• 2008-11-11

    ئىــــشـرەتخانىدىكى ئىـــشلار

    ئىــــشـرەتخانىدىكى ئىـــشلار
    بۇ ئەسەر پۇتۇنلەي توقۇلما بۇلۇپ تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر ئىشقا ئوخشاپ قالسا بۇ ئاپتۇرنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەمەس.
    مـــۇقـــەددىــمــە

    بۇ ئەسەرنى تۇرمۇش مۇساپىسىدە ئىشرەتخانىغا ئىلمىشىپ قېلىۋاتقان ۋە ياكى ئىلمىشىپ قېلىش گىردابىغا بېرىۋاتقان ئاشۇ  بەخىتسىزلەرگە بېغىشلايمەن . ھەمدە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تورداشلارنى  بۇنداق جايدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن .
    1-بــاب         تـــۇنـــجى قـــەدەم

        ئىشرەتخانىغا قاچاندىن باشلاپ  كىرىشنى ئۆگەنگەنلىكىم توغرىسىدا ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىسەممۇ ئەخمەتنىڭ تۇغۇلغان كۇنىدىكى ئىشلار ھېلىھەم ئېسىمدە مانا مەن دەپ تۇرۇپتۇ .
        ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى  ئاجايىپ كېلىدىكەنمىز . بىرەر ساۋاقدىشىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنى كەلسە شۇ ئوقۇغۇچىنى زورلاپ تۇغۇلغان كۇنىنى ئۆتكۇزۇپ بىرىشكە قىستاپ ، ئۇنى بىر -ئىككى جوزا بولاپ بىزنى بىرەر جايغا (ئاساسەن دىبا ) ئاپىرىپ ئوينىتىشنى مەجبۇرلايدىكەنمىز . ھەتتا بۇنى ئاز  دېگەندەك ھەر بىرىمىز يېنىمىزدىن 50 سومدىن چىقىرىشىپ بۇ كاتتا تۇغۇلغان كۇنىگە كۆڭۇل ئىزھار قىلىشىدىكەنمىز . بۇ ئىشلار بىزنىڭ مەكتەپتىلا بارمۇ ياكى باشقا مەكتەپلەردىمۇ  ھەم بارمۇ  بۇنى ئېنىق بىلەلمىدىم .ئىشقىلىپ تۇنجى قەدەم ئەخمەتنىڭ تۇغۇلغان كۇنىدە باشلانغان ئىدى .
        ئەخمەت بىزنىڭ ياتاقتىكى ياتاقدىشىمىز ۋە سىنىپىمىزدىكى ئەڭ « پائالىيەتچان »يىگىت بولغاچمىكىن-تاڭ  ياتاقتىكى بالىلار بىر ئاي ئىلگىرىلا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى قانداق ئۆتكۇزۇش ئۇستىدە ئالىبۇرۇنلا ئۇيلىشىپ بولغان ئىدۇق . ئەخمەتنىڭ تۇغۇلغان كۇنى   ئاينىڭ ئوتتۇرىغا توغرا  كەلگەن بۇلۇپ ، ھەمىمىزنىڭ يېنى توم ئىدى . ئۇنىڭ ئۇستىگە بۇ كۇن جۇمە كۇنى بۇلۇپ چۇشتىن كېيىن دەرس يوق بولغاچقا ھەمىمىزنىڭ نەزىرىدە «خوشاللىق ئۇستىگە خوشاللىق »بولغان ئىدى . مەكتەپ بەلگىلىمىسىدە جۇمە كۇنى ياتاق تەكشۇرۇلمەيدىغان بولغاچقا  بىزدەكلەرگە چىللاپ كەلگىلى بولمايدىغان ئامەتلەرنىڭ بىرى ئىدى . شۇنداق قىلىپ ياتاق كولىككتىپى بۇ شەھەردىكى ئەڭ چوڭ كۆڭۇل ئېچىش مەركىزى بولغان  «سېرىق ئارال  »كۇلۇبىغا بېرىپ تازا ياشاپ كەلمەكچى بۇلۇشتۇق .
