• 2011-01-06

    ئۇيغۇرلار - [تور ئەدەبىياتى]


    ئۇيغۇرلار

     

    رەشىد رەھمەتى ئارات
    [تۈركىيە]

     

    سىتاتا:
    رەشىد رەھمەتى ئارات قازان تاتارلىرىدىن يېتىشىپ چىققان دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە مەشھۇر تۈركولوگ.

    ئۇ 1900- يىلى قازان شەھىرىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى كونا ئۈجۈمدە تۇغۇلغان. 1906-1910-يىللاردا باشلانغۇچ تەربىيىسىنى ئالغان. 1913- يىلى قىزىليار شەھىرىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1918- يىلى لىسە(تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ)نى تاماملىغان.

    1917-يىلىدىكى بولشىۋېك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈرلۈك جەمئىيەتلەر قۇرۇلۇپ، ئۇلار قارمىقىدا ھەر خىل زھورناللار چىقىرىلىشقا باشلىغان. رەشىدى رەھمەتى ئارات دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە «بىرلىك» نامىدىكى بىر جەمئىيەتنى قۇرۇپ، «ياشلىق تېڭى» دېگەن بىر زھورنالنى چىقارغان ۋە دەستلەپكى قەلەم سىناقلىرىنى مۇشۇ زھۇرنالدىن باشلىغان.

    رەشىد رەھمەتى ئارات 1918- يىلى ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلگەن. 1919-يىلى يارلىنىپ سىبىرىيىگە يۆتكىۋىتىلگەن. ئۇ، سىبىرىيىدە قازان تاتارلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يەرلەردىكى مەدەنىيەت ھەرىكەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىجراچىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان.

    1922- يىلى گېرمانىيىگە بېرىپ پەلسەپە فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئوقۇش مەزگىلىدە ئەدەبىيات، پەلسەپە ۋە تۈركولوگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەرس ۋە سېمىنەرلەرگە قاتناشقان. بۇ جەرىياندا يەنە ھەر قايسى يەرلەردىن كەلگەن تۈركلەرنىڭ قۇرغان جەمئىيەت ۋە ئۇيۇشمىلىرىغا قاتنىشىپ، زھورناللاردا تۈرلۈك ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان.

    1927- يىلى سېلىشتۇرما تۈرك تىلى ساھەسىدە يازغان «ئالتايچىدا ياردەمچى پېئىللار ۋە رەۋىش-- پېئىللار» ناملىق دوكتورلۇق دېسىرتاتسىيىسىنى ياقلىغان. بۇ ئەسىرى يەنە بىلەن لېكتورلۇق ئۈنۋانىغىمۇ ئېرىشكەن. 1931-يىلى شەرق تىللىرى مەكتىپىدە شىمالىي تۈركلەرنىڭ تىلى، ئەدەبىياتى ۋە تارىخى كەسپى بويىچە دوتسېنت بولغان. بۇ جەرىياندا دەستلەپكى ئىلمىي ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغان.

    رەشىد رەھمەتى ئارات 1933-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن تۈركىيىگە كېلىپ، ئىستانبۇل ئۇنۋېرسېتىتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كۇرسىغا پروفېسسورلۇققا تەيىنلەنگەن. 1958-يىلى 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ئوردىناريۈس پروفېسسور بولغان.

    تۈركىيە تۈركولوگىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە يىلتىز تارتىشىدا ئاراتنىڭ بۈيۈك بىر ئەجرى بار. ۋ. باڭكائۇپ تەرىپىدىن قۇرۇلغان سېلىشتۇرما تۈرك تىلى تەتقىقاتىنى تۈركىيىگە ئېلىپ كىرىپ ئومۇملاشتۇرغان ۋە تولۇق بىر تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرگەن كىشى رەشىد رەھمەتى ئارات ئىدى. ئۇ بۇ ساھەدە شىناسى تېكىن، تالات تېكىن، سائادەت چاغاتاي ۋە نۇرى يۈجە قاتارلىق تەسىرى كۈچلۈك نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئىلىم تارمىقى تۈركىيە تۈركولوگىيىسىدە ئاساسىي ئورۇندا تۇرماقتا. تۈرك (تۈركىي) تىلىنىڭ بىر قانچە دەۋرى ۋە ساھەسىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن بىرمۇنچە ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرك ترانسىكرىپسيون يېزىقىنىمۇ رەشىد رەھمەتى ئارات ئىجاد قىلغان. بولۇپمۇ تۈرك تىلىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ پاسىلىنى سىزىپ بەرگەن ئەسىرى تۈركولوگىيە تەتقىقاتلىرىدا ئىزچىل تەتبىقلانماقتا.

    رەشىد رەھمەتى ئارات تۈرك تىلىنىڭ ئومۇمىي تارىخىي تەرەققىياتىنى ۋە ئومۇملاشقان شىۋىلىرىنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ئالىم. ئۇ قەدىمكى تۈركچىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرچىنىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇتەخەسسىسى، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى بىلىدىغان تۈركولوگ. ھەقىقەتەن، تۈركولوگىيە ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇبارەك ۋە ئۇلۇغ بىر ئىلىم ساھەسىگە ئايلانغان. ئۇ ياۋروپالىق تۈركولوگلارنىڭ ئەڭ بۈيۈكلىرىنىڭ يۈزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، «تۈركولوگىيە سىلەر ئۈچۈن بىر كەسپ ۋە تۈرمۇش ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر ۋاستىسى، لېكىن بىز ئۈچۈن ھەر نەرسىدۇر» دەيتتى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ ساھەدىكى يەڭگىللىك بىلەن قىلغان ھۆكۈملىرىگە ئەسلا يول قويمايتتى.

