• 2008-11-13

    2008-11-13


    [ياسىر] ئەھمەدى نىجادنىڭ ئوباماغا ئەۋەتكەن تەبرىكنامىسى
    ئامېرىكىدىكى <ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى> ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئەھمەدى نىجادنىڭ ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان زۇڭتۇڭى ئوباماغا يازغان تەبرىكنامىسىنى ئەينەن ئېلان قىلدى.تەبرىكنامىنىڭ تولۇق مەزمۇنى مۇنداق :

    براك . A. ئوباما جانابلىرى:

    مەن سىزنىڭ كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن.خۇددى سىزگىمۇ ئايان بولغىنىدەك،ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا،تەرڭرى ئاتا قىلغان پۇرسەت ئىنتايىن چەكلىك،ئۇ ئىنسانلارغا ھەم بەخـت-ئامەت ئېلىپ كېلىدۇ،ھەم بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ،ئەمما ئاللاھ ئۇنداق ئىشلار(بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىدىغان)نى چەكلەيدۇ.مەن سىزنىڭ بۇ پۇرسەتتىن تولۇق پايدىلىنىپ،ئامېرىكا خەلقى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشڭىزنى،خەلقنىڭ ھەقىقىي مەنپەئىتى،باراۋەرلىكى،ھەققانىيلىقىنى ئاشۇ بىر توپ شەخسىيەتچى ۋە ھۆرمەت قىلىشقا ئەرزىمەيدىغان كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن قويۇپ،دۇنيا خەلقىگە ئاكتىپ مىراس قالدۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

    ئاۋام ھازىر بىردەك ھالدا ھۆكۈمىتىڭىزنى دەل ۋاقتىدا بارلىققا كەلدى دەپ قاراۋاتىدۇ،ئۇلار يەنە سىزنىڭ ئامېرىكا ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ تەلىپىنى تېزلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچكى-تاشقى سىياسىتىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئۆزگەرتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن كۈچلۈك ئامېرىكا خەلقى ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ،ئىقتىسادىي كىرىزىسنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئارقىلىق،پۇقرالارنىڭ روھىنى قايتا ئۇرغۇتۇشنى؛قەدىر-قىممىتى ۋە ئۈمىدىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ،نامراتلىق ۋە كەمسىتىشنى يوقىتىشىڭىزنى؛خەۋپسىزلىك ۋە كىشىلىك ھوقوقنى ھۆرمەت قىلىپ،ئامېرىكا ئاھالىلىرىنىڭ ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملىشڭىزنى ھەمدە ئەجدادلار روھى بارلىققا كەلتۈرگەن ھەرخىل ساۋاقلارنى ئاساس قىلىپ ئورتاق قىممەتنى قوغدىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،دۇنيا خەلقى ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئىنسانىي ھەققانىيەت،مىللىي قەدىر-قىممەت ۋە دۆلەتنىڭ ھوقوقىنى ھۆرمەت قىلىپ،باشقا ئەللەر بىلەن دوستانە مۇناسۋەت ئورنىتىشىڭىزنى ھەمدە باشقا ئەللەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىقىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ.ھازىرئۇرۇش،ئىشغالىيەت،مەجبۇرلاش،ئالداش،تەھدىت سېلىش ئاساسىدىكى باراۋەر بولمىغان ھەمدە كەمسىتىش خاراكتىرلىك مۇناسىۋەتنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭىدىغان سىياسەت ۋە قىلمىش دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى،نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرىدۇ،بۇ ئامېرىكا خەلقىنىڭ يۈزىگە چۈشكەن داغ،ئەلۋەتتە!

    كىشىلەرنىڭ جانابلىرىدىن كۈتىدىغان ئەڭ چوڭ ئۈمىدى شۇكى،ئامېرىكا ئۆتكەن60يىلدا ئوتتۇرا شەرقتە يولغا قويغان ھەققانىيەتكە يات قىلمىشنى ئۆزگەرتىپ،بۇ سەزگۈر رايۇنغا ھەقىقىي تىنچلىق ئاتا قىلىش،بۇ ئارقىلىق نۇرغۇن دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ھوقوق-مەنپەئىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش.بولۇپمۇ پەلەستىن،ئىراق ۋە ئافغانىستان،بۇ دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئامېرىكىغا بولغان غەزەپ-نەپرىتى ئاللىقاچان پەلەككە يەتتى.

    ئىران ھازىر زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قىلىۋاتقان بۈيۈك مەدەنىيەتلىك دۆلەت،ھەققانىيەتنى ئىزدەش ئۇنىڭ بىردىنبىر نىشانى.بىز ئامېرىكىنىڭ ئىرنغا قاراتقان سىياسىتىنى ھەقىقىي،ئادىل ۋە تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىشنى قارشى ئالىمىز،بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرققە قارىتىلغان سىياسەت ۋە قىلمىشىقا تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى ئەڭ مۇھىم.

    ئەگەر ئامېرىكا توغرا يولغا ماڭالىسا،ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ پەندى-نەسىھىتىگە قۇلاق سالسا،كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئاللاھدىن ئامېرىكىغا ياردەم بېرىشنى تىلەش خاھىشى پەيدا قىلغان غايەت زور بۇزغۇنچىلىق قىلمىشى مەلۇم دەرىجىدە كەچۈرۈشكە ئىگە بولالايدۇ.

    تەڭرىدىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە بەخـت ئاتا قىلىشنى تىلەيلى،ئۇلارنىڭ سالامەتلىك،بەختىيار تۇرمۇش، قەدىر-قىممەت ۋە گۈللىنىشكە مۇيەسسەر بولۇشنى ئۈمىد قىلايلى،تەڭرىدىن رەھبەرلىرىگە ئۆتمۈشتىكىلەرنىڭ ساۋىقىنى قوبۇل قىلىشقا پېتىنغۇدەك جۈرئەت ئاتا قىلىشنى،ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان ئىرادە بىنا قىلىشنى،سەمىمىيەت ۋە قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ،ئېكسپلاتاتسىيە،ئاياغ ئاستى قىلىش قىلمىشلىرىنى يوقىتىدىغنا جاسارەت بېرىشنى،ھېسداشلىق،كۆيۈنۈش ۋە ھەققانىيەتكە باي،مېھرىبان قەلب بېغىشلاشنى تىلەيلى!


    ئەھمەدىي نىجاد