• 2009-03-01

    نازۇك تۇيغۇلىرى - [تور ئەدەبىياتى]

    كۈندىلىك خاتىرەم

    نازۇك تۇيغۇلىرى (ئىجادى ئەسەرلىرىم)

     

     

     

     

     

     

     

     

    مۇھەببەت ۋە بىز

     

    مۇھاببەت قاي زامان يارالغان ئىكىن،
     ۋە قاچان كۆز  ئاچقان دۇنياغا ھايات ،
     ئادەم ئاتىغا ۋە قاچان يارالغان <ھەۋۋا>،
     مۇھەببەت ۋە قاچان  چىقارغان قانات !

     

    جۇدۇندىن ئاپەتتىن چىقىمىز ئامان،
     كۈچ قۇۋۋەت بەرگەچكە بىزگە مۇھاببەت،
    ئاڭلىغىن دۇنيا ، دىل ئەمەس ۋاپاسىز،
    يۇرىيمىز يەنىلا بەخىتلەر تىلەپ !

     

    مۇھەببەت ئىنساننىڭ ئالتۇن تەختىدۇر،
     بىز شۇنىڭ باغرىدا ياشاپ ئۆتىمىز ،
     مۇھەببەت ئىنساننىڭ تاغدەك قامىتى ،
    بىز ئەشۇ تاغلاردىن تاڭ بوپ ئاتىمىز!

     

    ئەقىدە ئىخلاسنى چىن بىلىپ شۇنداق ،
    شەبنەم بوپ سىڭىمىز قىزىل گۈللەرگە ،
      كېلىمىز ئۇپۇقتىن كۈننى يېتىلەپ،
     نۇر بولوپ سىڭگەچكە قارا تۈنلەرگە

     

     

     

    2،كەچكۈز يامغورى

     

    (نازۇك)

     

     

     

    نىچۈن كۈتتۇم كەچكۈز پەسلىنى،
    ۋاراقلىسام ئەندى قۇرۇق ھايات خاتىرە،
    ياغقىنچۇ شارقىراپ  كەچكۈز يامغورى،
    سۈيۈڭدە پاكلانسون، پاكلانسون ھەممە!

     

     

    خىياللار  مۇھەببەت ، خىيال - جىنايەت ،
     سىرلىرىم قەلبىم تەكتىگە مەڭگۈ ئامانەت،
    يامغور كۈيۈڭگە جۆر قىپ بارچىنى ،
    بارچە دىل غەشلىكنى يۈغىن ، يۈيىۋەت !

     

     

    سارغايغان ياپراقلار جۆر بولدى لەرزان ،
    تەبىئەت تىرىلدى،  كۈلدى سامادا ،
     ئەرىشتىن تۆكۈلگەن  جىمجىت ھىسلارمۇ ،
    سېغىنىش كەبى يەنە سىڭدى ھاۋاغا .!

     

     

    تامچىلار  يېيىلسا تەنگە شەپىسىز ،
    سۇكۈت  ئىچرە ئايلىنارمەن بىرتال گىياھقا،
    رازىمەن باھارنى  كۈتسەم بىر ئۆمۈر ،
    ياپراق كەبى ئۇمۇدسىز چۈشكىم يوق يەرگە !

     

    (3)


     

     

     قىز قەلبى

     

    (نازۇك) 

     

     

     

     


     

    قىز قەلبى گويا ئۇ سىرلىق رىۋايەت ،
     ئۇندا بار ئاجايىپ تىمتاس  ئەقىدە.
     چىن سۆيگۈ  ، پاكلىقنى قىلىپ مۇجەسسەم،
    باھار كەبى باقىدۇ ، شېرىن جىلۋىدە...

     

     قىز قەلبى ، گويا ئۇ ، تىنىچ كۆل ئۆزى ،
     داۋالغۇتار بەزىدە مەيىن شامالمۇ .
     گاھ ، ئوت تەپتىدە يانسا قىز قەلبى،
     ھەتتا كۈل بولوپ ، يۈتەر ھىجرانمۇ.
     
    قايغۇ زەخمىگى چەكسە دىلتارنى ،
     شەھلا كۆزلەردە ،سىرغىن ئەگىزلەر.
     نازۇك ۋۇجۇدلار ئازاپقا بەردەم ،
     نە ، ئاخشام ، بىقارار ھەتتا سۇبھىلەر.