    رەشىد رەھمەتى ئارات داۋراڭسىز، ئەمما ھەقىقىي مەنىدىكى يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر كىشى ئىدى. ئۇ، تۈرك(تۈركىي) مىللىتىگە كىشىلەر ئاسانلىقچە قىلالمايدىغان كاتتا ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن خىزمەت قىلغان. ياۋروپا ئىلىم دۇنياسىنىڭ خرىستىئانلىق ۋە تۈرك دۈشمەنلىكى پۇراپ تۇرغان تەرەپلىرى بىلەن ئەڭ كەسكىن كۈرەش قىلغان. «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نى مۇشۇنداق بىر سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى تۈرك تەپەككۇرىغا ئۇيغۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا بىر تۈرك ئېنسىكلوپېدىيىسى روھىنى ئاتا قىلغان كىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتتۇر. دېمەك، تۈركچە «ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيىسى»نىڭ مەيدانغا كېلىشى رەشىد رەھمەتى ئاراتقا تايانغان. ئارات تۈركىيە ئىلىم -- پېنىنىڭ غۇرۇرى بولغان بۇ ئەسەرگە روھى جەھەتتىكىگە ئوخشاش، شەكىل جەھەتتىنمۇ ئۆلچەم ۋە مۇكەممەلىكنى بېغىشلىغان ئىدى. ئۇ بۇ كاتتا قامۇسقا ئۆز ئىمزاسى بىلەن بىرمۇنچە ماددىلارنى يازغاندىن باشقا يەنە سانسىزلىغان ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ كىرگۈزگەن. رەشىد رەھمەتى ئارات تولىمۇ كۈچلۈك مۇھەببەت بىلەن باغلانغان بۇ ئەسەر ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئىدى.

    رەشىد رەھمەتى ئارات خۇددى كاتتا ئەسەرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن يارىتىلغان ئادەمدەك چوڭقۇر بىر تەتقىقات ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى. ئۇ قولغا ئالغا ھەر قانداق بىر مەسىلە ۋە تېمىدا باشقىلار قايتىدىن بىر نەرسە دېيىشكە ئورۇن قالمايتتى. تۈرك ھوقۇق پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئەسىرى بولغان «قۇتادغۇ بىلىگ» دەل ئۇنىڭ ئەجرى بىلەن دۇنياغا ئۆزىنى قايتا تۇنۇتقىنىدەك، «قەدىمكى تۈرك شېئىرلىرى»، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»، «بابۇرنامە»، «تۇرپان تېكىستلىرى» (6-ۋە7- توملىرى)نى يەنە ئۇ تەييارلاپ ئېلان قىلغان ئىدى.

    شەرقتە ساخالىندىن تارتىپ غەربتە ئىستانبۇلغا قەدەر بولغان جايلاردا ياشايدىغان بارلىق تۈركلەرنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنى دۇنياغا تۇنۇتۇشنى، بۇ ئارقىلىق تۈرك بىرلىكىنى يارىتىشنى مەقسەت قىلغان «تۈرك كۈلتۈرىنى تەتقىق قىلىش ئىنىستىتۇتى»نىڭ پائالىيەتلىرىگە قىزغىن ئىشتىياق بىلەن ئىشتىراك قىلغان رەشىد رەھمەتى ئارات بۇ ئىنىستىتۇتنى ئۆزىنىڭ ئىدىئالىدىكى مۇئەسسىسە سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان - دىل بىلەن ياردەم قىلغان. بۇ ئىنستىتۇت قۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ ئىدارە ئىشلىرى ۋە ئىلمىي جەمئىيەتلىرىدە پائال ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا داۋاملىق قاتناشقان.

    تۈركلەرنىڭ ئىلمى ھاياتى ۋە مىللىي شەرىپى ئۈچۈن بۈيۈك ئەجىر سىڭدۈرگەن رەشىد رەھمىتى ئارات 1964- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇنىڭ ماددىي ھايات دەرىخى 64 يىل ياشاپ قۇرۇغىنى بىلەن مەنىۋى ھايات دەرىخى بولسا تۈرك دۇنياسى ئىچىدە مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدۇ.

    ئاراتنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۈلتۈر ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىشنى مەقسەت قىلغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق بۇ ماقالىسى 1933-1934- يىللاردا يېزىلغان. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ تۇرپاندىن تېپىلغان قەدىمكى ئۇيغۇرلارغا مەنسۇپ تۈرلۈك ۋەسىقىلەر شۇ چاغدا تېخى تولۇق رەتلىنىپ ۋە سىستېمىلىق بىر تەتقىق قىلىدىغان باسقۇچقا كىرمىگەچكە، ئارات بەزى مەسىلىلەر ھەققىدىكى پىكىرلەرنى كېيىنكى تەتقىقاتقا قالدۇرغان. ھەقىقەتەن، بۇلاردىن بەزىلىرى كېيىنكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئايدىڭلاشتى. شۇڭا، بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئۈمىت قىلىمىز. يەنە شۇ بىر مەسىلىنى ئەسكەرتىپ قويىمىزكى، بۇ ماقالىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرك دېگەن نام بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدىكى تۈركىي مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ، بىز ئاپتورنىڭ پىكرىنى ئەينەن ئىپادە قىلىش مەقسىتىدە بۇنى ئەسلى شەكلى بويىچە ئالدۇق، يەنە بەزى جۇغراپىيىلىك ناملارنىمۇ ئەسلى شەكلى بويىچە ئېلىپ تىرناق ئىچىگە بىزنىڭ مەتبۇئاتلىرىمىزدىكى ئاتىلىشىنى ئەسكەرتتۇق. ماقالىنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسىنىڭ ھەر خىل بولۇشىنى نەزەرگە ئېلىپ ماقالىنىڭ بەزى قىسمىنى ۋە ئاخىرىدىكى ئىزاھاتنى قىسقارتىۋىتىشنى لايىق كۆردۇق.


    تەرجىماندىن


    كىرىش سۆز

    دۇنيا خەرىتىسىگە نەزەر تاشلانغان ھامان تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ نە قەدەر مۇھىم بىر يەرنى ئىگىلىگەنلىكى دەرھال كۆزگە چېلىقىدۇ. بۇ كەڭ زېمىن ئۈستىدە تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان تارىخ ۋە كۈلتۈر مەنقۇلاتلىرى كېيىنكى دەۋرلەرگە قەدەر يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇ مىللەتنىڭ مەنپەئەتلىرىگە قارشى مەقسەتلەر ئۈچۈن قوللىنىلدى. بۈگۈنكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ بىز كۆرىۋاتقان مۇشۇ شەكىلنى ئېلىشىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ئوينىغان رولى ھازىرغا قەدەر يېتەرلىك دەرىجىدە تەتقىق قىلىنغان ئەمەس. يالغۇز دۇنيا خەرىتىسىنىڭ ئالغان شەكلىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تۈرلۈك مىللەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە تارىخىنىڭ يارىتىلىشىدىمۇ تۈرك مىللىتىنىڭ تەسىرى زور بولغان. شەرق بىلەن غەربنى، شىمال بىلەن جەنۇپنى بىر بىرىگە باغلىغان ۋە بۇ تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا دائىملىق مۇناسىۋەت بەلۋاغلىرىنى ياراتقان تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىنىڭ يالغۇز ماددىي كۈلتۈر ساھەسى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغانلىقى مۇھەققەقتۇر.

    ئەپسۇس، يېقىنقى تارىخىمىزمۇ ھېلىغىچە تولۇق دېگىدەك يورۇتىلغان ئەمەس. تۈرك تارىخىنى ۋە تۈرك كۈلتۈرىنى بۇ مىللەتنىڭ پايدىلىنىشى ۋە ئىدىئالى(مىللىي ئىدىيىسى- ت) نۇقتىسىدىن ئۆگىنىش پىكرى كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر مەۋجۇد ئەمەس ئىدى. مانا شۇ سەۋەبلىك، تالاي ئەسىرلەر داۋامىدا تۈرك مىللىتىنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ھەمىشە يات ناملار ئاستىدا ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەسىگە چىقىرىلدى، كۈلتۈر تارىخىدا دائىم باشقىلارنىڭ ھېسابىغا يېزىپ قويۇلدى. جۇڭگو، تىبەت، ھىندىستاندىكى تۈرك مەدەنىيەت ئەسەرلىرىدىن باشلاپ كېيىنكى ۋاقىتلارغا قەدەر تۈرك كۈلتۈرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇنيا تەرىپىدىن قانداق شەكىلدە تونۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈش بۇ غەيرى تەبىئىي ۋەزىيەتنى چۈشۈنىشكە كۇپايە قىلىدۇ.

    قانداق ئەھۋالدا بىر مىللەتنىڭ ئۆزلۈك (مىللىي خاسلىق) تۇيغۇسى ۋە ئۇنىڭ ياراتقان كۈلتۈر ئەسەرلىرى ئاشۇ مىللەتنىڭ ھاياتلىق كۈرىشىدە پايدىلانغىلى بولمايدىغان بىر ھالغا كېلىپ قالىدۇ؟ بۇنىڭغا تېخى جاۋاپ بېرىلگەن ئەمەس. ئىشىنىشىمىزچە، تۈرك كۈلتۈرى ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار تۈرك ئىشلىرى نۇقتىئىنەزىرىدىن يۈرگۈزۈلگەندە ۋە بۇ ئارقىلىق ئېرىشىلگەن نەتىجىلەر مىللىي مەۋجۇتلۇق مەسىلىسى بىلەن باغلانغان چاغدا، يەنىمۇ بىر ھەسسە قىممەت ۋە ئەھمىيەتكە ئىرىشكەن بولىدۇ.

