• 2011-01-06

    ئۇيغۇرلار (2) - [تور ئەدەبىياتى]

    ئۇيغۇرلار (2)
    *      *     *     *

    ئۇيغۇر ئېلى، يۇقىرىدا كۆرۈلگىنىدەك، 13- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر بۆلىكىگە تەۋە بولدى ۋە كېيىن سىياسىي مۇستەقىللىقىنى قوغداپ قالالىغۇدەك ۋەزىيەتكە قايتا ئېرىشەلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تېخىمۇ ئۇزۇن مەزگىل داۋام قىلدى. موڭغول دۆلىتىنىڭ ئىدارە تەشكىلاتىنى قۇرغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ كۈلتۈر ساھەلىرىدە ئۇنىڭغا يول كۆرسەتكەنلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى يەنە ئۇيغۇلار ئىدى. موڭغۇللار ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بولغان مانجۇلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر قىسمەن ئۆزگەرتىشلەر ئارقىلىق ئاساسەن ئاشۇ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقىمۇ بۇنىڭ بىر دەلىلى ھېساپلىنىدۇ.

    13-، 14- ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىي ھاياتىدا چوڭ بىر ئۆزگىرىش دەۋرى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن يېڭى بىر كۈلتۈر جەرىيانى تۈنجى بولۇپ ئىسلام سۇلالىسى قۇرۇلغان قەشقەر ئارقىلىق شەرقىي تۈئۈركىستانغا كىرىشكە باشلىدى. بۇ يەردە ئەسىرلەردىن بېرى بىرگە داۋاملىشىپ كەلگەن بۇرقان (بۇددا-ت) ، مانى ۋە خرىستى'ئان دىنلىرى ئىتىقادتىن قېلىپ، بۇلارنىڭ ئورنىنى ئىسلام دىنى ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى ئىگىلىدى. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاستا – ئاستا، ئەمما بەزىدە قانلىق شەكىل بىلەن بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. ئىسلامىيەتنىڭ نۇپۇزى بىلەن ئەرەپ يېزىقىمۇ كىرىپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي ساھەدە بۇرقانچىلىقنىڭ مېلىدەك كۆرۈنگەن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىلگىرىكى ئورنى تەۋرەنگەن بولسىمۇ، ئىجتىما'ئىي ھاياتتىكى ئورنى پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمىدى. بۇ يېزىق ئۇزۇن مەزگىل ئىسلامىيەتنى تېخىچىلا قوبۇل قىلمىغان بىر قىسىم ئاھالە ئىچىدە ئورنىنى مۇھاپىزەت قىلىپ كەلگىنىدەك (مەسىلەن، بۇرقانچىلارنىڭ دىنىي تەلىماتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەشھۇر ئەسەر «ئالتۇن يارۇق »نىڭ لېنىنگراد نۇسخىسى 1687 – يىلى مۇشۇ يېزىقتا كۆچۈرۈلگەن)، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ۋارىسى بولغان تۈرك خانلىقلىرىدىمۇ ئۇزۇن مەزگىل مىللىي ۋە رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كەلدى. بۇ خانلىقلاردىكى يارلىقلار پۈتۈنلەي بۇ يېزىق بىلەن يېزىلدى. تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغان پارسچە ئەسەرلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى بۇ مىللىي ئەنئەنىنىڭ نە قەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە كۇپايە قىلىدۇ. ئىسلامىي دەۋرگە ئا'ئىت بولغان ۋە تىل ئىتىبارى بىلەن ئۇيغۇرچە يېزىلغان «قۇتادغۇ بىلىگ»نىڭمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىشى ياكى كېيىن كۆچۈرۈلگەن بولۇشى ئەينى شەكىلدە شەرھىيلىنىدۇ.

    «قۇتادغۇ بىلىگ» بىلەن باشلانغان مۇسۇلمان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ جۇغراپىۋىي ۋارىسى بولغان ۋە «چاغاتاي ئەدەبىياتى » دېگەن ئىسىم تونۇلغان بىر ئەدەبىي دەۋرگە قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى. ئىسلامىيەتكە ئا'ئىت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر ئاز ئۇچرايدۇ. ئىسلامىيەتنىڭ كېڭىيىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئۇسۇل بەلكىم شەرقىي تۈركىستان مۇھىتىدا يات دىندىكى ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشنى لازىم تاپمىغاندۇر. ھەر ھالدا قولىمىزدا ئىسلامىيەتنىڭ بۇرقانچىلىق بىلەن قارمۇ قارشى ھالەتكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بىرمۇ ئەسەر يوق دېسەك خاتا قىلغان بولمايمىز. بۇ ھالەت بۇرقانچىلىق ئۈچۈنمۇ ئەينىدۇر.


