• 2009-03-15

    ئەرلەردىكى 76خىل سىر - [تەرمىلەر]

    ئەرلەردىكى 76خىل سىر

    1. ناۋادا بىر ئەر سىزگە قىزىقسا،ئۇنىڭ كاللىسىدىكى تۈنجى ئۇقۇم سىزنىڭ تېلىفون نۇمۇرىڭىزغا ئېرىشىشتۇر،ھەرگىزمۇ ئۆزىنىڭ تېلىفون نۇمۇرىنى بېرىش ئەمەس.ئەمما ئەمەلىيەتتە،ئەرلەرنىڭ سىزنىڭ تېلىفون نۇمۇرىڭىزنى سورىشىمۇ ئۇنىڭ سىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.چۈنكى تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەرلەرنىڭ قارىشىچە،گەرچە ئۇلار تېلىفون نۇمۇرىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ،ئۇلار ھەرگىز ئۇرۇپ بېقىشنى خالىمايدىكەن.  
    2. ناۋادا كىچىلىك بەزمىخانىلاردا ئەرلەرنى ئۇچرىتىپ قالسىڭىز،ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇن ئۈستەل ئەمەس بەلكى ئۇسۇل سۇپىسى.چۈنكى ئەرلەر يۆتكىلىشچان نىشانغا ئامىراق كىلىدۇ---- چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ قەدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىدىن قالغان، دائىم يۈگىرەپ يۈرىدىغان ئولجىلىرىغىلا قىزىقىدىغان ئېرسىيەتتۇر.  
    3. تۈنجى قېتىملىق كۆرۈشۈشتە يىگىتىڭىز ئېغىر،كەمسۆز ۋە سوغۇق بولسا،ھەرگىزمۇ ئالدىراپ ئۇنىڭغا چىكىت ئۇرىۋەتمەڭ،چۈنكى مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە،تۈنجى كۆرۈشكەندە ئەرلەرنىڭ تىلغا بولغان ئىقتىدارى ئاياللار بىلەن بىر قاتلامدا بولمايدىكەن،يەنە كىلىپ بىر ئايالنى قانچە بەك ياخشى كۆرسە، تىلدا شۇنچە كالۋالىشىدىكەن.
    4. يىگىتىڭىزنىڭ بارماقلىرىنى ئوغرىلىقچە كۈزىتىپ بېقىڭ،ناۋادا ئۇنىڭ نامسىز بارمىقى كۆرسەتكۈچ بارمىقىدىن ئۇزۇن بولسا،بۇ بۇ ئاداشنىڭ ئەرلىك جىنسىي ھورمۇن سەۋىيىسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
    5. يېقىندا 2-ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان ئەرلەرگە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،زور كۆپچىلىك ئەرلەر ئۆزىدىن چوڭ ئاياللار بىلەن بىللە بولۇشنى خالايدىكەن،پەقەت 10% ئەرلەرلا «ياق»دەپ جاۋاب بەرگەن.  
    6. ئۈچتىن بىر قىسىم ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستىنىڭ نۇمۇرىنى تېلىفونىدىن ئۆچۈرىۋەتمەيدىكەن،بەشتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق ئەرلەر ئايرىلىپ كەتكەن دەسلەپكى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە بۇ نۇمۇرغا داۋاملىق تېلىفون قىلىپ باقىدىكەن.  
    7. ئەرلەرنىڭ ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىشلارنى قىلىدىغىنىنى بىلەمسىز؟!جاۋابى شۇكى: يېتىپ تۇرۇپ تېلىۋىزور كۆرۈش،كومپۇتىردا ئويۇن ئويناش،ھاراق ياكى ئىچىملىك ئىچىش،جىددىي ھەرىكەت قىلىش ۋە جىنسىي ******* تۇر.
    8. يېرىم ساندىن كۆپ بويتاق ياشايدىغان ئەرلەرنىڭ كارىۋات ياپقۇچىنى ئالماشتۇرغىسى كەلگەن ۋاقتى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ يېڭى كۆرۈشۈشىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدۇر.
