• 2008-11-12

    سۆيگۈ ۋە جىنايەت

    سۆيگۈ ۋە جىنايەت (پوۋىست) ياسىنجان ئىبراھىم 1 ئۇ بېكەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، خۇددى ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بوتىلاقتەك قاياققا مېڭىشىنى بىلەلمەي بىر ھازا گاڭگىراپ تۇرۇپ قالدى. يىتىمنىڭ ئىگىسى خۇدا دىگەندەك،بىر ھەپتىلىك يىلىكتىن سۇ ئىچكەن جىسمانى ئەمگەكنىڭ بەدىلىگە ئېغىر تاياق يەپ، يەتكىچە خورلۇق تارتىۋالغان تالىپ،كوچىغا قوغلۇنۇپ چىدىغۇسىز ئەلەم-ھەسرەتتە قالغان شۇ كېچىدە خۇددى خىزىرغا يولۇققاندەكلا بىر مېھرىبان باشپاناھنىڭ مېھىر -شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان ئىدى.ئۇ مۇشۇ چىنىباغدىكى بىر ساخاۋەتچى دىخان بولۇپ،ھەممە ھۆرمەت قىلىدىغان يۇرت چوڭلىرىنىڭ بىرى ئىدى.مەيلى قەيەردە بولسۇن يىتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاپ،قولىدىن كېلىشىچە ياردىمىنى ئايىمايتتى.شۇڭا يۈسۈپ چوڭام دەپ ھۆرمەتلىنەتتى. شۇ كېچىدە تالىپنىڭ باش-كۆزلىرىدىكى قانلارنى پاكىز تازلىتىپ،يېنىك زەخمە بولسىمۇ كىچىك يېرىلغان ئىككى يەرنى دورىلاپ تاڭدۇرۇپ،كېرەكلىك دورا-ئوكۇللارنىمۇ سېتىۋېلىپ،ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۆيىگە ئېلىپ كەتكەن ئىدى.تالىپ شۇ كۈنى ئايۋان ئىشىكىدىن كىرىپلا ئۆزىگە تەئەججۇپلىنىپ قاراپ قالغان تونۇش بىر چىرايغا قاراپلا داڭ قېتىپلا قالدى.ھودۇققىنىدىنمۇ ياكى ھايرانلىقىدىنمۇ تۈزۈك سالاممۇ قىلالماي تىلى كالۋالاشقاندەك بولۇپ: _ سىز..._ دىگىنىچە كۆزىگە قارىدى. _ ۋۇي،سىزكەنسىزغۇ؟ نىمە بولدىڭىز؟ _ دىدى ئۇمۇ تالىپنى تونۇپ. _ قىزىم مېھرىبان،ئىككىڭلار تونىشىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەيران بولغان يۈسۈپ چوڭام ھەر ئىككەيلەنگە مەنىلىك قاراپ. _ دادا،مەن سىزگە ئېيتقانغۇ، بىر ھەپتە ئىلگىرى دۇككىنىمىزغا كىرگەن ھېلىقى... _ شۇنداق تاغا،_ دىدى تالىپ قىزنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى تۈگىتىشىگە تاقەت قىلالمىغاندەك،تىترەپ تۇرغان ئاۋازى بىلەن _ ئۇ كۈنى ئاچ قۇرساق تېنەپ يۈرگىنىمدە مانا مۇشۇ ئوڭلۇق قىزىڭىز،دۇككىنىڭىز بېشىمنى سىلىغان.مانا بۈگۈنكىدەك ھالىم تېخىمۇ بەتتەر بولغاندىمۇ سىز، ئىللىق ئويىڭىز باشپاناھ بولىۋاتىدۇ،شۇ تاپتا سىلەرگە نىمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەي قېلىۋاتىمەن ئوبدان تاغا\... تالىپتىكى رازىمەنلىك ھېسسىيات بىلەن خىجالەتچىلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ ھەسسىلەپ كۈچىيىپ،ئۆزىنى پەقەتلا بېسىۋالالمىدى.كۆزلىرىدە لىغىلداپ تۇرغان ھاياجان يېشى،تېخى بىر سائەت ئىلگىرىكى ئازاپ ياشلىرىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىگەن ئىدى. _ بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزما ئوغلۇم. _ دىدى يۈسۈپ چوڭام ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ.ئاندىن قىزى مېھرىبانغا قاراپ_ ھېلىقى شاكىر دىگەن نائەھلى شۇنچە ئىشلىتىپ ئىش ھەققىنى بەرمەكتە-يوق ئۇرۇپ قوغلاپ چىقىرىپ بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغىنىنى كۆرمەمسەن قىزىم._ دەپ خۇرسىنىپ قويدى. _ مەن ئەتىسى شاكىر ئۆيىدە ئىشلىتىۋېتىپتۇ دەپ ئاڭلاپ، مۇشۇنداق بولىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدىم،ئاتا-ئانىسىنىڭ قانچىلىكى بار،ئادەمگەرچىلىكنى بىلمەيدىغانلار... _ بولدى قىزىم،قالغان گەپ بولسا ئەتىگىچە دىيىشەرمىز،ساراي ئۆيگە ئورۇن راسلىغىن.بۇ بالام ئارام ئېلىۋالسۇن. _ ماقۇل دادا،بۇ ئۆيدە ئازراق ئارام ئېلىپ تۇرۇڭلار. مېھرىبان چەبدەسلىك بىلەن ساراي ئۆيگە كىرىپ كەتتى.يۈسۈپ چوڭام بىر ئىشنى ئەسكە ئالغاندەك ساراي ئۆي ئىشىكىدىن بېشىنى تىقىپ : _ ئورۇننى راسلاپ قويۇپ،ئازراق شورپا سالغىن قىزىم _ دىدى. _ مانا ھازىرلا دادا. _ ئۇنچىلا ئاۋارە بولماڭلارچۇ تاغا،ھېلىمۇ مۇشۇ قىلىۋاتقىنىڭلار ئاز ئەمەس _ دىدى خىجالەتچىلىكتە ئاران ئولتۇرغان تالىپ،يۈسۈپ چوڭامنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ. _ ئارتۇق تەكەللۇپ قىلمىغىن ئوغلۇم،ھەرگىز قورىنىدىغان،تارتىنىدىغان ئىشنى قىلما.قارىسام ئۇ ناكەسلەر كەچلىك تامىقىڭنىمۇ بەرمىگەندەك قىلىدۇ. تالىپ ئارتۇقچە سۆزلەشنى خالىمىدى بولغاي،ئېغىر بىرنى تىنىۋېتىپ يەرگە قاراپ ئولتۇرغىنىچە بىر ھازا جىمىپ كەتتى.بىر جۇپ مامۇق ياستۇق،ئىككى قات كۆرپە بىلەن ئورۇن راسلاپ قويۇپ ساراي ئۆيدىن چىققان مېھرىبان ئۆزىگە چۆچىگەندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىغان تالىپقا تەبەسسۈم بىلەن قاراپ: _ بۇ ئۆيگە كىرىپ ئارام ئېلىپ ياتقاچ تۇرۇڭ،مەن تاماق تەييارلاي._ دىدى. _ رەھمەت. تالىپ مېھرىباننىڭ كۆزىگە تەلمۇرگەندەك قاراپ ئاران شۇ بىر ئېغىز سۆزنى قىلدى-دە ئۇلاپ دىمەكچى بولۇپ بوغىزىغا كېلىپ قالغان كۆڭۈل سۆزلىرىنى يۇتىۋېتىپ، ساراي ئۆيگە كىرىپ كەتتى. چىرايلىق ئۆي جاھازلىرى ۋە ئوتقاشتەك گىلەملەر بىلەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان ئازادە ئۆينىڭ تۆرىگە سېلىنغان قات-قات يۇمشاق كۆرپىدە پۇت-قولىنى ئۇزۇن سۇنۇپ يېتىۋالدى. مانا يۇمغاقسۈتنىڭ ھىدى گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرغان مەززىلىك شورپىمۇ تەييار بولدى.يۇمشاق ئورۇندا راھەتلىنىپ يېتىپ قوسىقىنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ كۆزى ئۇيقىغا كەتكەن تالىپنىمۇ بۇ مەززىلىك پۇراققا قوشۇلۇغان مېھرىبان ئائىلىسىنىڭ مېھرىبانلىقى شىرە ئالدىغا چىقىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى. يۇمشاق پىشقان ئەركەك قوينىڭ گۆشىنى يەپ، چوڭ چىنىگە تولدۇرۇپ قۇيۇلغان شورپىسىغا سىڭىپ پىشقان ئاق ناننى چىلاپ يەپ-ئىچىپ تەرلىنىۋالغان تالىپنىڭ ھاردۇقى بىراقلا چىققاندەك بولۇپ،خۇددى ئۆزىنى قايتىدىن كۈچ-قۇۋەتكە تولغاندەك ھېس قىلدى. _ قېنى ئىچىڭ، يەنە بىر چۈمۈچ قۇياي._ دەپ زورلايتتى مېھرىبان ئۇنىڭ ئىشتىھا بىلەن يەپ-ئىچىشلىرىگە تېخىمۇ مەدەتكار بولۇپ .ئازادىلىك ھېس قىلسۇن دىدىمىكىن سۆزىنىڭ ئاخىرىنى چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ ئاخىرلاشتۇردى_ قوساق ئېچىپتىكەنغۇ، تارتىنىپ قىز بالىدەك ناز قىلىسىز تېخى. مېھرىباننىڭ چاقچىقى خېلىلا تەسىر قىلغان بولسا كېرەك، ئىككى مەڭزىدىكى سۇس قىزىللىق ئۈستىگە قېنىق قىزىللىق تېپىپ، يۈزى ئوت ياققاندەك قىزىپ كەتتى. _ بەك ئوخشاپتىكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە قوسىقىممۇ تازا ئاچقان.شۇڭا خۇدۇمنى بىلمەي يەپ كېتىپتىمەن.سەت بولدى... _ ئوغۇل بالا دىگەن تاماقنى ياخشى يەپ،ئىشنىمۇ ئوغۇلبالىدەك قىلىشى كېرەك،خىجىل بولماڭ،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويدۇم. _ مېھرىبان توغرا دەيدۇ ئوغلۇم،تاماقتىن تارتىنىپ ئولتۇرغان ئوغۇل بالا بىلەن مېنىڭمۇ خوشۇم يوق.قېنى راس تويغان بولساڭ داستىخانغا بىر دۇئا قىلىۋېتەيلى ئەمىسە._ دىدى يۈسۈپ چوڭام قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈشكە تەرەددۇت قىلىپ. مېھرىبان دەرھال قاچا-قۇچىلارنى يىغىتۇرىۋەتتى. داستىخانغا دۇئا قىلىنىپ، تالىپ ئىچ-ئىچىدىن رازىمەنلىكىنى ئىپادىلەپ رەھمەت تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈردى.يۈسۈپ چوڭام بېشىدىكى يارىشىملىق بادام دوپپىسىنى ئېلىپ يېنىغا قويۇپ يىرىك قوللىرى بىلەن چېچى يېڭىدىن چۈشۈرۈلۇپ پارقىراپ تۇرغان بېشىنى ئاندىن ئاق ئارىلاپ كەتكەن چار كالتە ساقىلىنى سىلاپ قويدى. بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ تۇرغان توم قاشلىرى ئاستىدىكى سىنچى كۆزلىرىنى ئاستا تالىپقا ئاغدۇردى. _ ئالدى بىلەن تائام،ئاندىن كالام دەپتىكەن ئوغلۇم،_ دەپ ۋەزمىن ئاھاڭىدا سۆزىنى باشلىدى يۈسۈپ چوڭام،_ بايا ئەھۋالىڭ ئوسال چاغدا ئۇنى-بۇنى سوراشنى راۋا كۆرمىگەن ئىدىم،مانا ئەمدى قارىسام خېلى ئەسلىڭگىمۇ كېلىپ قالغاندەك تۇرىسەن.ئازراق ئەھۋاللىشىۋالساق بولامدۇ؟ _ بولىدۇ تاغا،بولمامدىغان. _ قانداقلا بولمىسۇن ماڭا راس گېپىڭ كېرەك،يالغانچىنىڭ قۇيرىقى بىر تۇتام دىگەننى ئۆزۈڭمۇ بىلىدىغانسەن؟ _ قەسەم قىلىمەنكى تاغا سۆزلىرىمگە بىر ئېغىز يالغان سۆز قوشۇلۇپ قالسا ئىككى دۇنيالىق قارايۈز بولاي. يۈسۈپ چوڭام ئادەملەرگە باھا بېرىشتىكى سەزگۈرلىكى بىلەن ئۇنىڭ يالغان سۆزلىمەيدىغانلىقىغا خېلىلا ئىشەنچ تۇرغۇزغان ئىدى.مېھرىباننى بىر پىيالىدىن ئۇسسۇلۇق سىنچاي دەملەپ كېلىشكە بۇيرۇپ قويۇپ،تالىپنى تېخىمۇ ئازادە ئولتۇرۇشقا جىكىلەپ قويۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى. _ ئۆيۈڭ قەيەردە ئىدى ئوغلۇم؟ئىسمى-زاتىڭ نىمە؟ _ ئۆيۈم قەشقەر بېھىشكېرەمدە،ئون ئىككى ياش چېغىمدا دادام ئۆلۈپ كەتكەن. ئۆيدە ئانام بىلەن ئون ئالتە ياشتىن ئاشقان بىرلا سىڭلىم بار. _ ئۇ ئىككى ئاجىزەنى تاشلاپ قويۇپ نىمىشقا بۇ تەرەپلەردە قاڭقىپ يۈردۈڭ؟ _ بېشىمىزغا كەلگەن كۈلپەت بولمامدۇ تاغا؟ تالىپ ئاخىرقى جاۋاپ سۆزىنى قىلىۋاتقاندا ئاۋازى بوغۇلۇپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلۇشقا باشلىدى. بىر چەينەك چاينى دەملەپ كەلگەن مېھرىبانمۇ كۆڭلى بىر قىسما بولغان ھالدا دادىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. _ ئادەم يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، مەڭگۈلۈك قاراڭغۇ ئالەمگە سەپەر قىلغىچە نىمە قىسمەتلەرنى كۆرمەيدۇ دەيسەن ئوغلۇم،قېنى يېشىڭنى سۈرتىۋېتىپ سۆزلەپ بەرگىن،يەردەم قىلغىدەك يېرى بولسىلا مانا بىز بارغۇ،يۇرت جامائەت بارغۇ... _ ماقۇل مەن سۆزلەي،ھەممىنى سۆزلەپ بېرەي... تالىپ ئۆزىگە ھېسداشلىق بىلەن قاراپ روبىرو ئولتۇرغان بۇ ئاق كۆڭۈل ،مېھرىبان ئاتا بالا ئىككەيلەننىڭ كۆزىگە تىكىلىپ بىر قارىۋالدى-دە كۆزىدىكى ياشلارنى سۈرتۈپ تۇرۇپ، بېشىغا كەلگەن ئازاپلىق قىسمەتنىڭ نەق جەريانىنى ئانا يۇرتىدىكى مۇھاببەت كەچۈرمىشىدىن باشلاپ سۆزلەشكە باشلىدى... سى ئولتۇرۇشلۇق يېزىغا قايسى يول قايسى ماشىنا بىلەن بېرىشنى ئەسلا بىلمەيتتى.پەقەت قارا سۇ يېزىسىنىڭ چىنىباغ كەنتىنى تېپىۋالسىلا شۇنچە يىراق يولدىن نىشانلاپ كەلگەن باشپاناھىنى تېپىۋالغان بولاتتى. ئۇ روھى ھالىتىدىكى جىددىلىكنى زورىغا بېسىپ، ئەتراپىدىكى ناتونۇش كىشىلەردىن كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلىرىگە سالام بېرىپ،مەنزىلگاھىغا قانداق بارىدىغانلىقىن سوراشقا باشلىدى.بۇ ئامالنىڭ ئاخىرى ئۈنىمى بولدى. بىر ئاق كۆڭۈل كىشى ئۇنى بارىدىغان يېزىغا قاتنايدىغان كىچىك مىنىبوسقا چىقىرىپ قويدى.ئۇ ئۆيىدىن ئەلەم-ھەسرەت بىلەن ئايرىلغاندىن بېرى بۇنچىلىك خوشال بولۇپ باقمىغان ئىدى. _ رەھمەت تاغا،ياخشى ئادەمكەنسىز،بەك ياخشى ئادەمكەنسىز ... _دىيەلىدى ئۇ ئارانلا . _ ھېچ ۋەقەسى يوق،شوپۇر مەنزىلىڭگە بارغاندا ئۆزى چۈشۈرۈپ قويىدىغان بولدى،خاتىرجەم بولغىن.ھە راس،ئىسمىڭنى سورىماپتىمەنغۇ؟ _ ئىسمىم تالىپ،خوش تاغا،ئامان بولساق كۆرىشەرمىز... تالىپ ماشىنا ئەينىكىدىن ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ،ئۆز-ئۆزىگە: «توۋا،بۇ دۇنيادا بېشىمغا ئېغىر كۈنلەرنى سالغان تام قوشنىمىزدەك ئەسكى ئادەملەرمۇ؛ مانا مۇشۇنداق مېھرىبان ئاق كۆڭۈل كىشىلەرمۇ بار...» دەپ پىچىرلاپ قويدى. ماشىنا شەھەر ئىچىدىن چىقىپ،شەرىققە قاراپ سوزۇلغان قارا ماي ياتقۇزۇلغان يېزا يولىغا چىقىپ، سۇرئىتىنى تېزلەتتى.ئىككى قاسناقتىكى قاتار- قاتار ئاق تېرەكلەر كەچكۈزنىڭ سوغۇق شامىلىدا ئاخىرقى زەپىران يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرلەپ يەرگە تاشلايتتى.تالىپ سالا-سالا ئېتىزلاردىكى ئاخىرقى تېرىم پاختىلىرىنى يىغىۋاتقان،غوزا ئۈزىۋاتقان دىخانلارغا قارىغىنىچە يامغۇردەك ياش تۆكۈپ،نالە قىلىپ قالغان ئانىسى بىلەن ئەمدىلا ئون ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان سىڭلىسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئىچ-ئىچىدىن يۈرەك-باغرىنى تىلىپ چىقىۋاتقان ئازاپلىق خىياللاردىن كۆڭلى بىئارام بولاتتى: « جېنىم ئانا،ئوماق سىڭلىم، مەنغۇ سىلەرنىڭ زورلىشىڭلار بىلەن جېنىمنى ئېلىپ قاچتىم.شۇ تاپتا سىلەرنىڭ ھالىڭلار قاداقراقتۇ...» ماشىنا كۆجۈم بىر مەھەللىنىڭ دوقمىشىغا كېلىپ توختىدى.شوپۇر ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ،تالىپقا قاراپ: _ مۇشۇ كەنىت شۇ،چۇشۇڭ. _دىدى. ئاچچىق خىيالغا بەنت بولۇپ كەتكەن تالىپنىڭ قۇلىقىغا بۇ سۆز كىرمىدى بولغاي،يېنىدا ئولتۇرغان كىشىنىڭ نوقىشى بىلەن چۆچۈپ ئېسىنى يىغىپ،شوپۇرنىڭ كۆزىگە قارىدى.شوپۇر تېرىككەك بولسا كېرەك،ئاۋازىنى قوپالراق چىقىرىپ ۋاقىرىدى: _ گەپ قىلىۋاتىمەن ئادىشوي،قۇلاق پاڭمۇيا. تالىپ دىلى ئازراق ئازار يىگەن بولسىمۇ ،كېلىدىغان يېرىگە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ ماشىنىدىن چۈشىۋالدى. مانا ناتونۇش دوقمۇش، ناتونۇش مەھەللە،ناتونۇش ئادەملەر...ئۇنىڭدا تېخىچىلا قورۇنۇش،تەمتىرەش ئالامەتلىرى بېسىلمىغان ئىدى.«نىمىلا بولمىسۇن نەۋرە ئاچام بار يەرگە كېلىۋالدىمغۇ،يەنە نىمىگە ئەندىشە قىلاي،بۇ كىچىك كەنىتتە كىملا بولسۇن سورىساملا ئېيتىپ بەرمەمدۇ، ھېلىقى ئاق كۆڭۈل ئادەمدەك ئۆيىگىلا باشلاپ بارىدىغانلار چىقىپ قالامدۇ تېخى...»ئۇ مۇشۇ خىياللىرى بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولدى-دە ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراشقا باشلىدى.ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يول بويىدىكى بىر كىچىك دۇككانغا كۆزى چۈشتى.ئۇ دۇككانغا كىرىپ سۈرۈشتۈرمەكچى بولۇپ كىرىشىگىلا،يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر قىز كۈلۈمسىرىگىنىچە قارشى ئالدى.تالىپ كىرىپلا ئۇ قىزنىڭ مېھرىۋانلىق يېغىپ تۇرغان يوغان،قاپ-قارا كۆزلىرىگە قاراپلا تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. قېلىن قارا قاشلىرى ئاستىدا ئۆزىگە تىكىلىپ قالغان ئويچان چوڭ-چوڭ قارا كۆزلەرگە،ھارغىنلىق چىقىپ تۇرغان بۇغداي ئۆڭ چىرايغا؛ بېشىغا كىيىۋالغان بادام دوپپىغا قاراپ بۇ يىگىتنىڭ باشقا يۇرتلاردىن كەلگەنلىكىنى جەزىم قىلغان قىز دەرھال ئېغىز ئاچتى: _ نىمە ئالاتتىڭىز؟ _ ھېچ...ھېچنىمە... مەن... _ھودۇقماي سۆزلەڭ،بىرەر ھاجىتىڭىز بارمىدى؟ قارىسام باشقا يۇرتتىن كەلگەندەك تۇرىسىز. _شۇنداق،مەن قەشقەردىن،مانا ھازىر كېلىشىم.مۇشۇ يەردە نەۋرە ئاچام بار ئىدى، ئۆيىنى سىزدىن سورىۋالاي دەپ كىرگەن ئىدىم. ئىسمى سېلىمىخان. دۇككاندار قىز ئازراق ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى. دەرھال بىر ئىشنى ئەسكە ئالغاندەك تالىپقا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى: _ بۇ كەنتىمىزدە بىرلا سېلىمىخان ئىسىملىك ئايالدىن بىرسىلا بار ئىدى.ئالدىنقى يىلى يولدىشى قازا قىلغان... _ شۇ، دەل شۇ ، بىز ئاڭلىغان بىراق كېلەلمىگەن._ دىدى تالىپ قىزنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ. _ ئۇنداقتا چاتاق بوپتۇ،يېرىم يىلدەك بولدى، ئۇ نەۋرە ئاچىڭىز بىر چارۋىچى بىلەن توي قىلىپ كەتكەن،ھازىر نەدىلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. قورۇ-جايىنىمۇ سېتىۋەتكەن. _ نى...نىمە دىدىڭىز ؟_ دەپ ھودۇققىنىچە قايتۇرۇپ سورىدى تالىپ،خۇددى بېشىدىن تۇيۇقسىز بىر چىلەك قۇدۇق سۈيى قۇيىۋەتكەندەك ئەندىكىپ. _ سىزنى ئالداۋاتقان ئوخشىمامدىمەن؟ ئىشەنمىسىڭىز باشقىلاردىن سوراپ كۆرۈڭ. _ ئۇنداق ئەمەس،ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،خاپا بولماڭ. ئاھ خۇدا ،ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق، قەيەرگە بارغۇلۇق._تالىپ ئاخىرقى سۆزلىرىنىڭ ئاغزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ يۇرتتىكى بىردىن بىر ئۇرۇق-تۇققىنى شۇ ئىدى.دۇككاندار قىزنىڭ بەرگەن ئۇچۇرى ئۇنىڭغا ئەڭ ئېغىر شۇم خەۋەردەك تۇيۇلۇپ،ئارامىغا چۈشەي دىگەن كۆڭلى يەنە ساراسىمىگە چۈشكەن ئىدى.ئۇ تەر چىقمىغان پىشانىسىنى كەڭ ئالقانلىرى بىلەن سۈرتكەندەك سىلاپ تۇرۇپ،ئېغىر بىرنى تىنىۋالدى-دە قىزغا تەلمۈرگەندەك قاراپ: _ يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگكەندە بۇرنى قاناپتۇ، دىگەندەك ئىش بولۇپتۇ قاراڭ_ دىدى. _ كۆڭلىڭىزنى مالال قىلماڭ، كۆرۈشۈپ قالارسىلەر._ دىدى دۇككاندار قىز تالىپنىڭ كۆڭلىنى ياساپ. _ خۇدايىم بۇيرىسا دىگىنىڭىز دەك بولا،رەھمەت سىزگە، ياخشى قىزكەنسىز. تالىپ ئېغىر قەدەملىرىنى ئارقىغا يۆتكەپ، دۇككاندىن چىقىشقا تەمشەلدى-يۇ، بىر ئىش ئېسىگە كەلگەندەك يەنە توختاپ قالدى. شۇ چاغدىلا ئۇ قوسىقىنىڭ ئېچىۋاتقانلىقىنى سەزگەن ئىدى. شۇئان يانچۇقلىرىنى ئاختۇرۇپ يېنىدىكى ئاخىرقى سەكسەن تىيىن پۇلنى قولىغا ئېلىپ، قىزغا قارىدى: _ يىگىدەك بىر نەرسە ئېلىۋالايمىكىن،تەييار چۆپ بولسا ... _ ئاي توقاچ،تەييار چۆپ، مانا ھەممىسى بار. تالىپ بىر، قولىدىكى پارچە پۇللارغا،بىر ، قىزغا قاراپ .ئوڭايسىز ھالەتتە سورىدى: _ باھاسى قانچىكىن؟ ئەرزانراقىنى ئالاي. دۇككاندار قىز بىر قاپ تەييار چۆپنى ئېلىپ تالىپقا تەڭلىدى. _ مانا بىر كويچەن بېرىڭ. _ ئاران مۇشۇ سەكسەن تىيىن پۇلۇم قاپتىكەن،بولدى ئالماي، كەچۈرۈڭ ئاۋارە قىلدىم._ تالىپ سۆزىنى تۈگىتىپلا ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ مېڭىشىغا، قىزنىڭ زىل يېقىملىق ئىنچىكە ئاۋازى ئۇنى يەنە جايىدا توختاشقا مەجبۇر قىلدى. _ توختاڭ،بۇنى ئېلىۋىلىڭ. تالىپ ئارقىسىقا قاراپ،قىزنىڭ ئاپ-ئاق زىناقلىق يۈزىدىن تەبەسسۈم ياغدۇرۇپ،بىر جۇپ ئاي توقاچ بىلەن تەييار چۆپنى تەڭلەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە،خۇددى تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك نىمە دىيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. قىز يەنە ئېغىز ئاچتى: _ بۇ مېنىڭ كۆڭلۈم بولسۇن،قارىسام بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندەك قىلىدۇ. _ بو...بولدى،ئۇنداق قىلماڭ._دىدى تالىپ تەستە زۇۋانغا كېلىپ. _ قوبۇل قىلغىڭىز كەلمىسە، كېيىن پۇل تېپىپ بېرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.قېنى تارتىنماي ئېلىڭ، ئاچ قۇرساق يۈرسىڭىز ئاغرىپ قالمامسىز؟ تالىپ يەنە بىر مېھرىبان كىشىگە يولۇققانلىقىدىن تەسىرلىنىپ، تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن قىزنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى ئاستا ئېلىپ، كىچىك بىر لۆڭگىدىن باشقا بىسات يوق كۆنا قارا سومكىسىغا سالدى. _ مەن بۇنىڭ پۇلىنى چوقۇم بېرىۋىتىمەن._ دىدى ئۇ ئاۋازىنى سەل كۆتۈرۈپ قەتئىلىك بىلەن._ .كۆڭلىڭىز بەكلا ياخشىكەن. _ بولدى،چاقچاق قىلىپ قويدۇم.تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق نەرسىلەرغۇ بۇ _ ياق،بۈگۈن مەن ئۈچۈن بۇ چوڭ ياردەم بولدى. ئىسمىڭىزنى سورىسام بولامدۇ؟ _ ھە، ئىسمىنى سوراپ نىمە قىلاتتىڭ؟_ دەل شۇ چاغدا دۇككانغا كىرىپ كەلگەن قارىمۇتۇق،ئوتتۇرا بوي،قاڭشارلىق بۇرنىنىڭ ئاستىغا يارىشىملىق بۇرۇت قويىۋالغان،تاقىرباش،پادىچىلار كىيىمى كىيىۋالغان يىگىرمە بەش ياشلاردىكى بىر يىگىت كىرىپلا قىزنىڭ ئورنىدىلا قوپال جاۋاپ قايتۇردى.تالىپ ئۇشتۇمتۇت قۇلاق تۇۋىدە ئاڭلانغان يات بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ،دەرھال ئارقىسىغا قارىدى-دە ھودۇققان ھالدا سالام قىلىپ قول تەڭلىدى. _ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم. _ تارت قولۇڭنى،كىم سېنىڭ دوستۇڭكەن.قېنى ئېيتە،نەدىن كەلگەن كەلگىندىسەن؟ _ نىمانداق يولسىزلىق قىلىسىز شاكىر،ئۇ سىزگە بىرنىمە دىمىدىغۇ؟_ دىدى قىز ھېلى كىرگەن يىگىتكە زەردى بىلەن . _ ماڭا دىمىگەن بىلەن سىزگە دەۋاتمامدۇ؟ _ سىزنىڭ مەن بىلەن نىمە كارىڭىز؟ _ نىمىشقا كارىم بولمايدىكەن،بىلىپ قويۇڭ سىزگە چاپلاشقىنىم چاپلاشقان. _ ھەددىڭىز ئەمەس\_ بۇ رودىپاي يىگىتكە نەپرەتلىك تىكىلىپ،كەسكىن تەلەپپۇزدا شۇنداق دىدى-دە دەرھال تالىپقا قاراپ: _ سىز چىقىۋېرىڭ،تۇققىنىڭىزنى بالدۇرراق تېپىۋالارسىز._ دىدى. _ چىق دىگەندىكىن چىقمامسەن،بەزدەك قاراپ تۇرماي _ دىدى ھېلىقى يىگىت تالىپقا ۋاقىراپ. تالىپ شۇنچە خورلۇق ھېس قىلغان بولسىمۇ ،دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ،قىزغا مەنىلىك بىر قارىۋالدى-دە دۇككاندىن ئاستا چىقىپ كەتتى. سىرتتا سوغۇق شامال كۈچىيىشكە باشلىغان ئىدى.تالىپنىڭ جەنۇپ ھاۋاسىغا لايىق كىيىۋالغان بىر قۇر ئاددىغىنە يېلىڭ كىيىملىرى، شىمالنىڭ ئاچچىق سوغۇقلىرىغا دال بولالمايتى. ئۇ يوللاردىكى شامالدا ئۇچۇپ يۈرگەن سارغايغان ياپراقلارغا قاراپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى. ئۆزىنىڭ تەقدىر-قىسمەتنىڭ تەتۈر شاماللىرىدا ئەشۇ ياپراقلارغا ئوخشاپ قالغانلىقىدىن ئۆكۈندى.زىدە بولغان يۈرىكى ھەسرەتلىك خىيال ئىسكەنجىدە تىپىرلايتى: «ئېسىت،ئېسىت... مەنمۇ ئەر بولدۇممۇ\؟ نىمە كۆرسەم ئۆز ئۆيۈمدە كۆرسەم بولماسمىدى...» ئۇ تېگى يوق خىيال بىلەن كەنىتنىڭ چوڭ توت كوچا دوقمىشىدىكى چوڭ بىر كۆۋرۈكنىڭ قېشىغا كېلىپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمەي قالدى. ئەتراپىغا خىرە ئۈمۇتنىڭ تۈرتكىسى بىلەن قاراپ قويدى. شۇ مىنۇتتىكى ھايات دوقمىشىغا ئوخشايدىغان بۇ دوقمۇشتا قايسى يولغا مېڭىپ،مەنزىلگاھىنى تېپىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان ئىدى. ئۇ كۆۋرۇكنىڭ يېتىلگەن مۈشۈكنىڭ بويىچىلىك كېلىدىغان گىرۋىكىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ،ئېچىرقىغان قورسىقىنى ئازرا ئەستەرلىۋىلىش ئويىغا كەلدى.سومكىسىدىن بىر ئايتوقاچ بىلەن تەييار چۆپنى ئېلىپ ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى. _ پاھ،پاھ، قەيەردە ئاچ قالغان بولغىيدى بۇ ئاداش. تالىپ قوساقنىڭ ئاچلىقىدا ئەتراپىنى بىردەملىك ئۇنتىغان ئىدى.تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ ،ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.ئۆزىدىن ئون قەدەمچە نېرىدا تېخى بايىلا يولۇققان مۇتىھەم شاكىر ئسىملىك يىگىت بىلەن يەنە بىر ئۇزۇن چاچ، بۇغداي ئوڭلۈك بىر يىگىت بىللە تۇراتتى. _ مېنىڭ سىلەر بىلەن ھېچقانداق زىدىيىتىم يوق.مەن بىر مۇساپىر _ دىدى تالىپ قايتىدىن ئورنىغا ئولتۇرۇپ. _ قورقما ئاداش، بىز يۇۋاشلارنى بوزەك قىلىدىغان نامەرتلەردىن ئەمەس._ دىدى شاكىر ئۆزىنى ياخشى ئادەم كۆرسىتىشكە تىرىشىپ،_ بايا سېنى خاتا چۈشىنىپ قاپتىمەن،مېھرىباندىن ئەھۋالىڭنى بىلدىم.راس دىگەندەك ھېلىقى تۇققۇنۇڭنى تاپماق تەس. _ چۈشەنگىنىڭلارغا رەھمەت._ دىدى تالىپ كۆڭلى ئازراق ئارامىغا چۈشكەندەك بولۇپ. _ ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن؟_ دەپ چېكىپ باقماقچى بولۇپ سورىدى شاكىر.كۆڭلىدە ئەرزان بىر ئەمگەك كۈچىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ چوتىنى سوقۇپ ئەتەي ئىز قوغلاپ كەلگەن ئىدى. _ بىلمەيمەن،ئىشلەپ كىراغا لايىق پۇل جۇغلاپ قايتارمەن شۇ. _ توغرا دىدىڭ،شۇنداق قىلمىساڭ باشقا نىمە ئامالىڭ بار دەيسەن،باشقا ئۇرۇق-تۇققانلىرىڭ يوقمۇ؟ _ يوق. _ ئەمىسە مەن بىلەن ماڭغىن،بىزنىڭ ئۆيدە قىلىدىغان ئىش بار. تالىپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ شاكىرنىڭ كۆزىگە قارىدى. كۆڭلىدە: «بۇ تازا ئشەنچىلىك ئەمەستەك تۇرىدۇ،بىراق بارمايمۇ ئامالىم يوق.ئەڭ بولمىغاندا بىر چىنە ئىسسىق چاي ئىچەرمەن،بىر كېچىلىك قۇنالغۇغا ئېرىشەرمەن...» دىگەنلەرنى ئويلىغان ئىدى. 2 بېشىغا ئېغىر كۈن چۇشۇپ،نەگە بېرىشىنى بىلەلمەي قالغان تالىپنىڭ بۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن شاكىر ئۆيىگە باشلاپ كەلدى.ئۇنى ھويلىدا ساقلاپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ،ئۆزى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.دالان ئۆيدە تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان دادىسى بىلەن ئانىسىغا كۆرەڭلىك بىلەن: _ قوتان ئوڭشاخسىز قالىدىغان بولدى دەپ بېشىمنى بەك ئاغرىتقانتىڭلار، مانا ھويلىغا قورسىقىنى ئاچ قويمىساقلا بىكارغا ئىشلەپ بېرىدىغان ئىشلەمچى مۇساپىردىن بىرنى باشلاپ كەلدىم.ئەمدى ئېغىر ئىشلارنى قىلدۇرۇپ تۈگىتىۋالساق بولمىدىمۇ._ دىدى. _ ئوبدان ئىش بوپتۇ،قېنى،قېنى..._ دىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى ئۇنىڭ دادىسى. _ ئۆزۈڭنى بېسىۋال، ۋايۋايلاپ خورىگىنى ئۆستۈرۈپ قويمىغىن يەنە،ئۆزۈمگە قويۇپ بەر ئۇنى._ دىدى شاكىر دادىسىغا قوپاللىق قىلىپ. شاكىرنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا ئانىسىمۇ: _ شاكىرجان توغرا دەيدۇ دادىسى،ئەپلەپ-سەپلەپ ئىشلارنى تۈگىتىۋالايلى._ دىگىنىچە سۇپىدىن پەگاغا چۈشتى. شۇنداق قىلىپ تالىپ بۇ ئائىلىدە سالقىن مۇئامىلە بىلەن قارشى ئېلىندى. پەقەت بۇ ئائىلىنىڭ ئىككى ئەردىن چىقىپ،بىر ئائىلىنى بۇزغان ئوتتۇز ياش چامىسىدىكى ئەخلاقسىز قىزىلا غىلجىڭلاپ ھىجىيىپ قويدى.بىراق تالىپقا بۇلارنىڭ قانداق مۇئامىلىدە بولىشى بەرىبىر ئىدى.كاللىسىدا ئىشلەپ پۇل تېپىشتىن باشقا خىيال قالمىغان ئىدى. _ ئالدى بىلەن مانا بۇ قوتاننىڭ تاملىرىنى ئىگىزلەپ،ئاندىن پۇختىلاپ ياپىسەن._ دىدى شاكىر ئۆزى يالغۇز باشلاپ بېرىپ،_ ھازىر كەچ بولاي دىدى،ئەتە سەھەر تۇرۇپ ئىشنى باشلىساڭ بولىدۇ. _ ئىش ھەققىنى سۆزلىشىۋالمامدۇق؟_ دىدى تالىپ تەستە ئېغىز ئېچىپ. _ ئارتۇق سۆزلىمەي ئىشىڭنى باشلاۋەرمەمسەن،ئىش تۈگىگەندە ئوبدان رازى قىلىپ يولغا سالساق بولمىدىمۇ؟\ _ كېيىن مۇشۇ گەپتىن يېنىۋالىدىغان ئىش بولۇپ قالسا قانداق بولىدۇ؟ _ قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ بېرەيمۇ يا؟_ دىدى شاكىر تەلەتىنى بىر قىسما قىلىپ. _ بولدى،بولدى ئىشەندىم.قەسەمنىڭ گېپىنى قىلماڭ،يامان بولىدۇ. تالىپ قەسەمدىن قورقمايدىغان،ئىمانى سۇس بۇ كۆڭلى قارا ئىنسانغا ئىشىنىپ قالدى بولغاي،چايخانىغا يانداپ سېلىنغان بوش ئۆيگە كىرىپ،بىر تەكى بىلەن كونا يوتقان-كۆرپە تاشلاپ تەييارلاپ بەرگەن كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى. ئىككى ۋاخ قارا چاي بىلەن قاتتىق نان،بىر ۋاخ غورىگۈل تاماق بىلەن ئىشنىڭ ئېغىرىنى قىلىۋاتقان تالىپقا ھېلىقى شاللاق قىزىنىڭ ئانچە-مۇنچە سوغۇق سۇ ئەكىلىپ بەرگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئىچ ئاغرىتىدىغان بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى.كەچكۈزنىڭ سوغىقىدا لاي ئېتىپ تام ئۈستىگە تۆكۈش،كېسەكنى تارتىپ چىقىرىپ تامغا قويۇش،ئېغىر ياغاچلارنى تام ئۈستىگە تارتىپ چىقىرىش...مانا مۇشۇنداق جاننى قاخشىتىدىغان ئېغىر ئەمگەك بىلەن بىر ھەپتىنى يالغۇز ئۆتكۈزۈش ئاسانمۇ\؟...ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى شاللاق قىزنىڭ نازلىنىپ ،كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىۋېلىشلىرىچۇ تېخى. بىر چاتاق تېرىلمىسۇن دەپ ئۆزىنى قاچۇرغانسىرى سۈركۈلۈپ يېقىنچىلىق قىلىشلىرىچۇ تېخى... دىمىسىمۇ تالىپ بۇ قورۇغا كىرگەندىن باشلاپلا ئۇنىڭ بىر يەرلىرى قىمىلداشقا باشلىغان.بۇغداي ئۆڭ چىرايىغا ياراشقان قاپ-قارا قاش كۆز،يىگىتلەرگە خاس چىچەنلىك ۋە ئىشچانلىق،بەستلىك قامەت ئۇنىڭ ئاسانلا تۇتىشىدىغان يۈرىكىگە ئوت يېقىپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنى بىر ئىگە-چاقىسىز مۇساپىر چاغلاپ ئىندەككە كەلتۈرۈشنىمۇ ئاسان دەپ ئويلايتتى. شۇڭا ھەر قېتىم چاي،تاماق ئېلىپ كىرگەندە بېقىنداپ ئولتۇرىۋالاتتى.كۆزىنىڭ ئىچىگە قارىۋېلىپ گەپ كوچىلايتتى.قەستەن كۆينىكىنى ئىگىزلەپ ئاپ-ئاق يوتىلىرىنى كۆرسىتىپ، ئىگىز كۆتۈرۈلۈپ تۈرغان كۆكسىنى لىغىرلىتىپ تالىپنى جەلىپ قىلىۋېلىشقا تىرىشاتتى. بۇنداق كوزۇرلىرى ۋە ئەگىتمە سۆزلىرىنىڭ كار قىلمايۋاتقانلىقىدىن بىئارام بولۇپ،بىر كۇنى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئېچىشقا تېگىشلىك بولمىغان يەرلىرىنى تېخىمۇ نامايىش قىلىپ،گەپنى ئوچۇق قىلماقچى بولۇپ كىردى. تەلىيىگە ھەر كۈنلىكى چۈشتە ئۆزى يالغۇز قېلىۋاتاتتى. _ لايىقىڭىز يوقتۇ؟_ سورىدى ئۇ ئىشتىھا بىلەن غىزالىنىۋاتقان تالىپقا ئەركىلەپ تۇرۇپ. _ يوق. _ بۇ يەردە مۇساپىرچىلىقتا قىينالغىچە ئۆيىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قېلىڭ،بولامدۇ؟ _ بولمايدۇ _ نىمىشقا بولمىغىدەك، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم._ ئۇنىڭ مەقسىدى مانا مۇشۇ سوزنى ئوچۇق دىيىش ئىدى.دىدىيۇ خىجىلچان قىزلارنى دوراپ يەرگە قارىۋالدى. _ مەن تېخى بۇ ئىشلارنى ئويلاشمىدىم. تالىپ بىكارلانغان قاچىنى ئۇنىڭ ئالدىغا جاققىدە قويۇپ، ئشىغا چىقىپ كەتتى. ئۇ خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بىر ھازا لاسسىدە بولۇپ، پەرىشان ھالەتتە ئولتۇرۇپ قالدى. يەنىلا ئۆز كۆڭلىگە ئۆزى تەسەللى بېرىپ: « ئېرىمەيدىغان تاش ئەمەسقۇ بۇ، تۈنۈگۈن ئۆزىنى بېسىۋالالماي قۇچۇقۇمغا ئۆزىنى ئاتقانغا تاس قالغانلىقىنى مېنى سەزمىدى دەمدىكىنە،نەدە بەز يىمەيدىغان مۈشۈك بولسۇن\؟خەپ، ئۆزۈمگە سېنى يېشىلەلمەيدىغان قىلىپ باغلىمايدىغان بولسام...»دىگەنلەرنى ئويلىدى. بۈگۈن نامازشامگىچە ئىشلىگەن تالىپقا ھارغىنلىق خېلىلا يەتكەن بولۇپ، ئۆيگە كىرىپلا كارۋات ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىدى. ئەتىلىككە يېرىم كۈنلۈك ئىشىنى تۈگەتسە ھېساپ-كىتاپ قىلىپ بۇ قورۇدىن خوشلىشىدىغانلىقىنى ئويلىسا ئۆزىنى خېلىلا يېنىكلەپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى.ئىش ھەققىنى قانداق ئېلىشنى ئويلىسا كۆڭلىدە يەنە دەككە-دۈككىچىلىك پەيدا بولاتتى. شاكىرنىڭ قەسەمنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئويلىسا خاتىرجەم بولغاندەكمۇ قىلاتتى. تالىپ ئەشۇنداق چىگىش خىياللار بىلەن ياتقاندا، ھېلىقى بېزەڭ قىز دادىسى بىلەن ئاپىسىنى تاماققا چاقىرىغان چوڭ ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە يولغا سالدى-دە ئالدىراپ ئۆزىنى ياساشقا كىرىشتى. ئۇنىڭغا يەنە ئاخىرقى پۇرسەت يارىتىلغان ئىدى. كوپتا بىلەن يوپكىنىڭ ئەڭ نېپىز، ئەڭ قىسقىسىنى تاللاپ كىيىپ،كۆكسىنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىپ،ئاستا مېڭىپ تالىپنىڭ كارۋىتىنىڭ يېنىغا كەلدى. _ ئۇخلاپ قالمىغانسىز تالىپ. بىزار قىلىۋاتقان بۇ ئاۋازنىڭ قۇلاق تۈۋىدىلا چىقىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ،چۆچۈپ كەتكەن تالىپ ئىتتىك بېشىنى كۆتۈردى. _ چۇچۇتۇپ قويدۇم،خاپا بولماڭ. مەن سىزنى قانداق تاماق يەيدىكىن دەپ ... _ نىمە بولسا مەيلى،ھەي...بەك يېقىن ئولتىرىۋالدىڭىز،ئۆيدىكىلەر كۆرۈپ قالسا بەك سەت بولىدۇ _ خاتىرجەم بولۇڭ،ئۆيدە ئككىمىزدىن باشقا ھېچكىم يوق.سىز بېجىرىم ئوغۇلمۇ يا كېسىلىڭىز بارمۇ؟ _ كېسىلىمغۇ يوق،بىراق چاتاق چىقىدۇ دەيمەن _ ئەمىسە نىمىدىن قورقاتتىڭىز،خۇدايىم ئىككىمىزنىڭ تەقدىرىنى بىر قىلىدىغان ئوخشايدۇ، قاراڭ ھودۇقۇپ كەتكىنىڭىزنى_ ئۇ شەھۋەت چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرۇپ، ئىڭرىغاندەك شىرىن سۆزلەرنى قىلىپ، تالىپنىڭ ئازدۇغۇچى شايتانلىرىنى قۇترىتىپ،بىردەملىك غەپلەتكە تاشلىدى-دە ئۇنىڭغا يۆگىمەچتەك چىرمىشىشقا باشلىدى.تالىپ يەنە ئېسىنى يىغىپ، ئۇنى ئىتتىرىپ ئاجرىتالمايۋاتقاندا بۇقا ھۆكىرىگەندەك قېشىدىلا ئاڭلانغان قوپال ئاۋاز ھەر ئىككىسىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى. _ ھۇ، نومۇسسىزلار... بۇ شاكىرنىڭ ئاۋازى ئىدى.ئەسلى ئۇ ھەر كۈنى بۇنداق بالدۇر قايتىپ كەلمەيتتى. يوشۇرۇپ قويغان مۇھىم بىر نەرسىسى جىددى كېرەك بولۇپ ئالدىراپ كېلىپ، دەل بۇ ئىشنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن ئىدى. _ ئەجەپمۇ دەل ۋاقتىدا كەلدىڭا،يۇۋاش،يۇۋاش دەۋاتقانتىڭلار تاس قالدىغۇ مانا ھۈ...ھۈ... بۇنداق داپشاقلاردا يۈز نىمە قىلسۇن\؟ قىلغۇلۇقنى ئۆزى قىلىپ، ئېغىر قىلمىشنى بىر ئاق كۆڭۈل ئىنسانغا ئارتىپ قويۇپ،يالغان يىغىسىنى يىغلىغىنىچە، ساراي ئۆيىگە كىرىپ دۈم يېتىۋالدى.بىراق شاكىرمۇ يۈزىنى تۆكىۋاتقان بۇ شاللاق قېرىندىشىغا بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمىدى. شۇنداقتىمۇ ئىش تۈگىگەندە تالىپنى قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئەپلىك پۇرسىتى يارىتىلغانلىقىدىن خوشال بولغان ئىدى. _ مەن ھېچ ئىش قىلمىدىم،مەندە گۇناھ يوق. .. _ ئەمىسە گۇناھ مەندىۆەندە، يۈرىكىڭ ئەجەپ يوغانكىنا سېنىڭ،مېنى بوش چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن قەلەندە _ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس،ئۇ ئۆزى قېشىمغا كىرىپ... _ تېخى گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ ئۆزۈڭنى ئاقلىماقچىمۇ؟ مانا ئەمىسە\ شاكىر بۇلۇڭدغا يۆلەپ قويغان گۈرجەك سېپىنى قولىغا ئالدى-دە تالىپنى ئۇرۇشقا باشلىدى. _ ماڭا ئۇۋال قىلىۋاتىسەن،قولۇڭنى تارت\..._ تالىپ تاياق زەربىگە چىدىماي ۋاقىراپ ئۇياق-بۇياققا قاچاتتى.ئەمما قول ياندۇرمىدى. _بىلىپ قوي ،سېنى باسقۇنچىلىق قىلدى دىسەك ھېلى قولغا ئالىدۇ گۇي_ دەپ قوقاق سالغىنىچە ئۇرۇشنى توختاتماي قوغلايتتى شاكىر. ھايت-ھۇيت دىگىچە تالىپنىڭ باش-كۆزلىرى يېرىلىپ قانغا بويالغان ئىدى.بىر پۇتىمۇ تاياق زەربىدىن دەسسىيەلمەي قالدى.ئاخىرى يىقىلىپ-قوپۇپ،ئۆمىلەپ دىگىدەك دەرۋازىدىن سىرتقا ئاران چىقىۋالدى.ئۇ ئەللىك مېتىرچە يىراقلاپ ئارقىسىدا شاكىرنىڭ كەلمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ،يولنىڭ چېتىگە چىقىپ،بېشىنى چاڭگاللاپ ئولتۇرىۋالدى.ئەلەم ئۈستىگە كېلىۋاتقان ئەلەمگە چىدىماي ئىچ-ئىچىدىن بوقۇلداپ چىقىۋاتقان يىغىنى پەقەتلا بېسىۋالالمىدى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق ھالىغا كېچە ئاسمىنىدا جىمىرلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارلا ئېچىنىپ،تەسەللى بېرىۋاتاتتى. _ نىمە بولدۇڭ بالىموي،بۇ كېچىدە نىمىگە يىغلاۋاتىسەن؟_ دىدى يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر مويسىپىت كىشى تالىپنىڭ يېنىغا كېلىپ._ ۋوي،ئۈستى-بېشىڭ قانغۇ؟ ساڭا زادى نىمە بولدى بالام؟ تالىپ يىغىسىنى ئاران بېسىپ،ئېسەدىگەن ھالدا: _ مۇساپىر بولغان گۇناھمۇ تاغا،ئادەمنى شۇنچىلا بوزەك قىلغان بارمۇ... _ تۇر بالام،ئالدىمىزدىلا كىچىك بىر دوختۇرىانا بار،ئالدى بىلەن شۇ يەرگە بارايلى،قالغان گەپنى كېيىن قىلىشايلى. _ بارمايمەن تاغا ،دوختۇرغا تۆلىگىدەك پۇلۇممۇ يوق،بولدى سىز كېتىۋىرىڭ. _ تۇر دىدىم تۇر،سەندە بولمىسا مەندە بار،قېنىڭ ئېقىۋەرسە چاتاق. مويسىپىت كىشى تالىپنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، قولتىقىدىن يۆلىگىنىچە دوختۇرخانا تەرەپكە مېڭىپ كەتتى. بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرغان يۇلتۇزلار تەسىرلەندى بولغاي، كۆزلىرىنى چىمىلدىتىپ ئۇلار كەتكەن تەرەپكە قارىشىپ قالغان ئىدى...