    *     *     *     *

    پۈتۈن شەرق مەملىكىتىنىڭ تارىخى، تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مەنبە تەشكىل قىلغان شەرقىي تۈركىستان كەشپىياتى(تېپىلمىلىرى – ت) بىزنىڭ تارىخىمىز، تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز ئۈچۈن نىمىلەرنى بەردى ۋە نىمىلەرنى بىرىدۇ؟ تۈرك نامى بىلەن ئاتالغان بۇ مەملىكەتنىڭ قوينىدا ھەممىدىن بەكرەك تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن ماتېرىيال ساقلانغان. بۇ مەملىكەت ئۆزىنىڭ ئىگىسى بولغان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تۈركشۇناسلىقتا يېپيېڭى بىر دەۋنى ئاچتى. 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا شىمالىي موڭغۇلىستاندىن تېپىلغان كۆكتۈرك ئابىدىلىرىنىڭ ئوقۇلىشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈرى ھەققىدە ئېقىپ يۈرگەن ئاساسىز قاراشلارنى مەدەنىيەت دۇنياسىنىڭ كاللىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. شەرقىي تۈركىستاندا تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى تۈرك مەدەنىي ھاياتىنىڭ ئۇپۇقلىرىنى چەكسىز كېڭەيتىش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىشۇناسلىقنىڭ ئايرىم – ئايرىم ساھەلىرىنى بۈگۈنگە قەدەر تەسەۋۋۇر قىلىنمىغان يېڭى ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى.

    "ئۇيغۇر" دېيىلىدىغان بىر تۈرك قەۋمىنىڭ ياشىغانلىقى، ئۇلارنىڭ «ئۇيغۇر يېزىقى» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان بىر يېزىق ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ۋە بۇ يېزىق بىلەن ئەسەر يازغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بار بولسىمۇ، لېكىن بۇلار ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق ئىدى. 1069 – يىلى قەشقەردە يېزىلغان، ئەپسۇس بۈگۈنگە قەدەر ھەر كىشى پايدىلىنالايدىغان بىر ھالەتكە كەلتۈرۈلمىگەن «قۇتادغۇ بىلىگ» ئەڭ قەدىمكى تۈركچە ئەسەر، دەپ قارىلىپ كەلگەن ئىدى. كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارغا سېلىشتۇرغاندا ناھايىتى ئاز مىقتاردا بولسىمۇ ئەرەپچە ۋە پارسچە سإزلەرنى قوللانغان ۋە مەزمۇن جەھەتتىن ئىسلام مەدەنىيىتى دا'ئىرىسىگە كىرگەن بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ، بولۇپمۇ ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى تۈرك ئەدەبىياتى ھەققىدە مەلۇماتقا ئىرىشىشىمىزگە ياردەم بەرمىگەن ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ئۇيغۇر ئەسەرلىرى بىزگە تۈرك كۈلتۈر ھاياتىنىڭ بىر قانچە ئەسىر بۇرۇنقى ھالىتىنى تونۇتتى.


    *     *     *     *

    كۈلتۈر پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق مېلىدۇر. بەلگىلىك بىر جۇغراپىئىيىلىك بىرلىك ئىچىدە ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئەينى شارا'ئىت ئىچىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن ياكى بىر بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى تۈپەيلىدىن بىرىدىن يەنە بىرىگە ئۆتكەن ئەينى شەكىللەرنى ئۇچرىتالايمىز. بولۇپمۇ بۇ ئەھۋال مىللەتلەرنىڭ ھاياتىدا ئايرىم ئورۇن ئىگىلىگەن يېزىق ئۇسۇلىدا ۋە ئەدەبىياتىدا كۆرۈلمەكتە. بۈگۈن مەلۇم بولغان بارلىق يېزىقلار ۋە ئەدەبىيات تۈرلىرى بۇ خىل يۈزمۇ يۈز ئۇچرىشىشنىڭ تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن. ئۆزىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى ۋە تارىخىي رولى بىلەن مىللەتلەر ئارىسىدا ئالاھىدە بىر ئورۇن ئىگىلىگەن تۈرك توپلىرىدىمۇ بۇ ھالەت يۈز بەرگەن.

    ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىزگە بىر قانچە خىل يېزىق ئارقىلىق مىراس قالغان. بۇ يېزىقلاردىن بىرىسىدىن باشقىلىرىنىڭ تۈركلەرگە قوشنا بولغان مىللەتلەرنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ۋە تۈركچىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە كۆرە ئانچە – مۇنچە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى ئانچە قېينالمايلا ئېنىقلىيالايمىز.

    1- تارىختا تۇنجى بولۇپ تۈرك نامىنى بۈگۈنكى تۈرك تىلىدا خاتىرىلىگەن كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ باشقا بىر يېزىق ئاساسىدا يارىتىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر مۇنچە نەزەرىيىلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىسپاتلانمىدى. كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىپ كىلىنگەنلىكىدە شۆبھە يوق. مەنبەسى ھەققىدىكى قارشى پىكىر ئىسپاتلانغانغا قەدەر، بۇ يېزىقنىڭ تۈرك مىللىتىگە ئا'ئىت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئىلمىي بىر توسقۇنلۇق يوقتۇر. كېيىنكى تەتقىقاتلار بۇنىڭ تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆز مۈلكى ئىكەنلىگىنى كإرسەتمەكتە. ئورخۇن ئابىدىلىرىدە ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى دەۋرگە ئا'ئىت بولۇشى كىرەك بولغان يېنىسەي ئابىدىلىرىدە ناھايىتى زور ماھارەت بىلەن قوللىنىلغان ۋە تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ دەۋرلەردە نە قەدەر يۈكسەك بىر كۈلتۈرگە ئىگە ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان بۇ يېزىق تۈرك تىلى ئۈچۈن ئەڭ ئەپلىك شەكىلدە ئىشلەنگەن. بۇ مۇكەممەللىكنىڭ ئەسىرلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلساق، بۇ يېزىقنىڭ قوللىنىلىشقا باشلىغان دەۋرىنىڭ تارىخىنى خېلى كۆپ ئەسىر ئالدىغا سۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ.

    شەرقشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى بۇ يېزىقنىڭ پەقەت تاش ئۈستىگە يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغانلىقىنى تەخمىن قىلىشقانىدى. تۇرپان كەشپىياتىدىن كېيىن بۇنىڭ تۇرمۇشتىمۇ قوللىنىلغانلىقى ۋە باشقا يېزىقلارغا ئوخشاش ئىستىمال قىلىنغانلىقى مەلۇم بولدى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ۋە بۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر قەغەز ئۈستىگە يېزىلغانىدى.

    شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ۋە تۈرك كۈلتۈرىنىڭ شاھىتى بولغان ئەسەرلەر ئىچىدە بىر كىچىك قەغەز پارچىسى بار. كىچىكلىكىگە قارىماي، زور بىر مەنانى ئىپادە قىلىدىغان بۇ قەغەز پارچىسى تۇرپان ئەتراپىدا ساقلانغان ۋە قۇرۇلغان ۋاقتى 6-، 7 - ئەسىرلەرگە ئائىت بولۇش ئېھتىمالى بولغان بىر بىنادىن تېپىلغان. بۇ قەغەزنىڭ بىر تەرىپىدە ئۈچ قۇرلۇق بىر تېكىست بار. بۇ قۇرلارنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئورخۇن ئابىدىلىرىدىن بىراز پەرقلىق ھالدا، كۆكتۈرك يېزىقىنىڭ 16 ھەرپى يېزىلغان. ئاستى تەرىپىدە مانى يېزىقى بىلەن بۇنىڭ ئوقۇلۇش ئۇسۇلى كإرسىتىلگەن. ۋ. تومسېننىڭ ئەقلى ئورخۇن ئابىدىلىرىنىڭ سىرىنى يىشىشنىڭ ئاچقۇچىنى تاپمىغان بولسا ، ئۇ چاغدا بۇ تۈرك كۈلتۈر ئابىدىلىرىنىڭ سىرى مۇشۇ شەكىل بىلەن ئېچىلغان بولاتتى. تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەرەققىياتىدا مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ قانداق تەۋرەنمەس بىر باغ بىلەن باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ، بۇ ئۈچ قۇرلۇق قوليازما پارچىسىدىن تېخىمۇ چوڭ دەلىل ئىزدەشنىڭ لازىمى يوق.

