• 2012-04-05

    ياپونىيەدىكى بويتاق ئەرلەر %60تىن ئېشىپ كەتتى

    بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتە، قىز دوستى يوق توي قىلمىغان ياپونىيەلىك ئەرلەر %60تىن ئېشىپ كېتىپتۇ. ياپونىيەدە، قىز دوست تۇتۇشقا ئالدىرمايدىغان ئەرلەرنى «ئوتخور ئەر» دەپ ئاتايدىكەن، بۇ يېڭى ئاتالغۇ ياپونىيدە مودا ئاتالغۇلاردىن بولۇپ قاپتۇ، بۇنىڭ بىلەن بىرگە «ئوتخور ئەر»لەرنىڭ سانىمۇ بارغانسېرى كۆپەيگەن.

    دۆلەتلىك جەمئىيەت كاپالىتى ھەم نوپۇس مەسلىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئورنىنىڭ دېيىشىچە، 18 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغان بويتاقلارنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، %61 ئەر، %49 ئايالنىڭ يۈرگىنى يوقكەن. يۈرگىنى يوق ئەر-ئاياللارنىڭ نىسبىتى 2005-يىلىدىكى تەكشۈرۈشكە سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم-ئايرىم ھالدا %9ھەم %5 ئۆسكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىم دېگۈدەك ئەر-ئايال يات جىنىس بىلەن باردى-كەلدى قىلىشنى ياقتۇرمايدىكەن.

    يالغۇزلۇقنىڭ سەۋەبى، 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغانلار، %47 ئەر،%41 ئايال «بىز تېخى ياش تۇرساق»دېگەن. 26 ياشتىن 34 ياشقىچە بولغانلار %46 ئەر بىلەن %51 ئايال «مۇۋاپىق لايىق تاپالمىدۇق» دېگەن، %90 بويتاق قىز، توي قىلغاندىن بويتاق يۈرگەن ياخشى دەپ ئويلايدىكەن، يالغۇز ياشاشقا كەلسەك، %65 ئەر، %71 ئايال «يۈرۈش-تۇرۇش، تۇرمۇش ئەركىن» دېگەن، بۇنىڭدىن سىرت «پۇل جەھەتتىكى ئەركىنلىك»، «ئۆينىڭ غېمى يوق»، «دوستلاردىن ئايرىلىپ قالمايمىز» دېگەن.

    لېكىن، كەلگۈسىدە توي قىلماقچى بولغان ئەرلەر %86.3، ئاياللار %89.4نى ئىگەللىگەن. ئۇلارنىڭ توي قىلىشتىكى سەۋەبى: ئائىلە قۇرۇش، روھىي جەھەتتىكى مۇقىملىق، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىكەن، يەنە نۇرغۇنلىرى توي قىلىش ئوبېيكتىنىڭ ياش پەرقىنىڭ بەك چوڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ %35.8 ئەرنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭتۇش قىز بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى ئېيتقان.

    بىر يىل ئىچىدە توي قىلماقچى بولغان ئەرلەر ئىچىدە، مۇقىم خىزمىتى بار ئەر %57، ۋاقىتلىق خىزمىتى بارلار %34نى ئىگەللەيدىكەن، %44 ئەر بىلەن %42 ئايال تويغا ئىشلىتىدىغان پۇل يەتمىگەنلىكتىن توي قىلمايدىكەن.