         «سېرىق ئارال  »كۇلۇبى بۇ شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇلۇپ ، ھەر كۇنى كەچتە ئاجايىپ قىززىپ كېتەتتى . بۇلۇپمۇ جۇمە-شەنبە كەچلىرى بولسا ھەرقايسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى  ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە -يېزىلاردىن كەلگەن قىز يىگىتلەرنىڭ قالايمىقان ۋارقىراشلىرى ، ئەسەبى توۋلاشلىرى بىلەن كۇلۇپ ئىچى ئاجايىپ  قاينام -تاشقىنلىققا چۇمۇلەتتى . ياتاقتىكى سەككىز  قەھرىمان يېڭى سېتىۋالغان كىيىملەرنى كىيىشىپ بۇ كۇلۇپقا كىرىپ كەلدۇق .   بىزنىڭ بۇ كۇلۇپقا قەدەم تەشرىپ قىلغىنمىزنىڭ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس ئىدى- ئەلۋەتتە . ئەخمەتنىڭ ئائىلىسى خېلىلا ھاللىق ئائىلە بولغاچقا ئۇنڭقا ھەر ئايدا 600--700 سومغىچە پۇل كېلەتتى.  بۇگۇنكى سورۇنمۇ ئاشۇ  مولچىلىقنىڭ شاپائىتى بىلەن تاماق شىرەسىنىڭ ئۇستىمۇ ئاساسەن توشۇپمۇ قالغان  بۇلۇپ ، ۋىسكىنىڭ باش قۇماندانلىقى ئاستىدا  پىۋا ، ئامىرىنو ، «ئاق تىرەك »ۋە بىر قانھە چوڭ -كىچىك تەخسىلەر بىلەن تولغان ئىدى . «بىزمۇ ھەم بار  »دىگەندەك  غالىپنىڭ قۇلىدىكى ئىككى كىچىك رومكىمۇ  كۇلۇپ ئىچىدىكى سۇس چىراق يۇرىقىدا كۆرۇنۇپ تۇراتتى . كۇلۇپ ئىچى ئادەملەر بىلەن توشقان بۇلۇپ ، قىزلارنىڭ ئەسەبىي توۋلاشلىرى ، يوقىرى ئاۋازدا قويىۋېتىلگەن ئامىرىكا مۇزىكىسىنىڭ تەسىرىدە بىر -بىرىمىزنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاران تەستە ئاڭلىيالىدۇق .
    _ غالىپ ، قۇيمامسەن ،- مۇرات سۆز باشلىدى .
    _ئاۋال بىرەر پەدە پىرقىرىۋەتمەمدۇق ،- غالىپمۇ بوش كەلمىدى بولغاي، ئۇمۇ سۆزلەشكە باشلىدى ، _ بۇ يەرگە   پەقەت چىلاشقىلى كەلمىگەندىن كېيىن .
    _  بىرەر رومكا قېقىۋېلىپ ئاندىن سەھنىگە چۇشمەمدۇق ؟ ، - بۇ ئالىمنىڭ ئاۋازى ئىدى .
    _ بۇلە غالىپ ، ئېچىرقاپ كەتتۇق كەتتۇق جۇمۇ بىز ، - ئەخمەت كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى قۇۋەتلىدى .
    _  قېنى ئەمسە خوشە .
    غالىپ تۇنجى قەدەھنى «سىقىۋەتتى ».  بىز  ھەمىمىز لەۋلىرىمىزنى يالاشقىنىمىزچە نۆۋەت كۇتمەكتە ئىدۇق . . . . . .
          بوتۇلكىلار قۇرۇقلىنىشقا باشلىدى . باشلار قېيىشقا ، پۇتلار  توختاۋسىز ھەركەتكە چۇشۇشكەن  بۇلۇپ ، قارشى تەرىپىمىزدە ئولتۇرۇشقان قىزلارنى تانسا ئويناشقا تەكلىپ قىلىشتۇق .  ئۇ قىزلارمۇ ئاران تۇرغاندىمۇ - قانداق  بۇ تەكلىپىمىزنى ئېغىزدىن چىقىرىپ بولغىچە ئۇچقاندەك كىلىپ مۇرىمىزگە قۇلىنى ئېلىپ ، كۆزلىرىمىزگە ئاجايىپ تەبەسسۇم بىلەن قارايتتى .  تانسا چەتئەلنىڭ  قايسىبىر لىرىك كۇيىگە ئوينالغان بۇلۇپ ، رېتىمى ناھايتى ئاستا ئىدى . مەن بىر نەچچىسىنىڭ «كۆڭلى »نى ئىچىۋەتكەن بولغاچقا  ئۆزەمنى  ئاران تۇتۇپ تۇرغان بولساممۇ ، ياتاقداشلاردىن كېيىن قېلىشنى خالىمىغاندەك چېچى مۇرىسىنى  ياپقان بىر قىزنى تانسىغا تەكلىپ قىلدىم .