    2 - ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەردە ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان يېزىق سوغدى يېزىقى ئاساسىدا يارىتىلغان ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. ئۇيغۇر يېزىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇرقانچىلارنىڭ رەسمىي يېزىقىدەك چۈشەنچە پەيدا قىلغان. قوللىنىلغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى سەۋەبىدىن كېيىنچە خرىستى'ئانلار ۋە مانىچىلارنىڭ دىنى ئەسەرلىرىمۇ بۇ يېزىق بىلەن يېزىلىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېكىسپېدىتسىيە داۋامىدا قولىمىزغا چۈشكەن ۋە مەزمۇن جەھەتتىن دىنىي خاراكتېرى بولمىغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى پۈتۈنلەي مۇشۇ يېزىق بىلەن يېزىلغان. ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نوقتىسىدىن بىر قانچە دەۋرگە ئايرىلىدۇ. ئەڭ قەدىمكى دەۋرگە ئا'ئىت بولغان پارچىلار ھەر ۋاقىت گۈزەل يېزىلغان ۋە ئىملاسىمۇ توغرا ئىدى.

    تۈرك تىلىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىر مەنبە تەشكىل قىلغان ۋە 1066 - يىلى (ھىجرىيە466- يىلى) ئۆپچۆرىسىدە يېزىلغان مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «دىۋانۈ لۇغەتىت تۈرك» ناملىق ئەسىرىدە، ئۇيغۇر يېزىقى ئومۇمىي تۈرك يېزىقى سۈپىتىدە قەيت قىلىنغان ۋە بۇ يېزىقنىڭ بىر ئۆرنىكىمۇ بىرىلگەن. قەشقەرىنىڭ بۇ خاتىرىسى بىر جەھەتتىن ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ، بولۇپمۇ بۇ ئەسەر يېزىلغان يىللاردا تۈرك توپلىرى ئىچىدە ھۆكۈمران يېزىق ئىكەنلىگىنى كۆرسەتسىمۇ، يەنە بىر جەھەتتىن قەشقىرىنىڭ ئاشۇ دەۋردىكى كۈلتۈر ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنىشىنى كۆرەلمىگەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. قەشقەرى ئاشۇ دەۋرنىڭ پەقەت سۆزلىنىۋاتقان تۈرك شىۋىلىرىگە ئەھمىيەت بىرىپ، تۈرك تىلى ۋە كۈلتۈرىنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى دەۋرلىرى ياكى تۈركلەرنىڭ ئىسلامىيەتنىڭ سىرتىدىكى ئەدەبىياتى بىلەن ئۇچراشمىغانلىقى ئۈچۈن، ئىسلامىيەت سىرتىدىكى مىللىي بايلىقىمىزنى تىلغا ئېلىشنى لازىم كۆرمىگەن بولسا كىرەك. ھەرھالدا قەشقىرىنىڭ كۆكتۈرك ۋە مانى يېزىقلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن خەۋەر بەرمەسلىكى دىققەتنى تارتىدۇ.

    3- ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەنبەسى بولغان سوغدى يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر تۈركچە ئەسەرلەرگە نىسبەتەن ئاز ئۇچرايدۇ ۋە مەۋجۇت ھۆججەتلەرمۇ تېخىچە نەشىر قىلىنمىدى.

    4 - مانى ئەدەبىياتىنىڭ بىر قىسمى مانى يېزىقى بىلەن يېزىلغان. مانىچىلار قوللانغان بۇ يېزىق ئۇلار بىلەن بىرلىكتە غەرپتىن كەلگەن. مانىچىلارنىڭ گۈزەل سەنئەتتە يۈكسەك ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى مەلۇم. شۇ ۋەجىدىن، مەيلى مانى يېزىقى بىلەن بولسۇن، ياكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن بولسۇن، مانى دىنىگە ئا'ئىت ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەر سەنئەت نوقتىسىدىن ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

    5- سۈرىيە يېزىقى بىلەن تۈركچە يېزىلغان ئەسەرلەر نىسبەتەن ئاز. بۇلار كۆپۈنچە خرىستى'ئان دىنىگە ئا'ئىت ھإججەتلەر بولۇپ، دىنىي ماھىيىتى بولمىغان ئەسەرلەر ئازلا بىر قىسىمنى تەشكىل قىلىدۇ.

