• 2008-11-11

    مـۇھــەبـبـىتىمـنىـڭ قـىـزى...

     مـۇھــەبـبـىتىمـنىـڭ قـىـزى...

    0
    _ نېمانداق قىينايلا ئادەمنى؟ يېنىمدا بارى مۇشۇ!
    _ كەم بولىدۇ ئۇكام، بولمىسا باشقا شوپۇرلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ باق!
    _ سىلىدىن باشقا شوپۇرلار ھەممىسى كېتىپ بوپتۇ. ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر بولغاندىكىن قېرىنداشلىقنى يەتكۈزسىلى نېمە بولار؟
    _ ئامال يوق، بىزمۇ پۇل تاپمىساق بولمايدۇ – دە؟! خوتۇنۇمنىڭ كېسىلى بار، بالام ئوقۇيدۇ، ئانام. . .
    _ ۋاي، بولدى، بولدى. . . ئەمسە قالغىنىنى شەھەر ئىچىگە كىرگەندە بىرەر تونۇشۇمدىن ئېلىپ بېرەي. ئەمدىغۇ بولغاندۇ؟
    _ ماۋۇ گېپىڭ بولىدۇ. چىقە ئەمسە!
    ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ھەممە ئاچچىقىمنى چىقىرىۋالماقچى بولغاندەك «گۈپپىدە» يېپىپ قاپاقلىرىمنى تۈرۈپ ئولتۇردۇم. خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇشۇنداق چەت بىر يەرگە كېلىپ قالغىنىم بىر ئېغىر كېلىپ، پۇلۇمنى ئوغرى ئېلىۋالغىنىنى ئويلىسام يىغا تۇتۇۋاتقان چاغدا ما شوپۇر ئاداشمۇ «ئىككى سوم كەم بوپ قالىدۇ» دەپ ئەجەپ تەتۈر قىينىدى ئادەمنى. باشقا ماشىنىلار بولغان بولسا ھەرگىز چىقمايتتىم بۇ ئەبجەق سانتاناغا. باشقا شوپۇرلار يەتتە سوم ئالىدىغان يەرگە قاراپ تۇرۇپ 15 سوم ئالىمەن، دەپ تۇرۇۋالغىنىنى. مېنى باشقا يەردىن كەلدى، دەپ قويماقچى بۇ!
    باياتىن بېرىقى قورساق كۆپۈكلىرىنى ئويلاپ ئىچىم ئېچىشىپ ئولتۇرسام شوپۇر بىردەم – بىردەم كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا ماڭا قاراپ قويۇپ جىمجىتلىقتىن بەك زېرىكىپ كەتتىمۇ بىر كۈلۈپ قويۇپ مەندىن سورىدى:
    _ نېمە خىزمەت قىلىسەن؟
    _ كومپىيۇتېر شىركىتىدە ئىشلەيمەن، _ دېدىم مەن خۇشياقمىغان ئاھاڭدا.
    _ ئۇزۇن بولدىمۇ؟
    _ ئانچە ئۇزۇن بولمىدى، ناخشا ئاڭلاپ ماڭايلى!
    _ ماشىنامدا ناخشا قويغىلى بولمايدۇ.
    _ ئوخخووو... بۈگۈن مېنى راستىنلا نەس بېسىپتىغۇ زادى؟!
    _ تاماكا چەك ئەمسە.
    شوپۇر شۇنداق دېگەچ بىر قولىدا رول يەنە بىر قولىدا تاماكىنى ماڭا ئۇزاتتى. ماڭا دەل لازىم بوپ تۇرغان نەرسىدە بۇ. تارتىنمايلا ئېلىپ تۇتاشتۇردۇم. تاماكىنى چېكىپ تۇرۇشۇمغا ئۇ يەنە لاپپىدە قاراپ قويۇپ:
    _ قارىغاندا بۈگۈن ئىشلىرىڭ ئىلگىرى باسماپتۇ – دە؟ _ دەپ سورىدى.