    تانسا داۋام قىلماقتا ئىدى .  بۇ قىز مەن ئويلىغاندىنمۇ بەك گۇزەل بۇلۇپ ، بىر جۇپ قوي كۆزلىرىدىن ئۆز - ئۆزۇمنىڭ ئەكسىنى كۆرەتتىم . بۇ قىزنىڭ ئىسمى رەشىدە ئىكەن . ئۆزى مۇشۇ شەھەردىكى مەلۇم ئۇنۋىرسىتېتنىڭ بۇيىل ئوقۇش پۇتتۇرىدىغان ئوقۇغۇچىلىرى بولغاچقا ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا تېخىمۇ ئېسىل كۆرۇنۇشلەرنى قالدۇرۇش ئۇچۇن بۇ يەرگە دائىم كېلىدىكەن . رەشىدە مېنىڭ يىقىلىپ كېتىشىمدىن ئەنسىرىگەندەك مۇرەمنى مەھكەم تۇتاتتى . مەنمۇ بۇ ھەركەتكە ماسلىشىپ ئۇنىڭ قوغۇشۇمدەك بەللىرىنى تازا قاملاشتۇرۇپ تۇتىۋالغان ئىدىم . بىر - بىرىمىزگە قارىشىپ نەپەس يىتىشمىگەندەك ئېغىر-ئېغىر ھاسىراپ قۇياتتۇق . يېنىمىزدىلا گىرەلەشمە تانسا ئويناۋاتقان بىر جۇپ قىز - يىگىت شۇنچە جىق كىشلەر ئارىسىدا سۆيۇشىۋاتاتتى . مەن رەشىدەگە قارىدىم ، .ئۇمۇ بۇ بىر جۇپلەرنى كۆرۇپ ماڭا بېشىنى لىڭشىتتى  - دە ، مۇزىكىغا ئەگىشىپ كۇلۇپ سەھنىسىنىڭ بىر بۇرجىكىگە مېنى باشلاپ كەلدى . تانسا يەنىلا داۋام قىلماقتا ئىدى . رەشىدە مىنى ئۆزىگە تارتتى .  مەن ئۇنىڭغا قارىدىم . ئۇ ھېلىقى قىز - يىگىت بار تەرەپنى شەرەت قىلدى - دە كۆزلىرىمگە قارىدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن  قانداقتۇر بىر چاڭقاقلىقنى سەزگەندەك بولدۇم  ۋە  لەۋلىرىمنى  رەشىدەنىڭ ئويماقتەك لەۋلىرىمگە باستىم . . . . . .
          كىچە ئىككىلەربىلەن بۇ سورۇن ئاخىرلاشتى .  بىز سەككىز ئەزىمەت پۇتلىرىمىزنى ئاران باشقۇرۇپ كۇلۇپتىن چىقتۇق . رەشىدەلەرمۇ بىزنىڭ ئارقىمىزدىنلا چىقتى  ۋە بىر تاكسى تۇسۇپ كېتىپ قالدى . رەشىدە تاكسىنىڭ دېرىزىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ مېنى توۋلىدى ۋە باش بارمىقى  بىلەن چىمچىلاق  بارمقىدىن  «ماڭا تىلفۇن قىلىڭ»
    دېگەن شەرەتنى كۆرسىتىشكە ئۇلگىرگەن ئىدى . باياتتىن مەن ئۇنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى تىلفۇنۇمغا كىرگۇزۋالغان ئىدىم . كىچە بولسىمۇ كۇچا چىراقلىرى بىلەن شەھەر ئىچى خۇددى كۇندۇزدەك يۇرۇپ كەتكەن ئىدى . بىز مەكتەپ تەرەپنى نىشان قىلىق ماقدۇق .
    _ باللا ، بۇگۇن ياتاقنى تەكشۇرمىگەندىن كېيىن بىرەر مىھمانخانىغا بېرىپ تاماششىنىڭ ئاخىرىنى چىقارمامدۇق ؟ - ئەخمەت بىزگە سەپسىلىپ قارىدى .