    6- براھمى يېزىقى بىلەن يېزىلغان تۈركچە ئەسەرلەر تېخى نەشىر قىلىنمىدى. قولىمىزدىكى بۇ خىل ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى «سانسىكرىتچە – ئۇيغۇرچە لۇغەت»تىن ئىبارەت، بىرقىسمى بولسا تىبابەتكە ئا'ئىتتۇر.

    براھمى ۋە سۈرىيە يېزىقلىرىدا تىبابەتكە ئا'ئىت ھإججەتلەرنىڭ بولۇشى ئېھتىمال بۇ يېزىقلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خېلى كەڭ بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىچىدە قوللىنىلغانلىقىدىن بولسا كىرەك.


    *     *     *     *

    شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ۋە ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىگە ئا'ئىت بولغان ئەسەرلەر كەڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى دۇنيا ئۇرۇشىغا قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولسىمۇ، بۇ مەملىكەتنىڭ باشتىن ئۆتكۈزگەن بارلىق دەۋرلىرى ۋە بۇ دەۋرلەرنىڭ پۈتكۈل سەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. بۈگۈنگە قەدەر قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر، بۇ ساھەدە تېخى ئېلىپ بېرىلىدىغان ۋە ئېلىپ بېرىلىشى زۆرۈر بولغان تەتقىقاتلار ھەققىدە ياخشى بىر پىكىر بەردى. بۈگۈن بىر مۇنچە مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ يورىتىلىشى كەلگۈسىدە بۇ يولدا قىلىدىغان ئىشلىرىمىزغا باغلىق بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ يەردە ئۇيغۇر دەۋرىنىڭ ئەدەبىي تەرەققىياتى ھەققىدە سۆزلەيدىغانلىرىمىز بۇ ئەدەبىياتنىڭ تامامىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشتىن يىراق بولۇپ، مەۋجۇت ماتېرىياللارمۇ پەقەت نەشىر قىلىنغان قىسىم ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.

    1- قولىمىزدىكى ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى دىنىي ئەسەرلەردۇر. چۈنكى، بۇ ئەسەرلەر بۇرقان ياكى باشقا دىنلارغا ئا'ئىت ئىبادەتخانىلاردىن تېپىلغان. ئۇيغۇر شەھەرلىرىنىڭ دۇنياۋىي مەسىلىلەر بىلەنمۇ مەشغۇل بولىدىغان ئورگانلىرىنىڭ بارلىقى ئېنىق. خارابىلەردە پىلانلىق تۈردىكى تەكشۈرۈش داۋاملاشتۇرۇلسا بۇنىڭمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشى شۆبھىسىزدۇر.

    دىنىي ھۆججەتلەر ئىچىدە، بولۇپمۇ بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسىنى تەشكىل قىلغان بۇرقان ھەققىدىكى ئەسەرلەر ئارىسىدا، ئەڭ ئىپتىدا'ئىي دىنىي چۈشەنچىلەردىن تارتىپ ئەڭ يۈكسەك پەلسەپىۋىي تەھلىللەرگە قەدەر تۈرلۈك ئەسەرلەر مەۋجۇت. ئۇ دەۋرلەردە ئىلىمنىڭ بىرمۇنچە تارماقلىرىنىڭ دىن چەمبىرىكى ئىچىدە تەتقىق قىلىنغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىدىغان بولساق، بۇ ئەسەرلەردىن چىقىرىلىدىغان نەتىجىلىرىمىزنىڭ مول ۋە كەڭلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ. «ئالتۇن يارۇق» ۋە «ما'ئىتىرى سىمىت» قاتارلىق يۈكسەك ئەسەرلەر ئىچىدە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزدىنمۇ كۆپرەك دىنىي ۋە پەلسەپىۋىي ئاتالغۇلار بار.