    ئەسلىدە بۈگۈن ئەتىگەن بۇ چەت يېزىدىكى بىر ئىدارىگە شىركىتىمىزدىن ئالغان كومپىيۇتېرلارنىڭ تالونىنى كەستۈرگىلى كەلگەنتىم. پىلانىمدا ئەڭ كېچىككەندىمۇ چۈشتىن كېيىن ئەڭ ئاخىرقى ئاپتوبۇس قالغۇچە ھەممە ئىشىمنى تۈگىتىمەن، دەپ ئويلىغان. لېكىن ئۇلار «ئۇ باشلىق كەلسۇن» دەپ باشلىقى كېلىپ «بوغالتىر كەلسۇن» دەپ بوغالتىر كېلىپ «كاسسىر كەلسۇن» دەپ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرىۋەتتى. ھەممە ئىشىمنى تۈگىتىپ پۇللارنى سومكىغا سېلىپ بېكەتكە كەلسەم ئاپتوبۇس قالماپتۇ. قورسىقىم ئېچىپ ماغدۇرۇممۇ قالمىغان ئىدى  . تاماق يېگەچ يەرلىك كىشىلەردىن شەھەرگە قانداق قايتىدىغانلىقىنى سورىۋالماقچى بۇلۇپ  بىر ئاشخانىغا كىردىم. ئاشخانىنىڭ ئالدىدا ئورۇندۇق، تاماق ئۈستەللىرى باركەنتۇق، سالقىنراق ئولتۇراي دەپ شۇ ئۈستەللەرنىڭ بىرىگە كېلىپ سومكىنى ئۈستەلنىڭ ئۈستىگىلا قويۇپ چاي ئالغىلى ماڭسام موتوسىكىلېتنىڭ كۈچلۈك ئاۋازى ئاڭلاندى. كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام مەندىن سەل كىچىكرەك ئىككىسى بىر موتوسىكىلېتنى مىنىپ كەلدى – دە، سومكامنى ئېلىپلا ماينى بولۇشىغا بېرىپ تىكىۋەتتى. كەينىدىن «ئوغرىنى تۇتۇڭلار!» دەپ ۋارقىرىغىنىمچە يۈگۈردۈم، ئەمما يېتىشەلمىدىم. يىغلىغۇدەك بولۇپ يانچۇقۇمغا قولۇمنى سالسام ئاران 13 سوم پۇلۇم باركەن. شۇ يەرلىك كىشىلەردىن سورىسام ئەڭ يېقىن ساقچىخانىمۇ بۇيەرگە 40 – 50 مىنۇتلۇق يول ئىكەن. شەھەرگە قايتىپ ئاندىن ساقچىغا مەلۇم قىلماقچى بولۇپ بېكەتكە كېلىپ قارىسام بىر قارا رەڭلىك سانتانا تۇرىدۇ، ھەنىم بولسا سىرتتا قالمىغۇدەكمەن، دەپ شوپۇردىن شەھەرگە نەچچە پۇلغا ئاپىرىدىغانلىقىنى سورىسام 15 سوم، دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. بۇ يەرگە كەلگىچە سەككىز سوم بىلەن كەلگەن دېسەممۇ «بىر ئادەمكەنسەن، ئىككى كىشىلىك ھەق تۆلەيسەن، بولمىسا مەن ئۆيۈمگە قايتىپ ئارام ئالاي» دەپ قەتئىي ئۇنىمىدى. مەن 13  سوم دەپ باشتا سۆزلەپ ئۆتكەندەك تالىشىپ قالدۇق. قورساق كۆپۈكىدە ئىچىم ئاچچىق بولۇپ كاللامدا ئۆز – ئۆزۈمگە سۆزلىگەندىن مۇشۇ ئاداشقا سۆزلەپ بېرەيچۇ، دەپ بۈگۈن ئەتىگەندىن تارتىپ بايا ئۇنىڭ بىلەن باھادا تالىشىپ قالغۇچە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم.
    _ بۈگۈن مېنى نەس بېسىپتۇ، _ دېدىم مەن گېپىمنىڭ ئاخىرىدا، _ بۇ ئىشلارنى دېرىكتورغا قانداق چۈشەندۈرەرمەن ئەمدى؟ ھەيييي. . .
