• 2009-03-11

    دۇنيادىكى غەلىتە كەشپىياتلار - [ئاجايىباتلار دۇنياسى]

    ئىككى ئېغىزلىق بوتۇلكا: سىز بىرلا ۋاقىتتا ھەسەتخورلۇقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە جەھەتتىن سەرلەپ-مىسقاللاپ ھېسابلىشىشىقا ئامراق ئىككى ئايال بىلەن بىرگە تاماق يېگەن ۋاقتىڭىزدا بۇ بوتۇلكا سىزنى غەمدىن خالاس قىلىدۇ. چۈنكى بۇ بوتۇلكىدا بىرلا ۋاقىتتا ئىچىملىكنى ئىككى ئىستاكانغا قۇيغىلى بولىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈك تالىشىپ كۈنداشلىق قىلىشىدىن ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز.


      شكالا قوشۇمچە قىلىنغان 95 سانتىمېتىرلىق تاسما: ئورۇقلاۋاتقان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ خىل تاسما بەك ئەسقاتىدۇ. كىشىلەر بۇ تاسمىنى باغلىۋالسا ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ۋە بەل ئايلانمىسىنىڭ ئاشقان-ئاشمىغانلىقىنى بىردەمدىلا بىلىۋالالايدۇ.


      قوش كىشىلىك كۈنلۈك: ھېسسىياتى تۇراقلىق ھەر بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇققا نىسبەتەن يامغۇر يېغىش ئېھتىمال بىر ئاۋارىگەرچىلىك بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل قوش كىشىلىك كۈنلۈك ئەنئەنىۋى كۈنلۈكنىڭ كەمچىلىكىنى تۈگەتكەن بولۇپ، ئۇلارنى يامغۇردا سەيلە قىلىش رومانتىكىلىقىدىن يېتەرلىك بەھرىمەن قىلالايدۇ. ئۇ ھەم ئىككى كىشىنىڭ يېقىنچىلىق قىلىشىغا دەخلى قىلمايدۇ ھەم بەك يېقىن تۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇ ئىككى كۈنلۈككە باراۋەر دېگۈدەك دالدىلىنىش كۆلىمى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئەرلەر ئىككىنچىلەپ مۆتىۋەرلەرچە روھنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دۈمبىسىنى «سازلىق»قا ئايلاندۇرۇپ يۈرمەيدۇ.


      بارماق پەتنۇسى: پەتنۇسنىڭ ئاستى تەرىپىدە بارماقنىڭ ئورنى قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ھەر قانداق كىشىنىڭ بىر مۇنەۋۋەر مۇلازىم بولۇپ چىقىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ، ئىچىملىكنى قىزلارنىڭ ئۈستۋېشىغا تۆكۈپ قويۇپ تۆلەم تۆلەپ يۈرۈشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.

     
      گۈل ئېچىلىدىغان لامپۇچكا: كىچىك دوستلار توك مەنبەسىگە چېتىلغاندىن كېيىن لامپۇچكا قالپىقى گۈلگە ئوخشاش ئېچىلىدىغان بۇنداق قىزىقارلىق لامپۇچكىنى جەزمەن ياقتۇرۇپ قالىدۇ. لېكىن قورقۇنچاق خانىملار بۇ خىل لامپۇچكىنى ياقتۇرماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ قارىماققا يوغان بىر ئۆمۈچۈككە ئوخشايدۇ.
     
      يۇمشاق تۈكلۈك مايكا: پىشقان ئەرلەرنىڭ كۆكرەك شەكلى چۈشۈرۈلگەن بۇ مايكىنى كىچىك بالىلارنىڭ ئۇچىسىغا كىيدۈرۈپ قويسا چوقۇم ھەيران قىلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق مايكىنى ئەرلەر كىيسە ئاياللارنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرەمدۇ-يوق، بۇنىسى نامەلۇم.

     

      ئۇزۇن يەلكىلىك فوتو ئاپپارات: ئاشىق-مەشۇقلار بۇ خىل فوتو ئاپپاراتنى چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىدۇ. ئىككى ئادەم بىرگە تۇرغاندا سۈرەتكە چۈشۈش خېلىلا قىيىن، بۇ خىل فوتو ئاپپاراتى بولسا ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئۆزلىرىنى سۈرەتكە تارتالماسلىقىدىن ئەنسىرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.

     

      شكالىلىق كارىۋات: ئەر-ئايال زىددىيەتلىشىپ قالغاندا بۇ خىل كارۋاتنى سىناپ كۆرسە بولىدۇ. ئېنىق شكالا ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئالاقە مىزانىنى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

      مونچىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان مىكروفون: يۇيۇنۇۋاتقاندا ناخشا ئېيتىشقا ئامراق كىشىلەرگە نىسبەتەن بۇ مىكروفون خېلى بولىدىغان كەشپىيات. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشى مىكروفون شەكلىدە بولۇپ، قولدا تۇتۇپ ناخشا ئېيتقىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە بەدەننى سۈرتۈپ ئىشقىلاشقىمۇ بولىدۇ، «بىر ئىشتىن ئىككى ئۈنۈم ئېلىش» دېگەن شۇ.

     
      ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك زامانىۋى IT ئىشخانىسى: تەرەت قاچىسى بىلەن كومپيۇتېر ئۈستىلىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش--- IT قەھرىمانلىرىنىڭ كومپيۇتېر ۋە توردىن ئايرىلماسلىق ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

      سىيرىلماس ئىستاكان: ئالىقان ۋە بارماقنىڭ ئىزناسى ئىستاكانغا ئويۇلغان، ھەر قانچە بىپەرۋا كىشىمۇ ئاسانلىقچە ئىستاكاننى چېقىۋەتمەيدۇ.

     

      ئىشكاپلىق پەلەمپەي: پەلەمپەينى ئاياغ كىيىم ئىشكاپىغا ئۆزگەرتىشتەك بۇنداق لايىھە ئاياغ كىيىمى كۆپ، ئەمما قويىدىغان يەر چەكلىك كىشىلەرگە ياردەم بىرەلەيدۇ.

      پۇرژىنا پۇتلۇق كارىۋات: تۆت پۇتىغا پۇرژىنا ئىشلىتىلگەن بۇنداق كارىۋاتتا ئارامخۇدا ئۇخلىغىلى بولىدىغان-بولمايدىغانلىقى نامەلۇم.

      چەينەك شەكىللىك دۇخوپكا: بولكا پىشۇرۇدىغان ئۈسكۈنە چەينەك شەكلىدە لايىھىلەنسە ناھايىتى ئوماق كۆرۈنەمدىكەن؟

     

     ئاجايىپ شوتا: شوتىنىڭ بالداقلىرى پۈتۈن بولمىسا ھەقىقەتەن ئادەم چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ قالىدۇ، لېكىن مۇشۇنداق لايىھىلىگەندە شوتىنىڭ ئېغىرلىقىنى كېمەيتكىلى بولىدۇ، يۆتكەشكىمۇ ناھايىتى ئاسان بولىدۇ.


     

     





    评论

  • بۇ چەتئەلىكلەرنىڭ قىلمايدىغان ئىشى يوق كالىسىغا نىمە كەلسە شۇنى كەشىپ قىلىپ باقىدۇ
    ئىقىلىپ ئىجاتچانلىق ياخشى ئىش
    تېمىلىرىڭىز ياخشىكەن
    بولسا مىنى ئۇلنىشقا قوشۇپ قويارسىز
    http://www.sirlar.cn/logo1.gif
    بىلوگ ئادىرسىم :http://sirlar.blogbus.com