-
2009-03-23
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى تونۇشتۇرۇش - [ئاجايىباتلار دۇنياسى]
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنى تونۇشتۇرۇش
سوۋېت سوتسىيالىسيىك رىسپوپلىكىلار ئىتتىپاقى __ قىسقارتىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقى دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ ( روسچە قىسقارتىلمىى : cccp، ئېنگىلىسچە قىسقارتىلمىسى : USSR دىيىلىدۇ )، ھازىر بۇ دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس 1922 - يىلى 12-ئاينىڭ 30 - كۈنىدىن 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنىگىچە بولغان بولۇپ فىدىراتسىيە شەكلىدىكى دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى يولغا قويغان كۆپ مىللەتلىك دۆلەت . ياۋروپانىڭ شەرقىي ۋە ئاسىيانىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان . يەر كۆلىمى 22 مىليون 400 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتېر بولۇپ دۇنيا بويىچە زىمىنى ئەڭ چوڭ دۆلەت . نوپوسى 290 مىليون 100 مىڭ ( 1990 - يىل ) . 100 دىن كۆپەرەك مىللەت بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە روسلار %51 نى، ئوكرائىنلار %15 نى، ئۆزبېكلەر %6 نى، بىلىروسلار %4 نى، باشقا قازاقلار ، تاتارلار ، ئەزەربەيجانلار ، ئەرمىنىيەلىكلەر ، گىروزىنلار، موردوۋالار ، تاجىكلار ، لىتۋالىقلار ، تۈركمەنلەر ، گىرمانلار ، قىرغىزلار ، يەھۇدىيلار ، لاتۋىيىلىكلەر ، ئىستونىيەلىكلەر بولۇپ %24 نى تەشكىل قىلىدۇ . دۆلەت تىلى روس تىلى . 200 دىن كۆپەرەك تىل ۋە يەرلىك دىئالىكىت ( يەرلىك شىۋە ) بار بولۇپ ، سىلاۋىيان تىل سېستىمىسىدىكىلەر %75 نى ، ھىندى - ياۋروپا تىل سېستىمىسىدىكىلەر %8 نى ، ئالتاي تىل سېستىمىسىدىكىلەر %12 نى ، ئورال تىل سېستىمىسىدىكىلەر %3 نى ، كاپكاز تىل سېستىمىسىدىكىلەر %2 نى تەشكىل قىلىدۇ . ئاساسلىق دىن روسلارنىڭ پىراۋىسلاۋىيە دىنى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىرستىيان دىنى ، يەھۇدىي دىنى ۋە ئىسلام دىنى مەۋجۇت بولغان . پايتەخت موسكىۋا . سوۋېت ئىتتىپاقى روسىيە ، ئوكرائىنا ، بىلىروسىيە ، ئۆزبېكىستان ، قازاقىستان ، گىروزىيە ، ئەزەربەيجان ، تاجىكىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركمەنىستان ، ئەرمىنىيە ، موردۇۋا ، لاتۋىيە ، لىتۋا ، ئىستونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداش رىسپوپلىكىلارنى ۋە باشقىرت ، بوريات ، داغىستان ، قارا قالپاق ( ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ) ، كارا بالدا - بايقال ، قىرمىز ، كارىرىيە ، كېمى ، مالى ، شىمالىي ئوسىتىي ، تاتارىستان ، توۋا ، ۋودمۇرت ، چېچىن - ئىنگۇش ، چۇۋاشىيە ، ياقۇت ، ئابغازىيە ، ئازار ، ناشچىفان قاتارلىق 20 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت ، 8 ئاپتونۇم ئوبلاست 10 ئاپتونۇم رايون ۋە 129 چېگرا رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
لىنىيە مۇنبىرى) u6 s+ ^! v6 [8 r$ |
سوۋېت ئىتتىپاقى ئاساسى قانۇنىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى فىداراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت بولۇپ 15 ئىتتىپاقتا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ، ئۆزلىكىدىن قوشۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە تەشكىللەنگەن دەپ بەلگىلەنگەن . پايتەخت موسكىۋا . دۆلەت باشلىقى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتى رەئىسلەر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتالغان بولۇپ ، كېيىن ھوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى دەپ ئاتالغان . ھۆكۈمەت باشلىقى مىنىستېرلار كېڭىشىنىڭ رەئىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ھەربىي كۈچ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ .* e3 p0 m& L+ b& M
دۆلەت شوئارى : پۈتۈن دۇنيا پۇرۇلتارلىرى بىرلىشىڭلار ! دۆلەت تىلى : روس تىلى . پايتەخت : موسكىۋا ، يەر كۆلىمى : دۇنيا بويىچە 1 - ئورۇندا بولۇپ ، 22 مىليون 402 مىڭ 200 كۇۋادىرات كىلومېتېر ، نوپوسى : 293 مىليون 47 مىڭ 571 ( 1991 - يىل 7 - ئاي ) . دۆلەت قۇرۇلغان كۈن : 1917 - يىلى 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ، پارچىلانغان ۋاقتى : 1991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ، پۇلى : روپىيە ، ۋاقىت رايون پەرقى : 3+ دىن 11 + غىچە ، دۆلەت شېئىرى : ئىنتېرناتسىيىۇنال شېئىرى ( 1917 - 1991 ) ، خەلقئارالىق رايون قىسقارتما نامى : SU ( ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە ) .
