• 2008-11-13

    ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت ھەققىدە پاراڭ 1

    ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت ھەققىدە پاراڭ The Space Curving and the Time - [Science ئىلىم-پەن]

    2008-11-11

     
    (Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئابدۇرازاق سىدىق )


    بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىمتاھان جىدىيچىلكىنىڭ ئالدىراشچىلىقىدا يىزىپ تەييار قىلىپ قويغان ماقالىنى رەتلەپ ئىلان قىلىۋەتكۈدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالمىدىم.ئۆزىمىغۇ نەچچە باپتىن چىقىرىلغان باسقۇچلۇق سىناق چوڭ بىر تەسىرى يوق لىكىن 10نەچچە يىلدىن بۇيان ئوقۇۋىرىپ ئىمتاھان بىرىۋىرىپ ئاخرى سايىم نوچىنى خوتۇنىدىن قورققاندەك ئىمتاھان دىگەن سۆزنى ئاڭلسىمۇ سەل سۈر باسىدىغان جىدىيلىشىدىغان بولۇپ قالىدىكەن .

    ھازىرقى زامان فىزىكىسىغا نەزەر تىمىسىدىكى ماقالىلەر ئارىسىدا مەلۇم بىر خىل شەكىلسىز تەرتىپ مەۋجۈت, ئۆزئارا باغلىنىشلىق ،شۇڭا بۇ ماقالىنى ئوقۇغۇچى يەنە ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ باشقا ماقالىلەرنىمۇ ئوقۇپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

    ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت ھەققىدە پاراڭ
    The Space Curving and the Time

    1.ئىگىلگەن بوشلۇق
    ئەگرىلىكىكى(曲率) نۆل بولمايدىغان بوشلۇقنى ئىگىلگەن بوشلۇق دەپ ئاتايمىز .ئادەتتە تەكشىلىكتىكى گىئومىتىرىيەنىڭ تەتقىق قىلىش ئوبىكتىۋى ئىۋكىلىد بوشلۇقى بۇخىل گىئومىتىرىينىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىكى پاراللىل سىزىقلار پەرىزىدىن ئىبارەت .يەنى بىرىلگەن تۇز سىزىقنىڭ سىرتىدىكى بىر نۇقتىدىن پايدىلىنىپ بىرىلگەن تۇز سىزىققا پاراللىل بىر سىزىقنى يۇرگۈزۈشكە بولىدۇ .بىراق بۇ پەرەز ئىگىلگەن بوشلۇققا ماس كەلمەيدۇ.
    ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىگىلگەن بوشلۇق بولسا رېمان بوشلۇقىدىن ئىبارەت .ئۇنىڭ ئالاھىدە بىر مىسالى بولسا رىمان ئەگرىلەنگەن بوشلۇقىدىن ئىبارەت (رىمان ئەگرىلىكى k=1بولسا رىمان بوشلۇقى، k=-1 بولسا لوباچىۋىسكى بوشلۇقى k=0بولسا ئىۋكىلىد بوشلۇقى دىيىلىدۇ .) شۇڭا بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا ئىۋكىلىد بوشلۇقى رىمان بوشلۇقىنىڭ بىر ئالاھىدە مىسالى (ھالىتىدۇر).شۇڭا قىسمى رىمان بوشلۇقى قىسمى ئىۋكىلىد بوشلۇقىنىڭ ئىگىلىشىدىن كەلگەن دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ بىراق كەڭ دائىرىدىكى رىمان بوشلۇقىغا ئادەتتە ئىۋكىلىد بوشلۇقىنىڭ ئىگىلىشىدىن ئىرىشكىلى بولمايدۇ.
    فىزىكا نۇقتىسىسدىن ئىلىپ ئىيقاندا زامان-ماكان(space-time)نىڭ ئەگرىلىنىش خۇسۇسىيىتىنى ماددىلارنىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ھەرىكىتى قاتارلىقلارغا باغلاپ چۈشىنىمىز .(ئىينىشتىيىننىڭ كەڭ مەنىدىكى نىسپىلىك نەزەرىيىسىدە زامان-ماكان ۋە ماددىلار ئارىسدىكى مۇناسىۋەت،شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى بايان قىلىنغان.قىزىققانلارتوردىن ئاختۇرۇپ كۆرۈڭلار ) .نورمال ئەھۋال ئاستىدا بوشلۇقنىڭ <زامان-ماكان> نىڭ ئەگرىلىنىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك
    .پەقەت قارا ئۆڭكۈر ياكى باشقا كۈچلۈكرەك تارتىش كۈچى مەيدانى شارائىتى ئاستىدا ئاندىن روشەن ئەگرىلىنىش يۇز بىرىدۇ .بۇگۈنكى بۇ تىمىنىڭ ئاساسلىق ىشانىمۇ كىلاسسىك بوشلۇق ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشتىن ئىبارەت.