    تۈرك كۈلتۈرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن لازىم بولغان ماتېرىياللار تۈرك تارىخىنىڭ ئايرىم–ئايرىم دەۋرلىرىدىن بىزگە يىتىپ كەلگەن ئەسەرلەردە مەۋجۇتتۇر. ئاۋۋال بۇلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈرك روھىنىڭ ئىجادىيەت قۇۋۋەتلىرىنى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىش لازىم. تۈرك مىللىتىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈلتۈرىنىڭ زامانىمىزغا قەدەر يىتىپ كەلگەن ئەسەرلىرى شۇ قەدەر كۆپ ۋە مولكى، تارىختا مۇشۇنداق بىر مىراسقا ئىگە مىللەتلەر ناھايىتى ئاز. لېكىن، بۇ ئەسەرلەرنى مۇئەييەن بىر پىلان ئىچىدە ئۆز ئىشلىرىمىز ئۈچۈن تەتقىق قىلىشىمىز زۆرۈر. ھەر ۋاقىت ئېچىۋىتىلگەن، كېڭەيگەن ۋە يۈكسەلگەن بۇ كۈلتۈرنى تېپىشىمىز تۈرك مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى بىلەن پارلاق كەلگۈسىنى بىر بىرىگە باغلاشقا ياردەم بىرىدۇ.

    جۇمھۇرىيەت تۈركىيىسىنى ياراتقان ئاتاتۈرك ئەينى ۋاقىتتا مىللىتىگە ئۆز مەنلىكىنىمۇ تىكلەپ بەرگەن، تارىخ ۋە كۈلتۈر ساھەلىرىدىكى مىللىي مەسىلىلەرنى تۇنجى قېتىم تۈرك مەسىلىلىرى ئۈستىگە قۇرغانىدى. تۈرك مىللىي مەسىلىسىگە تۈرك مىللىتىنىڭ ھاياتلىق مەسىلىسى شەكلىنى بەرگەن بۈيۈك قوماندان(ئاتاتۈرك- ت)نىڭ ئەسىرلەردىن بېرى سەل قارىلىپ كەلگەن بۇ مۇھىم ساھەگە كۆرسەتكەن مۇھەببىتى ۋە تەۋرەنمەس مەنىۋىي كۈچى بۇ ساھەنىڭ پات ئارىدىكى تەرەققىياتىنىڭ پارلاق بولىدىغانلىقىغا يېتەرلىك بىر دەلىلدۇر. چۈنكى، ئۆز ئىدىئالىغا ئىرىشكەن ۋە دۇنيا كۈلتۈرىگە ئۆز مەنلىكىنىڭ تامغىسىنى ئۇرغان بىر مىللەتنىڭ، ئاڭلىق بىر شەكىلدە كۈرەش قىلغان ۋە ئۆز ئىدىئالىغا قاراپ ئاڭلىق ھالدا ئىلگىرىلىگەن مىللەت ئىكەنلىگى سۆبھىسىزدۇر.

    ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىسقىچە بىر نەزەر

    (ئۇيغۇرىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيە جەريانىدا تېپىلغان ماتېرىياللارغا كۆرە)


    ئەسىرلەر داۋامىدا يەر يۈزىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەت رايونلىرىدا ئەڭ مۇھىم ئورۇنلارنى ئىگىلىگەن ۋە بۇ يەرلەرنىڭ كۈلتۈر ھاياتىنىڭ شەكىللىنىشىدە ۋە سىياسىي تەرەققىياتىدا ئىنتايىن چوڭ رول ئوينىغان تۈرك مىللىتىنىڭ جۇغراپىيە جەھەتتە كۆپىنچە بىر بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرغان قىسىملىرىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسىنى ئىزدەپ تېپىش ۋە كېلىچەكتىكى تەقدىرىنى كۆرۈپ يېتىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇزۇن دەۋرلەرنى ۋە كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنبەلەرنى بىر يەرگە توپلاش ۋە ئۇلارنى ئوخشاش نۇقتىئىنەزەر بىلەن بىر كۈلتۈر ھالىتىدە تەتقىق قىلىش ئىشى، پەقەت مۇشۇ رايونلاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان تۈرلۈك ئىزدىنىش -- قىدىرىشلارنىڭ تولۇقلىنىشىغا باغلىق بولماقتا.

    تۈرك قەۋملىرىنىڭ تۈرلۈك دەۋر ۋە رايونلاردا قوشنا مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى بۇ مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ئايرىم بىر ئېپىزود ھالىتىدە خاتىرىلەنگەن. بۇلارنى بىر يەرگە توپلاپ، بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش لازىم، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. بۇ شەكىلدە ئېرىشكەن نەتىجىلەرنى تۈرك مىللىتىنىڭ قولىدا مەۋجۇد تارىخىي ماتېرىياللار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ھەممىسىنى پەقەت بىرلا نۇقتىئىنەزەر بويىچە جىددىي بىر تاسقاشتىن ئۆتكۈزۈش زۆرۈر. پەقەت مۇشۇ شەكىلدىلا تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك دەۋرلىرى ھەققىدە ھەقىقىي–توغرا بىر نەتىجىگە ئىرىشىش مۈمكىن بولىدۇ.

    تۈرك تارىخى تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن شەرقتە جۇڭگو مەنبەلىرى خېلىلا كەڭ ۋە مول ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. تارىخىدا يات مىللەتلەرنى دائىم ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە كۆزەتكەن جۇڭگو مەنبەلىرى ئىلمىي ۋە جىددىي تەتقىقاتلار ئۈچۈن ئاساس بولۇشتىن خېلىلا يىراق بولسىمۇ، بۇلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتى ھەر ۋاقىت مەۋجۇدتۇر. بۇلار خىرونولوگىيىلىك(يىلنامە شەكلىدە –ت) جەھەتتىن رەتلىنىپ، باشقا يېقىن ئىلىم تارماقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى كېرەك. تۈرك تارىخىغا، بولۇپمۇ قەدىمكى دەۋرلىرىگە ئالاقىدار بولغان بۇ خىل مەنبەلەرنىڭ ھەركىم پايدىلىنالايدىغان بىر شەكىلدە نەشىر قىلىنىشى يالغۇز تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، تۈرك كۈلتۈرىنىڭ باشقا ساھەلىرىنى تەتقىق قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ لازىم ۋە زۆرۈردۇر.