    9. «سىز قەيەردە قىزلار بىلەن تونۇشۇشنى خالايسىز؟»دىگەن تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،ئەرلەر ئەڭ ئاۋال «خىزمەت ۋە ئۈگىنىش سورۇنى»نى،ئاندىن رېستۇران بەزمىخانىلارنى،ئاندىن يېقىنلىرىنىڭ تونۇشتۇرۇشنى،ئەڭ ئاخىرىدا نىكاھ تونۇشتۇرغۇچىلارنى تاللىغان.  
    10. ھايۋاناتلار ئىلىمى تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا،مۇسكۇلى تەرەققىي قىلغان ئەركەك ھايۋانلار جىنسىي ھورمۇنى كۈچەيگەن مەزگىللەردە ئاسانلا كوچىغا قاراپ،نەچچە قىيىققا تەڭ دەسسەيدىكەن،بۇ نوقتىدىن قارىغاندا،ئىنسانىيەتمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئوخشايدۇ.
    11. «نىسبىي قىلىپ ئېيتقاندا،چىرايلىق ئايالنى ياخشى كۆرەمسىز ياكى بەدىنى چىرايلىق ئايالنىمۇ؟»دىگەن تەكشۈرۈشتە،كۆپ قىسىم جۇڭگو ئەرلىرى ئالدىنقىسىنى تاللىغان،بۇ نوقتا ھەم ئامرىكا ئەرلىرى بىلەن ئوخشاش چىققان.
    12. 72 سائەت قانونىيىتى،يەنى: بىرىنچى قېتملىق ئۇچرىشىش مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا،97%ئەرلەر 72 سائەت ئىچىدە قارشى تەرەپكە تېلىفون ئىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
    13. مۇھەببەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە،80% ئەرلەر قارشى تەرەپ بىلەن قىسقا ئۇچۇردا ئەمەس بەلكى تېلىفوندا ئالاقىلىششىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.  
    14. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،20 ياشتىن 30 ياشقىچە ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان ئەركەكلەرنىڭ سانى 46% كە يەتكەن.  
    15. گەرچە بويتاقلار دائىم ئۆزىنى خۇشال دەپ جار سالسىمۇ،ئەمما مۇتەخخەسسىسلەرنىڭ بايقىشىچە،ئۇلارنىڭ فىزولوگىيىلىك خۇشاللىق دەرىجىسى توي قىلغان ئەرلەردىن زور دەرىجىدە تۆۋەن بولغان،بۇ زور كۆپچىلىك جەھەتتە ئۇلارنىڭ قەرەلسىز جىنسىي تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.  
    16. «يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قوقماپتۇ» دىگەن گەپ بار،بۇ گەپنىڭ ئىلمىي ئاساسى بار ئىكەن،ئەرلەر 25 ياشقا بارغۇچە ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ ئالدىنقى ياپرىقى تولۇق يىتىلىپ بولالمايدىكەن،ھالبۇكى بۇ ئورۇن دەل ئۇلارنىڭ تەۋەككۈل قىلىش ۋە ھاياجانلىنىپ ئۆپكىسىنى باسالماسلىق ھەرىكەتلىرىنى كونترول قىلىدىغان مەركەز ئىكەن.  
    17. ئىشىنەمسىز ياكى ئىشەنمەمسىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى،ئەرلەر ئاڭسىز ھالدا ئۆزلىرىگە «ياق»دىگەن ئايالنى بەكرەك ياقتۇرىدىكەن،چۈنكى دائىم مىچىلداپ سۈيىنى چىقىرىپ تۇرىدىغان ئاياللار ئۇلارنىڭ نەزەرىدە «مەيدانى يوق» دەپ قارىلىپ،ئاسانلا باشقىلار ئالداپ كىتىدۇ دەپ ئەنسىرەيدىكەن.  
    18. تەكشۈرۈشلەرگە ئاسالانغاندا،بىر ئايال ئەرنىڭ گالىستۇكىنى تاقاپ،چاپىنىنى قىقىشتۇرۇپ،دوپپا-شەپكىلىرىنى ئوڭشاپ تۈزەشتۈرگەن پەيتتە،ئەرلەر ئۆزىنى تېخىمۇ «ئەر»دەك ھىس قىلىپ،ئايالنى تېخىمۇ ئاسان ياقتۇرۇپ قالىدىكەن.  
