• 2008-11-12

    (زۇلپىقار بارات)كىمنىڭ بەدىنى، كىمنىڭ رېئاللىقى،كىمنىڭ مودىسى؟

    (زۇلپىقار بارات)كىمنىڭ بەدىنى، كىمنىڭ رېئاللىقى،كىمنىڭ مودىسى؟ بەدەن ، مودا ۋە كىملىك(زۇلپىقار بارات ئۆزباش) ("شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژۇرنىلىنىڭ 2008-يىللىق5-سانىدىن) بەدەن جەمئىيەتشۇناسلىقى نۇقتىسىدىن شەھەرلەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ كىملىكىگە نەزەر زۇلپىقار بارات ئۆزباش ھازىر ئاشىقلار شەھەردە پالىنار، ھاقارەت كوچىلاردا يۈرەر يالىڭاچ. سەمىمىيەت نان تىلەيدۇ ئورۇق، ئاچ، يېرىلغۇچە ئۈنلەيدۇ دۇتار ناخشا نائىلاج. ... ئەنە قۇياش ئاۋۋالقىدەكلا، شەرقتىن شەرقكە پاتماقتا. سۆيگۈدە ھالىدىن كەتكەن يىگىتلەر، ناخشىچى بوپ كەتتى كەچلىك كۇلۇبتا. غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ"قۇم شەھەر"ناملىق شېئىرىدىن مۇقەددىمە: مودىنىڭ كۈچى- ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلغان توي بۇ بىر جۈپ قىز _يىگىتنىڭ تويى ئەتلەس جىدىلى تۈپەيلى بۇزۇلدى. تونۇشۇم كامالىدىننىڭ بولغۇسى ئايالىنىڭ توي كۈنى ئەتلەس كۆينەك كىيىشىگە ئۇنىماسلىقى تۈپەيلى ھەپتە قالغاندا تويدىن يېنىۋالغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا ، كاللامدا ئەڭ ئاۋۋال "بۇ مەن ئىزدىنىۋاتقان تېما ھەققىدىكى تىپىك ۋەقە ئىكەن!"دېگەن ئوي پەيدا بولدى. قىز-يىگىت مەن تونۇيدىغان بىر جۈپلەر بولۇپ، 2008-يىلى ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا توي قىلماقچى ئىدى。 _ تويۇڭلار ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلدىمۇ؟_سورىدىم بۇ ئىشتىن كېيىن كامالىدىننى زىيارەت قىلىپ،- سىزچە مۇشۇنداق قىلىش ئەرزىمدۇ؟ - ئەرزىيدۇ. ئۇنىڭ توي كۈنى ئەتلەس كۆينەك كىيىشكە ئۇنىماسلىقى ئاددىي ئىش. ئەمما، ماڭا ئەتلەس كۆينەك كىيىشكە ئۇنىماسلىقنىڭ كەينىدىكى ئىدىيە قورقۇنچلۇق تۇيۇلدى. مەن ئۆزىمىزنىڭ نەرسىسىدىن چانغان ئايال بىلەن قانداق ئۆي تۇتىمەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئىدىيە جەھەتتە بىرلىككە كېلەلمەيدىغانلىقىمنى كېچىكىپ ئۇقتۇم،_كامالىدىننىڭ چىرايىدىن قاتتىق ئىچ پۇشۇقى تارتىۋاتقانلىقى ، رەللە بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى.ئۇ ئۈرۈمچىدىكى چوڭ بىر شىركەتتە ئىشلەيدىغان يىگىت ئىدى. ھاراق ئىچمەيتتى ، تاماكا چەكمەيتتى. _ بۇ چاغقا كەلگەندە ئىشنى ياخشى تەرەپكە بۇراشنى ياكى قىزنى قايىل قىلىپ توينى قىلىۋېرىشنى ئويلاشمىدىڭىزمۇ؟ _ ئۇنى قايىل قىلىشقا تىرىشتىم . ئەمما ، ئۇنىمىدى."توي قىلمىسام قىلمايمەنكى ، ئەتلەس كۆينەك كىيمەيمەن" دېگىنى يۈرىكىمدىن چىقمايدۇ. ياخشى ئۆتكەن چاغلىرىمدا ، ئۇنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئۇقساممۇ، ئىدىيىسنىڭ بۇنچىلا ئىكەنلىكىنى پەقەت ئويلىمىغانىكەنمەن.. بىر يىل يۈرگەن بولساممۇ ئۇنى يېتەرلىك چۈشەنمەپتىمەن. _دوستلىرى، ئاتا-ئانىلىرى قىزغا گەپ قىلماپتىمۇ؟ _گەپ قىلىش تۈگۈل يەنە شۇنىڭكىنى راست قىلىۋاتىدۇ. دوستلىرى:"ئۆمرىدە بىر بولىدىغان توي تۇرسا، ياۋروپاچە توي كۆينىكى كىيسە نېمە بوپتۇ؟ ئەتلەس دېگەننى دۆڭكۆۋرۈك، سەنشىخاڭزىدىكى پايپاق ساتىدىغان قىزلارمۇ كىيىدىغان تۇرسا" دەپ دوق قىلدى. ئاتا-ئانىسى:"ئەتلەسنى قىزىمىزدىن ئۈستۈن كۆرگەندىكىن ئەتلەس بىلەن توي قىلسۇن" دەپ گەپ ئەۋەتىپ بېرىپتۇ. مەنمۇ بوپتۇ ئەمىسە دېدىم. مەن كامالىدىن بىلەن يېقىن ئۆتەتتىم ، بۇ ئىش ئۈچۈن ئەپسۇسلانماي تۇرالمىدىم. ئەسلىدە توي قىلماقچى بولغان قىزنىمۇ زىيارەت قىلىش ئويۇم بار ئىدى. ئەمما ،بۇنداق چاغدا زىيارەت قىلىپ بېرىش ئەپسىز ئىدى. ئىلاجسىزلىقتىن ئەتلەس جېدىلى توغرىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر نەچچە قىزدىن پىكىر ئالدىم. _ۋاي-ۋۇي ، نىمانداق مەتۇ بالا ئۇ!-دېدى مەمۇرىي ئىدارىدە ئىشلەيدىغان بىر قىز، -ھەممە ئادەم تويدا ياۋروپاچە كىيىنىۋاتسا! تازىمۇ بىر، نەدە چوڭ بولغان بالىكىنە؟ -قىزنى چۈشەنسە بولمامدۇ؟ ئەتلەس كىيمىسە نېمە بوپتۇ؟ ھازىر ياۋروپاچە توي كۆينىكى كىيىش مودا تۇرسا،_دېدى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر قىز. _يىگىت بولغاندىكىن كەڭ قورساق بولمامدۇ! ئۆمرىدە بىر قېتىم كېلىدىغان توي تۇرسا ، قىز دوستىنىڭ ئۆزى خالىغان ئۇسۇلدا كىيىنىشىگە يول قويۇشى كېرەكتە! كۆزى كىچىك بالىكەن! قىز بالىنىڭ تويدىن يېنىۋالغانلىقى ياخشى بوپتۇ؛ بۇنداق بالىلار قىزلارنى بەختلىك قىلالمايدۇ،-دېدى ئۇنىۋېرسىتىتنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن بىر قىز ئوقۇغۇچۇم. _ئەتلەسنى داڭسسى تۆۋەن قىزلار (ئورنى تۆۋەن قىزلار دېگەن مەنىدە) تولا كىيىپ كۇرسىنى چۈشۈرىۋەتتى. ھازىر ئېقىۋاتقىنى ياۋروپاچە كۆينەك تۇرسا ! يېزىلاردىمۇ توي كۈنى ياۋروپاچە كۆينەكنى ئىجارىگە ئالىدىكەنغۇ! مودا شۇنداق تۇرسا!-دېدى دوختۇرخانىدا سېستىرالىق قىلىدىغان بىر قىز. _قىز بالا بەك دۆتكەن،_دېدى 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئايال،_ئۆينى بولغۇسى ئېرى بىلەن تۇتىدىغان تۇرسا. ئېرىنىڭ دېگىنى بويىچە قىلسا بولمامدۇ؟ ئۇنىڭغا ئۆي تۇتۇشۇپ بېرىدىغىنى ئاتا-ئانىسى ، دوستلىرى ئەمەستە! يەنە ئىزدىسەم يىگىتنىڭكىنى توغرا دەيدىغانلارمۇ ، قىزنىڭ تەرىپىنى ئالىدىغانلارمۇ جىق چىقىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما ، مەن مۇھاكىمە قىلماقچى بولغان تېمىنىڭ مەقستى"كىمنىڭ توغرا ، كىمنىڭ خاتا"دەپ تارازىدا گۇناھ جىڭلاش ئەمەس ئىدى. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىىتى- تەنقىدلەش ئەمەس، بەلكى مەلۇم بىر ئىجتىمائىي پاكىتنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان رېئاللىقنى ئېچىپ بېرىش ۋە شەخسنىڭ ھەرىكىتى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىجتىمائىي ئامىلنىڭ ئادەمگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆزىتىش . ئەتلەس سەۋەبىدىن بۇزۇلغان توي ماڭا شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىيلىق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدەك تۇيۇلدى. كاللامدىكى سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ، ئويلىنىۋاتقان تېمامغا ماتېرىيال ئىزدەش مەقسىتىدە ئۈرۈمچىدە بولىۋاتقان توي مۇراسىملىرىنى ، توي كۆينىكى ساتىدىغان دوكانلارنى،"پارلاق"،"سەردار"،"مەشرەپ" رېستۇرانلىرىنىڭ زاللىرىدا ، لېفىتلىرىدا مودا كىيىنگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى كۆزەتتىم. كۆزىتىشلىرىم داۋامىدا مودىنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدىم. مەن زىيارەت قىلغان قىزلار مودىنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمەيتتى؛ ئەمما ئۇنى كىيىم-كېچەك، ياشاش شەكلى نۇقسىتىدىن مىساللار بىلەن چۈشەندۈرەتتى. ھەربىر پارىڭىدا مودا دېگەن گەپنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى. ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان، توي كۆينىكىنى مەخسۇس ساتىدىغان بىر دۇكانغا كىردىم. دۇكاندا قولتۇقى ئوچۇق ، مەيدە تەرىپى خېلى يەرلىرىگىچە ئويۇلغان ياۋروپاچە كۆينەكلەر كۆپ ئىدى. _ئەتلەس كۆينەك يوقمۇ ،_ سورىدىم مەن. _يوق،-دېدى دۇكاندىكى قىز،- ھازىر ياۋروپاچە كىيىش مودا. يەنە بىردۇكاندا ئۈستى تەرىپىگە ئەتلەس تۇتۇلغان توي كۆينەكلىرىنى كۆردۈم. _بۇ ئەتلەس كۆينەكلەرنى ئىجارىگە ئالىدىغانلار بارمۇ؟_سورىدىم مەن. _ھازىر توينى ئەنئەنىچە قىلىمىز دەيدىغانلار خېلى چىقىۋاتىدۇ. ياۋروپاچە توي كۆينىكىنى تاللايدىغانلار كۆپرەك. ئەمما ، ئەتلەسنى ياخشى كۆرىدىغانلار ، توينى مىللىيچە قىلىدىغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ بۇندىقىدىنمۇ ئەكىلىۋاتىمىز. ھەر ئىككىسىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق خېرىدارلىرى بار. _مال كىرگۈزۈشتە نېمىنى ئۆلچەم قىلىسىلەر؟_ سورىدىم مەن. _خېرىدار ئۆگىتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مودىنىڭ پاسونى يىلدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بازاردىكى مودا ئەھۋالىنى كۆزىتىمىز،_ئەستايىدىل جاۋاب بەردى پىركازچىك قىز. شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئوبدانراق كۆزەتكەن ئادەم ھاللىقراق ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مودىنىڭ كۈچىنى ، ئۈنسىز قوماندانلىق رولىنى ھېس قىلىدۇ. ئادەم جەزبىدارلىقى بىلەن يەنە بىر قاراشقا مەجبۇر قىلىدىغان تارتىملىق ، خۇش پىچىم قىزلارنى كۆرگەندە ، تەبئىي ھالدا ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسىن ، گۈزەللىكىگە ئۆزگىچە جەلپكارلىق ئاتا قىلىۋاتقىنى ئۇلارنىڭ كېلىشكەن بەدىنىدىن باشقا مودا پاسوندا كىيىنىشى. قىزلارنىڭ بەدىنى مودىنىڭ تەجرىبىخانىسى. بۇ تەجرىبىخانىدا كىيىم – كېچەك كارخانىچىلىرىنىڭ يېڭى-يېڭى ھۈنەر-تېخنىكىسىنى ، سودىگەرلەرنىڭ ئارزۇسى ۋە تىجارەت نىشانىنى ، ئەڭ مۇھىمى مودىنىڭ قۇدىرىتىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ. شەھەردە مودا ئۈنسىز سۆزلەيدۇ؛ا ئاجىزلارنى ، كىرىمى ئازلارنى ئۇھ تارتقۇزىدۇ. شەھەردە مودا نامراتلارنى مەسخىرە قىلىدۇ؛ ئەنئەنىگە قاراپ مەسخىرىلىك ھىجىيىدۇ. قىزلارنىڭ بەدىنىدە مودا ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇچۇر تارقىلىدۇ. بۇ ئۇچۇرلار شۇ مودا ئىگىسىنىڭ مىللىتى ، ئىستىتىك ھەۋىسى ، ئەڭ مۇھىمى كىملىكى ھەققىدە بىشارەت بېرىدۇ. گۇگۇل ، بەيدۇ قاتارلىق ئىزدەش خاراكتېرىدىكى تورلارغا "ئۇيغۇر قىزى(سۈرەتلىك)"دەپ خەت كىرگۈزسەك ، شۇ ھامان ئەتلەس كۆينەك كىيگەن ، دوپپا كىيگەن ۋە باشقىچە ئۇسۇلدا ئەنئەنىچە ياسانغان قىزلارنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. دېمەك ، تورغا شۇ رەسىملەرنى چىقارغۇچىلار ئەتلەس بىلەن دوپپىنى ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە باغلاپ چۈشەنگەن ۋە شۇ ھۆكىمى ئاساسىدا مەخسۇس شۇ خىلدىكى رەسىملەرنى كۆپرەك تاللىغان. بىز يەنە چوڭ باشلىقلار ، قىممەتلىك مېھمانلار قەدەم تەشىرىپ قىلغان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىدە ، يىغىلىشلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ تۇرۇپ ئەر مېھمانلارغا دوپپىلارنى ، ئايال مېھمانلارغا ئەتلەسلەرنى سوۋغا قىلغانلىقىنى كۆرگەن. پارىژدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزى مۇقەددەس مىجىت سىنىپىدا ئۆز مىللىتى توغرلۇق تونۇشتۇرۇش بەرگەندە ، ئەڭ ئاۋۋال ئەتلەسنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقىدۇ. ئەتلەسنىڭ يىپەك ، دوپپا قاتارلىق نۇرغۇن سىمۋوللۇق بەلگىلەر قاتارىدا ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكىگە سىمۋول بولۇپ قالغىنى پاكىت. بىزنىڭ ھاياتىمىز سىمۋوللۇق بەلگىلەر بىلەن ئورىلىپ تۇرىدۇ ، چارلېز بودلېرنىڭ گېپى بويىچە "ئادەم_سىمۋول ئورمىنى." بىز سىمۋوللۇق بەلگىلەر ئارقىلىق مەنىلىك كارتىنا ھاسىل قىلىمىز ، ئۆز كىملىكىمىز ھەققىدە باشقىلارغا ئۇچۇر بېرىمىز. ئەتلەستىن ئىبارەت سىمۋوللۇق بەلگىدە ئىپادە بولۇۋاتقىنى ئۇيغۇرنىڭ كىملىكى. ئەمما ، باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيەت كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىدىغان ئەتلەس ھەققىدىكى قىزىقارلىق بىر پاكىت شۇكى ، نۇرغۇن ئۇيغۇر قىزى ئادەتتىلا ئەمەس ، مۇراسىم سورۇنلىرىدىمۇ ئەتلەس كىيىشنى خالىمايدۇ. بۇ ھال ئۆزى كىيمىگەن ئەتلەسنى باشقىلارغا سوۋغا قىلىش كۆرۈنۈشى بىلەن قىزىقارلىق سېلىشتۇرما پەيدا قىلىپ، زامانىۋىلىشىش ، يېڭىلىققا ئىنتىلىش شامىلىدا بويۇن قىسىپ قېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئەنئەنىسى ھەققىدىكى كومىدىيىلىك رىئاللىقنى نامايان قىلىدۇ. بەزى ئۇيغۇر قىزلىرى بولسا ئەتلەس كىيىشنى مەتۇلۇق ، زاماننىڭ كەينىدە قالغانلىق دەپ چۈشىنىدۇ. ماقالىمىزنىڭ بېشىدا مىسالغا ئېلىنغان كامالىدىننىڭ قى‍ز دوستى دەل مۇشۇخىل قىزلار تىپىدىن. بىز ئۇلارنىڭ ئۉستىدىن شىكايەت قىلماقچى ئەمەس. دىققىتىمىزنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغىنى ياۋروپاچە توي كۆينىكىنىڭ قانداقسىگە مودا سۈپىتىدە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ قوغلىشىش ئوبيېكتى بولۇپ قالغانلىقى ۋە قانداقسىگە ئەتلەستىن ئىبارەت ئۇيغۇرغا خاس بەلگىنى يەنە شۇ ئۇيغۇر قىزلىرى ياراتمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى. بۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلغان مۇھاكىمە ماھىيەتتە زامانىۋىيلىشىش بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ياندىشىدۇ. بەدەن_ئۆزلۈك دېمەكتۇر ، بىزنىڭ قانداقلىقىمىز بەدىنىمىزدە ئەكىس ئېتىدۇ. ئەنگىلىيە كامبىرىج ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېسسورى ، جەمئىيەتشۇناس بريان تۇرنېرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا ، "بۈگۈنكى دەۋردە ئۆزلۈكنى لايىھلەش بەدەننى لايىھىلەشنى كۆرسىتىدۇ. بەدەن بارغانچە زامانىۋىي ئادەمنىڭ كىملىك تۇيغۇسىنىڭ يادروسىغا ئايلانماقتا"① ياۋروپاچە توي كۆڭلىكى كىيىش ئۇيغۇرلارغا ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىكى جايدا ياشىغان كىشىلەرگە غەربتىن كىرگەن. ئۇيغۇر قىزلىرى ياۋروپاچە توي كۆينىكىنى كىيىش ئارقىلىق ئۆمرىدە بىر كېلىدىغان مۇراسىمىدا ئۆزىنى قالتىس ئېسىلدەك ، تەربىيە كۆرگەندەك كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئىپادە قىلىۋاتقان ئۆزلۈكى غەرب مەدىنىيىتىنى چوڭ بىلىش ، ياخشى دەپ قاراش ھېسسىياتى بىلەن ، توغرىراقى شۆھرەتپەرەسلىكى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن. ئۇلار ياۋروپاچە توي كۆينىكىنى كىيىپ ئۆزىنى باشقىلارغا ئېسىلزادىلەردەك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. بۇ خىل تىرىشچانلىققا كىملىكنى تاشقى دۇنياغا بىلدۇرۇش ئارزۇسى تۈرتكە بولىدۇ. كىملىك تۇيغۇسى ئادەتتە ئىجتىمائىي سورۇنلاردا شەخسكە نىسبەتەن مۇھىم رول ئوينايدۇ، باشقىلارغا ياخشى تەسىر بېرىشننى نىشان قىلىدۇ . بىز بۇ ماقالىدە بەدەن ، مودا ، كىملىك ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىجتىمائىي نۇقتىدىن كۆزىتىپ :"بەدەن ئوبرازىنىڭ ئىجتىمائىي ماكاندىكى رولى قانداق بولىدۇ؟ ئەنئەنە مودا ئالدىدا قاندداق بويۇن قىسىدۇ؟ مودىنىڭ كۈچى بەدەن ۋە ئۇنىڭ ئىگىسىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مودا ئالدىدا شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرى قانداق كىملىكىنى نامايان قىلىدۇ؟" دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىشقا تىرىشىمىز. تەتقىقات مىتودى جەھەتتە سۈپەت تەتقىقاتى(定性研究方法qualitative research( نىڭ پاكىت تەھلىلى情景分析case studies) ۋە پاراڭ تەھلىلى话语分析(discourse analysis قاتارلىق ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىمىز. بەدەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بەدەننى جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن چۈشىنىش بەدەن بىلەن سىياسىنىڭ مۇناسىۋىتى. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، بەدەن بىلەن سىياسىي ئوتتۇرىسىداا زىچ مۇناسىۋەت بار. بىز بۇخىل مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىگە تونۇشلۇق قۇرلاردىن مىسال ئېلىپ باقايلى. دەھشەتلىك مىنۇتلار يېقىنلاشماقتا. قىلىچلىرىنى يالىڭاچلىغان جاللاتلار تەقەززالىق بىلەن بۇيرۇق كۈتمەكتە. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن خۇنخورلۇقنىڭ ئۇچقۇنلىرى تۆكۈلۈپ تۇرماقتا. بۇيرۇق.... شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرغان جاللات زەھەرخەندىلىك بىلەن : - مانا ئاچىل!- دېدى. شائىرنىڭ ئەتلىك، خۇددى خانىقا تۈۋرۈكىدەك يوغان بوينى بىر قىلىچ بىلەنلا ئۈزۈلۈپ چۈشكىنى يوق. شائىر بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ گۈل ئاچىل ، دېدى. شائىرنىڭ جەڭگىۋار سۆزى، جاراڭلىق تاۋۇشى تېخى ئاخرلاشمايلا گاچ-گاچ"" قىلىپ يەنە ئىككى قېتىم چېپىلغان قىلىچ ئاۋازى ئاڭلاندى. خەلق تاقەت قىلىپ تۇرالماستىن كۆزىنى ئاچقاندا ، شائىرنىڭ بېشى مۇبارەك تېنىدىن جۇدا بولغان، شەھەر كوچىسى قىپقىزىل قانغا بويالغان ئىدى.. ② -ھى ..ھى..ھى!قىز ، سەن تارتىنما،- شەن مازا چىمىلدىقنى قايرىدى،- قىز سەن يېقىن كەل . يۈرىكىڭ نىمانچە دۈپۈلدەيدۇ؟ قورقىۋاتامسەن؟ شەن مازانىڭ چوقۇر يۈزلىرى مەستلىكتىن ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئېسىلغان بولۇپ ئاغزىدىن ھاراقنىڭ سېسىق پۇرىقى بۇقسۇپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنى باشقۇرالماي قىزنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى ۋە شۇ ھامان ئاچچىق بىر ئاغرىقنى ھېس قىلدى-دە،"ۋايجان"دەپ ۋارقىرىۋەتتى. نوزۇگۇمنىڭ كۈچ بىلەن ئۇرغان خەنجىرى ئۇنىڭ يۇلۇنىنى ئۈزۈپ تاشلىغانىدى. نوزۇگۇم ئىككىنچى قېتىم خەنجەر ئۇرۇپ شەن مازانىڭ كۆكرىكىنى بۆسۈۋەتتى. ئۇ خۇددى ئوت ئۈستىدىكى ھۆل قوۋزاقتەك تولغىنىپ ، چىمىلداق يېنىغا گۈپ قىلىپ چۈشتى. بۇقۇلداپ ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ئىسسىق قان دالويىنىڭ ئوچۇق قالغان ئاغزىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى. ... بىر جاللات نوزۇگۇمنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ ، قىلىچىنى شارتىلدىتىپ بىلەشكە باشلىدى. پۈتۈن مەيداننى ئۆلۈم ۋەھىمىسى باستى . لېكنى بۇ ئۆلۈمنىڭ نوزۇگۇم ئۈچۈن ھېچقانچە دەھشىتى يوق ئىدى. ئو تويلۇق چىمىلدىق ئىچىدە شەن مازانى پارە-پارە قىلىپ تاشلىغان چېغىدىلا ئۆزىنى بۇ ئۆلۈمگە ئاتاپ قويغانىدى. شۇ مىنۇتلاردا ئۇ"مەن ئاتا ۋەسھىيىتىنى ئورۇندىيالىدىممۇ يوق؟" دېگەننى ئويلايتتى. ئۆزىنىڭ پاكلىقى ، زوراۋان كۈچلەرگە باش ئەگمىگىنىنى ئويلىغىنىدا ئۇ دۇنيادا ھەرقانداق قېرىندىشمغا يورۇق يۈزۈم بىلەن قارىيالايمەن دەپ ھوزۇرلىناتتى. نوزۇگۇم ئاپئاق بولۇتلار بىلەن بېزەلگەن كۆپكۈك ئاسمانغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى. شۇ چاغدا ئارقىسىدىن جاللات باشلىقىنىڭ ئۆزى كېلىپ قىزغا تۇيۇقسىز قىلىچ ئۇردى. نوزۇگۇمنىڭ بېشى مەيدانغا ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ ،ئۇزۇن چاچلىرى تۇپراق ئۈستىگە يېيىلدى. جاللات باشلىقى قان تېمىپ تۇرغان قىلىچنى يالاپ ، غىلاپقا سالدى دە، ئىغاڭلاپ بېرىپ قىزنىڭ كېسىلگەن بېشىنى خالتىغا تاشلىدى.