    بۇ خىل ئەسەرلەر ياكى خاس ياكى قوشنا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن تەرجىمە قىلىنغان. لېكىن، تۈرك تىلى بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى قوغدىغان. ئەڭ قىيىن بولغان ھىندىچە ۋە خەنزۇچە دىنىي ئاتالغۇلارمۇ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان.

    2- تېپىلغان ھۆججەتلەر ئارىسىدا ئەدەبىي ئەسەرلەر ئانچە – مۇنچە ئۇچرايدۇ. مەۋجۇت ئەدەبىي پارچىلارنىڭمۇ كۆپچىلىكى دىنىي ماھىيەتتە ئىدى. لېكىن، گۈزەل تۈرك شې'ئىرىيەت سەنئىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان پارچىلارمۇ يوق ئەمەس. كېيىنكى يىللاردا بۇ دەۋردىن قالغان تۈركچە نەزمىلەرنى ئۆزئىچىگە ئالغان مەجمۇ'ئەلەرمۇ تېپىلدى. بۇلاردىن ئىككى مىڭ مىسراغا يېقىن بىر قىسمى «قەدىمكى تۈرك شې'ئىرى» دېگەن نام بىلەن تۈرك تارىخ قۇرۇمى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۈگۈن ئۇيغۇرچە ھۆججەتلەر ساقلىنىۋاتقان كۇتۇپخانا ۋە موزېيلارنىڭ زھورناللىرىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۇ قىسمىغا مەنسۇپ ماتېرىياللارنىڭ بارلىقى شۆبھىسىزدۇر. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر پىلانلىق ھالدا تەتقىق قىلىنىپ نەشىر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلارغا تېخىچە نۆۋەت كەلمىدى دەيمىز.

    3- قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرلاردا تېبابەتچىلىك خېلىلا تەرەققىي قىلغان ئىدى. دەۋرلەرنىڭ تەجىرىبىسى ئارقىلىق ئېنىقلانغان دورا تەركىپلىرىدىكى خام ماددىلار تۈرك ۋەتىنىدە ئۆسىدىغان ۋە تۈركچە ئىسىم بىلەن ئاتىلىدىغان ئۆسۈملۈكلەر ئىدى. بۇ خۇسۇستا بىر پىكىر بىلدۈرۈشكە يارىغۇدەك ھۆججەتلەرنىڭ بىر قىسمى نەشىر قىلىندى.

    4- ئۇيغۇرلار ئاستېرونۇمىيە ئىلمىدىنمۇ خەۋەرسىز ئەمەس ئىدى. قولىمىزدىكى ھۆججەتلەردىن يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئېنىقلانغانلىقى مەلۇم بولماقتا. سەييارىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئېنىقلىغان بىر ئۇيغۇر ھۆججىتى بېرلىن رەسەتخانىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋە ئۇنىڭدىكى مەلۇماتنىڭ توغرا ئىكەنلىگى ئىسپاتلانغان. ئەپسۇس، قولىمىزدىكى ۋەسىقىلەر بۇ خۇسۇستا كۆپرەك مەلۇمات بەرگىدەك ماھىيەتتە ئەمەس. بۇ خىل پارچىلارغا ئاساسلىنىپ ئۇيغۇرلاردا رەسەتخانىغا ئوخشايدىغان بىر ئورگاننىڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. بۇ خۇسۇستا كەسكىن بىر ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن كەلگۈسىدىكى تەتقىقاتلارنى كۈتۈش لازىم.

    5- ئۇيغۇر كالىندارى مەسىلىسىمۇ تېخىچە ھەل بولمىغان، ئەمما ناھايىتى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. ئەڭ مۇھىمى شەرقىي تۈركىستان كېيىنكى دەۋرلەردە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىدا قالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىدار بولغان كالىندار مەسىلىسىدىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولىشى ئېھتىمالغا يېقىن. لېكىن، بۇ قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىدىغان ئىلىم سىستېمىلىرى ئۇيغۇر كالىندارىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا ھىندىلار، تىبەتلەر ياكى خەنزۇلاردىن كەلمىگەنلىكىنى بايان قىلماقتا. تېخىمۇ قەدىمكى دەۋرلەردىن قالغان ۋەسىقىلەر قولىمىزغا چۈشمىگىچە، بىز بۇ خۇسۇستا قەتئىي قىلىپ بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر تۈركلەرنىڭ بۇ ساھەدىكى ئۆزىگە خاس ئۇسۇللىرىنى باشقىلاردىن ئۈگەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان ھەر قانداق بىر ۋەسىقە ھېچكىمنىڭ قولىغا چۈشكىنى يوق.

