• 2009-03-23

    بىلىشكە تېگىشلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلار - [تەرمىلەر]

    بىلىشكە تېگىشلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلار

    1.دائىم يېرىم كىچىدە تاماق يېگەندە، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئاشقازان ئارام ئالمايدۇ.
    2. بىر ھەپتىدە تۆتتىن ئارتۇق تۇخۇم يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سالامەتلىككە زىيانلىق.
    3. توخۇنىڭ قۇيرۇقىدا راك كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ماددىلار بولۇپ، ئەڭ ياخشىسى بۇ قىسىمنى يېمەسلىك كېرەك.
    4. مېۋىنى تاماقتىن بۇرۇن يېيىش كېرەك.
    5. ئاياللار ھەيز كۆرگەندە يېشىل چاي ئىچمەسلىكى، قان تولۇقلايدىغان نەرسىلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىشى لازىم.
    6. پۇرچاق سۈتىنى ئىچىشتە تۇخۇم ۋە شىكەرنى قوشماسلىق، شۇنداقلا ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
    7. پەمدۇرنى ئاچ قورساق يېمەسلىك كېرەك، ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن يېيىش كېرەك.
    8. ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئالدى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئىچسە، ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    9. ئۇخلاشتىن ئۈچ سائەت بۇرۇن بىر نەرسە يېمەسلىك كېرەك. بولمىسا سەمرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    10. سۈتلۈك چاينى ئاز ئىچىش كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ماي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، ھېچقانداق ئوزۇقلىق قىممىتى يوق. ئۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىستىمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىمى، دىئابېت قاتارلىق كىسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتا قېلىپ قويىدۇ.
    11. دوخۇپكىدىن يېڭىلا چىقىرىلغان بولكىنى دەرھال يېيىش مۇۋاپىق ئەمەس.
    12.ھەر كۈنى سەككىز ئىستاكان سۇ ئېچىش كېرەك.
    13. ھەر كۈنى 10 ئىستاكان سۇ ئىچكەندە، ئادەم دوۋساق راكىغا گىرىپتار بولمايدۇ.
    14. سۇنى كۈندىزى كۆپ، كەچتە ئاز ئىچىش كېرەك.
    15. بىر كۈندە ئىككى ئىستاكاندىن ئارتۇق قەھۋە ئىچمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئۇيقۇسىزلىق، ئاشقازان ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    16. مايلىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. چۈنكى، ھەزىم قىلىش يوللىرىنىڭ مايلىق نەرسىلەرنى ھەزىم قىلىشىغا بەش سائەتتىن يەتتە سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدۇ ھەمدە مېڭىگە يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان قان سۇيۇقلىقى ئۈچەي، ئاشقازانغا مەركەزلىشىپ، ئادەمنى ئاسان مۈگىتىپ قويىدۇ.
    17. چۈشتىن كېيىن بەشتىن باشلاپ، ئاساسلىق تاماقلارنى ئازراق يېيىش كېرەك، چۈنكى سائەت بەشتىن كېيىن ئادەم بەدىنى ئۇنداق جىق ئېنېرگىيىگە مۇھتاج بولمايدۇ.
    18. ئىستىمال قىلغاندا ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان 10 خىل يېمەكلىك : چوڭقۇر دېڭىز بىلىقى، بانان، ئۈزۈم، ئاپېلىسىن، بۇغداي بولكىسى، پالەك، سامساق، كاۋا، قايماقسىز سۈت، توخو گۇشى، گىلاس.
    19. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئادەم ئېغىرلىشىپ قالىدۇ. بىر كۈندە سەككىز سائەت ئۇخلاش كېرەك، چۈشتە ئۇخلاشنى ئادەت قىلسا بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
