• 2012-04-05

    خوتەن گىلىمىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى

    خوتەن گىلىمىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى

     خوتەن گىلىمى ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا، گىلەمچىلىك ھۈنەر- سەنئىتى يېڭىلاندى، رەڭ نۇسخىلىرى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەردى، گىلەمنىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى.ئىلگىرىكى گىلەملەر يېقىنقى دەۋردىكى گىلەملەرگە ئانچە ئوخشىمايتتى، گىلەمگە ئىشلىتىلىدىغان يىپ قوي يۇڭىدىن ئىگىرىلەتتى، يىپ ئۆسۈملۈك يىلتىزى، پوستى، چېچىكى، يوپۇرمىقى شۇنىڭدەك بەزى قېزىلما بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ بويىلاتتى. گىلەمنىڭ گۈل - نەقىشلىرى ۋە رەڭگى ئاددىي ئىدى، بۇ خىل ئاددىي يۇڭ توقۇلمىلار ئىگەرگە يېپىلاتتى ۋە مەسچىتلەرگە سېلىناتتى. ئۇيغۇرلار ئۇنى «پالاس» دەپ ئاتايتتى، كېيىن بىرقانچە قېتىملىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ھازىرقىدەك يۇقىرى سۈپەتلىك گىلەم مەيدانغا كەلدى. گۈل - نەقىشلىرى ۋە رەڭگىگە تېخىمۇ ئېتىبار بېرىلىدىغان بولدى.ئازادلىقتىن ئىلگىرى خوتەن گىلەمچىلىكىدە يەككە ئىشلەپچىقىرىش ئاساس قىلىناتتى، مەھسۇلاتىمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى. ئازادلىقتىن كېيىن پارتىيە، ھۆكۈمەت خوتەن گىلەمچىلىكىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ، يەككە گىلەمچىلەرنى تەشكىللەپ گىلەمچىلىك كارخانىسى قۇردى. كېيىن خوتەن، لوپ ناھىيىلىرىنىڭ كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىكىدىكى گىلەمچىلىك كارخانىلىرى ئومۇمىي خەلق مۈلۈكچىلىكىدىكى دۆلەت كارخانىسىغا ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىلەمچىلىك زور دەرىجىدە راۋاجلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، ناھىيە بازارلىرىدىمۇ گىلەمچىلىك كارخانىلىرى قۇرۇلدى، گىلەم مەھسۇلاتى كۈنسايىن ئاشتى. 1979 - يىلى بىر يىلدا 66 مىڭ 800 كۋادرات مېتىرغا يەتتى. 1980- يىلدىن بۇيان گىلەمچىلىك ھۈنەر - سەنئىتى يېڭىلىنىپ، گىلەمنىڭ رەڭ - نۇسخىلىرى ئۆزگەرتىلدى، خىلى كۆپەيتىلدى. گىلەمنىڭ ئۆرۈش قاتارى 360 تىن 540، 720، 900 گە يەتكۈزۈلۈپ، كۆپ قاتارلىق سۈپەتلىك گىلەملەر ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلدى.ھازىر گىلەملەر ئوتتۇرا ۋە ئالىي دەرىجىلىك گىلەملەرگە قاراپ يۈزلەنمەكتە. خوتەن گىلەمچىلىك كارخانىسىنىڭ گۈل نۇسخىلىرىنى لايىھىلەش بۆلۈمىدىكى خادىملار ھەر دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ياردەم بېرىشى ۋە قوللىشى بىلەن گىلەم توقۇش ھۈنەر - سەنئىتى جەھەتتە زۆرۈر ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشتىن تاشقىرى، گۈل نۇسخىلىرىنى لايىھىلەش جەھەتتە دادىل يېڭىلىق ياراتتى. ئۇلار قەدىمكى، ھازىرقى، جۇڭگونىڭ ۋە چەت ئەلنىڭ گىلەمچىلىك جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىپ، جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق، ئويما رەسىم، بىناكارلىق نەقىشلىرىنى گىلەم نۇسخىلىرىنى لايىھىلەشتە قوللىنىپ، گۈل نۇسخىلىرىنى يېڭىلاپ، كىشىلەر ياقتۇرىدىغان نەپىس، كۆركەم نۇسخىلارنى لايىھىلەپ چىقتى. ھازىر خوتەن گىلىمى مەملىكەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