    2.بوشلۇقنىڭ ئىگىلىشى ھەققىدىكى ئىسپاتلار
    نۇرغۇن كىشىلەر <بوشلۇقنىڭ ئىگىلىشى >دىگەن سۆزنى ئاڭلاپلا بەلكى قايمۇقۇش ھىس قىلىدۇ .ئەمدى ماددىلارغۇ ئىگىلسۇن .بوشلۇقمۇ ئىگىلەمدۇ ؟ دەپ ئويلايدۇ.بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلايلى :ئالەم كىمىسىنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر كىشى ئالەم كىمىسى يىقىن ئەتراپىدىكى بىر پىلانىتنى تەپسىلى كۆزەتكەن بولسۇن ،بۇ پىلانىت پۇتۇنلەي دىڭىز-ئوكيان بىلەن قاپلانغان(ئۇنداقتا ئۇنىڭ سىرتقى يۇزى بىليارتقا ئوخشاش سىلىق پارقىراق ھالەتتە بولىدۇ .) ھەمدە بىر كىمە بۇ پىلانىتنىڭ دىڭىزىدائىكىۋاتورنى بويلاپ شەرق تەرەپكە قاراپ ھەيدىلىۋاتىدۇ .ئۇنداقتا بىز يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا تەسەۋۋۇر قىلساق بۇ كۆزەتكۈچى پىلانىتنى كۆرەلمەي پەقەت ھىلىقى كىمىنى كۆرىدۇ .ئۇ بۇ كىمىنىڭ ھەرىكەت تىريىكتورىيىسىنى تەتقىق قىلسا شۇنى بايقايدۇكى بۇ كىمە بىر ياي سىزىقنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ۋە ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يولغا چىققان.نۇقتىسىغا قايتىپ كىلىدۇ -دە بىر مۇكەممەل چەمبەرنى سىزىپ چىقىدۇ .ئەگەر ئۇ يۇرۇش لىنىيىسىنى ئۆزگەرتسە ئۇنداقتا بۇ تىرايىكتورىيەقالايمىقان ئەگرى-بۇگرى سىزىقلارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ .بۇ چاغدا ئۇ ھەرگىزمۇ ئاددى بىرچەمبەر بولمايدۇ .بىراق ئۇ قانداق يۇرىشىدىن قەتئىنەزەر تىريىكتورىيە چوقۇم بىر شار يۇزىدە بولىدۇ .بۇ پاكىتلارغائاساسەن بۇ كۆزەتكۈچى چوقۇم :بۇكىمە چوقۇم مەلۇم بىر خىل كۈچ بىلەن كۆرۈنمىگەن شار يۈزىگە باغلانغان دەپ قارايدۇ .ياكى بۇ كىمە مەلۇم خىل بوشلۇق ئىچىگە چەكلىنىپ قويۇلغان ،بۇ بوشلۇق شار شەكلىدە ئىگىلگەن دەپ قارايدۇ .قىسقىسى يەكۈندە چوقۇم كۈچ ياكى بوشلۇق قارىشىدىن بىرنى تاللاش زۆرۈر.

