• 2012-04-13

    زىرىككەندە «چوكانلار»بازىرى نى ئايلىنىپ قويىمىز

    «چوكانلار»بازىرى Qsc%qt-l  
    بىغۇبار

    m-UI^M,@<  

    -ساۋاقداشلار،بۈگۈن كەچ سائەت  5:30 دا «كۆكلەم»ئارامگاھىغا  يىغىلڭلار،پەۋقۇللادە  ئىشى چىقىپ قالغانلاردىن باشقىلارنىڭ  قاتناشماسلقىغا قەتئى رۇخسەت قىلىنمايدۇ. &V[1][m{.  
    سىنىپ باشلىقمىىزنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەممە ئۇقۇغۇچىلار بىردىنلا تەۋرەپ  سىنىپ ئىچى ئۇپۇر- تۇپۇر  بوپ  كەتتى. X[1]U .FLN­e  
    ئۇف!!!ئالى  مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،خىزمەتكە چىىقىپ،تۇرمۇشلۇق بوپ،ئۆي ۋە خىزمەت  بېسىمى بىلەن چارچاپ ئۆلەي دىگەندە  كەلگەن بۇ      بىلىم ئېلىش  پۇرسىتى ئاز  بىر  قىسىم ئائىلسدە قىينىچىلىقى    بار  ئۇقۇتقۇچىلاردىن باشقا كۆپ  ساندىكلەرگە   خوش   ياققان      ئىدى،پەقەت ئازراق تىرىشچانلىق كۆرسەتسىلا ئۆگنىش ۋەزىپسنى   ئەلا دەرىجدە ئۇرۇندىغاندىن باشقا يەنە نۇرغۇن  ۋاقىتلاردا كۆڭلى   خالىغان پالىيەتلەرگە قاتنىشىپ،روھى كۆتىرىلىپ ،ئۆزنى ئىلگىرىكى شوخ،تېتىك بالىلىق ۋاقتىغا قايتىپ قالغاندەك تۇلىمۇ خۇشال ھىس قىلاتتى. uHUicZf.  
    گەرچە مەكتەپتە ئاللا بۇرۇن يېقىنلار  ئارا سورۇن تۈزلۈپ  ئولتۇرۇش دىگەندىن چاڭ چىقرىپ بولغان بولساقمۇ بۇ سىنىپ  كوللىكتىۋېنىڭ  تۇنجى قېتىملىق ئوپچە  پائالىيەتكە تەشككىلنىشى ئىدى. شۇڭا  كەچتە دەرىستىن چۈشۈپلا ئالدىراپ تىنەپ ، ئوزىمىزنى ياساپ-جابدۇپ  مەكتەپ ئالدىغا چىقىپ تاكسى توستۇق، ئوتتۇز ياشلار  ئۆپچورىسىدكى  بۇ  يىگىت قارىماققا تۇلىمۇ ئاق كۆڭۈل،  ئۇچۇق-يۇرۇقتەك قىلاتتى،ئۇ  بىزگە قاراپ ئىللقىنە بىر كۈلۈمسىرەپ  قويدى-دە،پوسوققىدە توۋەندىكى بىر ئېغىز گەپنى چىقىرىپ  سالدى،ئەيھۇئانناسسسسس، ئەگەر ماشنىدا بولمىغان بولسام يۈزۈمنى ئەتكەن پېتى بەدەر قاچاتتىم... XFPWW,  
    -
    چوكانلار بازىرى... Dg4 ?,{c9W  
    -
    سىلەرنىڭ مەكتەپنى چوكانلار بازىرى دەيدىكەن  باشقا   تاكسى شوپۇرلىرى،-دىدى  ئۇ . p UWj,&t  
    ئاھ  خۇدا!!!...مەن   قولىقمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. ئۇ سۆزنى داۋاملاشتۇرماقتا   ئىدى. [1]z)r)w?A  
    -
