• 2012-04-05

    دۇنيادىكى قىزىقارلىق مۇسابىقىلەر

    فېنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئايالىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى.ھەر يىلى ئىيۇلنىڭ بېشىدا فېنلاندىيەدە ئايالىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىدە ئەرلەر ئايالىنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرىدۇ، تەلەپ بويىچە ئايالنىڭ ئېغىرلىقى چوقۇم 49 كىلوگرامدىن كەم بولماسلىقى كېرەك، مۇسابىقىدە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بەلگىلەنگەن مۇساپىنى بېسىپ بولغان ماھىر چېمپىيون بولىدۇ.

    ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بالىلار قوي بەيگىسى. ھەر يىلى ئىيۇندا ئامېرىكىنىڭ تىكساس ئىشتاتىدا پادىچىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بايرامدا بالىلار قوي بەيگىسى قاتارلىق مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇسابىقە كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۆتۈرىدۇ. مۇسابىقىگە بەش - ئالتە ياشلىق بالىلار قاتنىشىدۇ. مۇناسىۋەتلىك تارماقلار مەخسۇس بەيگە قويىدىن 175 نى تەييارلايدۇ.

    ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىرىمچىك دومىلىتىش مۇسابىقىسى. ئەنگلىيەدە ھەر يىلى بىر نۆۋەت ئىرىمچىك دومىلىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىدە ئېرىمچىكنى تاغدىن دومىلىتىۋېتىپ، كىم ئەڭ ئاۋۋال ئېرىمچىككە يېتىشىۋالسا، شۇ چېمپىيون بولىدۇ.

    فېنلاندىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھورداقتا ئولتۇرش مۇسابىقىسى. ھەر يىلى ئاۋغۇستتا فېنلاندىيەدە ھورداقتا ئولتۇرش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مۇسابىقىدە ماھىرلار 110 سىلسىيە گىرادۇسلۇق ھورداقتا ئولتۇرىدۇ، كىم ئەڭ ئۇزۇن ئولتۇرالىسا، شۇ چېمپىيون بولىدۇ.

    ھېمىڭۋايغا ئوخشاش ياسىنىش مۇسابىقىسى. ھەر يىلى 21 - ئىيۇل ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدا داڭلىق يازغۇچى ئېرنېست ھېمىڭۋايغا ئوخشاش ياسىنىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇسابىقە دۇنياۋى يازغۇچى ھېمىڭۋاينى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان، مۇسابىقىگە ھەرقانداق ئەر قاتناشسا بولىۋىرىدۇ، كىمنىڭ ياسىنىشى، يۈرۈش - تۇرۇشى ھېمىڭۋايغا بەكرەك ئوخشىشا، شۇ چېمپىيون بولۇپ مۇكاپاتلىنىدۇ.