! {+ N* n i# D5 n# X4 F
قىسقىچە تارىخى
4 G5 q$ g: {1 U! h9 a1 E+ `
1917 - يىلى 11- ئاينىڭ 7 - كۈنى كەچ سائەت 9 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە ، تۇنجى پاي زەمبىرەك ئوقۇنىڭ ئاۋازىغا ئەگىشىپ ، ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى پۇرۇلتارىيات ھاكىميەت تۇتقان تۇنجى ھۆكىمەت __ سوۋېت ھۆكىمىتى قۇرۇلدى . ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بولشىۋىكلار پارتىيىسى ھوقۇقنى ئىگەللەپ ، گىرمانىيە بىلەن < بېريوسېل شەرتنامىسى > نى ئىمزالاپ ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىقتى . ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلدا ، تىروتىسكىي رەھبەرلىك قىلغان قىزىل ئارمىيە قانلىق جاپالىق ئىچكى ئۇرۇش قىلىپ ئاقلار ۋە شەرتنامىلەشكەن دۆلەتلەرنى يېڭىپ جاپالىق ئىلگىرلەش ئېلىپ باردى . 1921 - يىلى 3 - ئايدا ، سوۋېت ھۆكىمىتى بىر قاتار يېڭى ئىقتىسادىي ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ ، ئالدى بىلەن دىخانلارنىڭ كىرىم مەسىلىنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ ، ئارتۇق ئاشلىقنى بازار ئېلىپ - سېتىشنى چەكلەپ يىغىۋېلىش ئېلىپ باردى . 1922 - يىلى 12 - ئاينىڭ 30 - كۈنى روسىيە ، بىلىروسىيە ، ئوكرائىنا ۋە تاشقى كاپكاز فىدىراتسىيەلىرى ئورتاق سوۋېت ئىتتىپاقىنى قۇرۇپ چىقتى . 1924 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچىسى لېنىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن يۇسېف سىتالىن ھاكىميەتنى قولغا ئېلىپ ، جاپالىق بىر قاتار ۋاستىلەر ئارقىلىپ ، سىياسى رەقىپلىرىنى تازىلاپ ، يېزا ئىگىلىكىنى كوللىكتىپلاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈردى ، شۇنداقلا كەسكىن ۋاستىلەر ئارقىلىق ، پارتىيە ، دۆلەت ۋە ئارمىيە رەھبەرلىرىگە نىسبەتەن چوڭ تازىلاش ئېلىپ باردى . 1927 - يىلى ئەنگىلىيە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلاپ ، 1921 - يىلى ئىمزالانغان ئەنگىلىيە سوۋېت سودا شەرتنامىسىنى يىرتىپ تاشلىدى . ئەنگلىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى چامبېرلىن 6 دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىرى يىغىنىدا < خەلقارا ئىنتېرناتسىيىۇنال بىلەن كۆرەش قىلىش > ئوتتۇرىغا قويدى ., C1 \6 b5 S" ?