    بىر كۈنى سائەت ئوندىن ئاشقاندا مەكتىۋېڭلار ئەتىراپىدىن      ئۈتۈپ كىتۋاتقان ئىدىم، قۇرۇق تامدىن ئىككى گەۋدە گۈپپىدە     سەكىردى،قارىسام 30 ياشلاردىن   ئاشقان ئىككى ئايال ئىكەن  ،  ئۇلار مىنى توختۇتۇپ  تاكسىغا چىقتى،قەيەرگە باردىغىننى سورىسام  ئالدىڭىزغا  قاراپ مېڭىۋېرىڭ،بىر ئازدىن كېيىن دەيمىز دىىدى، مېڭىۋاتىمەن،ھىچ بىر  سادا يوق،ئاخىردا بەك كىچە بوپ  كەتتى، باردىغان يىرىڭلارنى دەڭلار تېزراق ئاپىرۋېتىپ ئۆيگە     قايتمسام  ئايالىم يېڭى تۇغۇتلۇق ئىدى  دىدىم  مەن،قەيەرگە     ئاپارسىڭىز  شۇ  يەرگە  بارىمىز  دىمەسمۇ  ،ئاپلا  دەپلا  تاس    قالدىم رولنى باشقۇرالماي  ماشىننى ئۈستۈرگىلى،ئۇلارغا  قاتتىق  گەپ  قىلغۇم  كەلدى،بىراق   تۇرۇپلا يىگتلىك غۇرۇرم يول        قويماي  دەرھال  ئۇيۇن دىسە  ئانىسنىڭ  ئۈلىمگە قارىماي  يۈگۈردىغان بىر تۇنۇشۇمغا  تېلفۇن قىلدىم،تەلىيمگە ئۇمۇ  بىر   دەمدە ئۈندى،ئىككى ئايالنى ئۇنڭغا تاشلاپ بىرىپ ماڭغىلى   تەمشەلدىم،تۇنۇشمنىڭ  قاتتىق  ئاچچىقى  كەلگەن  ئىدى.ئۇ      ئاچىقدا مىنى ئاغزىغا ئالغۇسىز سەت تىللار بىلەن تىلىۋەتتى مۇنۇ  سۆزنى  ئاڭلىغاندا  زادىلا  چىداپ  تۇرالمىىدم . Y6/'gg'&5  
    -
    تەييار ئالدىڭغا كەلگەن ئولجنى تاشلاپ  ئاشۇ رەپتارى  قالمىغان  خۇتۇنۇڭنىڭ قېشىغا يۈگىرەۋاتامسەن لاتا! TDdFuO'}  
    ئاغزىغا گالاچچىدە تەككەن مۇشنىڭ زەربىسدىن ئۇ ئودىسىغا     چۈشتى،پۇرسەتتىن   پايدىلىنىپ  ماشنامنى ھەيدەپلا تىكىۋەتتىم،كېين ئاڭلسام ئۇ ھېلىقى ئىككى  ئايالنى  ئاۋال دېسكۇخانىغا    ئاپىرىپ  تازا  ئوينۇتۇپ  ئاندىن  مېھمانخانىغا ئەكىرىپ ،  ئەتىسى يولغا سەپ قۇيۇپتۇ. GM{m(Y   
    ھېلىقى ئاياللارنىڭ كېچىدىكى  سەت قىلىقلىرىنى سىلەرگە  دىمەيلا   قوياي بولدى، ئاغىنەمنىمۇ  ئادەم بولغانغا دات دىگۈزۋېتىپتۇ،     ئۇنىڭسىزمۇ  يەنە نۇرغۇن ئەھۋاللار  بار   ئوخشايدۇ، باشقا   تاكسى شوپۇرلىرمۇ   بۇ  يەردە   كېچىسى  كىرانىڭ ئاجايىپ      ياخشى  بوپ  كىتدىغننى  سۆزلىشىپ يۈرەتتى،ئەسىلى  ئىش  مۇشۇنداق ئىكەندە،بۇ  ئايرىم ئەھۋال، سىلەر ئۇلارغا  ئوخشىمايسىلەر، رەنجىپ  قالماڭلار  يەنە،-دىدى ئۇ   ئاخىرىدا تەكەللۇپ  قىلىپ  . jAmAT /1  
    -
    تۇفى!  لەنەت سىلەرگە،  بىرنىڭ پوقى مىڭغا  دىگەندەك       ئەمدىزە  ھەممىمزنى  بىر تاياقتا  ھەيدەپ  ،كىرگەن –چىىقان    ئايالارنىڭ ھەممىسى   كۆزىگە  بۇزۇق كۈرنۈپ كىتىپتۇدە  سىرىتكىلەرنىڭ كۆزىگە...... O/­>$kG%ge  
    بىر  ئوبدان شارائىتلارنى يارىتىپ،بىزنى ھەقسىز بىلىم  ئېلىش  پۇرسىتىگەئىرىشتۈرۈپ كىلۋاتقان مەكتەپتە نىمە  گۇناھ؟ پارتىيە-ھۈكىمەتتە  نىمە گۇناھ!!!ئۆز  يولىدا  ،ئىززەت   -ئابرۇينى،غۇرۇرنى  ساقلاپ، ئۆيدە  قالغان ھالال جۈپتىگە يۈز كىلىمەيدىغان ئىش  قىلماي، يولنىڭ تۈزىدە مېڭىپ،تىېرىشىپ  ئۇقۇۋاتقان بىزدەك    ئىسىل قىز-ئاياللرىمزدا  نىمە  گۇناھ!!! 1y l2i‑|m+  