    خوتەن گىلىمىنىڭ نۇسخىلىرى ۋە گۈزەللىك ئىستېتىكىسى

     خوتەن گىلىمىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ توقۇلۇپ كېلىۋاتقان نۇسخىلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقلىرى كەلكۈن نۇسخا، چاچما نۇسخا 1، چاچما نۇسخا 2، ئانار گۈل نۇسخا، پاختا نۇسخا، بەش چېچەك نۇسخا، شام نۇسخا، ئىران نۇسخا، ئەدىيال نۇسخا، لوڭقا نۇسخا، يۇلتۇز نۇسخا، جەيناماز نۇسخا، قالماق ئىران نۇسخا، پالاس ئەدىيال نۇسخا، پەتنۇس ئەدىيال نۇسخا قاتارلىق ئون نەچچە نۇسخا ئىدى، ھازىر تۈر، شەكىل، نۇسخىلىرى كۆپىيىپ 70 خىلغا يەتتى.خوتەن گىلىمىنىڭ نۇسخىلىرى ئۆزىگە خاس مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە. تۆۋەندە تارىختىن بۇيان توقۇلۇپ كېلىۋاتقان گىلەم نۇسخىلىرى ۋە بۇ نۇسخىلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.كەلكۈن نۇسخا

    بۇ ئومۇملاشقان گىلەم نۇسخىلىرىنىڭ بىرى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا بۇ نۇسخا گىلەم نۇسخىلىرىنىڭ تۇنجىسى ھېسابلىنىدۇ. كەلكۈن نۇسخىدا سۇ ئۆركىشىدىن چىققان ھەرخىل گۈللەر ئاساس قىلىنغان. بۇ نۇسخا ئاساسەن سۇنىڭ قەدىر - قىممىتىنى ئىپادىلەيدىغان ۋە نامايان قىلىدىغان، سۇ بولغاندا ھەممە جانلىقلار گۈل- گىياھلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقى، گۈللەپ ياشنايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇسخىدىن ئىبارەت.كەلكۈن نۇسخىلىق گىلەم ئىككى خىل بولۇپ، ئىككى ئاي گۈللۈك، بەش ئاي گۈللۈكتىن ئىبارەت بولىدۇ. نەقىش شەكلى ۋە قۇراشتۇرۇلۇش جەھەتتە ئاساسەن تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بىلەن ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، توساق رامكا ئىچىگە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ قۇراشتۇرۇلغان. نەقىشلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى رەتلىك ۋە قانۇنىيەتلىك، ئوچۇق، جانلىق، كەڭكۇشادە، بىر - بىرىگە تۇتاشقانسېرى كېڭىيەلەيدۇ.