③ بىر تارىخنى كۆز ئالدىمىزدا نامايان قىلىۋاتقان يۇقۇرىقى مىساللاردا ئابدۇخالىقنىڭ ، نوزۇگۇمنىڭ جازا ئوبيېكتغا ئايلانغان تېنى شۇ دەۋردە يۈرگۈزىلىۋاتقان سىياسىي ھوقوقتىن ، شۇ دەۋردىكى سىياسىي ھاۋادىن بېشارەت بېرىدۇ. شۇ دەۋىردىكى سىياسىينىڭ لوگىكىسى بويىچە ئېيتقاندا ، نوزۇگۇمنىڭمۇ ، ئابدۇخالىقنىڭمۇ كاللىسى كېسىلمسە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ تېنى جۇدا بولغاندىلا ئېسيانكار روھى تۇنجىقىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىنى كۆزىدىن نېرى بولمىسا ، شۇ چاغدىكى ھاكىمىيەت ئۈچۈن كۈشەندە بولىدۇ. مەلۇم ھوقوق ئىرادىسىگە ئىگە ئادەملەر ئۆز ھوقوقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھىمايە قىلمىغان كىشىلەرنىڭ بەدىنىنى بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كاللا كېسىش ، تۈرمىگە تاشلاش ، قىيناش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بەدەننى ھوقوق يۈرگۈزۈشنىڭ دەستىگاھى قىلىدۇ. نۇرغۇن ئوقۇرمەنلىرىمىز سىياسىي بىلەن ھوقۇقنىڭ زىچ باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ ، ئەمما ئۆز بەدىنىدە ھوقوقنىڭ سايىسى ئەكىس ئېتىۋاتقانلىقىنى نېگىزىدىن چۈشەنمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ، نورمىدىن ئوشۇق بالىنى چۈشۈرگۈزۈش ، توك كالتەك يېقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي ھوقوقنىڭ روھنى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال بەدەننى شىكار قىلىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. دېمەك ، بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا روھ_ سىياسىنىڭ ئوۋ نىشانى ، بەدەن_سىياسىنىڭ شىكارى. ئەبۇ غېرىپ تۈرمىسىدە دەھشەتلىك قىينىلىپ تەن ئازابى تارتىۋاتقان مەھبۇسلار ، تۈركىيەنىڭ مەشھۇر فىلىمى "تۈركلەر ۋادىسى ئىراق"تا ئامېرىكىغا ئادەمبومبا بىلەن قارشى قارشى تۇرماقچى بولغان لەيلى، "لەگلەك ئۇچۇرغۇچى" فىلىمىدىكى زىنا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تاش تۇپراق قىلىنغان ئايال، "باتۇر يۈرەك" فىلىمىدا شوتلاندىيە خەلقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگىلىيەگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ رەھبىرى كرومۋېلنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيىلىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ ، بەدىنى پولات ئارغامچىدا تارتىپ ئۆلتۈرۈلۈشى مۇنداق پاكىتنى ئېسىمىزگە سالىدۇ: بەدەندىن ئىبارەت بۇ شىكاردا سىياسىنىڭ ۋاستىسى بولغان ھوقوق يۈرگۈزىلىدۇ، ئادەمنى چەكلەيدۇ ۋە ئۆز ئىرادىسىگە بوي سۇندۇرىدۇ.جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە بەدەن ھەققىدىكى تەتقىقات ھوقوقنىڭ بەدەندە قانداق يۈرگۈزىلىدىغانلىقى ، بەدەن بىلەن ھوقوق ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ. فرانسيىە مۇتەپەككۇرى فۇكاۋ مىچىل (Micheal Foucault, 1928-1984) ئۆزىنىڭ" تۈزۈم ۋە جازا: تۈرمىنىڭ بارلىققا كېلىشى (discipiline and punish: the birth of the prision) "ناملىق ئەسىرىدە بەدەننىڭ مەكتەپلەردە ، تۈرمىلەردە، زاۋۇتلاردا باشقۇرۇلۇشىنى ھوقوق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەن. (maurice merleau_ponty فرانسىيە پەيلاسوپى مائۇرىس مېرلېئو پونتى ئۆزىنىڭ" تۇيغۇ ھادىسىشۇناسلىقى" نامىق ئەسىرىدە بىزنىڭ رېئاللىق ھەققىدىكى تۇيغۇلىرىمىزنىڭ بەدىنىمىز ئارقىلىق بىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، دۇنيا ھەققىدىكى تونۇشىمىزنىڭ بەدىنىمىزدە كۈچەيگەن تۇيغۇنىڭ مەھسۇلى بولىدىغانلىقىنى تەكشۈرگەن.بەدەننى جانلىق ماددا سۈپىتىدە تونۇپ تۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ خىل تەتقىقات بەدەن ، كەچۈرمىش ۋە كىملىك ئوتتۇرىسىدا زىچ باغلىنىش بارلىقىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مودىدىن كىملىككىچە مودا ، بەدەن كىيم ، كىملىك ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇرەككەپ مۇناسىۋەت بار. بىر تەرەپتىن بىز كىيگەن كىيىملىرىمىزدە باشقىلارغا كىملىكىمىز ، ئىجىتىمائىي ئورنىمىز ، مەنسۇبىيىتىمىز توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا ، بىزنىڭ كىيىملىرىمىز ھەمىشە كىملىكىمىز ھەققىدە باشقىلارنى خاتا چۈشەنچىگىمۇ كەلتۈرۈپ قويىدۇ . كىيىمنىڭ كىملىكتىن ئۇرچۇر بېرىشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن كىملىكنى يوشۇرۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى شەھەر تۇرمۇشىدا تېخىمۇ روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ . سەۋەبى، شەھەرلەردە باشقىلارنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ياكى ئەنئەنىدىن قالغان بىر قېلىپ يوق . بىز ھەمىشە"ناتونۇش كىشىلەر" ئارىسىدا ئالدىراش يۈرىمىز ۋە دەقىقە ۋاقىت ئىچىدە بىر- بىرىمىزگە تەسىر قالدۇرىمىز. ئاسان يېقىنلاشقىلى بولمايدىغان ، سىرلىق ، ناتونۇش بىر ئادەمگە يولۇققان چېغىمىزدا يۈرۈش تۇرۇشى ، كىيىنىشىگە قاراپ باھا بېرىمىز. مەيلى راست ياكى ساختا بولسۇن ، قارشى تەرەپنىڭ كىيىمى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىغا ، ئەخلاق پەزىلىتىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى ئۆلچەم بولۇپ قالىدۇ. كىيىم جەمئىيەتشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى كۇنتىن بېل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:"بىزنىڭ كىيىمىمىز بىزنىڭ بىر تەركىبىي قىسىمىمىز. بىزنىڭ بەدىنىمىزدىكى كىيىملەر تېنىمىز ۋە روھىمىزنىڭ داۋامىدۇر"④ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بەدەن كىشىلەر ئارىسىدكى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ فوكۇس نۇقتىسىغا ئايلاندى. چېنىقىش ، ئورۇقلاش ، گىرىم قىلىش ، گۈزەللىك ئوپراتسىيىسى شەھەردىكى ئۇيغۇرئاياللىرى ئارىسىدا بەدەننىڭ فوكۇس نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ بەك ئىپادىلىدى. ئاياللارنىڭ مودا كىيىملەرنى كىيگەن بەدىنى ئەرلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا جىنسىي تۇيغۇنى غىدىقلايدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ خىل چاتما تەسەۋۋۇرىدىن مودا كىيىنگەن ھەرقانداق ئايال قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. بۇنداق چاغدا ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى خىيالى ئۇنىڭ كىيىمى ، بەدىنى نۇقتىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ. يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ، ئەرلەرنىڭ ئاياللار ھەققىدىكى چاتما تەسەۋۋۇرىنى ئويغاتقان مودىنى تارىخىي ، يەرلىك تۈسكە ئىگە كىيىم-كېچەك سېستىمىسى دەپ تونۇش كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مودا كىيىش جەمئىيەتتە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش بولۇش بىلەن ئومۇملىشىدۇ. مودىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئالاھىدە بىر دەۋردىكى ئىجتىمائىي مۇھىتتىن ئىزدەش مۇمكىن. بۈگۈنكى شەھەر ئاياللىرىدا مودىنىڭ كېڭىيىشىگە شەرت ھازىرلىغان ئىجتىمائىي مۇھىتنى 1980-يىللارنىڭ بېشىدىن ئىزدەش مۇمكىن. ئۇ چاغدا مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى يېڭى ئاخىرلاشقان ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە شەھەر ئاياللىرى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن كىرگەن مودىلار بىلەن ئۇچراشتى؛ ئاندىن تېلۋوزۇرنىڭ ئومۇملىشىشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ، چەتئەللەردىكى مودىدىن خەۋەردار قىلدى.