    خەپ،ئاشۇنداق  بىر  نىملەرنى ئېزىق  چىشىمدا  چايناپ  پۈرقىۋەتسەممۇ  دەردىم چىقمايتتى   ھازىر... UjwA06  
    كۆزىمگە  قىزىللق  تىقىلدى، جاھان  ماڭا تار كەلدى، سورۇنغا   قانداق  دەسسەپ   كىردىم،  ساۋاقداشلىرم   نىمە   قىىلپ ،نىمە  دىيىشۋاتىدۇ،ھىچقايسىسى   كاللامغا  كىرمەيۋاتاتتى. o-B9r+N  
    خۇداغا  شۈكرى، بىخەتەرلىكنى  كۆزدە تۇتۇپ   سورۇنىمىز بالدۇرلا  ئاخىرلاشقان  ئىدى،ياتاققا كىرىپ،كارۋاتققا  چىقىپ يەنە بىر   ھازاغىچە شۇ  گەپ  قۇلاق  تۈۋىمدە جاراڭلاپ ، يۈركۈمنى پىچاق   تىلغاندەك  ئاغرىتىپ قانداق  ئۇخلاپ قالغىنىمنى  سەزمەپتىمەن. ئەتىسى گاراڭ  ھالاتتىلا يۈردۈم،ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك  دىگەندەك،يەنە  بىر ناھىيدىن بولغان  پارتىدىشم قولىقىمغائاستا پىچىرلىدى: ,YJ\ $?  
    -
    ھەي قاراڭ،ئاخشام  سىلەرنىڭ ناھىيلىك بىر  ئايال  بىلەن بىزنىڭ ناھىيلىك  بىر ئەر، مەكتەپ ئۇقۇتۇش بىناسنىڭ 4- قەۋىتىدە قىپ –يالىڭاچ ھالەتتىلا تۇتۇلۇپ قاپتىمىش... yw 2^kk93|  
    ئاھ خۇدا!!! مەن يەنە  نىمە گەپلەرىنى ئاڭلاۋاتىمەن، ئاچچىقىمدا  ئۇ قىزنى  سىلكىۋەتتىم: iK1 <4)  
    -
    بوپتۇ،نىمە  قىلسشسا قىلىشمامدۇ، نىمە ئۇ  گەپنى ماڭا دەپ يۇرەتتىڭىز،  دىمەكچى بولغىنىڭىز،سىلەرنىڭ يۇرتتىكلەر ئەخلاقسىزككەن  دىمەكچىغۇ؟،بىزنىڭ ئەرلەر بەك   نوچىكەن دىگىنىڭىزمۇيە؟... [J0L7p*6  
    -
    توۋا،نىمانچە تىرىكىسىز،تېخى يېڭى خەۋەردىن بىىرىنچى بوپ سىزنى خەۋەرلەندۇرۇپ  قوياي  دىسەم، تىلىڭزنى ئىشتتىمۇ نىمە؟... !MNUp(:  
    ئۇ  غودوڭشىغىنچە ئاستا  يېنىمدىن كىتىپ كالدى. n‑[1]M1U=Du  
    توغرا ئۇنۇڭدا نىمە گۇناھ ،شۇنداق  سەت قىلىقنى  قىلغان  نۇمۇسسىزلار  خىجىل بولمىسا، چوپ-چوڭ ئادەملەر تۇرۇپ ئۆزىنى باشقۇرالمىسا مەن  نىمە دەپ ئۆزەمگە ئېلىپ ئاچچىقمنى باشقىلاردىن چىقراتتىم، بولدىلا  ،ئىشمنى قىلاي،مەكتەپ  مۇۋاپىق بىر  تەرەپ قىلار، ئۇلارمۇ  بىر كۈنى تۈزىلىپ قالار...  دەپ ئۆزەمگە  تەسسەللى  بەردىمدە كىتاۋىمىنى قولىمغا ئالدىم.... E% Ce/n  
