• 2009-03-07

    دۇنيادىكى 27 ئەڭ... - [ئاجايىباتلار دۇنياسى]

    دۇنيادىكى 27 ئەڭ...
     
    p!og~F  
      دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات: 2-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئات «باشمالتاق قىز» بىر ئويۇنچۇق كۆرگەزمىسىگە ئىشتىراك قىلدى. «باشمالتاق قىز» بىر 7 ياشلىق بايتال بولۇپ، 2006-يىلى جىننېس دۇنيا رېكورتى تەرىپىدىن «دۇنيادا ھازىر بار بولغان ئەڭ كىچىك ئات» دەپ ئېتىراپ قىلىنغان.
    , ]@aA.  
    vXr4L>J(  
    [$08zq+ n  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كىچىك ئىت: دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىت Gibson، ئېغىرلىقى 170 قاداق، مۈرە ئىگىزلىكى 42.6 ديۇيم (ئىنگلىز سۇڭى)، ئەگەر ئارقا پۇتى بىلەن ئۆرە تۇرسا ئىگىزلىكى 7 فۇت (2.1 مېتىر) كېلىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ كىچك ئىت BooBoo، ئېغىرلىقى ئاران 1.5 قاداق، ئىگىزلىكى 4 ديۇيم (ئىنگلىز سۇڭى)لا كېلىدۇ، تۇغۇلغاندا ئۇ پەقەت 1 ئۇنسىيە (31.1 گىرام) ئېغىرلىقتا ئىكەن. بۇ ئىككىسىنىڭ 2007-يىلى جىننېس دۇنيا رېكورتى كۈنىدىكى سۈرىتى.
    (C8ZTxR  
    5Mx`  
    *DIy{`CWT  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ خەت تېپىشمىقى: دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ خەت تېپىشمىقى ئويۇنى ئۇكرائىنادىكى ئىگىزلىكى 100 فۇت (30 مېتىر) كېلىدىغان بىر ئولتۇراق ئۆي بىناسىنىڭ سىرتقى تېمىغا جايلاشقان، ناھايىتى يىراق يەردە تۇرۇپلا كۆرگىلى بولىدۇ، كەچلىكى چىراغ نۇرى ئۈستىنى يورۇتۇپ تۇرىدۇ، ئۇ بىر ئويۇن ھەم بىر بەدىئى ئەسەر.
    '}ZSIqJ  
    * 1;:w@L{  
    .h|&y Yy  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىرىمچىك تورت: 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى مېكسىكىنىڭ پايتەختى مېكسىكا شەھىرىدە ئاشپەزلەر ئىرىمچىك تورتنى كەسمەكتە. 55 ئاشپەز ۋە بەش ئاشپەزلىك مەكتىپىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە تەييارلىغان بۇ تورتنىڭ دىئامېتىرى 2.5 مېتىر، ئىگىزلىكى 55 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئىككى توننا بولۇپ، يېڭى جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى. شۇ كۈنى 20 مىڭغا يېقىن كىشى بۇ تورتتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.
    $r.uJ  
    H!PPVk{  
    wCrsmZSIC2  
      يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى: مانا بۇ--- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 203 توننا، ئۇزۇنلۇقى 47 فۇت 6 ديۇيم (14.5 مېتىر)، ئىگىزلىكى 24 فۇت 3 ديۇيم (7.4 مېتىر)، ئاساسلىقى ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، چىلى قاتارلىق جايلاردىكى بەزى چوڭ كانلاردا ئىشلىتىلىدۇ.
    2?JW$rXr  
    gI(aLd  
    Ho 
      دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك گېزىت: FirstNews لوندوندىكى بىر مەخسۇس بالىلارغا تارقىتىلىدىغان گېزىت بولۇپ، يېقىندا دۇنيا جىننېس رېكورتى تەرىپىدىن «دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك گېزىت» دەپ ئېتىراپ قىلىندى. گېزىتنىڭ ئۆلچىمى: 32X22 مىللىمېتىر؛ بەت سانى: 24؛ مەزمۇنى: ئېقىم مەسىلىلىرى، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق مەزمۇنلار؛ باھاسى: 4.50 فوندستېرلىڭ.