     

     قىز قەلبى ، مىسالى تىمتاس لېرىكا ،
     گاھ ياڭرار شاتلىق ھەم قايغۇ كۈيىمۇ،
     ئۇ بولغاچ ھاياتنىڭ قانۇنى كەبى ،
     چىن ۋىسالنى ئىزلىمەك  شۇڭا مۇشكۇلغۇ.

     

     قىز قەلبى ۋىسالىنى ئىزلىمەك بولساڭ ،
     ۋاپا گۈلشەنىدە پەرۋىشكار بولغىن ،
     خۇددى لەيلىنىڭ مەجنۇنى كەبى،
     چىن ئاشىق قىسسىنى يارىتار بولغىن !!

     

     

    (4)

     

    كۈيلىرىم

     

     


     

     

     بۇ قەلبىمدە بەخىتتىن پۇتكەن ،
     شېئىر ناملىق بىر گۈزەل كۈي بار،
    مىسرا ئۆزى قەلبىم ئىزھارى ،
    ئۇ ھەردەقىق بۈيۈك بىغۇبار!

     

    شېئىرئۇ ، پەرۋازىم، يارقىن نىداھىم،
    تۇيغۇمغا ياماشقان يالقۇنلۇق نەپەس،
    شۇ ئۇنسىز تۆھپىدە يارالدى ئىزلار ،
    ئەسلىدىن تانمايدۇ، ئاپتاپتەك ھەۋەس!

     

    مۇجەسسەم ئۇندىلا ئارزۇ ئارمانىم،
    بەخىتلىك كۇلكە ھەم  باققان نىگاھىم،
    كۈچ ئالغان شېئىرىم پەۋەس ۋىسالدىن،
    ئۇنتۇلغان ئەنە شۇ ئازاپ دەملىرىم !

     

     كۈيلىرىم قەلبىمنىڭ ئالتۇن قانىتى ،
    ئۇ ، ئەقىدەم چېكىپ تۇرغان تار ،
    ئۇ بولغاچ قەلبىمنىڭ سېھرى كۈلكىسى،
    ھەردەقىق چېھرىمگە شاد تەبەسسۇم يار

     

    (5)

     

    دېمىگىن

     

     

     

     

    جىلۋىسىدە باھارنىڭ ياشنار تەبىئەت،
    سېھرى بىلەن ئەللەيلەپ گۈللىتەر زىمىن.
    توزوپ قالسا  بەزىدە  باھاردا بىر  گۈل ،
    تۇپراق قوينىدىن ئىزسىز يۈتتى دىمىگىن.!

     

     

    سۆيگۈ بەلكىم جاۋابى يوق تېپىشماق،
    ھىچكىم يەتمەس بەلكى ئۇنىڭ تەكتىگە،
    قايغۇ كەلسە بەزىدە بەخىت تەختىدىن،
    ۋاپاسىزكەن دۇنيا دەپ ھەسرەت چەكمىگىن!

     

     

    يوللىرىڭدا كۈتكەن شۇ دەقىق..،
     تەسكىن تاپقان ئىدىغۇ  بۇ مىسكىن ھايات،
     شۇ چاغ كۆزدىن  تامغىنى ئەسلى خوشاللىق،
    ئازاپلىق ھىستا ياش تۆكتى دېمىگىن..!

     

     

    ئېسىمدە قولوڭغا بەرگەنلىگىم قول،
    ئەشۇ شاد كۈلكىلەرگە بولغانلىغىم جۆر.
    بىر سىر بولغاچ ۋاز كەچكىنىڭ ھەممىدىن بىراق،
    بەخىت تىلىمەي ئۈن-تىنسىز كەتتى دىمىگىن..!

     

     

     

    بەلكىم بۇ دۇر ھاياتنىڭ مەلوم سىنىغى  ،
    ئىرادىدە تاۋلار شۇنداق ئىنسان ئۆزىنى.
    بىلگىن كۆكنىڭ يېشىدا كۆكىرەر زىمىن ،
    ياش تۆككەنگە بۇ دىلنى ئاجىز دىمىگىن ..!