    بۇ  ئىشلار مەكتەپتە بىر  مەزگىل قىززىق  تېما  بوپ  كېيىن  ئاستا-ئاستا  بېسقىپ قالدى،ئەمما  مۇنداق بىر  سۇئال  ئىزچىل  مېنى  قىيناپ  ئارام  بەرمەيۋاتاتتى: جەميەتتە  ئۇقۇشسىز قالغان،مۇكەممەل تەربىيە كۆرمىگەن،يوقسۇل قىزلارغۇ  تۇرمۇش ھەلەكچىلىگى،  بىلىم- ساپاسىنڭ توۋەنلىكى ۋە  جەمىيەتنىڭ سەلبى تەسىرى تۈپەيلىدىن  شۇنداق يوللاردا مېڭىپ قالدى دەيلى، توققۇزى تەل، يۇقىرى ساپالىق،يەنە  كەپ تۇرمۇش قايناملىرىدا   نەچچە قايناپ، پىشىپ كەتكەن ،مىللىتمىزنىڭ مەرىپەت بۈشۈكلىرىنى تەۋرىتىپ،ئەۋلاتلاغا  بىىلم ئۈگۈتۈپلا قالماي  ئادەم   بولۇش يولىنى كۆرسىتىپ بىرىش مەجبۇريتىنى ئۈستىگە  ئالغان ،شۇ مۇققەدەس  ئانىلىرىمزنىڭ ئايرىم بىر قىسىملىرغا نىمە  بولغاندۇ؟،ئۇلارغا نىمە يەتمەيۋاتقاندۇ؟  توخلۇقتىن شوخلۇق  چىقىرىش بىزدەك ئەمدى قورسقى توق، كىيمنى پۈتۈن بۇلشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا مەدىنيىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نوقتىسدا ئېغىر  قەدەملەر بىلەن  ھالسىز قەدەم ئېلىۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن  بەكمۇ   بالدۇرلۇق قىلماسمۇ؟ -@-cG\{  
    ئون نەچچە  يىل  بۇرۇن ئامېرىكىنڭ كىنولىردىكى بەزى كۈرىنىشلەرنى كۆرسەك،يۈزلىرىمىز ئوت  ئالاتتى،ھازىرچۇ؟ نەق   ئۆز ئىشىكلىرىمىز ئالدىدىلا  شۇنداق جايلار قەدەمدە  بىر ئۇچىراپ تۇرۋاتىدۇ،ھەتتا  بۇنداق   ئىشلارنى قىپ قويغان ئەرلىرىمىز ياكى ئاياللىرىمىز  ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشىپ ئاتالمىش ياۋرۇپا   مەدىنيىتىنى  ئەڭ بۇرۇن ئۆز ئېڭىدا ،ئۆز  ئەمىليىتىدە  يىتلدۇرگەنلىگى ئۈچۈن سورۇنلاردا ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ئۆزلىرىنى  ماختىشپ،نەچچە ئاشنىسىنىڭ  بارلىقى،نىملەرنى ئەپ  بىرىپ،قەيەرلەردە ئوينىتىدىغانلىقىنى، ئۆزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى قىلىشىدۇ،بۇغۇ  ئايرىم ئەھۋال   ئەلۋەتتە،   بىراق  نىمىشقا  بۇ خىل ئەھۋال جەمىيەتتە  پەيدا   بۇلۇپ        تۇرۇپلا  ۋابا كېسلىدەك  شەھەرلەردىن  يېزا  قىشلاقلارغىچە  تارقىلىپ  ئالدىنى ئالغۇسىز  دەرىجگە   بېرىپ  يەتتى؟بۇنۇڭدا   بىز زىيالىلارنىڭ ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەسسۇليىتى  بارمۇ-يوق؟  نىمشقا  بۇنداق  ئىشلارنىڭ  ئالدىنى ئېلىشتا، تۇسۇشتا  بىر      كىشلىك مەسئۇليىتمىزنى ئادا قىلمايمىز،نىمىشقا كۆز يۇمۇپ،قول  قوشتۇرپ تۇرشتىن باشقا  ئىش قولمىزدىن   كەلمەيدۇ؟  گەرچە بۇ  ھازىر خېلىلا كۆنا ئىجتىمائى مەسلىگە ئايلىنىپ  قالغان   بولسىمۇ يەنىلا ھەممەيلەننىڭ ئورتاق كۆڭۈل بۈلىشگە،يېڭىدىن   يېڭى قانۇن- تۈزۈم ۋە ئەخلاقى قايدىلەر ئارقىلىق  تىزگىنلەشكە،ھەممىدىن مۇھىمى ھەر بىر جەمىيەت ئەزاسىنىڭ ئاڭلىقلىقىغا تاينىپ تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ، ئەلىۋەتتە.