    بۇ ساھەدە بۈگۈنگە قەدەر ئېلىپ بېرىلغان تەجىرىبىلەردىن بىر نەرسىنى ئېنىق كۆردۇقكى، ئاسىيادا بۈگۈن تۈرك مەملىكىتى سۈپىتىدە كۆرۈنىۋاتقان يەرلەر قەدىمكى زامانلاردا شەرققە، شىمالغا ۋە جەنۇپقا قاراپ تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە سوزۇلغان بولۇپ، تارىخ قەيد قىلغان دەسلەپكى دەۋرلەردىن ئېتىبارەن ھەر ۋاقىت تۈركلەرنىڭ ۋەتىنى بولۇپ كەلگەن ۋە بۇ مەملىكەتنىڭ ھەر بىر نۇقتىسى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىختىكى مۇساپىسى ۋە تەرەققىياتىغا شاھىد بولغان.

    بىر تەرەپتىن شىمالىي ھىندىستاندىن باشلاپ بۈگۈنكى موڭغولىستان (موڭغولىيە – ت) نىڭ شىمالىغا قەدەر سوزۇلغان، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقتە بۈگۈنكى غەربىي جۇڭگوغا قەدەر بولغان مەملىكەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زىمىنلار تۈرك قەۋملىرىنىڭ دۆلەت تەشكىلاتلىرىغا تەۋە بولغان. بۇ زېمىننىڭ چېگراغا يېقىن بولغان بەزى قىسىملىرىنىڭ پات – پات سىياسىي ھۆرىيىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغان ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلگەن. لېكىن، بۇ كەڭ رايوننى بىر نوقتىغا ئۇيۇشتۇرغان مەركەزىي زىمىن ھەر ۋاقىت تۈرك مەملىكىتى دېگەن سۈپەت بىلەن تونۇلۇپ كەلگەن. بۇ مەركەزنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي ھاكىمىيەت زاماننىڭ ئىھتىياجى يۈزىسىدىن تۈرلۈك دەۋرلەردە تۈرلۈك تۈركىي قەۋملىرى ئارىسىدا ئالمىشىپ تۇرغان. تۈرك قەۋملىرى ھاياتلىق كۈرىشىدە باشقا مىللەتلەر بىلەن سوقۇشقىنىدەك، ئۆز ئىچىدىمۇ ئۇرۇشۇپ تۇرغان. بۇ ئۇرۇشلاردا زەپەر قۇشى بۈگۈنى بىر تۈرك قەۋمىنىڭ، ئەتىسى يەنە بىر تۈرك قەۋمىنىڭ بېشىغا قونغان. تۈرك ۋەتىنىدىكى سىياسىي مەركەزنىڭ ئىسمى ۋە ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ھېچقاچان ئۇ يەردىكى تۈرك مىللىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەپ بولمىغان. ناھايىتى تەبىئىيكى، بۇ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر جەرىيانىدا بەزى تۈرك قەۋملىرىنىڭ بىر يەردىن يەنە بىر يەرگە كۆچۈشىگە ئوخشاش ۋەقەلەرمۇ كۆرۈلگەن. بولۇپمۇ بۇلار تۈرك قەۋملىرى ئىچىدە كۆچمەنلىك تەشكىلاتىنى ئەڭ كۆپ مۇھاپىزەت قىلغانلار ئىچىدىن چىققان. تۈرك دولقۇنلىرى (كۆچ ھەرىكەتلىرى – ت) نىڭ قەرەلسىز ھالدا غەرپكە قاراپ ئېقىشىغىمۇ بەلكىم بۇ خىل ۋەقەلەر سەۋەپ بولغان بولسا كىرەك. لېكىن، تۈرك تارىخىدىكى ھەر قانداق بىر ئۆزگىرىشتە يېڭى تەركىپلەر مەيدانغا كەلگەن ھامان، بۇ يېڭىلىقنىڭ ئاساسى دا'ئىم ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.

    بولۇپمۇ، بۇ ۋەزىيەت شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ – ت) دا مۇشۇنداق ئىدى. بۇ يەردىكى تۈرك دولقۇنىمۇ پات -- پات شەرققە، شىمالغا، غەرپكە ۋە جەنۇپقا قاراپ ئاققان. لېكىن، بۇ دولقۇننى ياسىغان تۈرك دېڭىزى بۇ مەملىكەتنىڭ ھېچبىر يېرىدە ۋە ھېچبىر زامان قۇرۇپ قالمىدى. بۇ تۈرك دېڭىزى ئىچىدە تۈرك ئىرقىغا مەنسۇپ ئەمەسلىكى تامامەن ياكى قىسمەن مەلۇم بولغان ۋە كىچىك – كىچىك ئاراللار ھالىتىدە ياشىغان قەۋملەرنىڭ مەۋجۇدىيىتى پۈتۈنلەي ئايرىم بىر مەسىلىدۇر. بۇ قەۋملەرنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ياشاپ ۋە ئاخىرى يوقىلىپ كەتكەن، شۇنىڭدەك تۈرك تارىخىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىيەتلىرىدە ئوينىغان رولىغا يارىشا بىرمۇنچە ئىزلارنى قالدۇرغان بولسىمۇ، ئاساسەن ئومۇمىي ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكىدەك بىرەر ئامىلغا ئايلانمىغان.