    بىز بوشلۇقنىڭ گىئومىتىرىيلىك ھالىتىنى مۇھاكىمە قىلغىنىمىزدا ھەرگىزمۇ بوشلۇقنىڭ ئۆزىنى كۆزەتمەيمىز(چۈنكى بوشلۇقنى كۆرگىلى بولمايدۇ).ئەكسىنچە جىسىملارنىڭ بۇ خىل بوشلۇقتىكى ھەرىكەت ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ بوشلۇقنىڭ گىئومىتىرىيلىك ھالىتى ھەققىدە يەكۇن چىقىرىمىز .ئەگەر بوشلۇق تەكشى بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭدىكى جىسىملارنىڭ ھەرىكەت ئىزى تۈزسىزىق بولىدۇ .ئەگەر ئەگرى بولسا ئۇنداقتا جىسىملار نىڭ ھەرىكەت ئىزى ئەگرى بولىدۇ.دىمەك بۇ بىزنى شۇنداق چۈشەنچىگە باشلايدۇكى يەرشارىنىڭ ھەرىكىتى ھەرگىزمۇ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئەگرى ئوربىتىنى بويلاپ قىلىنغان ھەرىكەت بولماستىن بەلكى ئەگرىلەنگەن بوشلۇقتىكى ئەڭ قىسقا ئارىلىقىنى بويلاپ قىلغان ئىنىرتسىيلىك ھەرىكەتتۇر .مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۇ تارتىش كۈچىنىڭ ئىففىكتى بولماستىن بەلكى ئەگرىلەنگەن بوشلۇقنىڭ ئىففىكتىدۇر . ئۇ ئەڭ قىسقا ئارىلىق <ئۇپۇق ئۆلچەش سىزىقى>دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ كەسپى نۇقتىدىن ئىزاھات بەرسەك ئۇ دەل ئىككى نۇقتا ئارىسدىكى ئەڭ قىسقا (ئۇزۇن)ئارىلىقنى كۆرسىتىدۇ .بىز ئادەتتە ئىككى نۇقتا ئارىسىدىكى ئەڭ قىسقا ئارىلىقنى تۇز سىزىق بولىدۇ دەپ قارايمىز .لىكىن ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ئۇنداق ئەمەس.

    ئايرۇپىلان بىر تۇزسىزىقنى بويلاپ ئۇچۇپ كىتىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئىگىزلىكتىكى سايىسى بىر ئەگرىلەنگەن يول بولىدۇ .ئالەم كىمىسى بىر تۇزسىزنقىنى بويلاپ بوشلۇقنى كىسىپ ئۆتكەندە ئۇنىڭ يەرشارىنىڭ سىرتقى يۇزىدىكى ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى سايىسى يەنىلا ئەگرىلەنگەن بولىدۇ .بۇ زادى قانداق ئىش .ئەمەلىيەتتە بۇ ئۈچ ئۆلچەملىك بوشلۇقتا قىلىنغان ھەرىكەتنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تەسىرى خالاس .كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا 4ئۆلچەلىك بوشلۇقتا دائىم ئۇپۇق ئۆلچەش سىزىقىنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ .ئەگەر ماددا مەۋجۈت بولمىسا بۇ 4ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى ئۇپۇق ئۆلچەش سىزىقى 3ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى تۇز سىزىق بولىدۇ .ماددا مەۋجۈت بولغان ئەھۋال ئاستىدا 4ئۆلچەملىك بوشلۇق )زامان-ماكان )دىفورماتسىيلىنىپ 3ئۆلچەملىك بوشلۇقتىكى يولىنى ئەگرىلەندۈرىدۇ .
    نۇرمۇ بوشلۇقتا <ئۇپۇق ئۆلچەش سىزىقى>غا ئەمەل قىلغان ھالدا تارقىلىدۇ .بوشلۇقنىڭ ئەگرىلىنىشى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى نۇر بوشلۇقتا ھەرگىزمۇ تۇز سىزىق بويىچە تارقالمايدۇ .بۇ نۇقتا دەل كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانى نۇرنىڭ تارقىلىشدا ئىغىش پەيدا قىلىدۇ دىگەن پەرىزىگە ئۇيغۇن.بۇ ئاساسلىقى قۇياشنىڭ ماسسسى چوڭ بولغانلىق سەۋەبتىن قۇياش ئەتراپىدىن ئۆتكەن(يىراقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلار چىقارغان )نۇرنىڭ يولىدا (ياكى ھەرىكەت ئىزى)دا ئىغىش يۇز بىرىدۇ.شۇڭا يەرشارىدا تۇرۇپ بۇ نۇرنى كۆزەتكۈچى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ھەقىقى ئورنىنى ئەمەس بەلكى خاتا ئورنىنى بايقايدۇ. لىكىن قۇياش چىقارغان نۇر ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقتىن يىراقتىكى تۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ قۇياش ماسسىسى تەسىرىدە ئىغىش يۇزبىرىدىغان بۇ ھادىسىنى كۆزىتىپ ئىسپاتلاش تولىمۇ قىيىن .بىراق قۇياش تۇتۇلغاندا بولسا تامامەن مۇمكىن .1919-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ بىر ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى قۇياش تۇتۇلىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق نۇرنىڭ قۇياش تەرىپىدىن ئەگرىلەندۈرىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .بۇ بىرقاتار ئىسپاتلاردىن كىيىنكى تەسىرات شۇكى مەلۇم ماسسا ۋە تىزلىككە ئىگە بولغان جىسىم ئەگەر باشقا ھەرقانداق ماسسلىق جىسىمدىن تولىمۇ يىراق جايدا ھەرىكەت قىلسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۇنىڭ ئىزى تۇزسىق دىيىشكە بولىدۇ .بىراق ئۇ ماسسلىق جىسىمغا يىقىنلاشقاندا ئۇنىڭ يولى ئەگرىلىنىشكە باشلايدۇ .روشەنكى ماسسا بوشلۇقنى ئەگرىلەندۈرىدۇ .بۇ ماسسا قانچىلىك چوڭ ۋە ئارىلىق قانچىلىك يىقىن بولسا ئەگرىلىنىش دەرىجىسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