    19. بىرىنچى قېتىملىق تاماقنىڭ پۇلىنى كىم تۆلەيدۇ؟! 74% ئەرلەر مۆتىۋەرلەرچە تۆلەيدۇ، 15% ئەرلەر بولسا «كىم تاماققا تەكلىپ قىلسا شۇ تۆلىسۇن»دەپ قارايدۇ،پەقەت 9% ئەرلەرلا ئىككى تەرەپ تەڭ تۆلەش كېرەك دەپ قارايدۇ.
    20. ناۋادا ئۇچراشقاندا يىگىتىڭىزنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتمەكچى بولسىڭىز،ئەڭ ياخشى پاراڭ تېمىسى ھىسياتنى سۆزلىشىش ئەمەس بەلكى بەزى ئىشلارنىڭ جەريانىنى پاراڭلىشىشىتۇر.چۈنكى ئەرلەرنىڭ كاللىسىدا ھىسياتقا بولغان تونۇش ئىقتىدارى ئاياللاردىن جىق تۆۋەن.
    21. تۆتتىن ئۈچ قىسىم ئەرلەرنىڭ قارىشىچە،ناۋادا ئۇلارنىڭ تۈنجى لايىقى ئوچۇق يورۇق قىز بولسا،ئۇلار ئۇنى چوقۇم يەنە چاقىرىپ چىقىدىكەن.  
    22. ئاياللار قىلچىلىك زورۇقمايلا ئەەپ بىلەن ئەرلەرنى غىدىقلاپ قويالايدۇ،چۈنكى ئەرلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى شەھۋانىي چۈشىنىش دەرىجىسى سىزنىڭ ئويلىغىنىڭىزدىن كۆپ يۇقىرى،شۇڭا ئالدىراپ يىنىكلىك بىلەن بەزى گەپلەرنى قىلىپ سالسىڭىز،ئۇ دەرھاللا شەھۋانىي جەھەتتىن ئويلاپ قالىدۇ.
    23. بېيجىڭ،شاڭخەي،گۇاڭجۇ 3 شەھەردىكى ئەرلەرنى تەكشۈرگەندە،40% تىن ئارتۇق ئەرلەر ئۆزى بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان ئاياللارغا ئىش-پەش تارتىپ باققانلىقىغا ئىقرار بولغان.
    24. مۇتەخىەسسىسلەرنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا،ئەرلەر سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئۆزىنىڭ زامانىۋى مودا بىلىملىرى توغرلىق گەپ ساتسا ،ياكى ئۆزىنىڭ خاراكتىرىنى ئاشكارىلاش(مەسىلەن مەن ئۇنداق كىشىنى ياخشى كۆرمەيمەنەي،بۇنداق قىلىقنى ياخشى كۆرمەيمەنەي دىگەندەك گەپلەر) توغرىلىق گەپ ساتسا،دىققەت قىلىڭكى،بۇ ئۇنىڭ سىزگە ئۆزىنىڭ جىنسىي ئىقتىدارىنى كۆز-كۆز قىلغىنىدۇر.
    25. ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە،ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان ئەڭ خاتا قارىشى مۇنداق----- ئەرلەرنى مەيدىسى يوغان كاللىسى يوق خوتۇنلارغا ئامىراق دەپ قاراش،تاشقى قىياپىتىگىلا قاراپ خاراكتىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ دەپ قاراش.
    26. تۈنجى كۆرۈشۈشتە ئەرلەرنىڭ ئەڭ قىلىشنى خالىمايدىغان پارىڭى---- تۈنجى قىز دوستى؛ ئىقتىسادى ئەھۋالى؛ توي ۋاقتى  
    27. بەدەن ئەزالىرىغا نىسبەتەن،ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچ ئاتا قىلالايدىغان ئۈچ خىل قىسىم مۇنداق:
    قوساق مۇسكۇلى  
    مەيدە مۇسكۇلى
    بەدەندىكى تۈكلەر  
    28. بويتاقلار ئىچىدە ھەقىقىي مۇھەببەتنى خالايدىغانلار 2 نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ،كۆڭۈل خوشى قىلىدىغانلار بىر نىسبەتنى ئىگەللەيدۇ.  