    4_o&0jC  
    u v:6w5kV  
    Kz_G6Eo]  
      دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئاپتوموبىل: يېقىندا ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى « Ripley’s Believe It Or Not » مۇزېيىدا دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پىكاپ--- Peel 50 كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ ئۈچ چاقلىق مىكرو پىكاپنىڭ ئۇزۇنلىقى 1.34 مېتىر، كەڭلىكى 0.99 مېتىر، ئېغىرلىقى 59 كىلوگرام بولۇپ، پەقەت بىر ئىشىكى ۋە ۋە بىر چىرىغى بار، كىچىكلىكىدىن پەقەت بىر ئادەملا ئولتۇرالايدۇ.  Peel 50 نىڭ 49cc  لىق تاق سىلىندرلىق بىر ماتورى بولۇپ، بىر گاللون ماي بىلەن 100 مىل يول يۈرەلەيدۇ.  Peel 50 ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا Manx Peel شىركىتى بازارغا سالغان كونا پىكاپ بولۇپ، ھازىرمۇ سېتىلىۋاتىدۇ، باھاسى 35000-50000 فوندستېرلىڭ. ئۇنى مېڭىش قورالى ئورنىدا ھەيدىسڭىزمۇ بولىدۇ، كىچىكلىكى كىچىك، لېكىن توختىتىشقا ناھايىتى ئاسان، ھەتتا ئۇنى قولىڭىزدا سۆرەپ ماڭسىڭىزمۇ  بولىدۇ، ھازىرقى چوڭراق يۈك-تاق چامادانىنىڭ ھەجمىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدۇ.
    #/S^4B~e8  
    R E W#_b  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاسما سېۋەت: 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاسما سېۋەت ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 250 كىلوگرامدىن ئاشىدۇ. ئەڭ چوڭ ئاسما سېۋەت ناھايىتى كۆپ سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ زور، كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان، ھەيۋەتلىك ئاسما سېۋەت چىغرىق ئارقىلىق 8 سائەتتە ئاران مۇقىم ئورۇنغا قويۇلدى. ئۇ 100 دىن ئارتۇق خىلمۇ-خىل ئۆسۈملۈك ۋە گۈل-گىياھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پاددىنگتوندىكى ئېسىل مېھمانساراي INDIGOنىڭ كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ۋىۋىسكىسىغا ئايلاندى. مەلۇم بولۇشىچە، زور ئاسما سېۋەتنىڭ ئىلھامى بابىلوندىكى ئاسمان باغچىسىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار بۇ چوڭ ئاسما گۈل سېۋىتىنىڭ لوندوندىكى بىر مۆجىزە بولۇپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
    E,tPZjt  
    TR g&_2?  
      دۇنيادىكى ئەڭ پاكار گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى: بوي ئىگىزلىكى 84 سانتىمېتىرلا كېلىدىغان ھىندىستانلىق ئەيدىيا دۇنيادىكى جۇغى ئەڭ كىچىك گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى. ئەيدىيا ھىندىستاننىڭ فاگۇئارا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ھازىر 19 ياش، بەدەن ئېغىرلىقى 9 كىلوگرام ئەتراپىدا. جۇغى كىچىك بولغانلىقتىن يەرلىك كىشىلەر ئۇنى «رومىئو» دەپ ئاتايدۇ، لېكىن ئەيدىيا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، 1.5 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى گانتېلنى كۈچىمەيلا كۆتۈرەلەيدۇ.