    *     *     *     *

    «ئۇيغۇر» سۆزى باشقا بىر مۇنچە تەڭداش ناملارغا ئوخشاش، ھەم بىر تۈرك قەۋمىنىڭ ھەم بىر تۈرك سىياسىي تەشكىلاتىنىڭ نامىدۇر. ئۇيغۇرلار پەقەت تارىخنىڭ مۇئەييەن بىر دەۋرىدە بۇ يەرلەردە ياشىغان تۈرك گۇرۇھلىرىنى ئۆز تەشكىلاتى ئىچىدە توپلىغان ۋە بۇ گۇرۇھلارنى ئىدارە قىلغان بىر توپتۇر. بىز ئۇيغۇر تەشكىلاتى ، ئۇيغۇر كۈلتۈرى ۋە باشقا تەرەپلىرىدىن سۆز ئاچقاندا، ھېچقاچان باشقا تۈرك قەۋملىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ۋە ئۆز ئالدىغا ياشاپ، مەدەنىيەت ياراتقان بىر قەۋمنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز. ئەكسىچە ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە كۈلتۈرىنى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى تەشكىلات ۋە كۈلتۈر يولىدىكى بىر باسقۇچ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز. بۇ جەھەتتىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقانداق بىر ساھەسىدىكى ئىپادىسى ئۈستىدە ئويلانغاندا، ئۇنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئەسەرنىڭ داۋامى ۋە تەرەققىياتى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۆزىدىن كېيىنكىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاساس تەشكىل قىلغانلىقىنى نەزەردە تۇتىشىمىز لازىم. بۈگۈن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتى دېگىنىمىزدە، بىز يالغۇز ئۇيغۇر دېگەن ئىسىمدا ئاتالغان بىر تۈرك قەۋمىنىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە ئۇيغۇر قەۋمى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان ئاشۇ دەۋردىكى بارلىق تۈرك توپلىرىنىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. بۇ دەۋردە يارىتىلغان ئەسەرلەرنىمۇ بىر قەۋمنىڭ ئەسەرلىرى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى تۈرك مىللىتى تەرىپىدىن مۇئەييەن بىر دەۋردە ، مۇئەييەن بىر تەرەققىيات سەۋىيىسىگە كإتۈرىلگەن بىر بايلىق سۈپىتىدە تونۇيمىز.


    *     *     *     *

    مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتى، ئاھالىسى ۋە ئۇ يەرنىڭ كۈلتۈرى ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتلار ناھايىتى ئاز. خەنزۇلارنىڭ تارىخ كىتابلىرىنى تېخىچىلا ئىلىمنىڭ ھەر بىر ساھەسى ئۈچۈن گۇمانلانماي ۋە ئىككىلەنمەي تۇرۇپ پايدىلانغىلى بولىدىغان بىر ھالغا كەلتۈرگىلى بولمىدى. بۇ مەملىكەتنىڭ تارىخىدا دائىم ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرۇشى، خەنزۇلارنىڭ يات مىللەتلەرگە ئۇنچىۋالا ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەسلىكى، خەنزۇ يېزىقىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئەپلىك بولماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر ئۇ دەۋرنىڭ تارىخى ئۈچۈن جۇڭگو مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى ئازايتىدۇ. تۈركىستاننىڭ تارىخىغا ئائىت بولغان باشقا مەلۇماتلارمۇ تۈركىستانلىقلار بىلەن ھەر قانداق بىر مۇناسىۋەتتە بولغان قوشنا ياكى يات مىللەتلەرنىڭ تاسادىپىي يېزىپ قويغان خاتېرىلىرىدىن ئىبارەتتۇر. تۈركىستاندا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ، بولۇپمۇ تارىخىي ئەھمىيىتى جەھەتتىن ئالدىنقى ئورۇننى ئىگىلىگەن تۈركلەرنىڭ ئۆزىدىن ساقلىنىپ قالغان مەلۇماتلار يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى.

