-
2009-03-07
ۋەتەن - [تەرمىلەر]
دۇنيادىكى 27 ئەڭ...
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات «باشمالتاق قىز» بىر ئويۇنچۇق كۆرگەزمىسىگە ئىشتىراك قىلدى. «باشمالتاق قىز» بىر 7 ياشلىق بايتال بولۇپ، 2006-يىلى جىننېس دۇنيا رېكورتى تەرىپىدىن «دۇنيادا ھازىر بار بولغان ئەڭ كىچىك ئات» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كىچىك ئىت: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىت Gibson، ئېغىرلىقى 170 قاداق، مۈرە ئىگىزلىكى 42.6 ديۇيم (ئىنگلىز سۇڭى)، ئەگەر ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرسا ئىگىزلىكى 7 فۇت (2.1 مېتىر) كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ كىچك ئىت BooBoo، ئېغىرلىقى ئاران 1.5 قاداق، ئىگىزلىكى 4 ديۇيم (ئىنگلىز سۇڭى)لا كېلىدۇ، تۇغۇلغاندا ئۇ پەقەت 1 ئۇنسىيە (31.1 گىرام) ئېغىرلىقتا ئىكەن. بۇ ئىككىسىنىڭ 2007-يىلى جىننېس دۇنيا رېكورتى كۈنىدىكى سۈرىتى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەت تېپىشمىقى: دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ خەت تېپىشمىقى ئويۇنى ئۇكرائىنادىكى ئىگىزلىكى 100 فۇت (30 مېتىر) كېلىدىغان بىر ئولتۇراق ئۆي بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىغا جايلاشقان، ناھايىتى يىراق يەردە تۇرۇپلا كۆرگىلى بولىدۇ، كەچلىكى چىراغ نۇرى ئۈستىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، ئۇ بىر ئويۇن ھەم بىر بەدىئى ئەسەر.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىرىمچىك تورت: 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ئاشپەزلەر ئىرىمچىك تورتنى كەسمەكتە. 55 ئاشپەز ۋە بەش ئاشپەزلىك مەكتىپىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە تەييارلىغان بۇ تورتنىڭ دىئامېتىرى 2.5 مېتىر، ئىگىزلىكى 55 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئىككى توننا بولۇپ، يېڭى جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى. شۇ كۈنى 20 مىڭغا يېقىن كىشى بۇ تورتتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى: مانا بۇ--- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 203 توننا، ئۇزۇنلۇقى 47 فۇت 6 ديۇيم (14.5 مېتىر)، ئىگىزلىكى 24 فۇت 3 ديۇيم (7.4 مېتىر)، ئاساسلىقى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، چىلى قاتارلىق جايلاردىكى بەزى چوڭ كانلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك گېزىت: FirstNews لوندوندىكى بىر مەخسۇس بالىلارغا تارقىتىلىدىغان گېزىت بولۇپ، يېقىندا دۇنيا جىننېس رېكورتى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك گېزىت» دەپ ئېتىراپ قىلىندى. گېزىتنىڭ ئۆلچىمى: 32X22 مىللىمېتىر؛ بەت سانى: 24؛ مەزمۇنى: ئېقىم مەسىلىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مەزمۇنلار؛ باھاسى: 4.50 فوندستېرلىڭ.
