• 2009-03-23

    بوۋامدىن مۇنداق نەسىھەت قالغان! - [تور ئەدەبىياتى]

    بوۋامدىن مۇنداق نەسىھەت قالغان!


    پەرزەنتلەرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇنداق قەيت قىلىنغان ھەققىنى ئادا قىلماقلىق قەرزدۇر :

       ئاچ بولسا غىزا بەرگەيسەن؛ يالىڭاچ قالغان بولسا كىيىم-كېچەك بەرگەيسەن؛ خىزمىتىڭگە مۇھتاج بولسا ئۇلارغا رازىمەنلىك بىلەن بىجانىدىل خىزمەت قىلغايسەن؛ چاقىرسا لەببەيئ دەپ ھازىر بولغايسەن؛ ئىشقا بۇيرۇسا پەرمانبەردار بولغايسەن؛ ئۇلارغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنى ئاتاپ چاقىرمىغايسەن؛ ئەگەر ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بىر يەرگە بارساڭ  ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالماي ماڭغايسەن؛ ھەر نەرسىنى ئۆزۈڭگە لايىق كۆرسەڭ ئاندىن ئۇلارغىمۇ لايىق كۆرگەيسەن؛ ئۇلار رازىلىق بەرمىسە سەپەرگە چىقمىغايسەن؛ ئۇلارنى كۆرگەن ھامان ئورنۇڭدىن تۇرۇپ تەزىم بەجا كەلتۈرگەيسەن ۋە ئىجازەت بەرمىگۈچە ئولتۇرمىغايسەن؛ ئۇلار بىلەن قاراڭغۇدا بىرەر جايغا بارساڭ، ئۇ جاي خەۋپلىك بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ يول باشلاپ ماڭغايسەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا كۆپ سۆزلىمىگەيسەن ۋە چاقچاق قىلمىغايسەن؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتمىگەيسەن؛ ئۇلار سۆزلەۋاتقاندا سۆزىنى بۆلمىگەيسەن؛ بۇيرۇق ۋە تەنبىھ بىلەن ئۇلارغا خىتاب قىلمىغايسەن؛ ئۇلارغا قاتتىق ئاۋازدا سۆزلىمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ ئالدىدا "ئۇھ" دېمىگەيسەن؛ ئۇلار يالغۇز قېلىپ ئۆيلەنسە ياكى تۇل قېلىپ ياتلىق بولسا قەھر قىلمىغايسەن؛ جۆرىسىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلسا ئۇلارغا ئازار بەرمىگەيسەن؛ ئۇلارغا ئۆمۈرۋايەت ئازار بەرمەسلىكنى نىيەت قىلغايسەن؛ ئۇلارغا ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىگەيسەن؛ ئۇلارغا ئۆزۈڭدىن بۇرۇن كىيىم-كېچەك قىلىپ بەرگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ غىزاسىنى ئۆزۈڭنىڭكىدىن ياخشىراق ئەتكەيسەن؛ ئەگەر ئۇلار بىلەن بىللە بولساڭ غىزانىڭ ياخشىلىرىنى ئۇلارغا بەرگەيسەن؛ ئۇلارغا ئاقچا بېرىپ تۇرغايسەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ھاجەتلىرى بولسا ئۇلار ساڭا كالپۇك يېرىپ ئىزھار ئېتەلمەيدۇ، ئاقچىنى ھاجەتلىرىگە بىمالال سەرپ ئەتكەي؛ ئۇلار كېسەل بولسا جان-دىلىڭ بىلەن داۋالاتقايسەن؛ ئۇلار كېسەل بولسا ھاجەتلىرىگە ھاپاشلاپ ئاپارغايسەن؛ سەن ھەرقانچە ئالەمگىر بولساڭمۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆمۈرۋايەت پەرزەنتتۇرسەن!


    ئاتىلاردىن بىزلەرگە يەنە مۇنداق سۆزمۇ تەۋەرۈكتۇر :

    كىشىنى ئاچچىقى كەلگەندە سىنا ،
    دوستنى زىيان ئۈستىدە سىنا ،
    سۆزنى پاكت-مېغىز بىلەن سىنا !

    ئۇستازىڭنى ئاتا-ئاناڭدىن ئەزىز كۈت !

    ئاچچىق بىلەن سۆزلىمە !

    ئۆز ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر !

    بىراۋلارنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ تىلىڭ بىلەن كۆزۈڭنى يىغىپ ئولتۇر !

    ئاز سۆزلىمەك ، ئاز يېمەك ، ئاز ئۇخلىماقنى ئادەت قىل !

    بىلمىگەن ئىشقا  ئۇستاتلىق قىلما !

    كىشىنىڭ پۇلىغا ئۈمىد باغلىما !

    مويسىپىتكە قاتتىق سۆزلىمە !

    ھاجەتمەننى نائۈمىد ياندۇرما !

    مېھماننى ئىشقا بۇيرۇما !

    مېھمان ئالدىدا كىشىگە ئاچچىقلانما !

    سۆزنى كۆڭلۈڭدە پىشۇرۇپ ئاندىن سۆزلە !

    ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا ئويۇن-چاقچاق قىلما !

    بىر قېتىم دېگەن سۆزۈڭنى تەكرارلىما !

    كىشلەر ئالدىدا ئۆزۈڭنى ۋە خوتۇنىڭنى ماختىما !

    ئۆلگەننىڭ يامان گېپىنى قىلما !

    بىراۋدىن بىرەر ھېكمەت كۆرمىگۈچە ئۇنى ماختىما !

    ئەخمەقلەر  مۇلاقەتىگە سۈكۈت قىل !

    ئىككى يۈزلىمە ئادەمدىن مەدەت تەلەپ قىلما ، ئۇنىڭدىن يىلاندىن قاچقاندەك قاچ !

    ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە ئاشۇرۇپ ياخشىلىق قىل !

    ئاچچىقىڭ كەلگەندە جىم تۇر !

    مانا بۇ نەسىھەتلەرنى قىلغان ئاتالار نەسىھەتلىرىنى مۇنداق تاماملىغان :
    ئۆزۈڭنى چوڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلماق بىلەن ، كىچىكلەرگە مېھر-شەپقەت  قىلماق بىلەن، كەمبەغەللەرگە خەيرى-ئېھسان قىلماق بىلەن ، دوست - يارەنلەرگە ۋە ئاىلە تاۋابىاتلارغا نەسىھەت قىلماق بىلەن، ئالىم-ئۆلىمالارغا ئەدەب-ئەخلاق ئىتائىتىدە بولماق بىلەن ھاياتىڭنى ئۆتكۈزگەيسەن !