    19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە شەرقىي تۈركىستاندا پەۋقۇلئاددە مۇھىم ئەسەرلەر تېپىلدى. مەدەنىي دإلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئەسىرلەر بويى ۋاسىتىچىلىك رولىنى ئوينىغان ۋە بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئۆزىنىڭ ئىجادىي كۈچى بىلەنمۇ ئىشتىراك قىلغان بۇ مەملىكەتتىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە كەڭ كۆلەملىك گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى بىلەن يازما ئەسەرلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى. بۇ ئەسەرلەر ئۈستىدىكى دەسلەپكى تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە بۇ يەردە ئىنسانلار زادى ئويلاپ باقمىغان بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامايەن بولدى. دۇنيادا بارلىققا كەلگەن ھەر قانداق بىر بايقاش بۇ قەدەر كەڭ ئۇپۇق ئېچىپ باقمىغىنىدەك، دۇنيانىڭ ھېچقانداق بىر يېرىدە بىر دۆلەتنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان بۇنچىلىك ماتېرىيالنىڭ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى كۆرۈلگەن ئەمەس. بۇ يەردە تېپىلغان كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئەھمىيىتى يالغۇز تۈركىستان(بۇ يەردە شىنجاڭ نەزەردە تۇتۇلغان-ت) بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە پۈتۈن يىراق شەرق تارىخى ئۈچۈنمۇ يېڭى يول ئېچىپ بەردى. تۈركىستاندا تېپىلغان بۇ ئەسەرلەر بۈيۈك بىر مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا گۇۋاھلىق بىرىدىغان كىچىك مەشئەللەردۇر. بۇلارنىڭ توپراق ئاستىدا يۇرۇقلىققا چىقىشنى كۈتۈپ ياتقان چەكسىز كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئازلا بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى خاتىرىدىن چىقىرىپ قويماسلىق كىرەك.

    شەرقىي تۈركىستاندا باشلانغان، بىراق دۇنيا ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن توختىتىپ قويۇشقا مەجبۇر قىلىنغان ئېكىسپېدىتسىيىنى داۋاملاشتۇرۇش كىرەك. يېڭى كۈلتۈر ئەسەرلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىرىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى تۈرك مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى بىر دەۋرنى ئۆز ماتېرىيالى ئارقىلىق كۆرۈشىمىزگە ۋە ئۈگىنىشىمىزگە ياردەم بىرىدۇ.

    شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئېكىسپېدىتسىيە نەتىجىسىدە تېپىلغان ماتېرىياللار ئىلىم دۇنياسىنىڭ ھەر بىر تارمىقىغا ئالاقىدار بولۇشتەك ماھىيەتكە ئىگە ئىدى. بۇ يەردە كۆپۈنچىسى بۇرخانچىلار (بۇددىستلار)غا ئا'ئىت بولغان تۈرلۈك دىنلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى تېپىلدى. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ مىمارچىلىق شەكىللرىدە قوشنىلىرىنىڭ تەسىرى كۆرۈلۈش بىلەن بىرگە، تۈركىستانغا خاس خۇسۇسىيەتلەرمۇ بار. بۇ ئىبادەتخانىلارنىڭ ۋە راھىپلارنىڭ خاس ھوجرىلىرىنىڭ تاملىرىدا كۆرۈلگەن، كۆپىنچىسى دىنىي رەسىملەردىن ئىبارەت بولغان، نەقىش ۋە باشقا يۈكسەك سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تولۇق تەتقىق قىلىنىشى ئۈچۈن خېلى ئۇزۇن ۋاقىت كىتىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا سەنئىتى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ھىندىستاننىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان، بولۇپمۇ شىمالىي ھىندىستاندا تەرەققىي قىلغان گاندخارا سەنئىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە مۇھىم بىر ئورۇن ئىگىلىگەن. تۈركىستان پۈتۈن شەرقىي ئاسىيا سەنئىتى ئۈچۈن بىر ۋاستىچى بولغان. لېكىن، بۇ ساھەدە تېخى بىرمۇنچە سەپلەر تولۇق ئايدىڭلاشتۇرۇلمىدى ۋە ئاخىرىقى يەكۈنمۇ سۆزلەنمىدى.

    شەرقىي تۈركىستاندا تېپىلغان بۇ گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىنى بىكىتىش ئۈچۈن خېلى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلدى. بولۇپمۇ ئايرىم – ئايرىم خۇسۇسىيەتلەرنى بىر بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى سەنئەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ۋە دەۋرلىرىنى ئېنىقلاش تەجىرىبىسى ئېلىپ بېرىلدى. سەنئەت ۋە كۈلتۈر پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئورتاق مېلى. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر يەردە تېخىمۇ يۈكسەك تەرەققىيات دەرىجىسىگە ئىرىشكەن بىر دەۋرنىڭ يەنە بىرىگە بەلگىلىك تەسىر كإرسىتىشى بەكمۇ تەبى'ئىدۇر. لېكىن، ھەر بىر ئىرق ۋە ھەر بىر مىللەت بۇ ئىجادىيەت ئىشىگە بىر مەۋجۇتلۇق ياكى بايلىق سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان. بۇ تەرەققىياتتا تۈرك ئىرقى ۋە تۈرك مىللىتىنىڭمۇ بىر ئورنى بارلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ بىر تارىخىي بۇرچنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىغانلىقى شۆبھىسىزدۇر. تارىخىمىزدىن قالغان ھەر بىر ۋەسىقە تۈرك مىللىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن تارىخىي ۋەزىپىگە زور دەرىجىدە جىددىي مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئۇتۇققا ئېرىشكەنلىگىنى كۆرسەتمەكتە.

    لېكىن، شۇ ياكى بۇ ساھەدە تۈرك مىللىتىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن ئەسەرلەردە بىزنىڭ ھەسسىمىز قانچىلىك؟ بىز بۇ ياكى شۇ ئەسەرنىڭ ئەسەر ھالىتىگە كىلىشى ئۈچۈن ئۆز ئالاھىدىلىگىمىزدىن ۋە ئۆز مەنلىكىمىزدىن نىمىلەرنى بەردۇق؟ بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك دۇنيا ئىلىم–پىنىگە يېڭى بىر شەكىل بىرىش بىرىش، دېگەنلىكتۇر. بۇنى ئېنىقلاش دېگەنلىك ئۆز تارىخىمىزنىڭ ۋە ئۆز مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇچۇق كإرۈنىشى ئۈچۈن ماتېرىيال تەييارلاش دېگەنلىكتۇر.