     

     

    نەدە

     

    (نازۇك)

     

     

    ھاياتلىق ئەينىگىدە سېھىر ۋە ھىكمەت،
     ئەخلاق باھاسىدا چىچەكسىز ھىممەت.
     گاھ ئىنسان شەكلىدىن ئىزدەندى مەنا،
     ھەقىقى ساپ ۋىجدان ئىزناسى نەدە ..؟

     

     

     بۇلبۇل ئۇ  گۇلىستان باغلار كۈيچىسى،
     شۇ  گۇلنىڭ ۋەسلىچۇن  ياڭرار ناخشىسى.
    ساپ ھەم چىن بولغاچ گۈللەر  ئەندازى،
     بولمىسا سايراشقا  بۇلبۇلى نەدە ...؟

     

     

     گاھ ئىنسانغا  جاھاننىڭ قارارى قاتتىق،
     تەڭقىسلىقتا تەڭلىككە چېقىلالمايمىز .
     قۇدرەتنىڭ سۇنئىسى بولدى تۇغ - ئەلەم،
    بىزلەرگە كۈچ_ قۇدىرەت ئۆزلىگى نەدە ..؟

     

     

     

    كەمچەنلەپ قويولدى باھا بەزىدە،
     تارازا پەللىسىدە بارمۇ پەزىلەت؟
     گاھ بىلىمسىز ناداننىڭ قەدىمى مەغرور،
     ھەقىقى ئىلىمنىڭ قىممىتى نەدە ...؟

     

     

    ياشاشچۇن تىرىشىپ ئۆتىمىز شۇنداق،
     ئۆمرىمىز گۈلىمۇ كېتىدۇ توزوپ .
    بىر گۇزەل دۇنياغا  تەلپۇندۇ ق شۇنداق،
     مەنزىلنى تاپقۇسى نىشانلار نەدە ...؟

     

    خوشلىشىش 

     

    (نازۇك) 

     

     

    يىتەر ئەمدى ئازغۇن ھىسلىرىم،
     ئۆزگە يولغا زورلىما مېنى ..
    ئۆتمۇش بولسون، تەنھا خىياللار،
     تېپىۋالاي ، ئەسلى ئۆزۇمنى .!!

     

     

    تۇرسام ئۇيقۇدىن ، باشىم كۆتۈرۈپ،
     شېرىن چۇشمۇ ، توزىدى يۈتۈپ .
     كىمگە زارلاپ سۆزلەي ھىكايەت،
     ياپراق تېنىگە سىڭەي نۇر بولوپ.!!

     

     

    كۆپلەرنىڭ ئىزىدا يېقىمسىز ئاۋاز،
    دىشۋارلار بەخشەندە ، تارتقۇلۇق ئەبەت.
    چېچىلىپ ئۆز قۇۋۇم ، يۇرۇيدە نەدە ،
    بىزلەرگە قالغىنى ئىجدىھاتلىق دەرت!!

     

     

    سەمىمىي خىسلەتتە يورويدۇ جاھان ،
    ھاياتلىق سەھنىسىدە دانالىق ئايان .
    بى نەسىپ، غەمناك بوپ ئۆتكۈم يوق ئەمدى،
    نۇر-زىيا ئىزلەيمەن ، قۇياشتىن شۇنداق!!

     

     

    كۈتۈش

     

    (نازۇك)


    قەلبىمدە قەلبىڭنىڭ جىمجىت ساداسى،
    ئۇيىغان روھىمنى تۈرتەر بىر - بىرلەپ ،
    خىيالچان كۆزۈمگە كۆزلىرىڭ ئاسىي،
    ھىجرانلىق تۈنلىرىم سۆزلەيدۇ چۆچەك.


    لەززەتلىك چۈش كۆرىدۇ كۆكتە تولونئاي،
    كۇتكىنى ھەم ئارمىنى بولغاچ قۇياشى ،
    بىر قىزمۇ ئۇنىڭدىن ئاڭلايدۇ قىسسە ،
    كۆڭلىگە ئوت ياقار قەلب تۇتاشى...

    لەيلەپ قالار خىيال بەزىدە ،
    ئەڭ ئاداققى ئوتلوق سېغىنىش،
    سۆيگۈ تۆكۈپ ئاتسا ئالتۇن تاڭ،
    كۈتۈشلەردىن يارالمىش بىر ئىز
    ..

     


     

     

    ھايات ئەينىگىدە

     

    (نازۇك)

     

    قىسمەتلەرگە تويونغان ئالەم ،
     بەزىدە تومۇزدا ئىسسىمايدۇ تەن .
     گاھى ئۆز قېرىنداش يۇرىيدۇ تېنەپ،
     ئانا يۇرت قوينىدىن تاپالماي ۋەتەن.