    3. ئەگرىلەنگەن بوشلۇق ۋە ۋاقىت ھەققىدە
    كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ يەنە بىر پەرىزى شۇكى يەرشارىغا ئوخشاش بۇنداق چوڭ ماسسلىق جىسىمنىڭ ئەتراپىدا ۋاقىت ئۆتىشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ .ئىينىشتىيىن بۇ پەرەزنى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىكى <تەڭ ئۈنۈملۈك پىرىنسىپى>دىن پايدىلىنىپ كەلتۈرۈپ چىقارغان.

    تەڭ ئۈنۈملۈك پىرىنسىپى:< يىتەرلىك كىچىك بوشلۇقتاجىسىمنىڭ تىنىچ ھالەتتە تارتىش كۈچى مەيدانىداتۇرغانلىقىنى ياكى قۇرۇق بوشلۇقتا تەكشى تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئايرىۋىلىش مۇمكىن ئەمەس >. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىز تەسەۋۋۇرنى يەنە بىر قىتىم ئىشقا سالىمىز .

    ئۆزىمىزنى قۇرۇق بوشلۇقتىكى بىر لىفىت ئىچىدە دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى .تارتىش كۈچى يوق ئاسىتى-ئۈستىگە قىلىنغان ھەرىكەتمۇ يوق ئەركىن ھالدا لەيلەپ تۇرغان لىفىت .ھازىر ئۇ لىفىت سۇرئىتى تەڭ ئىشىپ بارىدىغان ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى .بىز توساتتىن ئىغىرلىقنى سىزىمىز توغرىسى لىفىتنىڭ پولىغا يۆنەلگەن تارتىش كۈچىنى سىزىمىز .ئەگەر سىز بىر تال ئالمىنى قولىڭىزدىن قويۇۋەتسىڭىز ئۇ پولغا چۈشىدۇ .ئەمەلىيەتتە لىفىت ھازىرتىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ،لىفىت ئىچىدە يۇزبەرگەن ھەممە ئىشلاردىن بىز خۇددى لىفىت ھەرىكەت قىلماي بەلكى تەكشى تارقالغان تارتىش كۈچى مەيدانىدا تىنچ تۇرغاندەك تەسىراتقا كىلىمىز .ئىينىشتىيىن ئاللىبۇرۇن خۇددى بىز پويىز ئىچىدە تۇرۇپ پويىزنىڭ تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاقان ياكى قىلمايۋاتقىننى بايقىيالمىغىنىمىزغا ئوخشاش لىفىت ئىچىدىمۇ لىفىتنىڭ تەكشى تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى ياكى تەكشى تارقالغان تارتىش كۈچى مەيدانىدا تۇرىۋاتقانلىقىمىزنى بايقىيالمايدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتكەن ۋە <تەڭ ئۈنۈملۈك پىرىنسىپى>نى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ پەقەت ۋە پەقەت ئىنىرتسىيلىك ماسسا(نىيوتۇننىڭ 2-قانۇنىدىكى ماسسا ئۇ تىزلىنىشنىڭ قانچىلىك بولىغىننى بەلگىلەيدۇ .) ۋە تارتىش كۈچى ماسسا(نىيوتۇنىنىڭ ئالەملىك تارتىش كۈچى قانۇنىدىكى ماسسا ،ئۇ قانچىلىك كۈچگە ئۈچرايدىغانلىقنى بەلگىلەيدۇ)سى ئوخشاش بولغاندا كۈچگە ئىگە بولىدۇ .چۈنكى بۇ ئىككى خىل ماسسا ئوخشاش بولغاندا تارتىش كۈچى مەيدانىدىكى بارلىق جىسىملار ئەركىن چۈشۈش ھەرىكىتىدە ماسسىسى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىنەزەر ئوخشاش تىزلىنىشقا ئىگە بولىدۇ .ئەگەر بۇ تەڭ ئۈنۈملۈك بولمىسا ئۇنداقتا تارتىش كۈچى مەيدانىدا بىر جىسىم يەنە بىر جىسىمدىن تىز چۈشىدۇ ئۇنداقتا بىز تارتىش كۈچىنى ئاسما تارتىش كۈچى(拉力)ۋە تەكشى تىزلىنىشچان رايونى دەپ ئىككىگە ئايرىشقا توغرا كىلىدۇ .دىمەك خۇلاسە شۇكى تەكشى تىزلىنىشچان ھەرىكەت ۋە تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىرى تەڭ ئۈنۈملۈك بولىدۇ .

