• 2009-03-23

    2ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى 100مەشھۇر كىشى - [تەرمىلەر]

    51.ئۆمەر (586-644) ئۆمەر دەسلەپتە مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئەشەددىي رەقىبلىرىنىڭ بىرى ئىدى.كېيىن بىردىنلا ئىسلام دىنىغا كىرىپ ،پەيغەمبەرنىڭ ئەڭ ياراملىق ساھابىلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالغان. ئۆمەر ئىبنى خەتتاب ئىسلام دىنىنىڭ ئىككىنچى خەلپىسى .ئۇ مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ياردەمچىسى ،ساھابىسى ئىدى.مەككىدە تۇغۇلغان .632-يىلى مۇھەممەد پەيغەمبەر ئالەمدىن ئۆتكەندە ۋارىس بەلگىلەنمىگەن .ئۆمەر دەرھال ئەبۇ بەكرىنى ۋارىسلىققا كۆرسەتتى .ئەبۇ بەكرى پەيغەمبەرنىڭ ساھابىسى ھەم ئۇنىڭ قېيناتىسى ئىدى .ئەبۇ بەكرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغان داھىي ئىدى. بىراق ،ئۇ پەقەت ئىككى يىل ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتتى .ئەبۇ بەكرى ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا ئۆمەرنى ۋارىسلىققا بەلگىلىدى . ئۆمەر 634-يىلى خەلپە بولدى .644-يىلى پارىسلىق بىر قۇل تەرپىدىن قەسىت قىلىپ ئۆلتۈرۈلدى .ئۆمەر ئۆلۈش ئالدىدا مۇسۇلمانلارنىڭ خەلپە تاللىۋېلىشى ئۈچۈن ئالتە كىشىنى كۆرسىتىپ قويدى.كۆپچىلىك ئوسمان ئىبنى ئاففاننى ئۈچىنچى خەلىپىلىككە كۆرسەتتى .ئۇ 644-يىلدىن 656-يىلغىچە جەمئىي 12يىل تەخىتتە ئولتۇردى.

    52.ئاسوكو (مىلادىدىن بۇرۇن300-232) ئاسوكو كىشلەرنى ئىناق ئۆتۈشكە ،بارلىق دىنىي مەزھەپلەرنى ھۆرمەت قىلىشقا ،ئۇلارنىڭ ئېتىقادتا ئۆز ئەركىنلىكى بويىچەئىش كۆرۈشىگە يول قۇيۇشقا دەۋەت قىلاتتى .بۇلۇپمۇ كىشلەرنى ئەينى زاماندا كەڭ تارقالغان بۇددا دىنىغا ئېتقاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرغانىدى.ئاسوكو -ھىندىستان تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ پادىشا .ئۇ ماۋۇريا سۇلالىسىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد پادىشاھى بۇلۇپ ،مەزكۇر خاندانلىقنىڭ ئاساس سالغۇچىسى چاندراگۇپتانىڭ نەۋرىسى ئىدى. چاندراگۇپتا بىر ھەربى قۇماندان ئىدى، ئۇ ئىسكەندەر زۇلقەرنەين قوماندانلىق قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىنكى بىر قانچە يىل ئىچىدە ،شىمالىي ھىندىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىنى بېسىۋېلىپ ،ھىندىستاندا ماگاردخا ئىمپېريىسىنى قۇرغان.




    53.ئاۋگۇست (354-430)ئاۋگۇست ئۆزىنىڭ بۈيۈك ئەسىرى «تۆۋىنامە»دە :«بىز ئۆزىمىزنى قاچۇرغۇدەك ھېچقانداق نەرسە مەۋجۇت ئەمەس .مەسلەن ،جىنس ۋە جىنسىي مۇناسىۋەتلەرمۇ شۇنداق »دەپ يازىدۇ.ئاۋگۇست 354-يىلى تاگاستې شەھىرى( ھازىرقى ئالجىريىنىڭ سۇكئاخرېس)دە تۇغۇلغان .دادىسى كۆپ خۇدالىق دىننىڭ مۇرتى ئىدى.ئانىسى قىزغىن ۋە ئىخلاسمەن خرىستىئان ئىدى .شۇڭلاشقا ئاۋگۇست كىچىكىدە چوقۇندۇرۇلمىغانىدى. ئاۋگۇست ياشىغان دەۋىر رىم ئىمپېريىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن دەۋىر ئىدى .ئۇ ئۆز زامانىسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ تېئولوگلىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىرگىچە ھەتتا بۈگۈنكى كۈندىكى دىننىي تەلىمات ۋە دىننىي كەيپىياتقا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

    54.پلانك (1858-1947)1900-يىلى 12-ئايدا ،گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى يورۇقلۇق ئېنېرگىيىسى (يەنى يورۇقلۇق دولقۇن ئېنېرگىيىسى ) ئۆزلۈكسىز داۋاملاشقان سۇيۇر ھالىتىدە ئىلگىرلىمەستىن بەلكى «كۋانت»نىڭ تەۋرىنىشىدىن بارلىققا كېلىدۇ،دېگەندىن ئىبارەت ئىلىم -پەن دۇنياسىنى زىلزىلىگە سالغان مەردانە تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرغا قويدى .مانا بۇ مەشھۇر «كۋانت ئىلىمي پەرىزى»دۇر .ئۇ كلاسسىك فىزىكىنىڭ يورۇقلۇق ۋە ئېلېكتىر سوقۇلۇش توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەرگە قارشى تۇرۇپ ،فىزىكا ئىنقىلابىنىڭ تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باشلاپ بەردى .ماددا ۋە رادىئاتسىيىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشنىشتە چوڭقۇر ،ئوبرازلىق تەسۋىر بىلەن تەمىن ئەتتى .كۋانت مېخانىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى 20-ئەسىر فىزىكىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش .شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى ،ئۇ ئېينىشتېيىننىڭ نىسپىيلىك نەزەرىيىسىدىنمۇ مۇھىمدۇر.