تاكى بازار ئىگىلىكى يولغا قويۇلغان 1990-يىللارغىچە بولغان 10 يىلدەك ۋاقىت شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەنئەنىلىرىدە ئىسلاھات بولغان چاغ بولدى. شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مودىغان ئىنتىلىش روھىي ھالىتىنى مەمتىمىن ھوشۇر ئۆزىنىڭ"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستىدا مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ: . مېھمانلار ئولتۇرۇپ بولا بولماستىنلا يەنە بىر ئايال كىرىپ كەلدى . ئەلى بۇ ئايالنى تونۇغاندەك قىلسىمۇ قايسى يىللىقلاردا ئوقۇغانلىقىنى ئېسىگە ئالامىدى. ئايالنىڭ بېشىدا زەر باسقان چەتئەل ياغلىقى، ئۈستىدە چەتئەلنىڭ زەرلىك رەختلىرىدىن تىكىلگەن ، ۋالىلداپ تۇرىدىغان كۆڭلەك ، ئايىغىدا ئىنچىكە پاشنىلىق چەتئەل توپلىيى ، قارا تومۇرلۇق نېپىز يىپەك پايپاق ، بويۇنلىرىدا ئاجايىپ مارجانلار تۇراتتى. ئاياللار دالان ئۆيگە يۈگۈرۈشۈپ چىقىپ ،"ۋىيەي، تۇرنىسا"دېگىنىچە ئۇنىڭ كىيىملىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا باشلىدى: _ ماۋۇ قەيەرنىڭ مارجىنى دوستۇم؟ _ھەرەمنىڭ _ماۋۇ ياغلىقچۇ؟ _سا يۈزىنىڭ. _كۆڭلىكىڭنىڭ رەختى ئېسىلكىنا؟ _پاكىستاننىڭ. _ ئايىغىچۇ ، ئايىغىنى كۆرمەيسىلەر بۇخېنىمنىڭ.. _ شياڭگاڭنىڭ. ھەتتا قايسى بىرى ئۇنىڭ كۆينىكىنى قايرىىپ ئىچىدىكى رۇباشكىسىنىمۇ كۆرۈپ باقتى. _ ئاۋسترالىيىنىڭ،-دەپ ئېلان قىلدى ئۇ تەنتەنە بىلەن بۇ ئايال ئەتەي ئۈستەللەرنى پىرقىراپ ئۆتۈپ، تەھرىرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى كىيىملەرنىڭ ياراشقان ياراشمىغانلىقى توغرىسىدا بىر نەرسە دېگىلى بولمىسىمۇ ، ئۇ ھازىر ئاتاپ ئۆتكەن مەملىكەتلەرنىڭ ئىسىملىرىلا بىر سەلتەنەت پەيدا قىلاتتى. ھەممە ئاياللار ئاغزىدا يۇقارقىدەك سۆزلەرنى قىلىشسىمۇ كۆڭلىدە مەنسىتمىگەندەك قارىشاتتى. ئەلىنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان ياش ئايال ئۇنىڭغا: -ۋاييەي قاراڭ. ئىسسىقتا كۆز-كۆز قىلىمەن دەپ ھەممە نېمىسىنى ئۈستىگە بولۇشىغا ئارتىپ كەلگىنىنى ،_دەپ پىچىرلىدى،- ئېرى ياشىنىپ قالغان ئادەم. شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە باشلىق ، ئۆزىچە نومۇس قىلىپ ، تېخى مۇنداق سورۇنلارغا باشلاپ كەلمەيدۇ. ⑤ . مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ"ساۋاقداشلار"ناملىق پوۋېستى1986-يىلى يېزىلغان ۋە شۇ يىلى تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۈگۈن شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشايدىغان قىزلارنىڭ مودا ھەققىدىكى قارىشى بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن ئاياللارنىڭكىدىن كۆپ پەرقلەنسىمۇ ، مودىنىڭ تۈرىدە يېڭى ئۆزگىرىشلەر بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل ماللىرىغا بولغان تەلپۈنىشى، چوقۇنىشىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا"يەنە بىر كۆرسەم" قاتارلىق كورىيە فىلىملىرىنىڭ ۋە زامانىۋى كورىيە فىلىملىرىنىڭ ئېكراندا قويۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل ماللىرىغا بولغان تەلپۈنۈش ھېسسىياتىغا "كورىيە قىزغىنلىقى"قېتىلدى ، كورىيە ماللىرى بىر مەزگىل مودا بولدى. چەتئەل ماللىرىنىڭ ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنىدە ئەتىۋارلىنىشى ئاساسسىز ئەمەس. ئۇيغۇرلار سىرتلارغا چىقىش ئىمكانىيىتى ئاز بولغانلىقى سەۋەبلىك چەتئەللەرنى كىنو تېلىۋوزۇرلاردا كۆرىدۇ؛ چەتئەللىكلەرنىڭ كىنو تېلىۋوزۇرلاردىكى نۇرغۇن تۇرمۇش شەكلى ئۇلارنى جەلىپ قىلىدۇ. شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ چەتئەل مودا پاسونلىرىغا ، جۈملىدىن ياۋروپاچە توي-مۇراسىم كۆينەكلىرىگە تەلپۈنۈش ھېسسىياتى ئۇلارنىڭ خىيالىدا ئۆزىنى ياۋروپالىقتەك كۆرسۈتۈش چۈشىدىن كەلگەن . شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ بېسىمى جىق ، مائاش تۆۋەن ، ھاياتىدا تەم ۋە مەنە ئاز. شۇڭا شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرى خىيالىدا كىيىملىرى ، يۈرۈش تۇرۇشلىرى ئارقىلىق بولسىمۇ باشقىلارغا ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقاندەك تەسىر بېرىشنى ، ئۆزىنى مۇراسىم سورۇنلاردا بولسىمۇ ياۋروپالىقتەك كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار رېئاللىقنىڭ ئازابىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ، چۈش كۆرۈۋاتقانلاردۇر. ئامېرىكا جەمئىيەتشۇناسلىرى مېككال ۋە سىمونىسنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا:"ئادەم چۈش كۆرگۈچى،غايىۋىلىك ئىچىدە خىيالى ئوبراز ئۈچۈن ياشايدىغان مەخلۇق. ئۇنىڭ تەسەۋۋۇرىنى تولدۇرىدىغانغا بىر نەرسە بولۇشى كېرەك"⑥شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ غايىۋى كىملىكىنى چۆرىدەپ قىلغان تەسەۋۋۇرىنى ، ئۆزىنى باشقىلارغا ئېسىل كۆرسىتىش ئارزۇسىنى قاندۇرىدىغان نەرسە_دەل مودىدۇر. شەھەر ئۇيغۇر قىزلىرى دەل مۇشۇ مودا ئارقىلىق قەلبىدىكى مەنىسىزلىك تۇيغۇسىغا بەرھەم بەرمەكچى بولىدۇ ، رول ئېلىپ ياشايدۇ.مېككال ۋە سمونىس ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:"ئادەمنىڭ _چۈش كۆرگۈچىنىڭ مەقسىدى ھاياتتا رول ئېلىپ ياشاشتۇر. لېكنى بۇ ئاسان ئىشقا ئاشمايدۇ.