    ئەمدى بىز تەڭ ئۈنۈملۈك پرىنىسىپى ئاساسىدا ئىينىشتىيىننىڭ يەنە بىر غايىۋى تەجىرىبىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز . ھەمدە ۋاقىتنىڭ نىمە ئۈچۈن تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىمز.
    ئالەم بوشلۇقىدا بىر راكىتاسىمان ئالەم كىمىسى بار دەپ پەرەز قىلايلى ھەم قولايلىق ئۈچۈن بۇ ئالەم كىمىسىنىڭ بىر بىشىدىن يەنە قۇيرۇقىغىچە بولغان ئارلىقنى نۇر 1سىكۇنىتتائاران بىسىپ بولالايدىغان دەرىجىدە چوڭ ۋە ئالەم كىمىسنىڭ (ئەمەلىيەتتە 300000مىتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇنداق ئالەم كىمىسى مەۋجۈت ئەمەس )باش تەرىپى ۋە قۇيرۇقىغا بىردىن كۆزەتكۈچى ئورۇنلاشقان دەپ تەسەۋۋۇر قىلايلى .كىمىنىڭ بىشى تەرىپىكى كۆزەتكۈچى سائەتنىڭ سىكۇنىت ئستىرىلكىسى بىرنى يۆتكەلگەندە دەرھال نۇردىن پايدىلىنىپ سىگىنال بەرسە ۋە كىيىنكى 2-يۆتكىلىشتىمۇ يەنە ئوخشاش سىگىنال بەرسە (ئۈستىدىكى قىياسىمىز بويىچە كىمە قۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچى ھەربىر سىگىنالنى بىر سىكۇنىت ۋاقىتتىن كىيىن تاپشۇرىۋالىدۇ .دىمەك 1سىكۇنىتنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش پەيتىدىكى يوللانغان 2قىتىملىق سىگىنالنى تاپشۇرىۋالغان كىمە قۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچى 2سىگىنالنىڭ تاپشۇرىۋىلىش ۋاقىت پەرقىنى 1سىكۇنىت ھىساپلايدۇ .ئەگەر ئالەم كىمىسى يەرشارىدا تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھالدا توختىتىلىپ قويۇلغان بولسا بۇ تەجىرىبە نەتىجىسى قانداق بولىدۇ .؟نىيوتۇن نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا تارتىش كۈچى بۇ تەجىرىبىگە قىلچىلىكمۇتەسىر كۆرسەتمەيدۇ .كىمە بىشىدا تۇرغان كۆزەتكۈچى 1سىكۇنىتلىق ۋاقىت پەرقىدىكى سىگىنالنى يوللىسا كىمە قۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچى 1سىكۇنىتلىق ۋاقىت پەرقىدە بۇ سىگىنالنى تاپشۇرىۋالىدۇ .
    .بىراق تەڭ ئۈنۈملۈك پىرىنسىپىگە ئاساسلانغاندا بولسا ئوخشىمغان يەكۈن كىلىپ چىقىدۇ .تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىرىنى ئەمەس بەلكى تەكشى تىزلىنىشچان ھەرىكەتنىڭ تەسىرىنى ئويلاشقىنىمىزدا بۇ پرىنسىپ بىزگە ئوخشىمىغان تەجىرىبە نەتجىسىگە ئىرىشىدىغىنىمىزنى ئىيتىپ بىرىدۇ .
    ھازىر بۇ كىمە يۇقرىغا يۆنەلگەن تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ دەپ قىياس قىلايلى(كىمە تىزلىكى ئەلۋەتتە نۇر تىزلىكىگە يىقىنلىشالمايدۇ)بىرىنچى سىگىنال بۇرۇنقىغا قارىغاندا قىسقىراق مۇساپىنى بىسىپ ئۆتىدۇ(كىمە قۇيرۇقىغا بىرىپ بولغىچە باسىدىغان ئارلىقنى كۆرسىتىدۇ )شۇڭا ئۇ 1سىكۇنىتتىن قىسقىراق ۋاقىت ئىچىدە كىمە قۇيرۇقىغا يىتىپ بارىدۇ .ئەگەر كىمە مۇقىم تىزلىكتە ھەرىكەت قىلسا ئۇنداقتا ئىككىنچى سىگىنالمۇ بىرىنچى سىگىنالغا ئوخشاش ۋاقىت سەرپ قىلىپ كىمە قۇيرۇقىغا يىتىپ بارىدۇ -دە 2قىتىملىق سىگىنالنىڭ ۋاقىت پەرقى يەنىلا 1سىكۇنىت چىقىدۇ .