    _ قورسىقىڭ ھېلىمۇ ئاچمۇ؟ _ دېدى شوپۇر ماڭا قارىماستىنلا، ئاندىن رولنىڭ يېنىدىكى تارتمىدىن بىر تەييار چۆپ، بىر بوتۇلكا مېنىرال سۇ ئېلىپ ماڭا سۇندى، _ ئاز بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ يەۋال! مېنىڭمۇ قورسىقىم ئېچىپ كەتسە مىجەزىم چۇسلىشىپ كېتىدۇ. بىز ئوخشىشىپ قالىدىكەنمىز جۇمۇ؟!
    _ مەنمۇ شۇنداق، قورسىقىم ئېچىپ كەتسە ئاسانلا ئاچچىقلىنىمەن، _ دېدىم مەن تەييار چۆپ بىلەن مېنىرال سۇنى ئالغاچ، _ ما ئوخشاشلىقنى.
    قورساق ئاچقاندا ھەممىنى ئۇنتۇيدىغان مىجەزىم بايىقى ئوغرىلارنىمۇ ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىپتۇ. چۆپنى بىردەمدىلا يەپ بولۇپ سۇنىمۇ يېرىمداپ قويدۇم ھەم خىجىل بولۇپ شوپۇرغا ئۇزاتتىم.
    _ مەن ئىچمەيمەن، _ دېدى شوپۇر، _ سوغۇق سۇ ماڭا زىيان قىلىدۇ
    _ ئەمسە نېمىشقا سۇ ئېلىۋالىدىڭىز؟
    _ سېنى ئىچەرمىكىن دەپ ئېلىۋالغان خې خې. . .
    _ يالغان سۆزلىمەڭا.
    _ چاقچاق قىپ قويدۇم ئۇكا، _ دېدى شوپۇر كۈلۈپ كېتىپ، _ بايىقى بازاردىن شەھەرگە كىرگۈچە خېلى ۋاقىت كېتىدۇ. يولۇچىلار ئۇسساپ قالغاندا ئىچەر، دەپ ھەرقېتىم يولغا چىققۇچە بىرنەچچە بوتۇلكا سۇ ئېلىۋالىمەن.
    _ سىز بەك ئاق كۆڭۈلكەنسىز جۇمۇ، ھەممە شوپۇر سىزدەك بولغان بولسا ھە؟
    _ ھې ھې شۇنداقمۇ؟ بەلكىم.
    مەن شوپۇرغا قايتىدىن سەپ سېلىپ قارىدىم. ئۇنىڭ چاچلىرى رەتلىك قىلىپ كەينىگە تارالغان بولۇپ ھېلىلا مايلاپ قويغاندەك پارقىراپ تۇراتتى. كىچىك، ئويچان كۆزلىرى ئۇ ھەرقېتىم كۈلۈمسىرىگەندە يۇمۇلۇپ كېتەتتى. پېشانىسىدىكى تال – تال قورۇقلار، گۆشلۈك يۈزىدىكى  دانىخورەكلەرنىڭ ئىزلىرى، چېكىسىدىكى شالاڭ ئاق چاچلار ئۇنىڭ 40 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى. ئۇنىڭغا قارىغانسېرى بايا ئوساللىق قىلغانلىقىمدىن سەل خىجىل بوپ قالدىم. نېمىلا دېگەن بىلەن مەندىن چوڭ تۇرسا.  
    ئەمدى گەپ قىلاي دەپ تۇرۇشۇمغا ماشىنا كىچىك بىر كەنتكە يېتىپ كەلدى. شوپۇر ماشىنىنى ئاستىلىتىپ بىر پىششىق خىش بىلەن سېلىنغان، دەرۋازىلىرى كۆركەم نەقىشلەنگەن بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى. ئوتتۇرا ياش بىر ئايال ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئۈجمە ئۈزۈپ 9 – 10 ياشلارد%D