ئادەم خىيالىدىكى ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن ئۆز ۋۇجۇدىدىكى ، تەبىئىتىدىكى ھايۋانلىق ئالامەتلىرىنى بېزىشى ياكى يوق قىلىشى ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا ھەققىدە ئۇچۇرلارنى قىياس قىلغاندىن كېيىن ئۆز ھەرىكىتىنى ماس ھالدا تەڭشىشى زۆرۈر(7) بەدەن ۋە رېئاللىق بەدەن بىر رېئاللىقتىن دېرەك بېرىدۇ. بىر قىزنىڭ بەدىنىدە مودا ئارقىلىق ئىپادە قىلىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە ئۆزى ياشاۋاتقان رېئاللىق. تەڭرىتاغ كىنو سىتۇدىيىسى 2006-يىلى ئىشلىگەن، گانا كىنو فېستىۋالىغا قاتناشقان "تۇرپاندىكى سۆيگۈ ناخشىسى" فىلىمىدە پاتىگۈل ، ئارزىگۇل قاتارلىق ئۇيغۇر قىزلىرى، "مەمەتنىڭ2008-يىلى"فىلىمىدە ئايال ترېنىرنىڭ رولىنى ئالغان گۈزەلنۇر يارىشىملىق كىيىمى ، خۇشپىچىم بەدىنى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرگە"ئۇيغۇر قىزلىرى چىرايلىقكەن"دېگەن تۇيغۇنى بېرىدۇ. ئاشۇ قىزلارنىڭ چىرايلىق بەدەنلىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى دەل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈزەل ھۆسىن ۋە لاتاپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىندىن ئىبارەت رېئاللىق. بۇنىڭ ئەكسىچە ئۈرۈمچىدىكى ، بېيجىڭدىكى كېچىلىك كۇلۇبلاردا يۇقىرى كىرىم بىلەن باشقىلارغا ھەمراھ بولۇۋاتقان چىرايلىق قىزلار باشقىلارغا يەنە بىر رېئاللىقنى نامايەن قىلىپ "ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ چىرايلىق قىزلىرى كېچىلىك كۇلۇپتىمۇ نېمە ؟" دېگەن تەسىراتنى پەيدا قىلىدۇ. مانا بۇ شەھەردىكى ئوخشىمىغان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بەدىنى ئارقىلىق ئەكىس ئېتىۋاتقان ئوخشىمىغان رېئاللىق. بۇ ھال ئادەمگە جۇڭگو يېڭى شېئىرىيەت ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى ، داڭلىق خەنزۇ شائىرى ۋاڭ گوجېننىڭ مۇنۇ جۈملىلىرىنى ئەسلىتىدۇ:"گۈزەل رۇخسار گويا بىر پارچە يول خېتىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن جەننەتكىمۇ ، دوزاخقىمۇ بارغىلى بولىدۇ." 2008 -ئاۋغۇستنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى سەردار"،"پارلاق"،"مەشرەپ" رېستۇرانلىرىنى كۆزەتتىم. ياۋروپاچە توي كۆينىكى كىيگەن كېلىن قىزلار ، پۇتىنىڭ تىرنىقىدىن تارتىپ چېچىنىڭ شەكلىگىچە ئالاھىدە ئىشلىگەن مودا قىزلار ماڭا ناھايىتى يۇقىرى ئىستىمال ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ، تۇرمۇشىنىڭ سۈپىتى يۇقىرىدەك تەسىر بەردى. مەن :'شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش ھەۋىيىسى شۇنچىلا ئۆسۈپ كەتتىمۇ؟ شەھەرلىكەر شۇنچە مەدىنىيلىشىپ كەتتىمۇ؟"دەپ ئويلىدىم. ئەمما ، رېئاللىق ئۇنداق ئەمەستەك قىلاتتى. بىر رېستوراننىڭ لىفىتىدا قۇسۇقنىڭ ھىدى بىلەن ھاۋا ئۆتۈشمەسلىك تۈپەيلى تولىمۇ بىخسىق پۇراق چىقىپ تۇراتتى. مەن ئالدىمدا تۇرغان ئۈچ قىزغا سەپ سالدىم. بەدىنىدىن قىممەت باھالىق ئەتىرنىڭ پۇرىقى كېلىۋاتقان قىزلار بىخسىق پۇراقنى سەزمىگەندەك قىلاتتى. پەسكە چۈشۈپ100 مېتېر نېرىغا ئۆتكىنىمدە ، كۆزلىرى مۆلدۈرلەپ چىرايىدىن نامراتلىقى تۆكۈلۈپ تۇرغان ئوسمىچى قىزلارنىڭ قاتار بولۇپ ئوسما تۇتۇپ ئولتۇرغان ھالىتىگە كۆزۈم چۈشتى. ئوسمىچى قىزلارنىڭ ئوسمىسىنى ئالىدىغانلار جىق ئەمەس ئىدى. ئۇلارنىڭ يېنىدا پايپاق ، سومكا ساتىدىغان ئۇششاق ئېلىپ ساتارلارشۇنچىلىك جىق ئىدىكى، كىشى "جىمى ئۇيغۇر سېتىقچى مۇشۇ كوچىغا قىستىلىۋالدىمۇ نېمە؟"دېگەن ئويغا كېلەتتى. بۇ ئوسمىلارنىڭ ئەرزانلىقىنى بىر دېمەڭ. بىر باغلام ئوسما بەش مو ، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئالىدىغان ئادەمنىڭ تايىنى يوق. ھەربىر قىزدىن ئۈچ باغلامدىن ئوسما ئالدىم. ئوسمىنى مەن ئىشلەتمەيمەن، ئەمما بۇ ئۈچ قىزنىڭ مىسكىنلىك تۆكۈلۈپ تۇرغان تۇرقى مېنى:"ئوسمىنى ئالاي ، بۇلمىسا بۈگۈن بۇ قىزلار سودا قىلالمايدىغاندەك تورىدۇ" دېگەن ئويغا كەلتۈردى. بەلكىم ئويلىغىنىم خاتادۇر. ئەمما ئوسمىچى قىزلارنىڭ تۇرقى مەن رېستۇراندا ، لېفىتلاردا كۆرگەن مودا ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ ھالىتى بىلەن ئېڭىمدا روشەن سېلىشتۇرما پەيدا قىلدى. مەن ئىككى خىل بەدەن ھالىتىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان رېئاللىقنىڭ قايسىسىغائىشىنىشنى بىلمەي قالدىم. ئوخشىمىغان بەدەن ھالىتى ئۇيغۇر رېئاللىقى ھەققىدە سۆزلەيتتى. بۇ رېئاللىق شەھەردىكى مودا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مودا كىيىملىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان كىملىكىنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدە گۇمان تۇغدۇراتتى. مەن " ئەتلەس جېدىلى" تۈپەيلى تويدىن ۋاز كەچكەن ھېلىقى قىزنى ، رېستۇراننىڭ لېفىتى ، زالىدا كۆرگەن مودا قىزلارنى سېلىشتۇرۇپ بەدەن، ئۇيغۇرنىڭ نۆۋەتتىكى رېئاللىقى ھەققىدە ئويغا پاتتىم. خىياللىرىم ماڭا مودا بەدەندە ئەكىس ئېتىۋاتقان كىملىكنىڭ ياسالما بولىدىغانلىقىنى ، چىن رېئاللىقنىڭ بولسا ئاشۇ مودىنىڭ چوقان سۈرەنلىرى ئىچىدە ئۇنتۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى. بىز بايا كەلتۈرگەن مىسالدا نوزۇگۇم ئۆز بەدىنىنى باشقىلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىپپەت يولىدا كۈرەش قىلىدۇ. بۇمۇ بىر تارىخي رېئاللىق. مەن كۆرگەن مودا قىزلار بولسا شەھەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ كىملىكى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ھەققىدە ئۇچۇربېرىدۇ. ئەمما ، بۇ ئۇچۇر ئادەمنى خاتا يېتەكلەيتتى. بۇمۇ بىر رېئاللىق ئىدى. مەن شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم:"بەدەن رېئاللىق ھەققىدە سۆزلەيدۇ ، ئەمما شەھەردىكى قىزلارنىڭ مودا بەدىنىدە ئەكىس ئېتىۋاتقىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي رېئاللىقى ئەمەس. مودا نېمە ئۈچۈن...؟ شەھەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرىغا سىڭگەن مودا قارىشىنىڭ كېلىش مەنبەسى ، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رېئاللىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى تەھلىل قىلىشتىن ئاۋۋال مودىنىڭ تەبىرى ، جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە چۈشەنچە ھاسىل قىلىش كېرەك. مودا 时尚fashion غەرىبنىڭ زامانىۋىيلىشىش مۇساپىسىنىڭ تۇغۇندىسى بولۇپ ، ئەڭ دەسلىپىدە غەربىي ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن ھەم يېڭى بارلىققا كەلگەن چاغدا ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن. مودا كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا بىر جەمئىيەتتە ئاددىي ئاۋام تەرىپىدىن قوغلىشىش ئوبيېكتىغا ئايلانغان بارلىق ماددىي بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، مەسىلەن نەپىس تېلىفون ، ماشىنا دېگەندەك. بىز بۇ يەردە تار مەنىدىكى مودىنى ، يەنى ئالاھىدە كىيىم كېچەك سېستىمىسىنى كۆزدە تۇتىمىز. مەلۇم كىيىم مودا دەپ ئاتالغاندا ئۇنى جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن ئادەم ئۇچىسىغا چىقارغان بولىدۇ.