    بىراق كىمە تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلغانلىق سەۋەبىدىن كېمىنىڭ ئىككىنچى قىتىملىق سىگىنال يوللانغان ۋاقىتىتىكى تىزلىكى بىرىنچى قىتىملىق سىگىنال يوللانغان ۋاقىتتكىدىن چوڭ بولىدۇ-دە ئىككىنچى قىتىملىق سىگىنالنىڭ باسىدىغان مۇساپىسى بىرىنچى قىتىملىق سىگىنالنىڭ مۇساپىسىدىن خىلىلا كىچىك بولىدۇ شۇڭا ئىككىنچى قىتىملىق سىگىنال بىرىنچى قىتىملىق سىگىنال سەرپ قىلغان ۋاقىتتىن تىخىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىمە قۇيرۇقىغا يىتىپ بارالايدۇ.قىسقىسى كىمە قۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچى ھىساپلىغان 2قىتىملىق سىگىنالنىڭ ۋاقىت پەرقى 1سىكۇنىتتىن قىسقا چىقىدۇ-دە كىمە بىشىدىكى سىگىنال يوللىغۇچىنىڭ خاتىرىلىگەن ۋاقىت پەرقى بىلەن ئوخشاشماسلىقتەك غەيرى ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ .چۇنكى كىمە بىشىدىكى سىگىنال يوللىغۇچى يەنىلا 1سىكۇنىتلىق ۋاقىت پەرقىدە سىگىنال يوللىغان-يۇ كىمە قۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچى تاپشۇرىۋالغان سىگىنال پەرقى1سىكۇنىتتىن قىسقا بولغان .بەلكىم تىزلىنىشچان ھەرىكەت قىلغان ئالەم كىمىسىدىكى بۇ تەجىرىبە نەتىجىسى كىشىلەرنى ئانچە ھەيران قالدۇرالماسلىقى ياكى ئۇلار كىمىنىڭ تىزلىنىشچان ھەرىكىتى جەريانىدىكى بۇ تەجرىبىنى باشقىچە چۈشەندۈرۈشكە ئۇرۇنۇپ بىقىشى مۇمكىن .
    بىراق مۇھىم بولغىنى <تەڭ ئۈنۈملۈك پرنسىپى>بىزگە بۇ نەتىجىنىڭ ئوخشاشلا تارتىش كۈچى مەيدانىدا تىنىچ تۇرغان ئالەم كىمىسىگە ماس كىلىدىغانلىقىنى نەتىجىنىڭ تەڭ ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ .بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى ئالەم كىمىسى يەرشارىدىكى قويۇپ بىرىش مەركىزىدە تىنىچ تۇرغان ھالەتتەكىمە بىشدىكى كۆزەتكۈچى 1سىكۇنىتلىق ۋاقىت پەرقىدىكى سىگىنالنى يوللىسا كىمە قۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچى تاپشۇرىۋالغان سىگىنالنىڭ ۋاقىت پەرقى 1سىكۇنىتتىن قىسقا چىقىدۇ .مانا بۇ دەل كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە ،بەزىلەر بۇ تارتىش كۇچىنىڭ ۋاقىتقا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقنى ۋە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ بۇ بەلكى ئىككى كۆزەتكۈچىنىڭ قولىدىكى سائەتتىكى مەسىلە دەپ ئويلشى مۇمكىن .بىراق كىمەقۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچى كىمە بىشىغا چىقىپ كىمە بىشىدىكى كۆزەتكۈچى بىلەن سائەتنى سىلىشتۇرغان تەقدىردىمۇ جاۋاب يەنىلا ئوخشاش بۇ سائەتتىكى مەسىلە ئەمەس .