    29. تۈنجى كۆرۈشۈشتىلا بىللە بولۇشنى خالايدىغان ئەرلەر 30% كە يەتمەيدۇ،ئەمما 65% ئەر كىشى تاتلىققىنە سۆيگۈگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.  
    30. ئەرلەر قانداق ۋاقىتتا سىز بىلەن مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ تۇراقلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ؟ 21% ئەرلەر تۈنجى كۆرۈشكەندىن تارتىپلا شۇنداق ئارزۇ قىلىدۇ،35% ئەرلەر بىرەر ئاي كۈزەتكەندىن كىيىن شۇنداق خۇلاسىگە كىلىدۇ،18% ئەرلەر نەچچە ئاي ساقلىغاندىن كىيىن ئاندىن شۇنداق ئويلايدۇ،پەقەت 10% ئەرلەرلا سىز بىلەن بىللە بولغاندىن كىيىن،ئاندىن سىزگە مەسئول بولۇشنى ئويلايدۇ.  
    31. كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللارغا سۇغۇق يۇمۇر ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ئۇنىڭ قەلبىنى كۈزىتىدۇ،ناۋادا سىز ئۇنىڭ يۇمۇرىغا قىزىقسىڭىز ھەم تېخىمۇ غەلىتە يۇمۇر بىلەن جاۋاب قايتۇرسىڭىز،ئۇ ھالدا قارشى تەرەپ چوقۇم سىزنى مەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولدى دەپ ئويلايدۇ.
    32. دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ئەرلەرنىڭ خامۇشلىشىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش نىسبىتى ئاياللاردىن كۆپ يۇقىرى،بۇنى ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى بەلگىلىگەن،ھالبۇكى كۆپىنچە ئەرلەر دەردى ۋە ئەنسىزلىكىنى تېشىغا چىقارماي،ئۇنى قەلبىگە باسۇرۇپ،ئاستا-ئاستا ھەزىم قىلىدۇ.  
    33. ئون يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا،توي ئۈزۈكىگە مەبلەغنى جىق سېلىشنى خالايدىغان ئەرلەر 45% كۆپەيگەن.
    34. ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،2-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋە بەزى بايراملارنىڭ ھارپىسى ئايرىلىش پەسلى بولۇپ قالىدىكەن،ناۋادا بىر ئەر سىزدىن ئايرىلماقچى بولسا،بۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئىپادىسى ئۇ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتىنى دوستلىرىغا سەرپ قىلىدۇ،ھەمدە دائىم باشقا ئاياللارنىڭ قانداق«پىچەت پەيزە»لىكىنى تىلغا ئالىدۇ.  
    35. داڭلىق ئەرلەر ژورنىلى«Men’sFitness» يېقىنقى مەخسۇس سەھىپىسىدە ئەرلەرگە ئەقىل ئۈگىتىپ،قانداق قىلىپ بىر ئايالنى قولغا كەلتۈرۈپ مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىلىرىدىن بىرى--- شۇ ئايالغا كىشىنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان لەقەم قويۇپ قۇيۇشنى ئۈگەتكەن،چۈنكى كۆپىنچە ئاياللار بۇ ھېلىگە دۈم چۈشىدىكەن.  
    36. بويتاق ئەرلەرنىڭ ھەر كۈنى شەخسى تېلىفون ۋە پوچتا يوللانمىسىغا ئاجراتقان ۋاقتى 10 مىنۇتتىن ئاشمايدۇ.
    37. 95% ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قوغلىشىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ.
    38. بىر ئەر سىزگە كۆيۈپ قالغاندا،ئۇنىڭ كاللىسىدا ئىككى سۇئال توختىماي چۆگىلەيدۇ.يەنى:
    «ئۇنىڭغا مەن قانداق بىلىنىدىغاندىمەن؟»  
    «ئىككىمىز چىقىشالارمىزمۇ؟»  
    39. ھەرگىزمۇ ئويلاپ يىتەلمەيسىزكى،سىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چوقۇنۇش ۋە ھۆرمىتىڭىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئالەمشۇمۇل مۇھىم بىر ئىش.
