۇنداق يولغا كىرىپ قالغان ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئۇچرىتىپ قېلىشىمنى ھەرگىز ئويلىمىغانىدىم. راستىنى ئېيتسام مەن ئۇلارغا تەپرەتلىنىشنى ياكى ھېسداشلىق قىلىشنى بىلەلمەي قالدىم. شۇ ئارىدا قىزلارنىڭ بىرى ئارىدىكى ئازاپلىق جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئېغىز ئاچتى:
       -ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
       -مەن ئوقۇغۇچى، بېرلىن ئۇنۋېرستىتىدا ئوقۇيمەن. ھامبۇرگقا بىر ئىش بىلەن ماڭدىم.
       -شۇنداقمۇ،- دىدى ھېلىقى قىز گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بىز ئەسلىدە سىز بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىساق بولىدىغان كىشىلەر ئىدۇق. لېكىن تەقدىر بىزنى يات بىر ئەلنىڭ پويىزىدا ئۇچراشتۇرۇپ قويدى ھەمدە بىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىمىزنى سىزگە ئاشكارىلاپ قويدى. شۇنداق، ئەمدى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، بايىقى پارىڭىمىزدىن بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى بىلىپ بولدىڭىز، بىز پاھىشە قىزلارمىز. بۇمۇ بىز ئۆزىمىز خالاپ تاللىغان يول ئەمەس، بىر قانچە يىللار تۇرمۇشنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىدا قامغاقتەك ئۇچۇپ ئىچكى ئۆلكىلەردە شەھەرمۇ- شەھەر يۈردۇق، كېيىن تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ، ئويلىمىغان بىر پۇرسەتتە ياۋروپاغا كېلىپ قالدۇق. لېكىن بۇ يەردىمۇ تەقدىر بىزگە ئوڭ كۆزى بىلەن باقمىدى، ياشاش ئۈچۈن يەنە مۇشۇ يولدا مېڭىشقا توغرا كەلدى. سىزنى بىزنى توغرا چۈشەنسىكەن دىمەكچى ئەمەسمىز، بىز مانا مۇشۇنداق قىزلار. لېكىن بىز ئوقۇغان ئادەمنى، بولۇپمۇ سىزدەك يات ئەلدە بىلىم ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان ئوقۇغۇچىنى ھۆرمەتلەيمىز. ئەگەردە بېشىڭىزغا بىرەر كۈن چۈشسە ياكى قىيىنچىلىققا دۈچ كەلسىڭىز سىزگە قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايمىز. مانا بۇ بىزنىڭ ئالاقىلىشىش تېلىفون نومىرىمىز. بىزنى باشقىچە ئويلىمىسىڭىز تارتىنماستىن تېلىفون قىلىڭ، سىز ئۇكىمىزدە بالا ئىكەنسىز، سىزگە ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىمىز.
       - رەھمەت!- دىدىم مەن نىمە دىيىشىمنى ئۇقماي،-مەن چۈشەندىم، ياخشى كۆڭلۈڭلەرگە كۆپ رەھمەت.
       - بىز كېيىنكى بېكەتتە چۈشۈپ قالىمىز. ئەمدى كۆرۈشەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. سىزگە ئامەتلەر تىلەيمىز.بىز ياردەم قىلىدىغان ئىش بولسا تارتىنماي تېلىفون قىلىڭ، خوش، خۇداغا ئامانەت!
       قىزلار سومكىلىرىنى ئېسىپ ئورنىدىن تۇردى. پويىز ھايال بولمايلا ھامبۇرگقا يېقىن بىر بېكەتكە كېلىپ توختىدى.مەن ناھايىتى مۇرەككەپ بىر ھېسسىياتتا ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدۇم، شۇندىن كېيىن بىر قانچە كۈنلەرگىچە گاراڭ بولۇپ يۈردۈم. بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغانىدى. قىزلارنى بۇ يولدىن قايتۇرۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەيتتى. تېخى ئۇلارنىڭ مەندەك بىر نامرات ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىشنى خالايمىز دىيىشى مېنى باشقىچە ئويلاندۇرۇپ قويدى. ھازىرمۇ ئۇلارنىڭ بىز ئۇچرىشىپ قالغان چاغدىكى ھالىتى كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ.شۇندىن كېيىن ئۇلارنى قايتا ئۇچرىتىپ باقمىدىم.......
       مەنبە:ئەسەد سۇلايماننىڭ<<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>ناملىق كىتابىنىڭ 201ۋە202بەتلىرىدىن ئۈزۈۋېلىندى





    评论

  • BLOGBUS NI UYGHURQE KILALMIDUK YARDEM KILASILERMU