1 T% \, w3 p; T7 S3 w% Z
گەرچە غەرپ ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر سىتالىننى ھەر قايسى مىللەتلەرگە قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان جاللات دەپ ئاتىغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنى غەلبىلىك ھالدا سانائەت ۋە ھەربىي جەھەتتىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇردى . سىتالىننىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش تۈزۈلمىسى ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتە چوڭ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ ، بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلەندۈردى . 1929 - يىلى 10 - ئاينىڭ24 - كۈنى نىيو - يورك پاي چېكى بازىرىدا پاي چېكىنىڭ چۈشۈشىدىن باشلانغان كىرىزىس ، تېز سۈرئەتتە پۈتۈن دۇنيانى قاپلاشقا باشلاپ ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەر ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بەردى . مۇشۇ 1929 - يىلى كىرزىس پۈتۈن دۇنيادا ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن چاغدا ، سىتالىنگىرادتا كۆلىمى غايەت چوڭ بولغان بىر تىراكتۇر زاۋۇدى ئىش باشلاپ 10 ئايدىن كېيىن مەھسۇلات چىقىرىشقا باشلىدى . 1932 - يىلى يۇنجى 5 يىللىق پىلان تاماملىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك دۆلىتىدىن سانائەت دۆلىتىگە ئايلاندى . 1937 - يىلى 2 - بەش يىللىق پىلان تاماملىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تېز ئۆرلەپ ياۋروپادا 1 - ئورۇنغا ، دۇنيادا 2 - ئورۇنغا ئۆتتى .
liniye.com7 }( M( G4 v1 J G& U
1939 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ناتسېست گىرمانىيەسى < ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلماسلىق شەرتنامىسى > ئىمزالاپ ، ئۆزئارا شۈبھىلىنىش قاپلىغان سىرلىق مۇناسىۋەت ئورناتتى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئىككى تەرەپ مەخپى يوسۇندا پولشا ، بالتىق دېڭىزى رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە فىنلاندىيەنى ئۆزىنىڭ كۈچ دائىرىسىگە كىرگۈزدى .1939 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى .
1941 - يىلى 6 - ئاينىڭ 22 - كۈنى سەھەر سائەت 3 دە گىرمانىيە تۇيۇقسىز سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلدى . بىر ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە سوۋېت قىزىل ئارمىسىدىن بىر مىليوندىن كۆپرەك ئادەم چىقىم بولۇپ ، غەرپتىكى سانائەت رايونلىرى پۈتۈنلەي گىرمانىيە ئارمىسىنىڭ كونتىرول دائىرىسىگە كىرىپ قالدى . ئادولوف گىتلېر سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ . 1945 - يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى ۋە ئىتتىپاقداش ئارمىيە ناتسېس گىرمانىيەسىنى ئۆز چېگرىسى ئىچىدە مەغلۇپ قىلىپ ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈردى . 1945 - يىلى 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى دۇنيا فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى .لىنىيە مۇنبىرى* _& m6 |' ?# @0 w; `+ {- q
سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىنغا قايتارما ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ ، قىزىل بايراقنى گىرمانىيە پارلامېنت بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە قادىدى . گىرمانىيە ئارمىيىسىدىن گىرمان - سوۋېت جەڭ مەيدانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئېشىپ ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ، گىرمانىيە تەرەپتىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار نىسپىتىنىڭ %73 نى ئىگەللىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن 20 مىليون ئادەم قۇربان بولغان بولۇپ ، ھەققانىيەت ۋە تېنچلىقنى قوغداش جەھەتتە بەلگىلىك قىممەت ياراتتتى . ئۇرۇشتىن كېيىن سىتالىن ۋە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر ئىتتىپاقى < ۋارشاۋا شەرتنامىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىتتىپاقى > نى قۇرۇپ ئامېرىكا ۋە < شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدىي تەشكىلاتى > بىلەن تىركەشتى . 20 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىكى دۇنيانىڭ نىسپىي مۇقىم بولغان شارائىتىدا ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەت ، ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدا بىر بىرىگە خىرىس قىلىپ ، دۇنيانىڭ نەچچە ئون يىللىق يۈزلىنىنىشە رەھبەرلىق قىلدى .
" b; V) V; j5 E7 v: J: M
1957 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى سۈنئى ھەمرانى ئالەم بوشلىقىغا قويۇپ بەردى . 1961 - يىلى 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىسى گاگارېن < شەرق > ناملىق ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئىنسانلارنىڭ ئالەم بوشلىقىغا چىقىش ئارزۇسۇنى ئەمەلگە ئاشۇردى .