    _ پۇل بولمىسا قانداق قىلىمىز ؟ - ، غالىپ سۇئال سورىدى .
    _  ماڭە باللار ، ئاغىنىمىزگە خەجلىمىگەن پۇلنى كىمگە خەجلەيتتىم .
    ئەخمەت مەيدىسىنى قېقىپ قويغىنىچە ئارقىغا بۇرۇلدى . بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتۇق  .  ئۇزاق ماڭماستىنلا شەھەرنىڭ چېتىدىكى «ياقۇت » ۋىۋىسكىلىق بىر مىھمانىغا  كېلىپ قالدۇق . بۇنداق مىھمانخانا ھەم شەھەردىن  چەترەك ، ھەم كىچىك بولغاچقا ياتاق پۇلى ئەرزان ئىدى .
        مىھمانخانا ئىچى كىچىكمۇ ئەمەس ئىدى . بىز ياتاقنى دىيىشىپ بولغىچە نېرىقى بىر ئۆيدىن بىر قانچە قىزلار بېشىنى چىقىرىپ كۇلۇپ تۇراتتى . بىز شۇندىلا بۇ جاينىڭ مىھمانخانا ئەمەس بەلكى ئىشرەتخانا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق .
                       ( 1- پاب مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى . )





    评论

  • قۇتلۇق ئەپەندى تورىمىزدا زىيارەتتە بولدى
  • ئاخىرى قىنە بۇ ھىكايىنىڭ؟
  • ئاخىرى قېنى .
  • ئىشرەتخانىدىكى ئىشلار 2-باپ



    2-باپ بۇمۇ تۇرمۇش بولدىمۇ ؟



    ئاتالمىش ((مېھمانخانا)) دىمۇ بايامقى سورۇننىڭ داۋامى باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ جايدىمۇ ھاراق ، پىۋا ، تاماكا قاتارلىق (( سورۇن ئەزالىرى )) ئاساسەن تۇلۇق بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ باھاسى ئادەتتىكى دۇكانلاردىن قىممەترەك ئىدى . سورۇن ئەنە شۇنداق باشلاندى . بۇ سورۇننىڭ ساقىلىقىنى مەن ئۇستۇمگە ئالغان بولغاچقا تۇنجى بۇلۇپ ئېغىز ئاچتىم .
    _ ئاغىنىلەر ، كەيپىياتنى تېخىمۇ كۆتۇرۇش ئۇچۇن تاماششىنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇ جايدا ئېلىپ بارماقچى بولدۇق . ئاغىنىلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۇچۇن قېنى خوشە!!
    _ خوشە ئاداش.
    _سىڭسۇن جۇمۇ ساڭا .
    ئاچىچىق ھاراق گېلىمنى كۆيدۇرۇپ دېگىدەك ئۆتۇپ كەتتى . چىرايىم ئۆزگىرىپ كەتكەچكقىمىكىن-تاڭ ، بۇ ئىش بالىلارغا تازا كۇلكە ۋە سورۇن تېمىسى بۇلۇپ بەردى .
    _ ئەكرەم ، قارا چىرايىڭغا ، قورۇق جەھەتتە ھېسامكامدىنمۇ ئېشىپ كەتتىڭغۇ ؟
    _ كېلە ئاداش دەزمال سېلىپ قۇياي ....
    ياتاقداشلارنىڭۇ قاقاقلاپ كۇلۇشى بىلەن تۇن نىسپىنىڭ جىمجىتلىقىنى بۇزاتتى .
    _ ھۇيۇت يىگىتلەر ، قارىسام ئاق ئۇجمىنىڭ بودىكىدەك تازا قاملاشقان يىگىتلەر ئىكەنسىلەر ، - دېدى پوكەيدە تۇرغان سىمىز ئايال .
    بۇ ئايالنىڭ ئەرلەرنىڭكى بىلەن تامامەن پەرىقلەنمەيدىغان بۇلۇپ ، ئۆزىنى كۆرمىگەن كىشى بۇ ئايالنى جەزمەن ئەر دەپ ئويلاپ قالاتتى . ئۇنىڭ ئىنىچكە بۇغۇلغان سۇپۇرگىدەك چېچى بىلكەن بىشىپ ساڭگىلاپ كەتكەن باراڭدىكى بىر جۇپ كاۋىدەك كۆكسى بۇ ئايالنىڭ ئايال ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىشتىكى ئەڭ چوڭ ئىسپات ئىدى.