     

      گاھىدا تونوشتۇر ناتونۇش چىراي،
     تۈلكىدەك ھىجىيىپ شېرىن تامادا .
     گاھىدا قولوڭدىن ئەمەل كەتكەندە ،
     تونوش كۆزلەردە سوغۇق نىگاھلار .

     

    گاھىلار ئاتالمىش سازەندە بولوپ ،
     تارى دۇتتاردا ياڭراتتى ئۇزھال.
     گاھىلار شاھى تون ئىچرە تۇرۇپمۇ،
     تولغۇنۇر ھەسرەتتە  يۇرەكلىرى قان.

     

     بەزىدە بۇ ھايات بازىرى شۇنداق،
     مېغىزى  بىر تىيىن شاكال بىباھا .
    گاھى شاھ قەسىرىدە قوزغۇن ئاۋازى،
     بەزى ئەسكى كەپىدىن ئۇچىدۇ ئەنقا.

     

     بۇ ھايات قىسمەتكە تولغانكەن ھەجەپ،
      چاڭقىدۇق تۇرۇپمۇ بۇلاق بويىدا .
     بەزىلەر  ئەجىر قىپ يېڭى يول تاپسا ،
     بەزىلەر ئالدىرار ئورا كولاشقا .

     

    ھامىنى ئېرىيدۇ مۇز قاتقان دىللار ،
     نەۋ باھار كېلىدۇ تۇماننى سۇرۇپ .
     ئۇپۇقتىن بىلىنسە سۇبھى تىنىغى ،
     ئالارمىز يېڭىچە قىسمەتلەر كۈتۈپ.

     

     

     

     

    پەسىل غەلۋىسى

     

    (نازۇك)

     

     

    ئەگىز ئېقىپ كەلسە ئەتىياز ،
    پاتقاقچىلىق بەك سەت  دىيىلدى،
    سۈس جىلۋىدە كۆكەرسە دالا ،
    گۈل- چىچەكلەر ئېچىلسا دىدى.

     

    گۈل -چىچەكلەر خۇش پۇراق چېچىپ،
    كەلسە ئەنە گۈلگۈن باھارمۇ ،
    ئۆتسە تىزراق چىچەك پەسلى دەپ،
    چاپسان مىۋە تېتايلى دىدى .

     

    جۇلالىنىپ ئۆزگىچە تۈستە ،
    شېرىن تۈستە پارلىدى يازمۇ،
    ۋاي ، توموزغا چىدىماس ئىنسان،
    سالقىنلىغىن ھاۋا تېز دىدى .

     

    خۇشپۇراققا پۇركەپ زىمىننى ،
    سېرىق توندا كەلدى كۆز پەسلى،
    ئۇمۇدسىز بوپ كەچكۈز يامغورىدىن،
    قارلار ياغسا چاپسانراق دىدى .

     

    ئۈمۈد بويىچە قىشمۇ ھەم كەلدى،
    زىمىستانى تەننى قورىدى ،
    چىدىمىغان سوغوققا ئىنسان ،
    چاپسانراق كەل باھارىم دىدى .

     

    پەسىلدىن پەسىلگە قوغلىشىپ ئىنسان،
    تىنىمسىز غەلۋىدە  ئۆتكۈزدى كۈننى  ،
    لېكىن  ، يىللار شامىلى   ئەشۇنداق ،
    قىسقارىتتى   ئۆمۇر پەسلىنى!!

     

     

    باھاردىكى ئارمان
     
    (نازۇك)
     
     
    ئۇيغۇتۇپ زىمىننى كەلمەكتە باھار ،
    ئاتا قىپ دىللارغا يېڭىچە ئىلھام .
    شۇ باھار قوينىدا ئېچىلسا گۈللەر ،
    ئارمانىم يوق گۇللەردىن گۈلدەستە تىزسام .

    ئارمانلار دىللارنىڭ يارقىن جارچىسى ،
    ئارمانلار تىنىچ دىل ۋولقان - چۇقانى.
    ئارمانلار ئۇيغۇرۇم چىن يۇرەك سۆزى،
    ئارمانىم يوق ئىجادىمدىن يېڭى ئىز تاپسام .

