• 2008-11-12

    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى‏- موسا ئابدۇرۇسۇل باي

    ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى‏- موسا ئابدۇرۇسۇل باي ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننىي مائارىپنىڭ تۇنجى ئاساسچىسى، تەرغىباتچىسى، يېتەكچىسى مۇسا ئابدۇرۇسۇلباي 1809-يىلى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىنىڭ ئېكساق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر سودىگەر ئابدۇرۇسۇلباي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇساباي ئائىلە تەربىيىسىدىن كېيىن دەسلەپكى ساۋادىنى يۇرتى ئېكساقتىكى ئابدۇلئەرىز دامۇللادا چىقارغان ھەم بۇ مۆتىۋەر زاتتىن قۇرئان بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن. 18 ياشقا كىرگەن يىلى ئابدۇلئەرىز دامۇللانىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قەشقەردىكى ئالىي بىلىم يۇرتى خانلىق مەدىرىسكە ئوقۇشقا كىرگەن. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن دادىسى ئابدۇرۇسۇلباي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بېرىپ تىجارەت قىلغان، ئۇ بۇ جەرياندا ئۆلىمالار بىلەن ئۇچىرىشىپ ئىلىم تەھسىل بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيىتكەن. 1845-يىلى غۇلجىغا چىقىپ غۇلجا شەھەر ئەتراپىدا 80 مىڭ چارۋا ۋە 3000 مو يەر سېتىۋىلىپ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىگلىكىنى ئۆز تىجارىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارغان. ئۇ بۇ جەرياندا يەرلىك ئۇسۇلدا قول كۆن- خۇرۇم زاۋۇتلىرىنى قۇرۇپ، ئىگەر- جابدۇق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقارغان. مۇسا ئابدۇرۇسۇل دادىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، دادىسىنىڭ بارلىق مال- مۈلۈكىگە ۋارسلىق قىلىپ تىجارەت دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيىتكەن. 1870- يىلى ەېرمانىيىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىپ، سودا- تىجارەتتىكى ئالاھىدە نەتىجىلىرى بىلەن خەلقئارا سودىگەرلىرىنىڭ چوڭقۇر ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ شۇندىن ئېتىبارەت <مۇسابايوف> نامى بىلەن تونۇلغان. 1870- 1971- يىللىرى ۋە 1972- يىللىرى مۇساباينىڭ سودىسىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ بۇ جەرياندا ئىلى بەيتۇللا مەدرىسنى ياساش، قەشقەر ھېيىتگاھ جامەسىنى چوڭ رېمونت قىلىش، قەشقەر خانلىق مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى قۇرۇلۇشىنى باشلاشتەك ئېغىر يۈكنى ئۆز زىممىسگە ئېلىپ، شۇ دەۋرنىڭ ئىلغار بايلىرىنىڭ سەركەردىسى بولغان. 1880- يىللىرى ئەسلىدىكى قالاق كۆن- خۇرۇم زاۋۇتىنى 200 كىشىلىك قول سانائەت كارخانىسىغا ئۆزگەرتىپ، مىللىي سانائەتنى يۈكسەلدۈرۈشكە ھەسسە قوشقان. چەتئەللەردە سودا- سىتىقتا كۆزى ئېچىلغان بۇ ئۇلۇغ زات جاھالەت ئارغامچىسىغا باغلىنىپ ئازابلىق ئىڭراۋاتقان خەلقىگە يېڭى يول بەلگىسى ياساپ بېرىش مەقسىتىدە، جان- جىگەر ئوغۇللىرى ھۈسەن مۇساباي، باھاۋۇدۇن مۇسابايلار بىلەن 1883- يىلى يۇرتى ئاتۇشنىڭ ئېكساق كەنتىگە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان پەننىي مائارىپنىڭ مەشئىلى بولغان «ھۆسەيىنىيە» مەكتىپىنى قۇرپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىغا دەۋر بۆلگۈچ تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ: <پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ئىلىمنىڭ خوجايىنى بولۇڭلار> دېگەن ئەقىدىسى مەرىپەت سۆيەر ئوغلىرىنىڭ كېيىنكى زامانلاردا تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا مەرىپەت ئوچاقلىرىنى قۇرۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. مۇساباي 1885- يىلىدىن كېيىن بارلىق ئىقتىسادىنى ئوغۇللىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ قەشقەر خانلىق مەدىرىستە بىر مەزگىل مۇددەرىس بولغان. بۇ مەزگىلدە ئۇ گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، دەرس ئۆتۈشتىن قېپقالمىغان. 1890-يىللىرى يۇرتى ئاتۇش ئېكساققا قايتىپ كېلىپ <ھۆسەيىنىيە> مەكتىپىنىڭ ئوقۇ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن.1895- يىلى ئاتۇشتا ۋاپات بولغان.