    _ ھە ، نېمە بولدى ؟ - دەپ سورىدى بۇ ئايالغا تىكىلىپ .
    _ سېسىق ھاراقنى ئىچىپ ئوتۇرىۋېرەمسىلەر يىگىتلەر ؟ قەلبىڭلارنى لالغا سالغىدەك گۇزەل قىزلار پاقا تەشكەن سويمىدەك قاراپ تۇرىۋاتسا سىلەر قانداقمۇ جىم ئولتۇرۋاتقانسىلەر ؟
    بىز سورۇنغا بىرىلىپ كەتكەن بولغاچقا دېرىزىدىن بىزگە قاراپ تۇرىۋاتقان قىزلارنى كۆرمىگەن ۋە ياكى كۆرگەن بولساقمۇ ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمىگەن ئىدۇق .
    _ خالىمامسىلەر ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ؟ _ ، ھېلىقى ئايال قۇلىدا ئاغىزىنى تۇسىۋېلىپ خىقىراپ كۇلۇپ كەتتى ، _ ياكى جۇرئەت قىلالمايۋاتامسىلەر ؟
    بىز ھىممىمىزنىڭ كۆزلىرى دېرىزىگە تىكىلگەن بۇلۇپ ، ئۇئايالنىڭ گېپىگە ئانچە ئېرەن قىلىپ كەتمىدۇق .
    _ ھاراقلا ئىچىمىز قانداق ؟ ياتاقنى بىر كۇنلۇك ئىجارىگە ئالغاندىن كېيىن نېمە قىلساق ئۆزىمىزنىڭ ئىشى سەن بۇنىڭغا ئارلاشمىساڭمۇ بۇلىدۇ .
    _ ۋايجان ما قىلتىرىقنىڭ گېپىنى ، - ئۇ دېمىنى قېقىپ قويغىنىچە ياتاقتىن چىقىپ كەتتى .
    مەن باشقا بالىلارغا قارىغاندا سەل ئۇرۇقراق بولغاچقا ئۇ ئايالنىڭ گېپى دەل جايىغا كەكگەن بولغاچقا ، ياتاقداشلىرىمۇ ھەم پىخلداپ كۇلۇشكە ئۇلگۇردى .
    _ قىزلار سىلەر بىلەن بىرگە ئىچىشىپ بىرىمىز دەيدۇ ، _ ھېلىقى ئايال ياتاققا بېشىنى تىقىپ بىزلەرگە قاراپ ئېيتتى.
    مەن سورۇن ساقىسى بولغاچقا ياتاقداشلارنىڭ كۆزى ماڭا تىكىلگەن ئىدى . مەن ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمىدىم .چۇنكى بىز ھاراق ئىچىپ خېلى ۋايىغا يەتكەن بولغاچقا ، قىزلارنىڭ يانچۇقىمىزنى ((كولاپ)) قۇيۇشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم .
    _ جاۋاپ بەرمەملا غاز بۇيۇن ؟
    ھېلىقى ئايال باياتتىن مىنى (( قىلتىرىق)) قا ئوخشاتسا مانا ئەمدى (( غاز)) غا ئوخشىتىۋاتاتتى .
    _ قانداق قىلساڭ قىلمامسەن ؟ ، - مەن بۇئايالنىڭ گېپىگە ئاچچىقلىنىپ قالغان ئىدىم .
    بىر تۇركۇم قىزلار يۇگۇرۇپ دېگىدەك ياتاق ئىچىگە كىرىپ كەلدى ۋە ھەر بىرىمىزنىڭ ئوتتۇرسىغا قىستىرىپ كىردى،
    _ قىزلىرىم ، (( مۇشۇك بىكارغا ئاپتاپقا چىقمايدۇ )) جۇمۇ ، ئۆزەڭلەرگە پەخەس بۇلۇڭلار ..
    ھېلىقى ئايال شۇنداق دېگەنچە كۇلۇپ كەتتى .
    _ خوپ خانئاچا ، گىپىڭىزنى ئاڭلايمىز ، - قىزلار چۇرقىرىشىپ جاۋاپ بىرىشتى .