    ئەجداتلار ئارمانى بىزگە ئۇد- نىدا ،
    شۇ باھار-چۇن بولغانغۇ نۇرغۇن جان پىدا.
    ئەگىز كەبى ھاياتنى ياشارتسا ئارمان ،
    ئارمانىم يوق شۇ ئەگىزدە تۇپراقتا كۈلسەم.

    يېڭىچە ئارزۇدا يۇكسىلەر ئىنسان ،
    ھەرگىزمۇ كۈل بولماس بىزدىكى ئارمان.
    شۇ ئىناق ، ئۆملۈك روھ بولسا بىزگە يار ،
    ئارمانىم يوق، تەڭ يىغلاپ ، تەڭ كۈلۈپ ئۆتسەم.
     

     

     

     (ئەسەرلىرىمنى روخسەتسىز يۆتكىمەڭ ، كىشىنىڭ ئەمگىگىگە ھۆرمەت قىلىش ئىنسان  ئۈچۈن ئاڭ ئالى پەزىلەت!)

     

    نازۇك خاتىرىسىدىن:

     

    1. كىلىدۇ

     

    (مۇھەممەتئەلى)

     

     

     


    مەن ئىزدەيمەن قەلبىمنى كۆزلىرڭىدىن ئاقتۇرۇپ ،
    شۇنچە تىمتاس تۇرسەن چۇڭقۇر تىنىپ ئاھ ئۇرۇپ .
    نەچۈن بۇنچە ئازاپتا كۆز ياشلىدىڭ جانانىم ،
    ئازابىڭنى مەن تارتاي كۈلگۈن خۇشال گۈل بولۇپ .


     

     


    ھەسرىتىڭنى سۆيگۈڭنى ، كۆزلىرڭىدىن چۈشەندىم ،
    ئۆزۈڭ بولغاچ بۇ جاھان باغۇ _ بوستان بىلىندۇ .
    مەجنۇن كۆزنى رەببىمىز ، شۇنچە ئۆتكۈر ياراتقاچ ،
    كۆز قارچۇغۇمدا بىر لەيلى ، تەنھا سۇبھان كىلىدۇ .


     


    چىن سۆيگۇنىڭ قەدىرىنى مەن  ھەقىقى چۈشەندىم ،
    خىيالىڭغا شىرىن ھىس ، تۇيغۇ بولۇپ كىرگۈم كىلىدۇ .
    بولسام دەيمەن سەن ئۈچۈن ئاي سۆزلىگەن شۇ چۆچەك ،
    چۈشلىرىڭگە شۇ كەبى سىڭىپ كەتكۇم كىلىدۇ .

     


     

    نۇر يىپلىرى تەۋرەتكەندەك يەڭگىلگىنە ياپراقنى ،
    ئەتراپىڭىدا سابا بولۇپ ھەردەم يۈرگۈم كىلىدۇ .
    باققىنىڭدا ھەر دائىم تۇلۇن ئايغا خىيالدا ،
    شۇ دىلىڭغا نۇر زىيا بۇلۇپ بولۇپ چۈشكۈم كىلىدۇ .

     


    سېغىنىشتا قىينالدىم  ، شۇنچە تاتلىق چۈشلىرىم ،
    تاڭ  ئاتمىسا شۇ چۇشنى  مەڭگۈ كۆرگۈم كىلىدۇ .
    سەن بولغاچقا ئەزىزەم ، بىلىنمەيدۇ زىمىستان ،
    يار ۋەسلىڭگە زار بولدۇم ، ئۇچۇپ بارغۇم كىلىدۇ .


     


    سەن بىلسەڭچۇ قەلبىمنى ، ساڭا ئېيتار سۆزۈمنى ،
    ماڭا باقساڭ بىر مەگەر ، گۈللەر تۇتقۇم كىلىدۇ .
    خىيالىمغا ھەمراھدۇر ئەشۇ بىر تۈپ چوڭ دەرەخ ،
    ئۇزۇن كەتكەن چىغىر يول بىرگە ماڭغۇم كىلىدۇ .