    40. ئەرلەر «لەقەم»ئويۇنى ئويناشنى ياقتۇرىدۇ،يەنى ئۇنى ئۆيدە «تەخەيچاق»دىگەندەك ئىسىملار بىلەن چاقىرسىڭىز ئۇ بەك ياقتۇرىدۇ،ئەمما ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇنى بۇنداق چاقىرىپ سالسىڭىز،ئۇ بەك ئوساللىشىدۇ.  
    41. ئەرلەر سىزنىڭ ئۇنىڭ تۈنجى مۇھەببەتلەشكەن قىزىغا تىل تەككۈزىشىڭىزنى بەكمۇ ئۆچ كۆرىدۇ.  
    42. سەۋەپسىز گۇمان قىلىشىڭىزنى،ئەرلەر چىش تىرنىقىغىچە ئۆچ كۆرىدۇ.  
    43. ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئۇنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىشىنى بەكمۇ ئۆچ كۆرىدۇ.
    44. ئەرلەرنىڭ مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكمىكىگە خېلى ئۇزن جەريان كىتىدۇ،ئەمما چۆككەن ھامان ئاياللاردىن بەكرەك مۇھەببەتلىشىدۇ.
    45. ئەرلەر ئىگىز پاشنىلىق ئاياللارنى ياقتۇرىدۇ.(ئەلۋەتتە قاملاشتۇرۇپ كىيەلىگىنىنى،دىنوزاۋىرلار كەيسا قاملاشمايدۇ)  
    46. ئەرلەر توي قىلىشنى خالىمايمەن دىگەندە،ئىشىنىڭكى ئۇ ھەقىقەتەن كۆڭلىدىكى گەپنى قىلغان بولىدۇ.
    47. ئەرلەر سىزنىڭ ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ ئالدىدىكى ئىپادىڭىزگە بەك ئىتىبار بېرىدۇ.  
    48. ئەرلەر ھەر قانداق ۋاقىتتا ئوخشاشلا قەيسەر بولىۋەرمەيدۇ،بەزىدە سىزگە ئوخشاش مىھرى-مۇھەببەتكە تەشنا بولىدۇ.
    49. 10-نۇمۇرلۇق ئاياق كىيىدىغان گروي بولسىڭىزمۇ،جەلىپدار روباشكا كەيسىڭىز،ئەرلەر ئوخشاشلا سىزنى ياقتۇرىدۇ.  
    50. ئەرلەرنىڭ ماختىشى سەمىمىي بولىدۇ،يەنى «بۇ كۆينىكىڭىز بەك يارىشىپتۇ»دىگىنى ھەرگىزمۇ «بۇرۇنقى كۆينەكلىرىڭىزنى ياقتۇرمايتتىم»دىگەنلىك ئەمەس.  
    51. ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى سورىسىڭىز،كۆپىنچە ئەرلەر سىزگە ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېيتىپ بېرىدۇ،پەقەت ئۇلار تولۇقىنى ئېيتمايدۇ خالاس.
    52. ئەرلەر «ئەمدى مەن بۇ ئىشنى سۆزلىشىشنى خالىمايمەن»دىگىنى راست گەپ.  
    53. ئەرلەر قىز دوستىنىڭ ئەرنىڭ ئاپىسىدىن قىزغىنىپ قىيدىشىشىنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدۇ.  
    54. باشقا ئاياللارغا قارىمايدىغان ئەر بولمايدۇ،بەزىلىرى ئوغرىلىقچە قارايدۇ،بەزىسى قاپيۈرەكلىك بىلەن قارايدۇ،ئەمما ئىشىنىڭكى ،ئۇلار قارىماي قالمايدۇ.
    55. سىزگە تامامەن سادىق بولسىمۇ،ئەمما ئەرلەر يەنىلا نىسبەتەن مۇستەقىل بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ مۇھەببەتلىشىمەن دىگىنى ھەرگىزمۇ «سەن بىلەن قوشماق تەنلىك بولىمەن» دىگىنى ئەمەس.  