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئاپتوموبىل: يېقىندا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى « Ripley’s Believe It Or Not » مۇزېيىدا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پىكاپ--- Peel 50 كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ ئۈچ چاقلىق مىكرو پىكاپنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.34 مېتىر، كەڭلىكى 0.99 مېتىر، ئېغىرلىقى 59 كىلوگرام بولۇپ، پەقەت بىر ئىشىكى ۋە ۋە بىر چىرىغى بار، كىچىكلىكىدىن پەقەت بىر ئادەملا ئولتۇرالايدۇ. Peel 50 نىڭ 49cc لىق تاق سىلىندرلىق بىر ماتورى بولۇپ، بىر گاللون ماي بىلەن 100 مىل يول يۈرەلەيدۇ. Peel 50 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا Manx Peel شىركىتى بازارغا سالغان كونا پىكاپ بولۇپ، ھازىرمۇ سېتىلىۋاتىدۇ، باھاسى 35000-50000 فوندستېرلىڭ. ئۇنى مېڭىش قورالى ئورنىدا ھەيدىسڭىزمۇ بولىدۇ، كىچىكلىكى كىچىك، لېكىن توختىتىشقا ناھايىتى ئاسان، ھەتتا ئۇنى قولىڭىزدا سۆرەپ ماڭسىڭىزمۇ بولىدۇ، ھازىرقى چوڭراق يۈك-تاق چامادانىنىڭ ھەجمىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاسما سېۋەت: 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاسما سېۋەت ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 250 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئەڭ چوڭ ئاسما سېۋەت ناھايىتى كۆپ سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ زور، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان، ھەيۋەتلىك ئاسما سېۋەت چىغرىق ئارقىلىق 8 سائەتتە ئاران مۇقىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئۇ 100 دىن ئارتۇق خىلمۇ-خىل ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پاددىنگتوندىكى ئېسىل مېھمانساراي INDIGOنىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ۋىۋىسكىسىغا ئايلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، زور ئاسما سېۋەتنىڭ ئىلھامى بابىلوندىكى ئاسمان باغچىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ چوڭ ئاسما گۈل سېۋىتىنىڭ لوندوندىكى بىر مۆجىزە بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
دۇنيادىكى ئەڭ پاكار گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى: بوي ئىگىزلىكى 84 سانتىمېتىرلا كېلىدىغان ھىندىستانلىق ئەيدىيا دۇنيادىكى جۇغى ئەڭ كىچىك گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى. ئەيدىيا ھىندىستاننىڭ فاگۇئارا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر 19 ياش، بەدەن ئېغىرلىقى 9 كىلوگرام ئەتراپىدا. جۇغى كىچىك بولغانلىقتىن يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «رومىئو» دەپ ئاتايدۇ، لېكىن ئەيدىيا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، 1.5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى گانتېلنى كۈچىمەيلا كۆتۈرەلەيدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالبوم: بۇ--- ياپونىيىلىك فوتوگراف خىتومى توياما لايىھىلىگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالبوم بولۇپ، نامى «ۋيېتنامدىكى ئاياللار (Women Of Vietnam)»، جىننېس دۇنيا رېكورتىغا تاللانغان. بۇ ئالبومنىڭ ئۆلچىمى 3X4 مېتىر، ئېغىرلىقى بىر توننىغا يېتىدۇ، ئىچىدە ۋيېتناملىق ئاياللارنىڭ توياما تارتقان 53 پارچە سۈرىتى بار. بۇ چوڭ ئالبومنى ئېچىپ كۆرۈشكە ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم كېتىدۇ.
دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك: ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويىس شىتاتىدا ئىگىزلىكى پەقەت 8.25 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئاران 907 گرام كېلىدىغان بىر ئاسلان بولۇپ، جىننېس دۇنيا رېكورتى ئۇ تولۇق چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئاسلاننىڭ ئىسمى «ھىد» بولۇپ، تۇغۇلۇپ 8 ھەپتە بولغاندا چوڭلۇقى بىر كولا قۇتىسىچىلىكلا كەلگەن، ھازىر «ھىد»نىڭ تۇغۇلغىنىغا 14 ھەپتە بولغان بولۇپ، كولا قۇتىسىدىن سەللا چوڭ چىقىدۇ. «ھىد»نىڭ ئىگىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل نەسىلدىكى مۈشۈكلەرنىڭ بويى ئەزەلدىن كىچىك ئىكەن، ئەمما «ھىد»نىڭ 10 سانتىمېتىرمۇ كەلمىگۈدەك بۇنداق كىچىك بولۇشىنى گېننىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. «ھىد»نىڭ ئىگىسى جىننېس دۇنيا رېكورتىغا باھالاشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، «ھىد»نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك بولۇپ قىلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئات قۇيرۇقى: 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتى، ئەڭ ئۇزۇن ئات قۇيرۇقى بويىچە جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى: «سۇممېر» ئىسىملىك ئات. «سۇممېر»نىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.81 مېتىر كېلىدۇ.يەر شارى بويىچە ئەڭ پەس مۇسابىقە ئاپتوموبىلى: ئەنگلىيىلىك Perry Watkins نىڭ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى Flatmobile دۇنيادىكى ئەڭ پەس مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى ئاران 19 ديۇيم (48 سانتىمېتىر) كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنلۇق يول يۈرەلەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ پەس ئاپتوموبىل بولۇش سۈپىتى بىلەن Flatmobile جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنداق پەس ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ۋە تەگلىكىنى چىقىرىۋەتكەندە، شوپۇر ۋە يولۇچى ئولتۇرىدىغانغا قانچىلىك بوشلۇق قالىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن بىلگىلى بولمايدۇ.تېما تەستىقلىغۇچى : قاينام
<< بۇ كودنى بلوگىڭىزنىڭ headبۆلىكىگە قويۇپ كۆرۈپ بېقىڭ،،ئاجايىپ ئۈنۈمگە ېرىشەلەيسىز | باش بەت | دۇنيادىكى 27 ئەڭ... >>