    چاچما نۇسخا

    بۇ نۇسخىنىڭ تۈرى ئون نەچچە خىلغا يېتىدۇ. كىشىلەر تارىختىن بۇيان ئۆزى بىلگەن نەرسىلەرنى نەقىشلەشتۈرۈپ خالىغانچە گىلەمگە چۈشۈرۈپ توقۇغانلىقتىن، نۇسخا تۈرى كۆپەيگەن ۋە ئەسلى نۇسخا ئۆزگەرتىلىپ يېڭى شەكىل ھاسىل قىلىنىپ چاچما گىلەم نۇسخىسى كۆپەيتىلىپ، بۇ خىل گىلەم نۇسخىسى ئون نەچچە خىلغا يەتكۈزۈلگەن.بۇ نۇسخىلار مەركىزى ماسلاشقان نەقىش، تەڭپۇڭ مۇستەقىل نەقىش، بۇرجەك نەقىش ۋە قىرغاق نەقىشلىرىدىن تۈزۈلگەن. چاچما نۇسخىلىق گىلەملەرنىڭ ئىچى گۈل قىسمىغا كۆپىنچە بەش ياكى يەتتە دانە ماسلاشقان نەقىش (ئايگۈل) شەكلى ئوتتۇرىسى ۋە ئەتراپىغا چاچما ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. نۇسخا مەركىزىدىكى ماسلاشقان نەقىش ۋە يۇمىلاق رامكا ئىچىدىكى نەقىشلەر سىرتقا قاراپ ئىنتىلگەن، مەركەزدىن قاچما ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بەزىلىرى چاچما ئايگۈل شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، مەركەزدىكى يۇمىلاق رامكا ئىچىگە چۈشۈرۈلگەن. بەزىلىرىدە گىلەم مەركىزىگە تەڭپۇڭ مۇستەقىل نەقىش شەكلى چۈشۈرۈلگەن. مەيلى قانداقلا بولسۇن، چاچما شەكىللىك نۇسخىلارنىڭ نەقىش ئۆزگىرىشى كۆپ، ئەركىن، جانلىق بولۇپ، تۈز ۋە ئەگرى سىزىقلار ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن، مىللىي ئالاھىدىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.چاچما نۇسخىلىق گىلەم كىشىلەرگە قىزغىنلىق، خۇشاللىق، كۆتۈرەڭگۈ ھېسسىيات بەخىش ئېتىدۇ، مەركەزنى يەنى ئوردا - ساراينى قوغداش، مۇھاپىزەت قىلىش، زىننەتلەش، گۈل - چېچەككە ئوراش مەنىسىنى بېرىدۇ.

    ئانارگۈل نۇسخا

    بۇ نۇسخا چۈلۈك ئانار نۇسخا، شاخ ئانار نۇسخا دەپ ئىككى خىل نام بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى نۇسخىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش بولۇپ، ئانار دەرىخىنى نامايان قىلسىمۇ، لېكىن نەقىش قۇراشتۇرۇلۇشىدا مەلۇم ئوخشىمايدىغان جايلىرى بولغاچقا، ئىككى خىل نام بىلەن ئاتالغان.ئانارگۈل نۇسخا نەقىش شەكلى جەھەتتىن ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، قانۇنىيەتلىك، رەتلىك، كەڭ كۇشادە نۇسخا بولۇپ، ئۇزۇنىسىغا ۋە توغرىسىغا كېڭىيەلەيدۇ. كىشىگە بىرئاز جىمجىت، ئېغىر - بېسىق تۇيغۇ بېرىدۇ.

    پاختا نۇسخا

    بۇ نۇسخا ئىككى خىل بولۇپ، ھەر ئىككىلى ئوخشاش شەكىلدىكى ماسلاشقان نەقىش بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى تىزىلىپ، ئۈچ دانە ماسلاشقان نەقىش قاتار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئارىلىقلىرى تەڭپۇڭ مۇستەقىل نەقىش شەكلى بويىچە تولدۇرۇلۇپ، ئەگرى ۋە تۈز سىزىقلاردىن پايدىلىنىپ قۇراشتۇرۇلغان. بۇ ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلىنى ئالغان نۇسخا بولۇپ، كانارىلىرى ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان، نەقىشلەر قىرغاق نەقىشىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ئۆزگەرتىلىپ قۇراشتۇرۇلغان. نەقىش ئۆزگىرىش پەرقى ئانچە چوڭ ئەمەس، پۈتۈنلەي كېۋەز غۇزىسى، چېچىكى، يوپۇرمىقى ۋە شېخى قاتارلىقلار نەقىشكە ئايلاندۇرۇپ قۇراشتۇرۇلغان.بۇ نۇسخا پاختىنى نامايان قىلىدىغان، كىشىلەرگە خۇشاللىق، كۆڭۈل ئازادىلىك، مول ھوسۇل تۇيغۇسى بېرىدىغان، بىرقەدەر جانلىق، ھەرىكەتچان نۇسخا ھېسابلىنىدۇ.