    56. ئەرلەر نېرۋا مىجەز ئاياللاردىن ئەڭ قورقىدۇ،شۇڭا سىز ھىچ بولمىغاندا دەسلەپكى 3 قېتىملىق ئۇچرىشىشتا ئۆزىڭىزنى نورمال،ئاكتىپ كۆرسىتىشىڭىز كېرەك.  
    57. ناۋادا سىز بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئەر سىزگە ئۆزىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالسىڭىز بولىدىغانلىقى توغرىسىدا گەپ ساتسا،ئۇنىڭ گېپى چوقۇم يالغان.  
    58. ئەرلەر ئاياللار بىلەن ئايرىلىش ئۈچۈن قانداق قىلىدۇ؟
    63% ئەرلەر ئۇنىڭ بىلەن ئەمدى ئالاقىلاشماي ،شۇ پېتى يوقىلىدۇ.  
    14% ئەرلەر داۋاملىق ئارىلىشىپ،ئايالنى ئۆزىدىن زېرىكتۇرۇپ يوقىتىدۇ. 10% مەقسىدىنى ئېنىقلا ئېيتىدۇ.
    8% سوغاق مۇئامىلە قىلىدۇ.  
    5% قاتتىق بىر چاڭ سوقۇشۇپ،داغدۇغا بىلەن ئايرىلىدۇ.  
    59. ئەرلەرنىڭ بىر ئايالنى ياقتۇرۇپ قېلىشى بەكلا ئاسان ئىش،ئەمما ئۇنىڭ بىر ئايالنى يۈرىكىدىن ياقتۇرۇشى ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەس!
    60. ھىسيات ئالىمىدە ئەرلەر مەڭگۈ بىر ھاماقەت پادىشاھ،پەقەت ئاياللار ئۇنىڭغا ئىگىلىپ تازىم قىلسىلا،ئۇ ھەممىگە ماقۇل بولىۋېرىدۇ.
    61. ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇلايىم ئاياللارنى ياقتۇرىدۇ،ئۇلار زېھنىنى كەسىپ ۋە باشقا جايغا قارىتىشقا رازىكى،ھەرگىزمۇ ئاياللارنى ئەل قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلىشنى خالىمايدۇ.
    62. ئەرلەر ئۆزىگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلغان ئاياللارغا ئېتىبار بەرمەي قالىدۇ.  
    63. ئەرلەر ئاياللارنىڭ چاپلىشىۋىلىشىدىن بەك قورقىدۇ،ئەمما ئۇلار بۇ خىل ئۇسۇل بىلەن ئاياللارنى قوغلىشىشقا ئامىراق!  
    64. ئەرلەرنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ بىرى----دوستلۇق باشقۇچىدىن ئھالقىپ ئۆتەلەيدىغان يات جىنىسلىق سىرداشقا ئېرىشىشتۇر.
    65. ئەرلەر مۇھەببەتكە نىسبەتەن ناھايىتى ئاقىل بىلەن ئىش كۆرىدۇ،گەرچە ئۇ روھىي جەھەتتىن بىر ئايالنى ئىنتايىن ياقتۇرسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ بىر ياخشى خوتۇن بولالمايدىغىنىنى بىلگەن ھامان بولدى قىلىپ،يەنە داۋاملىق ھالدا ئۆزىگە خوتۇن بولالايدىغان ئايالنى ئىزدەيدۇ.ئەرلەرنىڭ نەزەرىدە مۇھەببەت بىلەن نىكاھ دىگەن ئىككى خىل ئۇقۇم،كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ توينى كىچىكتۇرۈشىنىڭ تۈپكى سەۋەبى،ئۇنىڭ يېنىدىكى ئايالنى خوتۇن بولۇشقا مۇناسىپ ئەمەس دەپ قارىغانلىقىدا....
    66. ئەرلەرنىڭ ئايالىغا قويغان تەلىپى مۇھەببىتىدىن تۆۋەنرەك بولىدۇ،----ئەمما تاشقى كۆرۈنۈشتە ۋە خاراكتىر جەھەتتە خوتۇنىغا كۆپ ئۈستۈن تەلەپ قويىدۇ.  