    55.كالۋىن (1509-1564) كالۋىن فرانسىيىلىك تېئولوگ بولۇپ ،16-ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپا دىننىي ئىسلاھاتىدىكىئەڭ مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى .ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۈستىدە يۈرگۈزگەن پىكىرى 400يىلدىن بۇيان مىليۇنلىغان كىشلەرنىڭ ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق ئىنقىلابقا سەۋەپچى بولدى.كالۋىن 1509-يىلى فرانسىيىنىڭ نېۋايىن شەھىرىدە تۇغۇلغان.1564- يىلى جەنۋەدە ئۆلگەن .ئۇنىڭ ئايالى 1549-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن .كالۋىننىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ بىۋاستە سىياسىي پائالىيەتلىرىدە بولماستىن ،بەلكى ئۇ بېكىتكەن ۋە ئېلان قىلغان سىياسەتلەردە .ئۇمۇ لۇتېرغا ئوخشاش رىم كاتولىك دىنى چېركاۋىنىڭ نوپۇزىنى ئىنكار قىلىپ «ئىنجىل»نىڭ نوپۇزى ۋە مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

    56.مورتون (1819-1868) كىتابخانلارغا مورتۇن دىگەن بۇ ئىسىم ئانچە تونۇشلۇق بولمىسا كىرەك .شۇنداقتىمۇ ،ئۇنىڭ تەسىرى بۇرغۇن ئاتاقلىق كىشلەرنىڭكىدىن تېخىمۇ زور .چۈنكى ئۇ چىش كىسەللىك ئوپېراتسىيىسىدە تۇنجى ئېتىل ئېفىرى بىلەن ناركوز قىلغۇچى.ئوپېراتسىيىدە ناركوز قىلىشتىن شۆھرەت قازانغاندەك بۇنداق كەشپىياتلار ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدۇ.چۈنكى بۇ كەشپىيات ئىنسانىيەتتە زور ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى.كېسەلنىڭ سەگەك ئەھۋال ئاستىدا ئوپېراتسىيە قىلىنىشىدىكى ھالىتىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ناھايىتى قىيىن .ۋەھالەنكى ،ئىلگىرى ئاغرىق ئازابىغا چىداپ داۋالانماي ئامال يوق ئىدى.ناۋادا ئاغرىتماي ئوپېراتسىيە قىلىش ئۇسۇلى تېپىلسا ،شۈبھىسىزكى ،بۇ ئىنسانىيەتكە قىلىنغان ئەڭ زور سوۋغا ھېسابلىناتت


    57.خارۋېي (1578-1657) قان ئايلىنىش قائىدىلىرىنى تۇنجى بۇلۇپ شەرھلەپ چىققان ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر دوختۇر خارۋېي 1578-يىلى ئەنگىليىدىكى فولستوندا تۇغۇلغان .1628-يىلى ئۆزىنىڭ شانلىق ئەسىرى «ھايۋانلارنىڭ يۈرەك ۋە قان ھەرىكىتى توغرسىدا تەتقىقات »نى ئېلان قىلغان .بۇ ئەسەرنى فىزىئولوگىيە تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.خارۋېينىڭ ھاياتى ئۇزۇن ،قىزىقارلىق ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھايات ئىدى.

    58.بېككىرىل (1852-1908) رادىئوئاكتىپلىق خۇسۇسىيەتنى بايقىغان بېككىرىل 1852-يىلى پارىژ شەھىرىدە تۇغۇلغان .ئۇ ئالىي مائارىپ تەربىيىسىنى ئالغان .1888-يىلى تەبىئىي پەن دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن .1892-يىلى پارىژ دۆلەتلىك تەبىئەت تارىى مۇزېيىنىڭ پراكتىكا فىزىكا پروفېسسورى بولغان.قىزىقارلىقى شۇكى ،ئۇنىڭ بوۋىسى،دادىسى،ئۆزى ۋە ئوغىلىدىن ئىبارەت تۆت ئەۋلاد ئۇدا دۆلەتلىك تەبىئەت تارىخى مۇزېيىدا پراكتىكا فىزىكا پروفېسسورى بولغان .1895-يىلى ، بېككىرىل پارىژ ئالىي سانائەت مەكتىپىدە فىزىكا پروفېسسورى بولغان .1896-يىلى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كەشپىياتىنى تاماملاپ شۆھرەت قازانغان .1903-يىلى بېككىرىل ئەر -خۇتۇنكىيۇرىلار بىلەن بىللە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .1908-يىلى بېككىرىل فرانسىيىنىڭ كىرۋىزىك دېگەن يېرىدە ۋاپات بولدى.