) R/ c: x. w7 F
1953 - يىلى سىتالىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسىنىڭ يۇقۇرى رەھبەرلىك قاتلىمىدا بىر قانچە يىلغا سوزۇلغان ھوقۇق تالىشىش كۆرىشى ئېلىپ بېرىلىپ ئاخرىدا خىروششىف ھوقۇقنى ئىگەللىدى . خىروششىف 1956 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ 20 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىدىكى مەخپىي دوكلاتتا ، سىتالىن ۋە شەخسكە چۇقۇنۇشنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن سىياسى كۆرەش ئىنسانپەرلىك ئۇسۇلىغا قاراپ تەرەقىي قىلدى . ئاڭ فورماتسىيەسى جەھەتتىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن ، 1959 - يىلىدىن باشلاپ ، سوۋېت كومپارتىيەسى بىلەن جوڭگو كومپارتىيەسى ئوتتۇرسىدا بىر قاتار تەنقىد قىلىش ۋە ئىختىلاپلار ئېلىپ بېرىلدى . 1964 - يىلى خىروشىف تەختىن چۈشۈپ ھوقۇقنى بېرژىنېف ئىگەللىدى . مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى مەزگىلىدە جوڭگو - سوۋېت مۇناسىۋىتى سۇسلىشىپ ئىنتايىن تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىپ پەقەت نامدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ھالىتىلا قالدى ، ھەتتا ئىككى تەرەپتە < گۆھەر ئارال ھەقەسى > ۋە < تېلىكېت ۋەقەسى > دىن ئىبارەت چېگرا تۇقۇنۇشى يۈز بەردى . 1968 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى چېخسىلاۋاكىيەگە تاجاۋۇز قىلدى . 1969 - يىلى < گۆھەر ئارال مەسىلىسىدە > قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ ، جۇڭگو خگلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى . 1979 - يىلى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلدى . بۇ ئىككى ھەركەت خەلقارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىدى .
liniye.com7 `+ }. I% {+ G1 Z1 B' X. r
بېرصژنېف دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقى سىرقا نىسبەتەن كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويۇپ ، شەرقىي ياۋروپادىكى سابىق سوتسىيالىزىم لاگىرىدىكى دۆلەتلەر ۋە موڭغۇلىيەدە ئەسكەر تۇرغۇزغاندىن سىرت ، يەنە ۋېتنام ، كۇبا ، جەنۇبىي يەمەن ، ئانگۇلا ، ئىفئوپىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ھەربىي لاگىر ھەتتا ھەربىي بازىلارنى قۇردى . بېرژىنېف < چەكلىك ئىگىلىك ھوقۇق نەزىريىسى > ئوتتۇرىغا قويۇپ ، باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى چەكلىمىلككە ئىگە دەپ قارىدى . بېرژىنېف ئوتتۇرىغا قويغان بۇ نەزىريە ئەمەلىيەتتە باشقا سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى ئېكىسپالاتاتسىيە قىلىدىغان ، ئۇلارنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھامىيسىغا ئايلاندۇرۇدىغان نەزىريەدىن ئىبارەت ئىدى . 1980 - يىلى موسكىۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىش جەھەتتىكى پەردىسىنى قايرىدى . ئەمما ئافغانىستاغا تاجاۋۇز قىلىش سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى دۇنيادىكى تۈزۈم جەھەتتە كەمسىتىش نەزىريىسى بىلەن قارىغۇچىلار ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولۇپ قالدى. m% w( X6 ? }
/ c$ A' S1 L1 D6 a6 P5 R. {
1985 - يىلى كومپارتىيە ئىچىدىكى ئىسلاھاتپەر شەخس گورباچېف ھوقوقنى قولغا ئېلېپ ، نۇرغۇنلىغان كونا ، چىرىك قاراشلارغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى . گورباچېف سىياسى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە دۆلەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىلىرىگە قارىتا ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى تۈزۈپ ، دۆلەت ئىچىدە ئىسلاھات ۋە ئوچۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ ، تارىخىي خاتالىقلانى ئاشكارىلاش ۋە ھىساب ئېلىش ئېلىپ باردى . گورباچېف يەنە سوۋېت ئىتتىپاقىدا < دىمۇكراتىك ، ئىنسانپەرلىك سوتسىيالىزىمى > قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىدى . ئەمما يەنە بىر تەرەپتە ئۇنىڭ ئىسلاھاتى ئويلاپ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى . مەركىزى ھۆكىمەتنىڭ ھوقوقىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشكە ئەگىشىپ ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر رەھبەرلىرى تېخىمۇ كۆپ ئاپتونومىيە ھوقوقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى . < ئاشكارىلىق > تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ ، سوۋېت كومپارتىيەسىنىڭ تارىخى مەسىلىلىرى ۋە خاتالىقلىرى ئاشكارىلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خەلقنىڭ ھۆرمىتى ۋە ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ، ھەتتا 1989 - يىلى كومۇنىزىمنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخى خاتالىقلىرى يىغىلىپ ، ئومۇمىي پارتلاش يۈز بېرىپ ، خەلق قايىل بولماسلىق، نەزىرىنى كومۇنىستىك پارتىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى نىشانلارغا قاراتتى . شەرقىي ياۋروپادىكى كومۇنىستىك پارتىيەلەر ئارقا - ئارقىدىن تەختتىن چۈشۈشكە باشلىدى ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرمۇ ، شەرقىي ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇش غەرىزىدە بولدى . # W6 y) a. s& H" j/ q6 w5 F
1991 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سوۋېت كومپارتىيەسى ئىچىدىكى بىر قىسىم كانسېرۋاتىپلار ، ھەر قايسى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەرگە چۈشۈرۈپ بېرىلگەن ھوقۇقلارنى تارتىۋېلىش ۋە غەلبىسىز ئىسلاھاتنى دەرھال توختىتىش مەقسىدىدە بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتلىك سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى . ئەمما خەلق ، ئارمىيە ، ۋە كۆپ قىسىم كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرۇشى نەتىجىسىدە ، سىياسىي ئۆزگىرىش پەقەت 3 كۈن تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ مەغلۇپ بولدى . روسىيە زۇڭتۇڭى يىلىتسېن سوۋېت كوپپارتىيەسىنى قانۇنسىز پارتىيە دەپ ئېلان قىلىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى چەكلىدى . 1991 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا يىلىتسېن بىلىروسىيە ، ئوكرائىنا زۇڭتۇڭلىرى بىلەن مىنىسكىدا شەرتنامە ئىمزالاپ ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ ، ئەنگىلىيە ئىتتىپاقىغا ئوخشايدىغان بىر خىل دۆلەت قۇرۇلما شەكلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈرۈپ ئېلىپ كەلدى . روسىيە ۋە باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلەر بۇنىڭغا كەينى كەينىدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى . سوۋېت ئىتتىپاقى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەۋجۇتلۇقتىن قالدى . 19991 - يىلى 12 - ئاينىڭ 25 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى زۇڭتۇڭى گورباچىف خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ دۆلەتنىڭ ھوقوقىنى روسىيە زۇڭتۇڭىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . 1991 - يىلى قىزىل بايراق كېرىمىل سارىيىدىن ئاستا چۈشۈرۈۋېلىندى . قىزىل يىللار ۋە گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت سۈپىتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى مەۋجۇتلۇقتىن توختىدى .liniye.com6 T0 z9 D" t( C: d* i0 l( ~
سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى:liniye.com$ D/ ]$ H9 Q9 e8 c# ]- V
1 . ۋىلادىمىر . ئېلئېچ لېنىن ( 1917 . 10 . 17 ___ 1922 . 4 . 3 . ) لىنىيە مۇنبىرى' E: S! w) ^' U$ n9 D$ }" y. x
liniye.com j1 |1 \8 c( x6 O3 F
2 . سىتالىن ( 1922 . 4. 3 __ 1953 . 3 . 5 )
3 . خىروششىف ( 1953 . 9 . 7 __ 1964 . 10 . 14 ) لىنىيە مۇنبىرى( _% H. G0 C& _3 {( Z( O3 s
4 . بېرژىنېف ( 1964 . 10 . 14 __ 1982 . 11 . 10 ) . m* x- p5 M# d7 {' L4 i8 `/ k0 q
لىنىيە مۇنبىرى3 x+ f+ }5 X5 r7 z/ C) ~
5 . ئاندىرىيپوف ( 1982 . 11 . 12 __ 1984 . 2 . 9 . )
/ R0 J( p) }8 B7 A- d) h- m. e
6 . چېئېرنېنكو ( 1984 . 2 . 13. __ 1985 . 3 . 10 )
liniye.com. E6 e% b6 ?9 ^. i) ?6 V, k% I
7 . گورباچېف$ g1 |; s, c; Z$ ]7 R% r
% c. ?- H4 H* y$ v& L4 ~
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 15 ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنىڭ نامى:
1 . روسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك فىدىراتسىيە جۇمھۇرىيىتى
$ i. ], m( a& v* }7 W c
2 . بىلىروسىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى! n- H5 Q6 \ H
% q4 U' D$ L0 c0 B; ^9 B$ }
3 . ئوكرائىنا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىliniye.com' [& M4 g( z/ P4 B$ ?