    2E:3dyB  
    `e;Gxu  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالبوم: بۇ--- ياپونىيىلىك فوتوگراف خىتومى توياما لايىھىلىگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالبوم بولۇپ، نامى «ۋيېتنامدىكى ئاياللار (Women Of Vietnam)»، جىننېس دۇنيا رېكورتىغا تاللانغان. بۇ ئالبومنىڭ ئۆلچىمى 3X4 مېتىر، ئېغىرلىقى بىر توننىغا يېتىدۇ، ئىچىدە ۋيېتناملىق ئاياللارنىڭ توياما تارتقان  53 پارچە سۈرىتى بار. بۇ چوڭ ئالبومنى ئېچىپ كۆرۈشكە ئاز دېگەندە ئىككى ئادەم كېتىدۇ.
    6 9ur (+?c  
    ;3 oY weNl  
      دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك: ئامېرىكىنىڭ ئىللىنويىس شىتاتىدا ئىگىزلىكى پەقەت 8.25 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى ئاران 907 گرام كېلىدىغان بىر ئاسلان بولۇپ، جىننېس دۇنيا رېكورتى ئۇ تولۇق چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك بولالايدىغان-بولالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئاسلاننىڭ ئىسمى «ھىد» بولۇپ، تۇغۇلۇپ 8 ھەپتە بولغاندا چوڭلۇقى بىر كولا قۇتىسىچىلىكلا كەلگەن، ھازىر «ھىد»نىڭ تۇغۇلغىنىغا 14 ھەپتە بولغان بولۇپ، كولا قۇتىسىدىن سەللا چوڭ چىقىدۇ. «ھىد»نىڭ ئىگىسىنىڭ دېيىشىچە، بۇ خىل نەسىلدىكى مۈشۈكلەرنىڭ بويى ئەزەلدىن كىچىك ئىكەن، ئەمما «ھىد»نىڭ 10 سانتىمېتىرمۇ كەلمىگۈدەك بۇنداق كىچىك بولۇشىنى گېننىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن. «ھىد»نىڭ ئىگىسى جىننېس دۇنيا رېكورتىغا باھالاشنى ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، «ھىد»نىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مۈشۈك بولۇپ قىلىشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن.
    Le>a"QT9y  
      دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئات قۇيرۇقى: 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ كانزاس شىتاتى، ئەڭ ئۇزۇن ئات قۇيرۇقى بويىچە جىننېس دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى: «سۇممېر» ئىسىملىك ئات. «سۇممېر»نىڭ قۇيرۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3.81 مېتىر كېلىدۇ.
    U54@b)&B  
      يەر شارى بويىچە ئەڭ پەس مۇسابىقە ئاپتوموبىلى: ئەنگلىيىلىك Perry Watkins نىڭ مۇسابىقە ئاپتوموبىلى Flatmobile دۇنيادىكى ئەڭ پەس مۇسابىقە ئاپتوموبىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىگىزلىكى ئاران 19 ديۇيم (48 سانتىمېتىر) كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قانۇنلۇق يول يۈرەلەيدىغان دۇنيادىكى ئەڭ پەس ئاپتوموبىل بولۇش سۈپىتى بىلەن Flatmobile جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇنداق پەس ئاپتوموبىل گەۋدىسىنىڭ يەر بىلەن بولغان ئارىلىقى ۋە تەگلىكىنى چىقىرىۋەتكەندە، شوپۇر ۋە يولۇچى ئولتۇرىدىغانغا قانچىلىك بوشلۇق قالىدىغانلىقىنى ھەقىقەتەن بىلگىلى بولمايدۇ.
    EK) 
    GH3L[B_.h  
      دۇنيادىكى ئەڭ ياش جىنس ئۆزگەرتكۈچى: ئەنگلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيىلىك بىر ئوغۇل بالا ئايالغا ئۆزگىرىش ئۈچۈن 12 يېشىدىن باشلاپ ھورمونلۇق داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. ھازىر 16 ياشقا كىرگەن بۇ بالا بارلىق ئوپېراتسىيىلەرنى تۈگەتكەن بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ ياش جىنس ئۆزگەرتكۈچى بولۇپ قالغان. بۇ ياش جىنس ئۆزگەرتكۈچىنىڭ ئەسلى ئىسمى تىم بولۇپ، ھازىر ئىسمىنى كىنغا ئۆزگەرتكەن، ھازىر ئۇ بىر داڭلىق ناخشىچى.