    6- ئاسترولوگىيە (پالچىلىق – ت) ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى ھەر بىر مىللەت مەشغۇل بولۇپ كەلگەن بىر ساھە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردىمۇ بۇ خىل ئەدەبىياتنى ئۇچرىتىمىز. ئۇيغۇرلار بۇ ساھەدە خېلىلا كۈچ چىقىرىپ بىر مۇنچە ئەسەرلەرنى ياراتقان. بولۇپمۇ پالنامە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۈرلۈك يېزىقلاردا يېزىلغان تۈركچە ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت.

    7- ئۇيغۇرلاردا ئىجتىما'ئىي ھاياتنىڭ قانداق شەكىلدە داۋاملاشقانلىقى ھەققىدە تېخىچىلا ئېنىق بىر پىكىرگە ئىرىشەلمىدۇق. لېكىن، قولىمىزدىكى سودا ۋە مۇ'ئامىلە ھۆججەتلىرىنىڭ يېقىندىن تەتقىق قىلىنىشى بىلەن، بۇ ساھەنىڭمۇ ئايدىڭلاشتۇرىلىدىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. بۇلارنىڭ تەتقىق قىلىنىشى يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىما'ئىي تۇرمۇش شەكلىنى ئېنىقلاش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەر ھەققىدىمۇ بىر چۈشەنچىگە ئىرىشىشىمىزگە پايدىلىقتۇر.

    8 - تارىخ ۋە ساياھەتكە ئا'ئىت ئەسەرلەرگە تېخى ئىرىشەلمىدۇق. ئۇيغۇرچە ئەسەرلەر تېپىلغان مەھەلىلەر ئاساسەن دىنىي مەزھەپلەرگە ئا'ئىت بولغانلىقتىن ئاشۇ دەۋرنىڭ تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئەسەرلىرىمۇ مۇشۇ دىنلارغا ئالاقىدار قوليازمىلاردىن ئىبارەت. بۇ يەردە ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان بىر ئەسەر بار. جۇڭگودىن ھىندىستانغا ساياھەتكە بارغان ۋە بۇ دەۋرنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر شاھىتى بولغان خەنزۇ سەيياھى شۈئەنزاڭنىڭ خەنزۇچە يېزىلغان بىر ساياھەتنامىسى بار. بۇ ساياھەتنامە شۇ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆز تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرى(1930 – يىلى) بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان. فارىز مىللىي كۇتۇپخانىسى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان بۇ ئەسەرنىڭ بىر قىسمى بۈگۈن بېيجىڭ كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا. كەمتۈك بولغىنىغا قارىماي، مۇھىم ئەھمىيىتى بولغان بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئەسلىگە نىسبەتەن تېخىمۇ ئېنىقتۇر. جۇڭگو يېزىقى يات مىللەتلەرنىڭ سۆزلىرىنى يېزىشقا ماس كەلمىگەنلىكتىن شۈئەنزاڭنىڭ ساياھەتنامىسىدىكى قابىلە، مەملىكەت ۋە شەھەر ناملىرىنىڭ بىر قىسمى بۈگۈنگە قەدەر ئېنىقلانمىدى. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئارقىلىق بۇ كەمچىلىكلەر بىراز بولسىمۇ تولدۇرىلىدۇ.


    *     *     *     *

    يۇقىرىدىكى شەرھىيدىن مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈر جەھەتتىن ناھايىتى باي ئىدى. بىر مىللەتنىڭ كۈلتۈر ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بارلىق ساھەلىرىدە بۇ خۇسۇستا بىزگە مەلۇمات بىرەلەيدىغان ئەسەرلەر بار. ئەسەرلەرنىڭ كۆپلۈكى ۋە چېتىلىدىغان ساھەلىرىنىڭ كەڭلىكى تەبى'ئىي ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان مىساللارنىمۇ كۆپەيتمەكتە. ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كۈندىلىك ھايات بىلەن ئالاقىسى ئازدەك كۆرۈنىدىغان تەرجىمە ئەسەرلەردىمۇ كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ يات كۈلتۈرگە باغلىنىشى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەكتۇر.