    *     *     *     *

    تارىختىن قالغان ئەسەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىمى شۆبھىسىزكى يازما ئەسەرلەردۇر. بۇ ئەسەرلەردە ھەر بىر مىللەتنىڭ روھىنىڭ ۋە كۈلتۈرىنىڭ يۈكسەكلىكى نامايەن بولىدۇ. ئۇ ئەسەرلەردە خۇددى مىللەتنىڭ ئۆزى سۆزلەۋەتقاندەك تۇيۇلىدۇ، ئۇنىڭ ھاياتى، تۇيغۇسى، ئۆتمۈشى ۋە كەلگۈسىگە بولغان قارىشى ئاشۇ ئەسەرلەردە ئۇچرايدۇ. ئۇ، بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي دەۋرلىرىنى ۋە باسقۇچلىرىنى بىر بىرىگە باغلاپ، مىللەتنى زامان ۋە ماكان پەرقلىرىنىڭ سىرتىدا بىر پۈتۈن ھالەتكە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندا تېپىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور. بۇ يەردە تېپىلغان ئەسەرلەر ئاشۇ دەۋرلەردە مەلۇم بولغان پۈتكۈل كىتاپ شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھىندىستاندا قوللىنىلغان ياپراق كىتاپ شەكلى، شەرقنىڭ تومار شەكلى، مۇقاۋىلانغان ياكى ئايرىم – ئايرىم سەھىپىلەر ھالىتىدە پەقەت ئوتتۇرىسىدىن باغلانغان ئەسەرلەرنىڭ ھەر خىلى بار. يېزىق ماتېرىياللىرى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلاردىن ياغاچ، قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى، پالما ياپرىقى، تېرە، يىپەك رەخت ۋە قەغەز قاتارلىقلارنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرى تېپىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان تىل ۋە يېزىقلارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. تۈرك دۇنياسىنىڭ بۇ قىسمىنىڭ تونۇلىشى ئۈچۈن ئۇنتۇلماس تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ئا. ۋ. لېكوكنىڭ مەلۇماتىغا كۆرە ، بۇ يەردە تۈرلۈك دەۋرلەردىن بۈگۈنگە قەدەر 24 خىل يېزىق ۋە 17 خىل تىل ساقلىنىپ كەلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىر قوللىنىلمايدىغان يېزىقلار بولغىنىدەك، ئاشۇ ۋاقىتقا قەدەر مەۋجۇدلۇقىدىن خەۋىرىمىزمۇ بولمىغان تىل ۋە شىۋىلەرمۇ بار ئىدى.

    بۇ ئەسەرلەرنى يېزىش ئۈچۈن قوللىنىلغان قەغەزلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى 2- ئەسىرگە يىتىپ بارىدۇ. بۇ، دۇنيادا تېپىلغان قەغەزنىڭ ئەڭ قەدىمكىسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ كەشپىيات ھېساپلانغان سەيلۇننىڭ كەشپىياتىدىن يىگىرمە – ئوتتۇز يىل كېيىنكى تارىخقا مەنسۇپ ئىدى.

    ئۇيغۇرلارمۇ مائارىپقا بولغان ئېھتىياجغا تېخىمۇ تېز ۋە تېخىمۇ ئاسان جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ياغاچ قېلىپ ئارقىلىق كىتاب بېسىشتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنىڭ بېسىلىشى ئۈچۈن قوللىنىلغان بۇ ئۇسۇل ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تەرەققىيات سەۋىيىسىگە ئېرىشكەن. مەتبەئەچىلىك تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىنى ئاچقان بۇ ئۇسۇل يىراق شەرقتە ھېلىغىچە قوللىنىلماقتا. ياغاچتىن ئايرىم – ئايرىم ياسالغان ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن كىتاب بېسىشمۇ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تەجىرىبە قىلىنغان. دۇنخۇئاڭدىن تېپىلغان ياغاچتىن ياسالغان ئۇيغۇرچە مەتبەئە ھەرپلىرى بۇنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

    قىدىرىپ تەكشۈرۈشلەر ئاساسەن ئىبادەتخانىلار ۋە راھىپلارنىڭ ھوجرىلىرى ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن، تېپىلغان ئەسەرلەر كۆپۈنچە دىنىي ھۆججەتلەردىن ئىبارەت ئىدى. بولۇپمۇ مانىي دىنىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىن تېپىلغان ئەسەرلەر ۋە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى تۈركچە قىسىملار ناھايىتى مۇھىمدۇر. غەرپتە پۈتۈنلەي يوقالغان بۇ دىننىڭ ھەقىقىي ئەسەرلىرى ھازىرغا قەدەر پەقەت مۇشۇ يەردىن تېپىلغان تېكىستلەردىن ئىبارەتتۇر. كېيىنكى ۋاقىتلاردا مىسىردىن تېپىلغان مانى كۇتۇپخانىسىدا قانداق ئەسەرلەرنىڭ بارلىقىنى تېخىچە ياخشى بىلمەيمىز.