مودا ئادەمنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاۋۋال تەبىقە ، جىنس ، ئىرىق ، ياش ، كەسىپ ، كىرىم ، بەدەن شەكلى قاتارلىق ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ تەسرىدە باشقىلارغا ھەرخىل تەسىراتلارنى قالدۇرىدۇ. مودا كىيىمنىڭ ھەرقاندىقى ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىۋەرمەيدۇ. مىللىي ئۆرپ ئادەت ۋە بىر مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا پەيدا بولغان ئىجتىمائىي چەكلىمە ئامىللىرى بىر جەمئىيەت ئەزالىرىنى مودا كىيىمنى چەكلىك دائىرىدە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. جەمئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ، مودا ئىقتىسادقا ۋە بىر مىللەتنىڭ ئۆرپ ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت شەكىللىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئاياللارنىڭ شۆھرەتپەرەس بولۇشتەك مايىللىقى مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بىر جەمئىيەتتە يېڭى پەيدا بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپى مودىنى ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ئورنىنى كۆرسىتىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق موھتاجلىق، نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقان ، ئىجتىمائىي ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن بولغان پەرقىنى كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. بۇ جەرياندا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە توپىدىكى ئاياللارنىڭ رولى گەۋدىلىك بولىدۇ ، ئۇلار ئۆز ئۇچىسىدا مودىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. فرانسىيە مۇتەپپەككۇرى ،جەمئىيەتشۇناس بوردىلىيارد (Jean baudrillard,1929-) مودا توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: مودا ئاۋام ئارىسىدا ئومۇملاشقان گۈزەللىك قارىشىنى مەنسىتمەي توختىماي يېڭىچە گۈزەللىك قارىشىنى پەيدا قىلىدۇ ، ئاندىن كىشىلەرنى ئەڭ غەلىتە ، ئەڭ بىمەنە نەرسىلەرنىڭ ئالاھىدە ، ئۆزگىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشەندۈرىدۇ. بۇ ھال ئەقلىيلىكتىنمۇ غالىپ كەلگەن ئەقىلسىزلىك لوگىكىسى بويىچە بىمەنىلىكنى ئومۇملاشتۇرۇپ كىشىلەرگە تاڭىدۇ."(8) مودىنىڭ دورامچۇقۇلق تۈپەيلى كېلىپ چىقىدىغانلىقى ھەققىدە گېرمانىيىلىك مەشھۇر جەمئىيەتشۇناس جورج سېممىل(1918-1858) (george simmelۋە ئامېرىكىلىق جەمئىيەتشۇناس سورىستەيىن ۋېبلىن(1929_1857 (thorestein veblen) نۇرغۇن قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، بىر جەمئىيەتتە مودىنىڭ پەيدا بولۇشى تەبىقىنىڭ روشەنلىشىۋاتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى. تەبىقە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي مۇھىتتا ئۆزگىچىلىكى بار مودا كىيىملەرنى ھاللىقلار ئاۋۋال كىيىدۇ. ئاندىن تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر ھاللىقلارغا ئۆزىنىڭ ئورنىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنى پەش قىلىپ مودا قوغلىشىدۇ. مودا ئەنە ئاشۇنداق يوسۇندا بىر جەمئىيەتتە مەرتىۋىسى يۇقىرىلاردىن مەرتىۋىسى تۆۋەنلەرگە قاراپ "ئاقىدۇ". مەلۇم بىر خىل مودا ئورنى تۆۋەن ئادەملەر ئارىسىدىمۇ ئومۇملىشىپ كەتكەندە ، يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەر ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىجتىمائىي ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملىق نامايان قىلىش مەقسىتىدە دىققىتىنى باشقا خىل مودىغا ئاغدۇرىدۇ. جورج سېممىل بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:"مودا ئۆزگەرمەس تۈزۈم بىلەن ئادەمدىكى خاسلىق ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش كۈچىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئادەملەردىكى ھەم دەۋىر روھىغا ماسلىشىش ھەم خاسلىقىنى نامايەن قىلىشتىن ئىبارەت زىددىيەتلىك ئىستەكنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ."(9) جورج سېممېلنىڭ قارىشىچە بولغاندا ، ئۆزگىچە ، يېڭى پاسوندىكى كىيىملەرنى تاللاش- يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەرنىڭ ئۆزىنى ئورنى تۆۋەن كىشىلەر بىلەن پەرقلەندۈرۈشتىكى ۋاسىتىسى. ئەمما ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولغاچقا ، تاللىغان كىيىم پاسونلىرىنى تەبئىي ھالدا تۆۋەن مەرتىۋىدىكىلەر دوراپ ئومۇملاشتۇرىدۇ. تىنىمىسىز يۆتكىلىپ تۇرۇشتەك بۇ خىل ئالاھىدىلىكى مودىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مودىنى جەمئىيەتتىكى ، سىياسىدىكى ئۆزگىرىشكە قايتۇرۇلغان ئىنكاس دېيىشكىمۇ بولىدۇ. مودىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ تىنىمسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشىنى بەلگىلىگەن. مەسسىلەن ،ئاياللار كىيىدىغان يوپكىنى مىسالغا ئالساق ، ياۋروپا ، ئامېرىكا ئاياللىرى ئىقتىسادىي كاساتچىلىق يۈز بەرگەن 1930-يىللاردا ئۇزۇن يوپكىلارنى كىيگەن بولسا ،1960-يىللارغا كەلگەندە ، يەنى ئىقتىساد گۈللىنىشكە باشلىغاندا قىسقا يوپكىلار مودا بولۇشقا باشلىغان . بۇنىڭغا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەرلىك خاراكتېرىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى سەۋەب بولغان بولۇپ ، ئاياللار خىيالىدىكى ئەرلەرگە جەلىپكار كۆرۈنىشى ئۈچۈن يوپىكىلىرىنىڭ ئۇزۇنلىقىنى قىسقارتقان. ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى سىياسىي ھەرىكەتلەر كۆپ يۈز بەرگەن چاغلاردا جوڭسەنفۇ قاتارلىق بەدەننى ھىم بېسىپ تۇرىدىغان كىيىملەر مودا بولغان بولسا(بىز "تۆمۈر داۋامەت سۈرەتلىك توپلىمى" قاتارلىق ماتېرىياللاردىن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى روشەن ھېس قىلالايمىز.)ئىسلاھات ،ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن كېيىن ئوچۇق كىيىملەر ئۈستۈنلىكنى ئىگىلدى. شەھەر ئۆي ئاياللىرىمۇ تېلۋوزۇردا كۆرگەنلىرى بويىچە بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن ئوچۇق كىيىملەرنى كىيدى. ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدە مودىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەۋرىدە يېزىلارغا چۈشكەن زىيالى ياشلارنىڭ ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەربىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ رولى زور بولغان. قىسقىسى ، شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مودىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش جەريانى جۇڭگونىڭ ھۆكۈمەت سىياسىتىنىڭ يۈرگۈزۈلۈش جەريانى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولغان. بولۇپمۇ 1978- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ۋە 1990-يىللىرى يولغا قويۇلغان بازار ئىگىلىكى سىياسىتى ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدا مودىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ، ئىككى قېتىملىق مودا دولقۇنىنى قوزغىدى. 1980-يىللارنىڭ بېشىدا مودا بولغان لاباكۇ(كەڭ پۇچقاقلىق شىم)نى ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن، 1990-يىلللاردا مودا بولغان "كۆزۈڭگە سانجىلىمەن" قاتارلىق رەختلەردە كىيىم كىيىش ھادىسىسىنى بازار ئىگىلىكى ، جۈملىدىن "دېڭىزغا چۈشۈش" سىياسىتىنىڭ تەسىرى بىلەن ، شۇنداقلا ھازىر قىزلار ئارىسىدا مودا بولغان قولتۇق تەرىپى ئويۇلغان كىيىملەر ۋە زىيادە قىسقا يوپكىلارنىڭ ئومۇملىشىشىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى سىياسەتلىرى بىلەن باغلاپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. شۇنداڭ دېيىشكە بولىدۇكى ، تېلېۋېزور ،كىنو ۋە ئۈن-سىن بويۇملىرى شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مودىنىڭ يېڭىلىنىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. جەمئىيەتشۇناسلىق ساھەسىدە يەنە مودىنى جىنسىي ئىستەك ، نومۇس تۇيغۇسى بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان يۈزلىنىشمۇ بار. مودا كىيىملەر جىنسىي تۇيغۇغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تارقاتقاندىن باشقا بىزنى يات جىنىسلارنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ جەلىپكار كۆرسىتىدۇ. گېرمانىيە مۇتەپپەكۇرى فلۈگېل فروئىد1939-1856 (freud sigmund) نىڭ روھىي ئانالىز تەلىماتىدىن پايدىلىنىپ مۇنداق دەيدۇ:" مودا كىيىمدە ھەم خىجىل بولۇش تۇيغۇسى ھەم شۆھرەتپەرەسلىك ئەكىس ئېتىدۇ. ئادەملەر مودا كىيىملەردە ھەم بېسىلىپ تۇرغان جىنسىي ئىستىكىنى ھەم ئىجتىمائىي چەكلىمە ئىچىدە يېتىلگەن نومۇس تۇيغۇسىنى تەڭلا ئىپادىلەيدۇ"(10) مودا كىيىم كارخانىچىلىرىنىڭ ئايالچە مودا كىيىملەرنى ئشلەپ چىقىرىشتىكى يېتەكچى پىرىنسىپى "ئىندەككە كەلتۈرۈش" بولۇپ ، ئايالچە كىيىملەرنى ئەرلەر ئالدىدا تېخىمۇ جەلپكار ، لاتاپەتلىك كۆرۈنگۈدەك لاھىيىلەيدۇ. جەمئىيەتشۇناس لاۋىر (laver) مۇنداق دەيدۇ:" ئايالچە مودا كىيىملەرنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرۇشىدىكى بىر سەۋەب ئۇ كىيىملەردىكى جىنسىي تۇيغۇ ئەكىس ئېتىدىغان يەرلەرنىڭ يۆتكىلىپ تۇرغانلىقىدا. ئايالچە مودا كىيىملەردە ئاياللار بەدىنىنىڭ ئوخشىمىغان يەرلىرى گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. لېكىن ، ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ھوزۇرلىنىش ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاياللار كىيىمىدىكى جىنسىي ئاڭ ئەكىس ئېتىدىغان نۇقتىلارنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك. " [11] شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر قىزلىرى ئارىسىدا جىنسىي تۇيغۇنى غىدىقلايدىغان كىيىملەرنىڭ قاقشاش سادالىرىغا قارىماي ئومۇملىشىشىدا تېلېۋوزۇر قاتارلىق مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ رولى چوڭ بولغان بولسا، كىيگەن كىيىمدە ئەنئەنىنى ، نومۇس تۇيغۇسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى ئويلايدىغان قىزلارنىڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ كېتىشىگە مودا كىيىم كارخانىچىلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەب بولغان. شۇنى ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، شەھەر ئاياللىرىنىڭ روھىي دۇنياسى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ، مېدىيە ۋاسىتىلىرىنىڭ تالان- تاراج ئوبيېكتىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ، نوقۇل ھالدا ئاياللارنى بۇزۇلۇپ كەتتى دەپ تىللاش ئىجتىمائىي كونتروللۇقنىڭ رولىنى ، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ شەخس تەقدىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى سەل چاغلىغانلىق. بۈگۈن شەھەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ھاللىقلار ئارىسىدا ئەۋج ئالغان مودا ىوغلىشىش خاھىشىنىڭ دەسلەپكى ئىزنالىرىنى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا غەربىي ياۋروپادا ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ باش كۆتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئومۇملاشقان ماددىي ئىستەكنى چوڭ بىلىش ھادىسىسىگە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. يەنى ياۋروپادا 150 يىل بۇرۇن ئومۇملاشقان رېئاللىق ئەمدى بىزدە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز بۇ گېپىمىزنى چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن فرانسىيە يازغۇچىسى مۇپاسساننىڭ كۆپچىلىككە تونۇش بولغان "مارجان" ناملىق مەشھۇر ھېكايىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك قۇرلار بىلەن ئەسەرلىرىدە شەھەر ئاياللىرىنىڭ روھىيىتىنى سىزىپ بەرگەن شۆھرەتلىك ئۇيغۇر يازغۇچىسى خالىدە ئىسرائىلنىڭ " رەڭدار قۇيۇن" ناملىق پوۋېستىدىكى بەزى قۇرلارنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى. ئۇ بىردىنلا قارا تاۋار قۇتا ئىچىدىن چىرايلىق بېرلىيانت مارجاننى كۆرۈپ قېلىپ ، خۇشاللىقىدىن يۈرىكى ئويناپ كەتتى. ئۇ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن ھېلىقى مارجاننى ئېلىپ ، ئېگىز ياقىلىق كۆڭلىكىگە تاقاپ كۆرۈپ ، ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى ئەكسىگە خېلىغىچە قاراپ قالدى. ئاندىن: _مۇشۇ مارجىنىڭنى بېرىپ تۇرامسەن ، پەقەت مۇشۇنىلا،- دېدى ئىككىلىنىپ. -ھە ، ئەلۋەتتە. ئ