    بەش چېچەك نۇسخا

    بۇ خىل نۇسخا گۈل، غۇنچە، شاخ، يوپۇرماق قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان، تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بويىچە قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، خوتەننىڭ قەدىمكى گىلەم نۇسخىلىرىنىڭ بىرى. بەش چېچەك نۇسخىنىڭ تۈرى بىر نەچچە خىل بولۇپ، نۇسخا ئۆزگىرىشى كۆپ، ئەركىن، جانلىق، كۆپىنچە تېگى كۆك ۋە قارا، يوپۇرماق شەكلى يېشىل، گۈللىرى سېرىق رەڭدە توقۇلىدۇ.

    شام نۇسخا

    بۇ نۇسخا چىراغقا سىمۋول قىلىنغان. بۇ قەلئە ياكى ساراينى يورۇتۇش، كۆركەملەشتۈرۈش مەنىسىدىكى گىلەم نۇسخىسى بولۇپ، شام نۇسخا دېگەن نام بىلەن ئاتالغان، بۇ نۇسخا ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خوتەندە توقۇلۇپ يۇقىرى ئابرويغا ئىگە بولۇپ كەلمەكتە.بۇ نۇسخا رەتلىك، قانۇنىيەتلىك، ماسلاشقان مۇستەقىل نەقىش، بىر - بىرىگە باغلانغان، تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىش شەكلى قىرغاق نەقىشىگە ئۆزگەرتىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈز سىزىقلىق نۇسخا بولۇپ، گىئومېتىرىك شەكىللەردىن تۈزۈلگەن جانلىق، ھەرىكەتچان نۇسخىلارنىڭ بىرى.

    ئىران نۇسخا

    بۇ ئەسلى ئىران گىلەملىرىنىڭ نۇسخىسى بولۇپ، خوتەن خەلقى ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى گىلەمچىلىكتە قوللىنىپ كەلمەكتە.بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەمنىڭ نەقىش شەكلى ئىككى توچكىلىق تۆت تەرەپكە داۋاملاشقان مۇستەقىل نەقىش شەكلى بويىچە قۇراشتۇرۇلغان. قىرغاق نەقىشلىرى بىلەن ئىچ گۈل نەقىشلىرى ئاساسىي جەھەتتىن گىئومېتىرىك شەكىلدە تۈزۈلگەن.

    ئەدىيال نۇسخا

    بۇ ئاساسەن ئادەتتىكى ئەدىيالغا تەقلىد قىلىپ قۇراشتۇرۇلغان نۇسخا بولۇپ، ئەگرى سىزىقلىق ئەركىن مۇستەقىل نەقىش شەكىللىرى بويىچە قۇراشتۇرۇلغان. ئەدىيال شەكىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ پالاس ئەدىيال، پەتنۇس ئەدىيال، قەغەز ئەدىيال، يەتتە دادان (گۈللۈك) ئەدىيال، ئوتتۇز قادان (گۈللۈك) ئەدىيال دېگەندەك بىرنەچچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ ۋە بىرنەچچە خىل نام بىلەن ئاتىلىدۇ.بۇ خىل نۇسخىلار قىزىل گۈل، ئەتىرگۈل، مۇدەنگۈل قاتارلىق بىرنەچچە خىل گۈل شەكلى ۋە يېڭى گۈل شەكلى بويىچە شۇنىڭدەك تۈز ۋە يۆگەلمە ئەگرى سىزىقلاردىن قۇراشتۇرۇلغان. بۇ خىل نۇسخىدا رامكا ئىچىگە ئېلىنغان قىرغاق نەقىشلىرى بولمايدۇ، گىرۋىكىگە كىچىك قىرغاق نەقىشى چۈشۈرۈلگەن. رەڭلىرى ئوچۇق بولۇپ، كۆلەڭگۈ مۇناسىۋىتى بىلەن ماسلاشقان. بۇ كىشىلەرگە قىزغىنلىق، خۇشاللىق تۇيغۇسى بېرىدىغان، بۈك - باراقسان ئېچىلغان گۈللەر ۋە چىمەنزارلىق مەنزىرىسىنى نامايان قىلىدىغان نۇسخىدۇر.