    67. ئەقىللىق ئاياللاردىن ھوزۇر ئالالايدىغان ئەرلەر كۆپ ئەمەس،بۇنداق ئاياللار بىلەن بىللە تۇرغاندا ئەرلەر دائىم بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىلدەك ھىس قىلىدۇ.
    68. ئكزى ياخشى كۆرگەن ئايال كىش بار جايدا،ئەرلەر داۋاملىق مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: تولاراق كوتۇلدايدۇ؛ئادەتتىكىدىن ئەقىللىقراق تۇرىدۇ؛ئادەتتىكىدىن مەرتلىشىدۇ؛گەپنىڭ تېمىسىنى ئۆزىنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە يۆتكەيدۇ؛ئادەتتىن تاشقىرى يۇمشاق كۆڭۈللىكىنى ئىپادىلەيدۇ؛ئۆزى قىزىق دەپ قارىغان يۇمۇرلارنى كۆپرەك سۆزلەپ كۆپچىلىكنى كۈلدۈرمەكچى بولىدۇ.
    69. ئەر كىشى ئەركەك بىلەن يارىماس ئەرنىڭ بىر گەۋدىسىدۇر.ئەركەكلەشكەندە ئايال كىشىنىڭ ئۆزىگە ئىگىلىشىنى تەلەپ قىلىپ،ئۆزىنى خاتىرىجەم قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدۇ؛يارىماس بولىۋالغاندا بولسا، ئۆزىنىڭ كەمچىلىكىنى بىلىپ،توختىماي ئىككىلىنىدۇ.ئېنىقراق قىلىپ ئېيتاندا كۆپىنچە ئەرلەر ھەسەتخور كۆرەلمەس كىلىدۇ،ئەمما كىچىك بالىغا ئوخشاش ئەركىلىتىپ قويسىلا ئاسانلا بېسىقىدۇ.  
    70. ئەرلەر ئاياللارنى قوغلاشقاندا ئۆزىنىڭ بارلىق ئەركىنلىكىنى دەسمايە قىلىشقا رازى بولىدۇ،ئەمما مەقسەتكە يەتكەن ھامان ئەركىنلىكنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىشكە باشلايدۇ.  
    71. ئەرلەرنىڭ قەلبى ئوۋچىنىڭ قەلبىدۇر،يەنى ئولجىنى قوغلاش،ئۇنى تۇتىۋالغاندىن كىيىن كۆندۈرۈش،ئۇنى ئۆيدە باققىلى بولىدىغان يۇۋاش مەخلۇققا ئايلاندۇرۇشتۇر.  
    72. ئەرلەرنىڭ ھەممىسىدە قەھرىمان بولۇشنى خالايدىغان خاراكتىر بولىدۇ،شۇڭا دائىم ئۆزىگە يېلىنىپ دەردىنى تۆككەن ئايال كىشىنى ئاسانلا ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ.  
    73. ئەرلەر يېنىدىكى ئايالنىڭ شۇنى چۈشۈنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇكى: بىر ئايال بىلەن ھەممە جايغا بىللە بېرىش بەكمۇ زېرىكىشلىك بىر ئىش،شۇڭا باشقا ئاياللار بىلەن مۇۋاپىق ئارىلىشىش ئۆزىنى تەڭشەش ۋە ئارام ئالدۇرۇشنىڭ بىر خىل شەكلى،بۇنىڭدا پۈتۈنلەي باشقا مەقسەت بولمايدۇ.  
    74. ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە،ئاياللار ئەرنىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلالايدىغىنىنى ئېيتىشىگە مۇھتاج بولىدۇ.ئەرلەر بولسا ئايالنىڭ ئۇنىڭغا ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىغا مۇھتاج بولىدۇ.
    75. ئەرلەرنىڭ ئىشىقۋاشلىقى دائىم ئاياللارنىڭ نەزەرىدە ئەرلەرنىڭ يۈزسىزلىكى دەپ تەرپلىنىدۇ.
    76. ئاياللانىڭ قەلبىدە ئاياللار بىلەن قايسى دەرىجىدىكى يېقىنچىلىق دەرىجىسى دەل ئۇلارنىڭ مۇھەببىتنىڭ تەرەققىيات دەرىجىسىدۇر.