-
2012-04-10
كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان «كالاچ ئېغىز» نازىنىنلار
ئىلگىرى نازىنىنلارنى تەرىپلىگەندە «گىلاستەك لەۋلىرى» دېگەندەك سۈپەتلەرنى قوللىناتتى . ئۇنداقتا ئاغزى چوڭ گۈزەللەر چىرايلىق ھېسابلانمامدۇ ؟ يېقىنقى مەزگىللەردە نام چىقىرىۋاتقان ساھىبجاماللارغا نەزەر سالىدىغان بولساق بۇ سۇئالنى قويۇشنىڭ ئورنى يوق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز ، چۈنكى ھازىرقى نازىنىن چولپانلارنىڭ تولىسى « كالاچ ئېغىز » بولۇپ ، كىشىگە يەنىلا شۇنچىلىك گۈزەل تەسىر بېرىدۇ . تۆۋەندە بىز ئالاھىدە نازىنىنلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى :
1. جاڭ بوجى
جاڭ بوجى ئادەتتە ناھايىتى ئاسان خوشال بولىدىغان ۋە ئاسان ئازابلىنىدىغان ھېسىياتچان چولپان . شۇڭا ئۇ ئادەتتە كۈلسە بوغۇزى كۆرۈنۈپ ، يىغلىسا تومۇرلىرى كۆپۈشۈپ كېتىدىكەن . ئۇنىڭ يۈز قىسمى كىچىك ۋە ئوماق بولغاچقا ، قانچە كىچىك ئېغىز بولسىمۇ ، ئۇنىڭ يۈزىدە چوڭ كۆرۈنىدۇ ئەلۋەتتە . ئۇ كۈلمىگەن ۋاقتى بىلەن كۈلگەن ۋاقتىدا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئىككى ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىكەن .
2. شۇچى
شۇچى ئاسىيا رايونىدىكى داڭقى كەتكەن تەنناز چولپان ، بۇ نام ئۇنىڭغا بىكاردىنلا سىڭىپ قالغان بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ يوغان ئاغزى ئەرلەرنىڭ جېنى ئېلىپ يېنىدا قويىدىغان ئاجايىپ سېھىرلىك قورالى ھېسابلىنىدۇ .
3. ياۋچېن
ياۋ چېننىڭ ئاغزى چوڭ ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە ئايان . ياۋ چېن ئەسلىدە ناھايىتى چىرايلىق بولۇپ ، ئۇنىڭ چوڭ ئاغزى ئۇنىڭغا كومىدىيىلىك تۈس قوشقان . مەيلى قانداقلا رول ئالسۇن ، ئازراق كومىدىيىلىك تۈس قوشۇلۇپ قالاتتى .
4. ياڭ چىيەنخۇا
ياڭ چىيەنخۇا بەزىدە كىشىگە تۇغما كومىدىيە ئارتىسىدەك تۇيغۇ بېرىدۇ . ئۇ قاقاھلاپ كۈلگەن چېغىدا ئۇنىڭ ئاغزىنىڭ ئەسلىدە شۇنچىۋالا چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دائىم قاقاھلاپ كۈلگەنلىكتىن ، ئاغزى بارغانسېرى چوڭىيىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىدىكەن .
5. ئەنجىلىنا جۇلى
ئەنجىلىنا جۇلى دۇنيا مىقياسىدىكى چوڭ ئېغىز چولپان بولۇپ ، ئۇنىڭ گۈزەللىكى ۋە سېھرىي كۈچى كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ئۈزلۈكسىز يىغىپ تۇرىدۇ .
6. لى جىياشىن
لى جىياشىننىڭ ئاغزى چوڭ بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ يولدىشىنىڭ نەزىرىدىكى كەم - كۈتىسىز ساھىبجامال .
7. ۋۇ پېيسى
ۋۇ پېيسى ئاكتيورلۇق ، ناخشا ئېيتىش ، كىتاب يېزىش ۋە مودېل قاتارلىق ساھەلەردە تەڭ يېتىشكەن چولپان .
评论