    لوڭقا نۇسخا   

    بۇ تامغا ئاسىدىغان گىلەم نۇسخىسى بولۇپ، لوڭقا، گۈل، شاخ، يوپۇرماق قاتارلىقلارنىڭ شەكلى چۈشۈرۈلگەن نۇسخىدىن ئىبارەت. بۇ نۇسخا ئەسلىدە ئەگرى سىزىق شەكلىدە بولۇپ، كېيىن گېئومېتىرىك شەكىلگە ئۆزگەرتىلگەن. نەقىشلىرى قىرغاق نەقىشى ئىچىگە ئەركىن، مۇستەقىل قۇراشتۇرۇلغان، بۇ ئەركىن تولدۇرما نەقىشلىرى بولمىغان نۇسخا بولۇپ، كىشىگە ئەركىن، جانلىق، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق تۇيغۇ بېرىدۇ.

    يۇلتۇز نۇسخا

     بۇ كېچىدىكى ئاسمانغا سىمۋول قىلىنغان، دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ تەپتەكشى، بىر خىل بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان نۇسخىدىن ئىبارەت. بۇ نۇسخا ئىككى تەرەپكە داۋاملاشقان نەقىشنى قىرغاق نۇسخا قىلىپ، قايتىلانغان نەقىش شەكلىنى قوللىنىپ، چوڭ چاقماق كاتەكچىلەر ئۈستىگە ئالتە توچكىلىك چاچما چېكىت شەكلى بىلەن چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان ئۈچ خىل نەقىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ چېكىتلەرنى تەكرارلاش ئارقىلىق تۆت تەرەپكە داۋاملاشتۇرۇش يولى بىلەن قۇراشتۇرۇلغان، ئەگىرى، تۈز سىزىقلار بىرلەشتۈرۈلگەن، بىرقەدەر كۆركەم، جىمجىت نۇسخىدۇر.

    جەيناماز نۇسخا

    بۇ نۇسخىدىكى گىلەملەر كۆپىنچە ناماز ئۆتەش ياكى تامغا ئېسىش ئۈچۈن توقۇلىدۇ. بۇ خىل گىلەمنىڭ نەقىشلىرى كۆپىنچە مىھراپ شەكلىدە قۇراشتۇرۇلىدۇ، بۇ بىردىن بەشكىچە مىھراپ شەكلى چۈشۈرۈلگەن زەدىۋال شەكىللىك گىلەم نۇسخىسى بولۇپ، گۈللىرى كۆپىنچە ئۈستى تەرەپكە قارىتىپ چۈشۈرۈلىدۇ، مىھراپ سىرتىدىكى گۈللەر )ئۈستى تەرىپىدىكى گۈللەر( ئاستى تەرەپكە قارىتىلغان، گۈللىرى بىرقەدەر جىمجىت تۇيغۇ بېرىدىغان رەڭلەر بىلەن لايىھىلەنگەن.

    مەنزىرە نۇسخا

    بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەملەرنىڭ گۈل نەقىشلىرىنى لايىھىلەشتە مەنزىرىسى گۈزەل جايلار ئۆرنەك قىلىنىدۇ، تۈرلۈك تەسۋىرىي سەنئەت ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساس قىلىنغان. بۇ خىل گىلەملەردە كۆپىنچە تاغ - دەريا ياكى كۆل، شارقىراتما، ئورمان، گۈللۈك، چىمەنزارلىق مەنزىرىسى تەسۋىرلىنىدۇ. مەنزىرە نۇسخىلىق گىلەملەر تامغا ئېسىپ ئۆينى زىننەتلەش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن، بۇ خىل گىلەم ئۆينىڭ تېمىغا ئېسىلسا ئادەم خۇددى گۈزەل تەبىئىي سەيلىگاھتا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.