    20. ئەڭ ياخشى ئۇخلاش ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن ئەتىگەن سائەت 6 گىچە.
    21.دورا كاپسۇلىنى سوغۇق سۇ بىلەن ئىچىش كېرەك. كەچتە ئۇخلاشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن ئىچىش ھەمدە ئىچىپ بولۇپ دەرھال يېتىۋالماسلىق كېرەك.
    22. قارىئۆرۈك قىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ياشلىقنى ساقلايدۇ؛ چۇس مىجەز كىشىلەر كۆپرەك ئىستىمال قىلسا پايدىلىق.
    23. چاچ چۈشۈشنىڭ سەۋەبلىرى: تۈنەش، بېسىم، ھاراق – تاماكا، مەزىلىك توخۇ قوۋۇرغىسى، ئاچچىق چۈچۈك قازان شورپىسى، مايلىق يېمەكلىك، تېتىتقۇ كۆپ سىلىنغان تاماقلار.
    24. چاچنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كاللەكبەسەي، تۇخۇم، پۇرچاق تۇرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى (بولۇپمۇ كەمپۈت) نى ئاز ئىستىمال قىلىش كېرەك.
    25. كۈندە بىر ئىستاكان لىمۇن سۈيى، ئاپلېسىن سۈيى ئىچكەندە تېرىنى ئاقارتىپلا قالماستىن، يەنە قارا داغلارنى سۇسلاشتۇرىدۇ.
    26. ئالمىنى كۈندە بىر تالدىن يەپ بەرگەندە ئۆپكىنى تازلاپ تۇرغىلى بولىدۇ.
    27.تاماكا چىكىپ تۇرۇپ ۋىتامىن (B كاراتىن ، يەنى ۋىتامىنA نىڭ بىر تۈرى) نى يېگەندە راكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بالدۇر تاماكا تاشلاش سالامەتلىككە پايدىلىق.
    28.ئاياللارنىڭ چاي ئىچىشكە بولمايدىغان بەش مەزگىلى: ھەيز كۆرگەندە، ھامىلدار بولغاندا، تۇغۇتى يېقىنلاشقاندا، تۇغۇشتىن كېيىن، ياش ئالمىشىش مەزگىلىدە.
    29. تاماكا چىكىش بىلەن ئەڭ زور مۇناسىۋىتى بولغان كىسەللىكلەر ئۆپكە راكى، كالپۇك راكى، تىل راكى، كېكىرتەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، شۇنداقلا دوۋساق راكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.
    30.ھاراق ئىچىش جىگەر قېتىشىشنى پەيدا قىلىپ، جىگەر راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    31 . سىپارە يېگەندە ئېغىز بوشلۇقىنىڭ تالالىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقى راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    32. تالاسى چىقىرۋېتىلىپ، نەپس ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ ماي مىقدارى كۆپ بولىدۇ، بولۇپمۇ ماي ھالىتىدە ساقلىنىدىغان خولېستېىن ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    33. يېمەكلىك ھەددىدىن ئارتۇق يىرىك بولسا، ئوزۇقلىق يېتىشمەي، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    34. تاماكا چەكمەسلىك ھەمدە باشقىلار چىكىپ قويغان تاماكىنى تېخىمۇ چەكمەسلىك كېرەك.
    35. تۇزلىغان، ئىسلىغان، كاۋاپ قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك.
    36. كۈندە يېڭى سەي – كۆكتات ۋە مىۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش لازىم.
    37. كۈندە يۇقىرى تالالىق دانلىق زىرائەتلەر ۋە پۇرچاق تۈرىدىكىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش كېرەك.
    38.كۈندە يېمەك – ئىچمەكلەرنى تەڭشەپ ئوزۇقلىنىش، مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.
    39. نورمال بەدەن ئىغىرلىقىنى ساقلاش، ھەددىدىن ئارتۇق سەمرىپ كەتمەسلىك لازىم.
    40.تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى ساقلاش زۆرۈر.
    41. ئازادە، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش لازىم.
    42.توغرا تاماق يېيىش ئادىتى: ئەتىگەندە قۇۋۋەتلىك يېيىش، چۈشتە تويغۇدەك يېيىش، كەچتە ئاز يېيىش.