    *Q GG'{U  
    Ubfu"  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئات: بۇ ئەنگلىيىدىكى «دۇك» ئىسىملىك شار ئېتى، ئۇ چەبدەس يۈگۈرەلمەيدۇ،بەلكى قەدەم ئېلىشى ئېغىر، تۇياق ئاۋازى گۈلدۇرمامىدەك چىقىدۇ، ئېغىرلىقى بىر توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ، كىچىك تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلىچىلىك كېلىدۇ. «دۇك»نىڭ ھەر ھەپتىلىك يەم-خەشەك خىراجىتى 110 فوندستېرلىڭغا يېتىدۇ. قىش پەسلىدە، باقمىچى ھەر ھەپتىدە ئىككى دۆۋە يەم-خەشەك ۋە بىر يېرىم باغ قۇرۇق ئوت-چۆپ ئەكىلىدۇ، ئۇ ئادەتتىكى ئاتلارنىڭ تۆت ھەسسىچىلىك يەم-خەشەك يەيدۇ.
    (G.5 H4k  
      دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ساقال: رېپېر كانادادا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيىگە قارام كولۇمبىيىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى ساۋار سىنگنىڭ ساقىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىگەندە ئۇنىڭ ساقىلىنىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ 1.895 مېتىرغا يەتكەنلىكىنى بايقىغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ساقال بولۇپ قالغان.
    3hG(Vs  
      دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز ئات: بۇ--- دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز ئات Radar، ئىگىزلىكى 6 فۇت 6 ديۇيم (1.9812 مېتىر) كېلىدۇ.
    bSl  
      ئەڭ ئىگىز ئادەم ۋە ئەڭ پاكار ئادەم: 2007-يىلى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتۇ شەھىرىدە جىننېس دۇنيا رېكورتىدىكى ھايات ئەڭ ئىگىز ئادەم--- 56 ياشلىق باۋ شىشۇن بىلەن ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن، بويى پەقەت 73 سانتىمېتىر كېلىدىغان خې پىڭپىڭ قول ئېلىشتى. خې پىڭپىڭ ھازىر جىننېس دۇنيا رېكورتى باش شتابىغا «دۇنيادىكى بىرىنچى پاكار ئادەم» نامىنى ئىلتىماس قىلدى.
    [ VG|g_Wc  
    *M\ ={8U  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالا مۈڭگۈزى: Lurch نىڭ مۇڭگۈزى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كالا مۈڭگۈزى، ئۇنىڭ بىر مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلىقىلا 92.25 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئېغىرلىقى 100 قاداققا يېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن Lurch جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلدى.
    >'[xhv'  
      دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا دۆلەت ھالقىغان كۆۋرۈك: zavikon تاقىم ئارىلى كانادا بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت چېگرا لىنىيىسى، كىچىك كۆۋرۈكنىڭ سول تەرىپى كاناداغا تەۋە، ئوڭ تەرىپى بولسا ئامېرىكا، شۇڭا بۇ كۆۋرۈك دۇنيادىكى ئەڭ قىسقا دۆلەت ھالقىغان كۆۋرۈك بولۇپ قالغان.
    #n@"2 sid  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ موتسىكلىت: بۇ--- دۇنيا جىننېس رېكورتىدىكى ئەڭ چوڭ موتسىكلىت، ئىگىزلىكى15 فۇت، ئېغىرلىقى 6500 قاداق (3 توننا) كېلىدۇ. ياسىغۇچى Greg Dunham ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاران پۈتتۈرگەن. جەمئىي 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خىراجەت كەتكەن. ئۇنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىر چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىچىلىك كېلىدۇ.
