• 2011-01-09

    ئادەم جېنى چىققاندىن كېيىننېمىلەرنى كۆرىدۇ؟ - [ئاجايىباتلار دۇنياسى]

    ئاۋسترالىيىلىك ئالىملار بۇ مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدەنگەن.ئاۋسترالىيە نيۇسۋېي ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پسىخولوگىيە ئالىمى دوكتۇر سالى شىزىيا يېقىندا يورۇقلۇق سېزىمى ئىچىدە دېگەن سەر لەۋھىدە بىر كىتاب يازغان. ئۇ، كىتابىدا ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشلىرى ۋە تەسىراتىنى بايان قىلغان. بۇ كىتاب دەرھال تېببىي ئىلىم، پسىخولوگىيە، نېرۋاشۇناسلىق ۋە باشقا ساھەلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى قىزىقتۇرغان ھەم ئۆلۈپ تىرىلگۈچى نىڭ تەسىراتىنى ئىلمىي جەھەتتىن دەلىللەپ، بۇ سىرنى ئېچىشقا تىرىشىپ كۆرگەن.دوكتور شىزىيا كىتابىدا، ئىككىنچى بالىسىنى دوختۇرخانىدا تۇققاندا تۇغۇتى تەس كېلىپ يۈرىكىنىڭ سوقۇشتىن يەتتە مىنۇتچە توختاپ قالغانلىقىنى، دوختۇرلار ئامال قىلىپ جىددىي قۇتقۇزغاندىن كېيىنلا تىرىلگەنلىكىنى ئەسلەپ مۇنداق يازغان: ئەينى ۋاقىتتا كاللام ئىنتايىن سەگەك ئىدى، ئۇشتۇمتۇتلا ئازاپتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. قارىسام ئۆزۈم تۇغۇت بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدا ئەمەس، بوشلۇقتا ئۇچۇپ كېتىۋاتىمەن، بىر قاراڭغۇ لەخمىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يورۇق دۇنياغا چىقىپ قالدىم. بۇ يەر ئالتۇندەك تاۋلىنىپ تۇرغان گۈزەل جاي ئىدى، ئۆزۈمنى چەكسىز ئازادە ھېس قىلدىم ۋە ئىنتايىن شادلاندىم. ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن ئۇرۇق - تۇغقان، ئەل - ئاغىنىلىرىم مېنى قارشى ئالدى، مېنىڭمۇ بۇ يەرگە مەسلىكىم كەلدى ۋە ئۆلۈپ كەتكەنلەر بىلەن جەم بولۇشتۇق. بىراق بالامنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقان ئاۋازىنى ئۇشتۇمتۇتلا ئاڭلاپ قالدىم، ماڭا قايتىپ بالامغا قاراشقا توغرا كەلدى. شۇڭا ئۇ يەردىن قايتىپ كېلىش قارارىغا كەلدىم. شۇنىڭ بىلەن تىرىلىپ قالدىم.ئالىملار بۇ ئەسلىمىگە ئىشەنمىگەن، ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن باشقا بىر دۇنياغا بارىدىكەن دېگەن گەپكە تېخىمۇ ئىشەنمىگەن. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈش ئالدىدا تۇرغان كىشىنىڭ مېڭە توقۇلمىلىرىدىن ھاسىل بولغان بىر خىيالى تۇيغۇ، دەپ ھېسابلاشقان.دوكتور شىزىيا بۇ قاراشقا قوشۇلمىغان ۋە ئەينى ۋاقىتتا كاللام ئىنتايىن سەگەك ئىدى، يازغانلىرىم ھەرگىز خىيالى تۇيغۇ ئەمەس، پسىخولوگىيە ئالىمى بولغانلىقىم ئۈچۈن ھەقىقىي پسىخىك تەسىراتنىڭ نېمىلىكىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىمەن، دېگەن. ھايات ياشاۋاتقانلىرىمىز بۇ تەسىرات، ئەسلىمىلەرنى ئىنكار قىلماي ياكى ئۇلارغا مەسخىرە پوزىتسىيىسى تۇتماي، بىر ئامال قىلىپ تېگىگە يېتىپ، ئىنتايىن سىرلىق بولۇپ كېلىۋاتقان ئۆلۈش ھادىسىسىنى نېرۋا خىمىيىسى ۋە پسىخولوگىيە نەزىرىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىپ، مۇشۇ پەندە ئىنسانلارغا يورۇق كۆزنەك ئېچىپ بېرىشىمىز كېرەك، دەپ ھېسابلىغان.غەرب ئەللىرىدە ياشانغانلار جەمئىيىتىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۆلۈش تەتقىقاتى ئۈستىدە ئىزدىنىش بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا، ياپونىيىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۆلۈش ئۈستىدە ئىزدىنىش كە دائىر تەتقىقات نەزەرىيىۋىي ماقالىلەر ۋە كىتابلار كەينى - كەينىدىن نەشر قىلىنغان، ئۇلاردىن جان ۋە روھ، ئۆلۈش ۋە جان ئۈزۈش، كىشىنىڭ تۇرمۇش بىلەن خوشلىشىشى، ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلار، ئەجدادلارنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشى دېگەنگە ئوخشاش كىتابلار ئامېرىكا ۋە غەرب جەمئىيىتىدىكى بازىرى ئىتتىك كىتاب بولۇپ قالغان.





    评论

  • مەن يەنە كەلدىم
  • مىنىڭچە بۇ خىل قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى ئۆلۈۋېلىش پىسخىكىسىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ناچار تەسىر ئېلىپ كىلەمدۇ قانداق؟