    ئوبراز نۇسخا

    بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەملەرنىڭ نەقىشلىرىدە ئادەم ياكى ھايۋان، ئۇچار قۇشلارنىڭ ئوبرازىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ئاساس قىلىنىدۇ. ئوبراز نۇسخىلىق گىلەملەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئوبراز ئوبيېكتنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، تەسۋىرىي ئوبراز نۇسخا ۋە ھەقىقىي ئوبراز نۇسخا دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ.تەسۋىرىي ئوبراز نۇسخا: بۇ نۇسخىدا تاغ، يايلاق، ئورمان، دەريا، كۆل، قۇم بارخانلىرى قاتارلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىدۇ، ئۇچۇۋاتقان قۇش، سۇدا ئۈزۈۋاتقان غاز، ئۆردەك، ئوتلاۋاتقان بۇغا، ئارام ئېلىۋاتقان ياكى ئولجىغا خىرىس قىلىپ تۇرغان شىر، يولۋاس، قۇملۇقتا كېتىۋاتقان كارۋان قاتارلىقلار تەسۋىرلىنىدۇ. بۇ خىل نۇسخىدا ئادەم ياكى ھايۋانلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. تەبىئىي مەنزىرە كۆرۈنۈشى ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ.

    ھەقىقىي ئوبراز نۇسخا

    بۇ خىل نۇسخىدا تارىختا ئۆتكەن رىئال شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ئاساس قىلىنىدۇ. ئومۇمەن كانارى نەقىشلىرى چىقىرىلمايدۇ، پەقەت ئاددىي سىزىق كانارىلارلا چىقىرىلىدۇ. تەگ رېڭى ئاساسەن سۇس بولۇپ، ئاساسىي ئوبرازنى گەۋدىلەندۈرۈشكە ماسلاشتۇرۇلىدۇ. ستالىن، ماۋ زېدۇڭ، سۇن جۇڭشەن، جياڭ زېمىڭ، جياڭ جيېشى قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئوبرازى يارىتىلغان گىلەملەر مۇشۇ تۈرگە مەنسۇپ. بۇ خىل نۇسخىدا مۇئەييەن تارىخىي دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە سىياسىي خاھىشچانلىق ئىپادىلىنىدۇ.

    خاتىرە نۇسخا

    خاتىرە نۇخىلىق گىلەملەر چوڭ - چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخي پاكىتلارنى ئىپادىلەشكە بېغىشلانغان گىلەم تۈرىدىن ئىبارەت. بۇ خىل نۇسخىدىكى گىلەملەرنىڭ گۈل - نەقىشلىرى ۋە يارىتىلغان ئوبراز جەھەتتە مۇقىم ئەندىزە بولمايدۇ. رىئال سىياسىي ئېھتىياج ياكى كىشىلەرنىڭ سىياسىي خاھىشى بويىچە لايىھىلىنىپ توقۇلىدۇ. بۇ خىل گىلەمنىڭ كانارى قىسمى گۈل - نەقىشلەر بىلەن بېزىلىدۇ. لېكىن كانارىنىڭ ئىگىلىگەن ھەجىمى چوڭ بولمايدۇ. ئىچ گۈل قىسمىغا ئاساسىي مەقسەتنى ئىپادىلەيدىغان شەكىل توقۇپ چىقىرىلىدۇ. مەسىلەن: مىنگو دەۋرىدە توقۇلغان «جۇڭگونىڭ مەمۇرىي رايونلار خەرىتىسى» ناملىق گىلەمدە جۇڭگونىڭ شۇ چاغدىكى دۆلەت، ئۆلكە چېگىرىسى ۋە ئۆلكە ناملىرى توقۇپ چىقىرىلغان24.
    شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىگە سوۋغا قىلىنغان خاتىرە گىلەمدە شىنجاڭدا بۇرۇندىن ياشاپ كېلىۋاتقان 13 مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان 13 كىشىنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە قىزغىن تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەنگەن.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يەنە چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان نۇرغۇن گىلەم نۇسخىلىرى لايىھىلىنىپ توقۇلماقتا. بۇ گىلەملەرنىڭ بەزىلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىمۇ قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشمەكتە.

    مەنبە: شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى 2003 – يىللىق 4- سان.