! ]0 C' X5 u; }' g1 s4 j, G- g
4 . ئىستونىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى
5 . لىتۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى - c, u; _) z- t+ d' W
6 . لاتۋىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى liniye.com0 R4 M/ b0 `. ?& X6 q
7 . مولدوۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى لىنىيە مۇنبىرى0 Q* \5 Q2 }1 T) D1 Z8 N5 j0 ^
2 i0 @8 M" q c& _' N Q
8 . گىروزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى
9 . ئەرمىنىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى
10 . ئۆزبېكىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى + J% i4 C r9 a P) J' m
1 z3 a/ h3 v) v. }$ E2 [2 k/ w
11 . قازاقىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى & } n4 D# F% d" T6 G9 D
$ D, z! o& w& m
12 . قىزغىزىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى- A5 n5 U- n, }4 d0 z! M- z
13 . تاجىكىستان سوۋېتر سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى لىنىيە مۇنبىرى) e6 t8 G9 M; ^8 l
14 . ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى
. l$ x% g$ r) Y, x
15 . تۈركمەنىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى , _; c; m( l% ~! [- X
liniye.com/ P8 I# q4 B8 P! v9 r, p) q4 E1 D" a4 j
سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى 20 ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنىڭ ناملىرى:
1 . باشقىرت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى # p, R0 Z5 [5 N% {, f6 d/ ]/ a
, Y; [0 C+ y' |+ f
2 . بۇريات سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
3 . داغىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
4 . كارىبالدا - بايقال سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى # R; {6 S6 _# h: h' P8 P5 p
! P) V2 X' i- w! d7 n
5 . كارمىك سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
لىنىيە مۇنبىرى4 w7 d% n0 l7 c! y, b
6 . كارىرىيا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى . N9 j- s( S& j" B, S
7 . كېمى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
8 . مالى سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى + u7 k0 _# j* a1 L1 ]- M
9 . موردۇۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى 9 a5 l. e8 ?7 Z9 g N, P/ @: i
10 . شىمالىي ئوسىتىي سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى $ Z! i; @5 O, k7 L& s
11 . تاتارىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى 6 ]4 H' P) T( N: l# W3 e
12 . توۋا سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى لىنىيە مۇنبىرى! H' S0 B* Y5 A, o3 A
13 . ۋودمورت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى# q1 n% O* E1 P2 A/ P$ [) O
14 . چېچىن سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
liniye.com. f* s# v7 O5 X' z
15 . چۇۋاش سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
16 . ياقۇت سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى لىنىيە مۇنبىرى1 `2 p, t0 i$ ^( ^# c& Q
17 . ئابغاز سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى 0 u" @" l' W1 n
: n( u8 u* ~& Z% q# n9 H; ?
18 . ئازار سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى: K7 i6 q, ^. h; ?
" G" K; C, z6 ?) t
19 . ناشىچېر سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
liniye.com! I, {! Z% @& g
20 . قارا قالپاق سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى
<< كانادالىق ئۇيغۇر قىزنىڭ ئۈرۈمچىدىن ئالغان تەسىراتى | باش بەت | ئوغۇل-قىزلار نەرسە سوۋغا قىلغاندا دىققەت قىلىڭ ! >>