    :]Nb.' lv  
    e4K+!:DZ  
    _b.Y{I(E/  
      دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىنجىل: ئىسرائىلىيە ئالىملىرى نامو تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ 0.01 كۋادرات ديۇيم كېلىدىغان كرېمنىينىڭ يۈزىگە 300 مىڭ خەتلىك ئىنجىلنى ئويۇپ چىققان، ئۇلار بۇنىڭغا پەقەت بىر سائەتچە ۋاقىت سەرپ قىلغان. بۇنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ئىنجىل، دېيىشكە بولىدۇ.
    @:saDv5/^w  
    0o]}F>F  
      دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز فونتان: دۇنيادىكى ئەڭ ئىگىز فونتان سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە جايلاشقان، ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىققان سۇنىڭ ئىگىزلىكى 312 مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ ئىگىزلىك ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى (ئانتېننانى چىقىرىۋەتكەندە)نىڭكىدىنمۇ يۇقىرى.
    U`:A5bxiz  
    i*wRts  
    -B5F)B  
      دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چاچما ئوقلۇق ئوۋ مىلتىقى: بۇ--- دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چاچما ئوقلۇق ئوۋ مىلتىقى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 10 فۇت، مىلتىق سىلىندىرىنىڭ دىئامېتىرىلا 2 ديۇيم كېلىدۇ. ئۇنىڭ كۈچى بىر كىچىك زەمبىرەككە ئوخشاش بولۇپ، بىر ئېتىشتا سۇ يۈزىدىكى 50-100 گىچە ياۋا ئۆردەكنى ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ.
      @f!vj`E0  
        دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ھەم ئەڭ قىستاڭچىلىق پايتەخت--- مالې ئارىلى: مالدىۋې بىر كىچىك دۆلەت، مالې تېخمۇ كىچىك بىر شەھەر، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسمۇ چوڭ ئەمەس، زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى كوچىمۇ باشقا كوچىلارغا ئوخشاش دېگۈدەك تار.
      M~q/-)jd  
      J#CM6s]8]  
        دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى: جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى چىلىنىڭ مەنزىرىلىك ئارامگاھى San Alfonso del Mar دا يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ بىر سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بار، بۇ سۈنئىي كۆل سەككىز گېكتار كۆلەمدە بولۇپ، 250 مىڭ كۇب مېتىر سۇ سىغىدۇ. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىر، چوڭقۇرلۇقى 35 مېتىر، كەڭلىكى 100 مېتىردىن 150 مېتىرغىچە بولۇپ، ئۆلچەملىك 6000 سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنىڭ چوڭلۇقىغا باراۋەر كېلىدۇ. بۇ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە دېڭىز سۈيىنىڭ تاشقىنىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىلىپ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى دېڭىز سۈيى سۈپسۈزۈك ئېقىن سۇغا ئايلاندۇرۇلغان. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ كۆلچەك جىننېس دۇنيا رېكورتىغا كىرگۈزۈلدى.
      qD1 \SxQ  
      (`I%8  
        دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تور بېكىتى: دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك تور بېكىتىwww.guimp.comپەقەت ئېكراننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىرناقچىلىكمۇ كەلمەيدىغان چاسا كاتەكچىنى ئىگىلىگەن، ئەمما «قۇشقاچ كىچىك بولسىمۇ، بەش ئەزاسى تولۇق». ئېكراننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىرناقچىلىك كاتەكچە «باش بەت» بولۇپ، چېكىپ كىرگەندە بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كەتكەن مەزمۇنلار نامايەن بولىدۇ.






    评论

  • ناھايىتى ياخشى تىما بولوپتۇ،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.داۋاملىق مۇشۇنداق تىمىلارنى يوللاپ تۇرارسڭز.