• 2009-03-11

    دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت نەرسىلەر - [ئاجايىباتلار دۇنياسى]

    دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت نەرسىلەر

     

      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاپتوماتىك مىلتىق: ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيىسى سادام ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە ئالاھىدە ئىشلەنگەن مەخسۇس قورالنى كۆرگەزمە قىلدى، بۇ بىر پۈتۈنلەي ئالتۇندىن ياسالغان AK-47 تىپلىق مىلتىق شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ قىممەت AK-47 تىپلىق ئاپتوماتىك مىلتىق.
     
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت Hello Kitty: 2004-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى داڭلىق ماركا Hello Kitty نىڭ توكيودا دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 30 يىللىق خاتىرە كۈنى. سۈرەتتىكىسى Mitsukoshi تۈرلۈك ماللار شىركىتى كۆرگەزمىگە قويغان دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت Hello Kitty بالا--- ئۇنىڭ باھاسى 10 مىليون يېن (تەخمىنەن 91 مىڭ 900 ئامېرىكا دوللىرى).  ئاق ئالتۇندىن ياسالغان بۇ ئويۇنچۇقنىڭ ئىگىزلىكى 41 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 75 گرام، ئۇ يېپىنغان پلاش ئۈستىگە چاقناپ تۇرىدىغان برىليانتلار تىكىلگەن.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت پاي چېكى: ئامېرىكا Berkshire Hatheway مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ پاي چېكىنىڭ بازاردىكى سېتىلىش باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، ھەر بىر پاينىڭ قىممىتى 64 مىڭ ياۋروغا يېتىدۇ.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كىتاب: داۋىنچنىڭ «لېيسېستېر قانۇنى: سۇ، يەر شارى ۋە ئاسمان جىسىملىرى سىستېمىسى توغرىسىدا» دېگەن كىتابى. بۇ بىر ئالاھىدە قوغۇشۇن ھەرپ بىلەن بىر خىل قىممەت قەغەزگە بېسىلغان كىتاب. بىل گايتېس ئۆز ۋاقتىدا 24 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ بۇ كىتابنى سېتىۋالغان.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت رەسىم: گوللاندىيىلىك رەسسام رۇبېنسنىڭ ماي بوياق رەسىمى «بوۋاقنى ئۇرۇش» 2002-يىلى 73 مىليون 500 مىڭ ياۋروغا سېتىلغان! رۇبېنس (1577-1640) فلاندېستىكى داڭلىق رەسسام، ئۇ ياۋروپادىكى تۇنجى بالوك ئۇسلۇبىدىكى رەسسام.
        
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاپتوموبىل: «فالالى Enzo»نىڭ ئەڭ تۆۋەن سېتىلىش باھاسى 670مىڭ ئامېرىكا دوللىرى.
     
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت بىر ۋاخ تاماق:  Greenlight Capital شىركىتىنىڭ خوجايىنى داۋىد ئېينخوئېن ئۆزىنىڭ مەبۇدى--- مىلياردېر ۋولىنوم بافېت بىلەن بىرلىكتە تاماق يېيىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن 250مىڭ 100 ئامېرىكا دوللىرىغا بىر چوڭ تورت سېتىۋالغان.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت كىيىم: ئامېرىكا ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كىيىمى، ھەر يۈرۈشىنىڭ باھاسى 9 مىليون ئامېرىكا دوللىرى.
      دۇنيادىكى خىراجىتى ئەڭ يۇقىرى ساياھەت: ئامېرىكىلىق سودىگەر داننىس دىتو ۋە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ IT ساھەسىدىكى مىلياردېر ماك ساتېرۋوت خەلقئارا بوشلۇق پونكىتىغا چىقىپ ئالەم بوشلۇقىنى ساياھەت قىلىش ئۈچۈن ھەر بىرى 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تۆلىگەن.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئويۇنچۇق: 1999-يىلى 3-ئايدا ماتەير ئويۇنچۇق شىركىتى بوبى قونچىقىنىڭ بازارغا سېلىنغانلىقنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر بىر قېتىملىق زاكاز بوبى قونچىقىنى ئىجاد قىلغان، ئۇنىڭ قىممىتى 50 مىڭ فوندستېرلىڭ.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت پاپىروس: Treasurer ماركىلىق پاپىروس. ھەر قېپىنىڭ سېتىلىش باھاسى 24 ياۋرو، يەنە كېلىپ پەقەت مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىلا سېتىلىدۇ.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ئاياغ كىيىمى: بۇ ستۇئېت ۋايتىسمان ئىسىملىك بىر داڭلىق ئۈنچە-مەرۋايىت سودىگىرى ئىشلىگەن بىر خىل ئىگىز پاشنىلىق توپلەي بولۇپ، ئۈستىگە 642 تال قىزىل ياقۇت قويۇلغان، سېتىلىش باھاسى بىر مىليون 600 مىڭ ياۋرو.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت مېھمانخانا: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەيدىكى Burj Al Arab مېھمانخانىسى. ئەڭ ئەرزان ھۇجرىسىنىڭ بىر كېچىلىكى 770 ياۋرو، پادىشاھ بۆلمىسىنىڭ بىر كېچىلىكى بولسا 7700 ياۋرو.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توي كىيىمى: دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت توي كىيىمىنى ئېللىنا گەنۋىير ئىشلىگەن، قىممىتى 7 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى، ئالېكساندىر لېيزا ياقۇتى قادالغان. بۇ توي كىيىمى 1989-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇنجى قېتىم ئاشكارە كۆرسىتىلگەن.

      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت ياڭيۇ: فرانسىينىڭ La Bonnotte سورتلۇق ياڭيۇسى. ھەر كىلوگرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى 500 ياۋرو.

     
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت چاتما رەسىملىك كىتابچە: «ئوغۇل بالا جىم ۋە ئۇنىڭ كۈچۈكى ستېرۇبى». بۇ بىر يۈرۈش چاتما رەسىملىك كىتابچىنىڭ مۇقاۋىسىدىكى ئەسلى رەسىمنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىر يىغىپ ساقلىغۇچى 100 مىڭ ياۋرو چىقىم قىلغان.
      دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت قەھۋە: سۇماترا ئارىلىدىن چىقىدىغانKopi Luwah سورتلۇق قەھۋە. بىر قاداق (453.6 گرام)نىڭ سېتىلىش باھاسى 300 ئامېرىكا دوللىرى.