    _ مەنمۇ ئولتۇرۇشۇپ بېرەيمۇ قانداق ؟ ، - ھېلىقى ئايالنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى .
    _ سەنمۇ بۇ سورۇندا ئولتۇرىۋالساڭ (( قوي ئارىسىغا ئۆچكە كىرىپ قالغاندەك )) بولمامدۇ ؟ ، - دېدى ئەخمەت ، يېنىدىكى قىزغا قاراپ قۇيۇپ ، _ قايىت ،قايىت ، قايىت .
    بىز ھەمىمىز قاقاقلىشىپ كۇلۇپ كېتىشتۇق . ھېلىقى ئايال ((سەنلەرگە گەپ قىلغىچە ئارىمىمنى ئالايچۇ)) دېگىنىچە چىقىپ كەتتى .
    باياتتىن ھاراق تەسىرىدە كۆزلەر خۇمارلىشىپ ئۇيقۇ لەشكەرلىرى كۆزلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ، يۇمۇلۇشقا باشلىغان كۆزلەر ھازىر قايتىدىن تىتىكلىشىپ ، يېنىدا ئولتۇرغان قىسقا يوپكا كاسىلىرىنى ئاران قىزلارغا تىكىلىۋاتاتتى .
    _ تۇتە مەخمۇت ، بۇ رومكا ساڭا كەلدى ، - مەن ھاراق قۇيۇلغان رومكىنى مەخمۇتقا سۇندۇم .
    مەخمۇتقا سۇنۇلغان ھاراقنى ئەخنەت ئېلىۋالدى ۋە ماڭا قايناشقا باشلىدى :
    _ قانداق ساقىسەن ؟ قىزىل گۇلدەك قىزلار سورۇنغا كەلسە ئۇلارغا ھۆرمەت (( سوۋغىسى)) قىلمامسەن . كىچىكتە-سەن ، كىچىك .
    _ قېنى ئايپاشا ، بۇ رومكىنى گۇپپىدە قىلىپ ، - ئۇ ئوڭ يېنىدىكى قىزغا رومكىنى سۇندى.
    _ ھەي يىگىت ، مېنىڭ ئىسمىم ئايپاشا ئەمەس ، بەلكى ئايجامال جۇمۇ ، - دېدى قىز .
    _ ئايلىناي ، ەېپىڭىزدى ئايلىناي ، يەر جامال .
    سورۇن ئەنە شۇنداق داۋام قىلىۋاتاتتى ، ئەمما سورۇن يېڭى باشلانغاندىكىدەك ئۇنچىلىك قىزىمىدى . چۇنكى قىزلارنىڭ سورۇنغا قۇشۇلۇشى بىلەن ((دوستۇم ساڭا گېپىم بار )) باشلىنىپ كەتكەن بولغاچقا ، بىر - بىرىلىرىنىڭ قۇلاقلىرىغا پىچىرلىشىپ ، غەلىتە مەنىلەردە كۇلۇشۇپ قۇيۇشاتتى . بېقىنىمنى چىمداشتىن چۆچۇپ سول يېنىمغا قارىدىم . بېقىنىمدىلا ئوتۇرغا قىز ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى :
    _ نېمەنچە مۇڭلىنىپ ئولتۇرىسىز ؟
    كۆزلىرىم يۇمۇلۇشقا باشلىغان ئىدى . كۆزلىرىمنى ئۇگىلىۋېتىپ سورۇنغا قارىدىم . سورۇندا ماڭا گەپ قىلغان قىز ۋە مەندىن باشقا ھىچ كىم كۆرۇنمەيتتى .
    _ باشقىلار قېنى ؟ ، - مەن ئەجەپلىنىپ سورىدۇم .
    _ ئۇلار ھاجەتخانىغا چىقىپ كېتىشتى .
    قىز شۇنداق دېگىنىچە رومكىغا ھاراق قۇيۇپ ، ماڭا (( خوشە )) دەپلا ئىچىۋەتتى . قارىماققا ئۇنىڭ ئاچچىقى كىلىپ قالغاندەك قىلاتتى . ئۇ ئورنىدىن قۇپۇپ قۇلۇمىنى تارتتى . مەن ئۇنىڭغا ((نېمە )) دېگەن مەنىدە قارىدىم .
    _ يۇرىڭە مېنىڭ ياتىقىمغا چىقايلى .
    ئۇ شۇنداق دېگىنىچە قۇلۇمنى تارتىپ مېنى سۆرىگەندەك قىلىپ ياتاقتىن ئېلىپ چىقتى ۋە 3-قەۋەتكە سۆرەپ ماڭدى . پۇت-قوللۇرۇم چوڭ مىڭەمنىڭ كونتىروللىغىدىن چىقىپ كەتكەندەك كالامپايلىشىپ كېتىۋاتاتتى .
    ئۇمىڭ ياتىقى پاكىز بۇلۇپ ، بىر خىل خۇشپۇراق دېماقلارغا ئۇرۇلاتتى . ئۇ مىنى ئىككى كىشلىك لۆم-لۆم كارىۋاتقا ئولتۇرغۇزۇپ كارۋات بېشىدىكى كىچىك بىر قۇتىدىكى دورىلاردىن ئىككىنى ماڭا ئۇزاتتى .
    _ نېمەڭ بۇ ؟ ، - پۇت - قۇلۇمدا جان بولمىسىمۇ كاللام خېلىلا سەگەك ئىدى .
    _ بۇدېگەن مەسلىكنى يېشىدىغان دورا ، - ئۇ پەرۋاسىزلارچە جاۋاپ بەردى .
    _ مەسلىكتى يېشىدىغان دورىنىڭ بارلىقىنى مەن ئەجەپ بىلمەيدىكەنمىنا ؟
    _ سىلەردەك ئىش كۆرمىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نېمىنى بىلەتتىڭلار ؟
    مەن ئۇنىڭ گېپىدىن ھەيران قالدىم . بىز بۇ مېھمانخانىغا كىرىشتىن ئاۋال سالايىتىمىزنى ئاشكارلىماسلىققا ۋەدە قىلىشقان ھەم بۇ يەردە ئۆزىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتمىغان ئىدۇق . ئۇنىڭ قۇلىدىكى دورىلارنى يۇتىۋەتتىم . كۆڭلۇمدە ئۇنىڭغا نەپرەتلىنىش تۇيغۇسى ئەمدىلىكتە ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە ئايلانغان ئىدى . ئۇ يۇمران قوللىرىدا مېنىڭ ئىككى چېكەمنى ئۇگىلاشقا باشلىدى .
    ئالاھەزەل ئون نەچچە مىنۇتلاردىن بولسا كېرەك كاللام خېلىلا سەگىپ قالغان بۇلۇپ ، كۆزلىرىمدىكى چارچاش ۋە ئۇيقىسىراش ئالامەتلىرى نە-نەلەرگىدۇر غايىپ بولغاندەك قىلاتتى . مەن بېشىمنى چايقىدىم ، ئۇ قوللىرىنى چۇشۇرۇپ ماڭا تىكىلىپلا تۇراتتى . دېمەك ئۇ مەندىن بىر نەرسە سورايدىغاندەك قىلاتتى .
    _ ئىسمىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ ؟ ، - بۇ ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ئۇچىنىجى سۆزى ئىدى .
    _ ئەكرەم ، - مەن قانداقلارچە ئىسمىمنى ئۇنىڭغا دەۋەتكەنلىكىمنى بىلەلمەي قالدىم .
    ئۇ (( ئۇھ )) دېگىنىچە ئېغىر تىنىپ قويدى .
    _ بۇمۇ ساڭا بىر تۇرمۇش بولدىمۇ ؟ ، - مەن ئۇنڭدىن سورىدۇم .
    ئۇنىڭ شۇنچە چىرايلىق تۇرۇپ قانداقلارچە بۇنداق يەرگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلمەكچى ئىدىم .
    _ تۇرمۇش ؟ ، - ئۇ قاقاقلاپ كۇلۇپ كەتتى . مىنى سەل سۇر باسقاندەك بولدى .
    _ بۇنى تۇرمۇش دېگندىن كۆرە ئازاپ دېڭىزى دىيىش كېرەك .
    مەن ئۇنىڭ مۇنداق جاۋاپ بىرىشىنى پەقەتلا ئويلاپ باقمىغان ئىدىم .
    2- باپ ئاخىرلاشتى .
    3-باپ خاتا بېسىلغا بىر قەدەم