    بۇ ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئاۋۋال بۇلارنى نەشىر قىلىپ، زۆرۈر بولغان ماتېرىياللار بۇ ساھەدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا يەتكۈزۈلىشى كىرەك. بۇنىڭدا تۇنجى ۋەزىپە تىلشۇناسلار ئۈستىگە چۈشىدۇ. تۈرك تىلى تەتقىقاتى جەمئىيىتى مەيدانغا كەلگەنگە قەدەر بۇ ساھەنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تەشكىلاتىمىز بولمىغانلىقتىن بۇ ئەسەرلەرنىڭ نەشرى قىلىنىشى پەقەت ئايرىم كىشىلەرنىڭ سەخسىي ئەمگەكلىرى بىلەن روياپقا چىقتى. شۇ سەۋەپلىك، مەۋجۇت ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنىڭ پەقەت ئازلا بىر قىسمى نەشىر قىلىندى.

    ئۇيغۇرچە ئەسەرلەرنى نەشىر قىلىشتا ئاۋۋال تېكىست توغرا ئوقۇلىشى ۋە مەزمۇنى ياخشى چۈشۈنىلىشى كىرەك. چۈنكى بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇلغان تەتقىقاتنىڭ ئاساسىي نوقتىسى سۆزلۈكلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىپادە قىلغان مەنىسىنى ئېنىقلاشقىلا مەركەزلىشىپ قالدى. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ تۈرك تىلى تاۋۇشلىرىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن يىتەرسىز ئىكەنلىكى ۋە تىلنىڭ ئەڭ مۇھىم بولغان سادا -- ئاۋاز خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىق كۆرسىتەلمىگەنلىكى، بولۇپمۇ كېيىنكى دەۋرلەردە ئىملاسىنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىگى مەلۇم. بۈگۈنكى تۈرك شىۋىلىرى ھەققىدىكى سېلىشتۇرما تەتقىقاتنىڭ ياردىمى بىلەن ھازىر ئۇيغۇرچىنىڭ توغرا ئوقۇلىشى قىسمەن كاپالەتكە ئىرىشتى. بۇ قەدەر قەدىمىي بىر دەۋر ۋە كەڭ بىر ساھەدە بۇ قەدەر كۆپ مىقتاردىكى مەۋجۇت ئەدەبىي ماتېرىياللارنىڭ تىلىمىز ئۈچۈن زور بىر مەنبە تەشكىل قىلىشى شۆبھىسىزدۇر.


    *     *     *     *

    ئۇيغۇر تۈركچىسى تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نوقتىسى ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇر تۈركچىسى ، يەنى ئۇيغۇر دەۋرىگە ئا'ئىت تۈركچە چۇۋاش ۋە ياقۇت لەھچىلىرىدىن باشقا ، بۈگۈنكى بارلىق تۈرك شىۋىلىرى ئۈچۈن بىر ئانا تىل ماھىيىتىدە ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى جەھەتتىن ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىدىن ئايرىلىپ چىققان. بۈگۈن ئايرىم – ئايرىم شىۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدەك كۆرۈنىدىغان تەرەپلەر ئۇيغۇر تۈركچىسى دەۋرىدە بىر تىل ئىچىدە ۋە شۇ تىلنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى ھالىتىدە مەۋجۇت ئىدى. بۈگۈنكى شىۋىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرچە بىلەن ئىزاھلىنىشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغاندەك كۆرىنىدىغان بەزى تەرەپلەرگىمۇ دۇچ كېلىمىز. بىز بۇنى ئۇيغۇر دەۋرى تۈركچىسىگە خاس شىۋە پەرقلىرى ئارقىلىق شەرھىيلەيمىز. بۇنى ئېنىقلاش ئۇيغۇر تۈركچىسىنىڭ تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە بۇ تەرەققىياتنىڭ يولى ۋە قانۇنىنى بېكىتىشتە نەقەدەر مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشكە يىتەرلىكتۇر.

    مەنبە:

    http://turklib.uz/?category=general_history-science-articles&altname=uyghurlar_-_re351id_rahmeti_arat_-_reshid_rehmeti_arat