     

    (2)

     

    ئاجايىپ ھىكمەتلەر

     

    مەنبە: ياشلار  ئۇچۇن 101 ھىكمەت

     

     

    بىر كىمە دېڭىزدا سەپەرگە  چىقىپتۇ ، كېمىگە  بىر چاشقان يۇشۇرىنىۋالغان ئىكەن ،  ئۇ كېمىچىنىڭ  ئاشلىقىنى ئوغورلاپ يەپ ،  كىيىملىرىنى پارە - پارە قېلىۋىتىپتۇ ، بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن  كېمىچى ئۇنى تۇتۇپ ، دېڭىزغا تاشلىۋەتمەكچى بوپتۇ ، چاشقانمۇ ئۆزىنىڭ كاللىسىنى ئىشلىتىپ ، كېمىنىڭ ئاستىدىن  بىر تۆشۇك ئېچىپتۇ  ھەمدە كېمىچىنىڭ ئاشلىقىنى ئاشۇ تۇشۇككە توشوپ ئەكىرىۋىلىپ ، خاتىرجەم يىمەكچى بوپتۇ .
    نەتىجىسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ يۇرۇش ھاجەتسىز ،  بۇ چاشقان كېمىنىڭ ئاستىدىن تۇشۇك ئاچسا ، كېمىنىڭلا ئەمەس ئۆزىنىڭمۇ ھالاك بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەتمىگەن ، ساڭا دىمەكچى بولغىنىم شۇكى ، مەيلى قانداق چاغدا بولسون  ھەرگىز باشقىلارغا  ئورا كولىما ، باشقىلارغا ئورا كولىغىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆزەڭگە ئورا كولىغىنىڭدۇر . باشقىلارغا ئورا كولاۋاتقان چىغىڭدا ، سەن روھى ئازاپقا  دۇچار بولىسەن  ، ئۆز مەنپەئەتىڭنىڭمۇ  بىلىپ - بىلمەي زىيانغا ئۇچرىتىسەن ، شۇنچە يىللاردىن بېرى ، مەن باشقىلارغا ئورا كولىغان ئادەمنىڭ  بەخىتلىك بولغىنىنى كۆرۇپ باقمىدىم ، سەنمۇ مەڭگۇ كۆرەلمەيسەن

     

    (2)

     بىر مايمون  ئويلىمىغان يەردىن مايمون ئويناتقۇچىنىڭ  قولىغا چۇشۇپ قاپتۇ ھەمدە بەكلا قورقۇپ كېتىپتۇ ، كىم بىلسون ، مايمون ئويناتقۇچى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قىزىل يەكتەك  ، بىشىغا چىغ قالپاق كىيدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا ئالدى پۇتىنى كۆتۇپ تىك مېڭىشىنى ھەمدە ئادەملەرگە ئوخشاش ئوروندوقتا ئولتۇرۇپ  تاماكا چىكىشىنى ئۇگىتىپتۇ ، مايمون بۇلارنى  بىر نەچچە كۇندىلا ئۇگىنىۋاپتۇ ، مايمون ئويناتقۇچى ئۇنى يەنە قوينىڭ دۇمبىسىگە مىندۇرۇپ ، قوينى يۇگۇرتۇپتۇ ، مايمون بۇنىڭدىن بەك راھەتلىنىپ كېتىپتۇ ، مايمون ئويناتقۇچى كىيىن ئۇنى ھارۋۇدا ئولتۇرغۇزۇپ ، ھارۋۇنى  ئىتلارغا سۆرەتكەن ئىكەن مايمون تېخىمۇ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ  ھەمدە ئۆزىنى قوي ۋە ئىتلاردىنمۇ ئەتىۋار چاغلايدىغان بوپتۇ.

     مايمون ئۆزىنىڭ ئاشۇ قوي ۋەئىتلارغائوخشاش مايمون ئويناتقۇچىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان !  بۇ بىرخىل پاجىئە ، سەن مۇشۇنداق پاجىئەلەرنى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدا يۇز بەرمەيدۇ دىيەلەمسەن ؟
    ئوبدانراق ئويلىنىپ  كۆرسەڭ ، ئۆزۇڭنىڭمۇ ئىلگىرى ئاشۇ مايموننىڭ رولىنى ئويناپ باققانلىقىڭىنى  چوقوم سىزەلەيسەن  ، مەن بۇ يەردە ئىككى نۇقتىنى  تەكىتلىمەكچىمەن : بىرىنجىدىن ئۆز سالاھىيىتىڭنى ئۇنتۇپ قالما ، بىردەملىك  شان شۆھرەتتىن مەس بولوپ كەتمە  ، ئۇنداق قىلساڭ خەقنىڭ كۇلكىسىگە قالىسەن 
     ئىككىنجىدىن : باشقىلارغا ھىسداشلىق قىل ، شارائىتىڭ قانچىلىك ياخشى بولسون  باشقىلارغا ھىسداشلىق قىلىشنى ئۇنۇتما ، بۇ سېنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدۇ ، كۇچۇڭنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ

     

    (3)


    بىر جۇپ ياش ئەر ئايال ئاممىۋى ئاپتۇبۇسقا چىقىپ ، ئادەمنىڭ كۆپلىگىدىن  باشقا  باشقا يەردە ئولتۇرۇپ قاپتۇ . ئۇزاق ئۆتمەي  كىشىلەر ئارىسىدىن كىچىككىنە  قول سۇرۇلۇپ  كېلىپ ،  ياش ئەرنىڭ قولىنى تۇتىۋاپتۇ ، ئەرنىڭ پۇتۇن بەدىنىنى بىرخىل شېرىن ھىسيات چىرماپ ئۆزىنى  يوقىتىپ قويغىلى تاس قاپتۇ ،  ئاپتۇبۇس  بىكەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ،  ئۇنىڭ ئۇ يۇمشاق قولنى پەقەتلا قويىۋەتكۇسى كەلمەپتۇ  ھەمدە ئۆزىنىڭ ئىسىم كارتۇچكىسىنى چىقىرىپ  ، قىلچە ئىككلەنمەيلا  ئۇ قولغا تۇتقۇزۇپ قويوپتۇ . ئاپتۇبۇستىن چۇشىۋاتقان چاغدا ، بىر يۇك ماشىنىسى شىددەت بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ  ئېتىلىپ كەپتۇ ، كەينىدىن چۇشىۋاتقان ئايالى  دەرھال ئېرىنى يانغا  ئىتتىرىۋىتپتۇ  ئەمما ئۆزى قانغا  بويىلىپ يەرگە يىقىلىپتۇ ، ياش ئەر ئۆزىنى قۇتقۇزىمەن دەپ  جېنىدىن ئايرىلغان بۇ ۋاپادار ئايالىنى شۇنداق كۆتۇرىشىگە ، ئۇنىڭ قولىدا ئۆزى بايا بەرگەن  ئىسىم كارتوچكىسىنىڭ چىڭ سىقىمداغلىق تۇرغانلىقىنى كۆرۇپتۇ .

     شەك - شۆبھىسىزكى ، بۇ بىر ئىچىنىشلىق ھىكايە ،  زېرىكىش تۇپەيلىدىن  بىزنىڭ مۇھاببىتىمىز بەزى چاغلاردا ئىللىقلىقتىن چەتنەپ قالىدۇ ، قىزىقىش تۇپەيلىدىن سىزنىڭ ھايات سەپىرىمىز مەلوم ئاچالغا كەلگەندە ، بىلىپ بىلمەيلا باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتىدۇ ، سەن كەينىمگە قايرىلاي دەپ تۇرغان چىغىڭدا مۇھاببەتنىڭ  ئۇ يەردە ئۆكسۇپ يىغلاۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىسەن .
     بىزنىڭ ياشاۋاتقىنىمىز رىئال تۇرمۇش ، دىمەكچىمەنكى  ،ھەممىمىز ئادەتتىكى ئادەم  شۇڭا تۇرمۇشتا ھەمىشە بەزى ئۇششاق- چۇششەك  تاسادىبىيلىقلار يۇز بېرىپ تۇرىدۇ ، بۇ خۇددى بىر تۇپ دەرەختە زۆرۇر بولمىغان  شاخ پۇتاقلارنىڭ  پەيدا بولوپ قالغانلىقىدەكلا ئىش ، شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى ، مۇھاببەت ئىنسانلارنىڭ  مەڭگۇلۇك تېمىسى ، تۇرمۇشىمىز شۇنىڭ بىلەن مەزمون تاپىدۇ ،  سەنمۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە  ئۆز سۆيگۇنىڭنىڭ قولىدىن يىتىلەپ ماڭىسەن ، كىشىلىك ھاياتتىكى  بۇ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقنى چوقۇم قەدىرلىگىن ھەم ئاسرىغىن.