ئىككى سائەتنىڭ 1سىكۇنىت ۋاقىتنى ئۆلچىشى ئوخشاش بۇ ئىككى سائەتتە مەسىلە يوق . بۇ دەل تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيىسنىڭ >نىسپى ھەرىكەتلەرنى كۆزەتكۈچىلەرگە نىسبەتەن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ئوخشاش بولمايدۇ.<دىگەن نىسپى ۋاقىت قارىشىغا ئۇيغۇن. كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىگە ئاساسلانغاندا ۋاقىتنىڭ يەرشارىغا يىقىن جايدىكى ئۆتىشى نىسبەتەن ئاستا بولىدۇ .شۇڭا كىمە قۇيرۇقىدىكى كۆزەتكۈچىنىڭ ئۆلچەپ چىققان ۋاقىت پەرقى 1سىكۇنىتتىن قىسقا بولىدۇ .تارتىش كۈچى مەيدانى قانچەكۈچلۈك بولسا بۇ تەسىر شۇنچە روشەن ئىپادىلىنىدۇ .
    1962-يىلى كىشىلەر سۇ مۇنارىنىڭ ئۇچ قىسمى ۋە تىگى قىسمىغا ئىنچكە ئىنىقلىقتىكى سائەتنى ئورنىتىپ بۇ پەرەز ھەققىدە كۆزىتىش ئىلىپ بارغان ۋە ھەقىقەتەنمۇ ئاستى قىسمىدىكى سائەتنىڭ ئۆتىشى ئۇچ قىسمىدىكىگە قارىغاندا ئاستا بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان .بۇ دەل كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسىگە ئۇيغۇن ئىدى .
    بۇ ۋاقىت ھادىسىسى بىزگە تىخىمۇ كۆپ ھەيرانلىقلارنى ئىلىپ كىلىدۇ .مەسىلەن بىرجۈپ قوشكىزەكلەرنىڭ بىرى يەرشارىدا ياشىسا يەنە بىرى ئالەم كىمىسىگە ئولتۇرۇپ ئالەمگە سەپەر قىلسا ھەمدە خىلى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملاشسا ياكى تىزلىنىشىچان ھەرىكەتتە تىزلىكى نۇر تىزلىكىگە يىقىنلاشتۇرۇلغاندىن كىيىن يەرشارىغا قايتىپ كەلسە يەرشارىدا ياشىغاندىكىگە قارىغاندا كۆپ كىچىك بولىدۇ.
    (مۇنداقچە ئىيتقاندا يەرشارىدا ياشىغىنى قىرىپ كەتسىمۇ لىكىن ئالەم سەپىرىدىن قايتىپ كەلگىنى يەنىلا ياش بولىدۇ)

    خۇلاسە
    ئىلگىرى كىشىلەر بوشلۇق ۋە ۋاقىتنى مۇتلەق دەپ ئويلايتتى شۇڭا ۋاقىت سەپىرى قارا ئۆڭكۈر قاتارلىق ھادىسىلەرنى چۈشىنىشىمىز ۋە تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تەسكە توختايتتى .1915-يىلى كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزەرىيسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كىيىن كىشىلەر ۋاقىت ۋە بوشلۇقنىڭ مۇتلەق بولماستىن نىسپى بولىدىغانلىقنى شۇنداقلا بوشلۇق بىلەن ۋاقىتنىڭ ئايرىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقنى بايقىدى ۋە شۇندىن كىيىن زامان-ماكان(时空>(space-timeدىگەن يىڭى ئىسىم ۋە ئۇقۇم مەيدانغا كەلدى.

    ماقالە ئاخىرلاشتى دىققىتىڭىزلار كىلەركى قىتىملىق قارائۆڭكۈر ھەققىدىكى مۇلاھىزىدە بولسۇن .بىلوگنى ۋاقتىدا يوقلاپ ۋاقتىدا ماقالە ئوقۇغاچ يەنە ئىلان چىكىپ قويۇشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغايسىلەر .