• 2008-11-12

    سەتەڭلەر زاۋۇتى

    سەتەڭلەر زاۋۇتى 美女加工厂 چەتئەللىك بىر مەشھۇر كىشى مۇنداق بىر سۆزنى ئېيتقان:«پەن-تېخنىكا مەڭگۈ مۇكەممەل ئەمەس،ئۇ ھەر قېتىم بىر مەسىلىنى ھەل قىلىپ،ئون مەسىلىنى پەيدا قىلىدۇ.» بۇ سۆز توغرا ئېيتىلغان.بۈگۈن بىز ئون مەسىلىنى سۆزلىمەيلى،پەقەت مۇشۇ بىرسىلا بېشىڭىزنى ئاغرىتىشقا يېتىدۇ... جيا لىن بويتاق بولۇپ،ئەمدى توي قىلىشنى ئويلايتتى.ئۇ كۈنى،ئۇ بىر لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنىغا تېلېفون قىلىپ،ئۆزىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىيالىنى فاكس بىلەن يوللىۋەتتى.ئىككىنچى كۈنىلا لايىق تونۇشتۇرۇش ئورنى تېلېفون قايتۇردى.بىر قىز نازلىق ئاۋازدا: ـــ ۋەي،ياخشىمۇسىز؟بىز سىزنىڭ تەلىپىڭىز بويىچە،سەتەڭلەر زاۋۇتىدىن تۇرمۇشىڭىزغا ھەمرا بولىدىغان جۆرىنى تاپتۇق.ئەگەر خالىسىڭىز بۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇنى ئېلىپ كېتىڭ،ـــ دىدى. جيا لىن تېلېفوننى قويدى.قەلبى ئىللىقلىققا تولغان ئۇ،ئىشىكتىن ئوقتەك چىقىپ،ماشىنا بىلەن يېرىم سائەتكە قالمايلا،سەتەڭلەر زاۋۇتىدىن،ئۇ سەتەڭ خېنىمنى ئۆيىگە ئېلىپ قايتتى.يېڭى كېلىن بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. شاپتۇل چېچىكىدەك يۈزى،ئېگىز بۇرۇن،چوڭ چوڭ كۆزلەر، قوش قاپاق،كىچىككىنە ئېغىز،ئالتۇنرەڭ چاچ.... ھەممە،ھەممىسى نۇقسانسىز ئىدى.جيا لىن خوشاللىقىدىن ئېغىزىنى يۇمالمايلا قالدى. بىر كۈنى،جيا لىننىڭ ئاغىنىسى لاۋۋاڭ ئۇنى يىغىلىشقا تەكلىپ قىلدى ۋەيىغىلىشتا«چوڭ خوشاللىق»بارلىقىنى ئېيتتى.جيا لىن ئاڭلاپ،قىلچە ئىككىلەنمەي،ئايالىنى ئېلىپ،يىغىلىشقا باردى.بۇ يەرگە كېلىپ،ئۇ ھوشىدىن كەتكىلى تاسلا قالدى:ئۆيدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ئايالى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.ئۇنىڭ ھەممە ئاغىنىلىرى خوتۇنلىرىنى يەڭگۈشلىگەن(باشقىدىن خوتۇن ئالغان)بولۇپ،ھەممىسىنىڭ خوتۇنلىرى ئۆزىنىڭ خوتۇنى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى،گويا بىر قېلىپتا قۇيغاندەك. شاپتۇل چېچىكىدەك يۈزى،ئېگىز بۇرۇن،چوڭ چوڭ كۆزلەر، قوش قاپاق،كىچىككىنە ئېغىز،ئالتۇنرەڭ چاچ....جيا لىن سەتەڭلەرنىمۇ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تۇرۇشىغا،ئايالى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئاياللار توپىغا قوشۇلۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.جيا لىن ئۇ ئاياللاردىن تارىغان ئەتىر ھىدىدىن بېشى ئايلىنىپ،ھۇشىنى يوقىتاي دەپ،ئاران تەستە يىغىلىشنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتتى.ئايالى قۇشتەك ئۇچۇپ،يېنىغا كېلىپ: ـــ قەدىرلىكىم،قايتايلى،ھېرىپ ساراڭ بولايلا دىدىم،ـــ دىدى. جيا لىن خوتۇنى بىلەن ئۆيگە قايتتى.بۇ كېچە ئۇلار بەك ھېرىپ كەتكەچكە،يېتىپلا ئۇخلاپ كەتتى،تاڭ ئاتقىچە بىر ئىغىزمۇ سۆزلەشمىدى. ئىككىنچى كۈنى،جيا لىن سەھەردىلا ئىشقا كېتىپ،ناھايىتى كەچ قايتىپ كەلدى.ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ،ئۆيگە كىرگەندە،ئايالى ئاللىقاچان كەچلىك تاماق تەييارلاپ قويغان بولۇپ،شىرە مەززىلىك تاماققا تولدۇرۇپ،ئۇنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئىدى...يېڭى توي قىلغان چاغ تاتلىق بولىدۇ،مۇشۇنداق بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىنىكى بىر كۈنى ئەتتىگەندە،جيا لىن خوشياقمىغان ھاكدا كۆزىنى ئېچىپ،ئايالىنىڭ نەرسە-كېرەكلەرنى يىغىشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،ئەجەبلىنىپ سورىدى: ـــ نىمە؟سەن ساياھەتكە چىقامسەن؟ ـــ ساياھەت؟ـــ ئايالى كىچىككىنە ئېغىزىنى ئېچىپ كۈلدى،ـــ توغرا،ساياھەتكە بارىمەن،بىراق ئېرىمنىڭ يېنىغا ساياھەتكە بارىمەن. ـــ نى...نىمە؟ سېنىڭ ئېرىڭ؟ ـــ ھەئە،مېنىڭ ئېرىم سىزنىڭ ئاغىنىڭىز لاۋۋاڭ شۇ.مەن ئەسلى سىزنى ئۇنىڭدىن ياش بولغاندىن كېيىن،چوقۇم ئۇنىڭدىن قىزىقارلىق دەپ ئويلىغان.كىم بىلسۇن،سىز تېخى ئۇنىڭغا يەتمەيدىكەنسىز.ئۇنىڭدىنمۇ پىخسىق ئىكەنسىز،لاۋۋاڭ بىر ئايدا ماڭا ئالتە قۇتا ئەتىر ئېلىپ بەرگەن.سىزچۇ،بىر ئاي بولسىمۇ بىرەر گىرىم بۇيۇمى ئېلىپ بەرمىدىڭىز. ھېلىقى كۈندىكى يىغىلىشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن،جيا لىن شۇنچە كۆپ ئاياللارنىڭ ئۆزىنىڭ ئايالىغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،ئايالىغا بولغان قىزغىنلىقى سۇسلاپ كەتتى.بىراق ئۇ كۈنى ئېلىپ كەلگىنى لاۋۋاڭنىڭ خوتۇنى ئىكەنلىكىنى ئۇ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.جيا لىننىڭ ئاچچىقتىن كۆزلىرى چىڭقىلىپ كەتتى،لاۋۋاڭنىڭ خوتۇنى«خوش»دەپ قولىنى پۇلاڭلىتىپ قويۇپلا كېتىپ قالدى. ئەمدى جيا لىن خىيالغا پاتتى.ئۆزىنىڭ خوتۇنى ھازىر كىمنىڭ ئۆيىدە باشقىلارنىڭ خوتۇنى بولۇپ يۈرگەندۇ؟بىراق ئۇ بۇنىڭدىن ئازابلىنىپ كەتمىدى،يېنىدا باشقىلارغا ئوپمۇ-ئوخشاش ئۇ چىراي بولمىغاچقا، خۇددى بىر ئېغىر بوپىنى تاشلىۋەتكەندەك بولۇپ،يېنىكلەپ قالدى. ئۇ ئۆزىگە ھەقىقىي تەئەللۇق بولغان قىزنى ئىزلىمەكچى بولدى. جيا لىن كوچىغا چىقىپ قارىۋىدى،كوچىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئالتۇنرەڭ چاچلىق قىزلار ئىدى،ھەممىسى ئېگىز بۇرۇن،قوش قاپاق،ئېغىزلىرى كىچىك...ئۇ ئەمدىلا ئۆيىنىڭ يېنىدىكى 20 قەۋەتلىك بىنانىڭ يېنىغا كېلىشىگە،تۇيۇقسىز بىر سېمىز سىيمانى كۆرۈپ قالدى.ئۇ سېمىزلىكىدىن پىلغىلا ئوخشايدىغان بىر ئايال ئىدى. تېخى بەكمۇ سەت،يۈزلىرى گۆشلۈك بولۇپ،چوڭ-چوڭ چامداپ،بىناغا قارپ كېتىۋاتاتتى. جيا لىن ئاخىرى باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئايالنى تاپتى.ئۇ ئايالغا ئالدىراپ يېتىشىۋېلىپ: ـــ سىز ماڭا تېگەمسىز؟ـــ دىدى. سېمىز خوتۇن قايرىلىپ جيا لىنغا قاراپ،تۆمۈردەك مۇشتىنى كۆرسىتىپ: ئەگەر ئاچاڭنى يەنە پاراكەندە قىلساڭ،ئاچاڭ بېشىڭنى ئېزىۋېتىدۇ!ـــ دىدى. جيا لىن قورقۇپ كەتتى،بىراق نىيىتىدىن يانماي،يالۋۇردى: ـــ ئۆتۈنۈپ قالاي،ماڭا تېگىڭ! كىم بىلسۇن،ئۇنىڭ سۆزى ئەمدىلا ئاخىرلىشىشىغا،ئارقىسىدىن تاغنى ئۆرىۋەتكۈدەك ئاياق ئاۋازى ئاڭلاندى.جيا لىن چۆچۈپ قارىۋىدى،قاچانلاردا كەلدىكىن،ئارقىسىدا بىر توپ كىشىلەر تۇراتتى. ھەممىسى ئەرلەر بولۇپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن سەپ ھاسىل قىلغان ئىدى،ئۇلار گويا كۆل سۈيىدەك داۋالغۇيتتى. ھەر بىر ئادەم ئىككى قولىنى ئەسەبىيلىك بىلەن سۇنۇپ،ھېلىقى سېمىز،سەت خوتۇنغا قاراپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرايتتى: ـــ ماڭا تېگىڭ! ماڭا تېگىڭ! جيا لىن ناھايىتى تېزلا بۇ سەپكە قوشۇلدى،شۇنداق قىلىپ بىر توپ ئەرلەر بۇ سەت،سېمىز خوتۇننى قوغلاپ،20 قەۋەتلىك بىناغا بىر قەۋەت-بىر قەۋەتتىن چىقىشقا باشلىدى...