     

     

    (4) 

    بىر قىزنى خوجايىنى تويۇقسىزلا ئىشتىن بوشىتىۋىتىپتۇ ھەمدە ئۇنىڭ چۇشتىن كىيىن مالىيە بۆلۇمىگە كىرىپ  مائاشىنى ھىساپلىتىپ ئېلىۋىلىشنى  ئېيتىپتۇ  ، چۇشتە ئۇ قىز كۆڭلى يېرىم بولغان ھالدا باغچىدىكى  ئۇزۇن ئوروندوقتا  خىيال سۇرۇپ ئولتۇرۇپ كېتىپتۇ،  شۇ ئارلىقتا بىر بالىنىڭ يېنىدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۇپ قاپتۇ ۋە ئەجەپلەنگەن ھالدا ؛ بۇ يەردە نىمىگە تۇرىسەن دەپ سوراپتۇ ،  بۇ ئوروندوقنى بايىلا سىرلىغانتى ، دۇمبىڭىزنىڭ قانداق بولوپ قالغانلىقىنى كۆرۇپ باقاي دەپ تۇرۇشۇم دەپتۇ ئۇ بالا ،  قىز دەسلەپتە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قاپتۇ ، ئاندىن كۇلۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئەسلىدە  بالىنىڭ ئاشۇ بىر ئېغىز گېپىدىن ئۆزىنىڭ  بۇرۇن ياخشى ئۆتكەن خىزمەتداشلىرىنىڭ  ئۆزىنىڭ چۇشكۇن ۋە بىچارە ھالىتىنى  كۆرۇشكە تەققەزا بولوپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندەك بوپتۇ  ھەمدە <ئەمدى خىزمىتىمدىن ئايرىلىپ قالماي > دىگەن قارارغا كەلگەن چىغىدا ئۆزىنىڭ تەبەسسۇمى ۋە غورورىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ھىس قىپتۇ.

     بۇ ھىكايىنىڭ ئاخىرىدىن بىز ئۇ قىزنىڭ تاماشىسىنى كۆرۇشكە تەققەزا بولىۋاتقان  خىزمەتداشلىرىنىڭ ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچ باغلىغان، كۈلكە يىغىپ تۇرغان باشقىچە  بىر چىراينى  كۆرىدىغانلىقىنى تامامەن تەسساۋۇر قىلالايمىز . ھازىر سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرىۋاتقىنى بىر گۇزەل دۇنيا ، ھەر قانداق ئوڭوشسۇزلۇق ۋە تىڭىرقاشلارنى  سەن ھازىرچە ھىس قىلىپ بولالمايسەن  لىكىن ساڭا شۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى ، تۇرمۇشتىكى ئوڭوشسۇزلىقلار خۇددى سىرى قۇرۇپ بولالمىغان ھېلىقى ئوروندوقتەك قەدەمدە بىر كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ ، ماڭىمۇ ئۇنداق ئىشلار ئىلگىرى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىغان ، سەن جەمىئىيەتتە ياشايدىكەنسەن ، ئۇنداق بۇنداق  ئىگىز پەسلىكلەردىن ھەرگىز خالى بولالمايسەن ، كۇنلەرنىڭ بىرىدە ، سەن ئامالسىزلىقتىن سىرى قۇرىمىغان ئوروندۇقتا ئولتۇرۇپ قالساڭ ، بەكلا غەمگە پېتىپ كەتمە ، ئورنوڭدىن تۇرغان چېغىڭدا  ، دۇمبەڭدىكى سىرنى خەققە كۆرسەتمىسەڭلا بولدى ، كۆرسەتمەسلىكنىڭ قانداق ئامالى بار ؟ تولىمو ئاددى ، سىر چاپلىشىپ قالغان چاپىنىڭنى سېلىپ قولوڭدا كۆتۇرىۋال ، بەزى چاغلاردا كۆڭۇلسىزلىكلەرگە ئۇچرىغاندا ، بىز ئۆزىمىزنى ئاشۇنداق قوغدىمىساق بولمايدۇ ، كىشىلىك جەمىيەتتە ، ھەر قانداق ئوڭوشسىزلىققا ئۇچرىساڭمۇ ئۆز ھىسياتىڭنى  ئازاپلىق قىياپەتتە ئىپادىلەپ يۇرمە ، بۇ سېنىڭ يامان تەغدىرىڭنى  ئۆزگەرتىشكە پايدىسىز بولوپلا قالماستىن بەلكى يەنە باشقىلارغا كۈلكە بولوپ بېرىدۇ ، گېپىم ئېسىڭدە تۇرسۇن : ھەر قانداق كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىساڭمۇ  ئۆز- ئۆزۇڭنى يوقىتىپ قويما !