• 2009-03-07

    ئەرلەر ، ئاياللار ۋە باشقىلار - [تەرمىلەر]

    ئەرلەر ، ئاياللار ۋە  باشقىلار
    ئاياللارنىڭ  سۈزلىيەلەيدىغان  ئۈچ ئىغىزى بار  . بىرى بۇرنىنىڭ  ئاستىدا  ،قالغان  ئىككىسى  
    قىشىنىڭ  ئاستىدا .

    كىرىمى  كوپ  كەڭ  - تاشا  قورو- جايى  بار  كۈيۈمچان  ئوتتۇرا  ياش ئەرلەرنىڭ  توي قىلىپ  
    قىلىپ بولغانلىغى دايىم ياش قىزلارنىڭ  كۈڭلىنى  بىئارام  قىلدۇ  .

    گۈزەللىك  ئۇقۇمى  بىر  قىزنىڭ  يۈزۈدىكى  كىچىككىنە  خالنى  مىسالغا  ئالساق  ، ئۇ پەقەت  
    بىر تالا بولسا  قىزنىڭ  ھۈسنىگە  ھۈسۈن  قوشودۇ  . ئەگەر  بەك  كوپ  بولوپ  كەتسە  ھەقى
    قەتەن  ئادەمنى  ئازاپلايدۇ .

    ئەرلەر  جەمىيەتنى  ئالغا  ئىلگىرلىتىغان  پاراۋۇز  ، ئاياللار  بولسا  شوپور.

    مۇھاببەت بىر  خىل تىلسىماتكى  ، ئۇنىڭغا  قەدەم  باسقاندا  ئادەمنىڭ  چېرايى  خوشاللىقتىن
    ئاپتاپتەك  ئېچىلىپ  كېتىدۇ  .يىنىپ  كەلگەندە    بولسا  بۇلۇتلۇق  ئاسماندەك  تۇتۇلۇپ كىتىدۇ

    ئەرلەر  بىرىنجى  قىتىم  مۇھاببەت  خىتىنى  يازغاندا  تومۇرلىرىدا  قانلىرى  ئۇرغۇپ  كىتىدۇ
    ئىككىنجى  قىتىم  مۇھاببەت  خىتى  يازغاندا  :  ھەر  بىر گەپ-سۈز ئۈستۈدە ئەستايىدىل  ئويلىنىپ
    يازىدۇ ،  ئۇنىڭدىن كىيىن  يازماقچى  بولسا  «قاپاققا  قاراپ  نوگاي  سىزغاندەك  »  ئۇ يەر  بۇ
    بۇ  يەرلەردىن  كۈچۈرۈپ  يۈرۈپ  بىر پارچە  مۇھاببەت خىتى  تەييارلايدۇ

    چېرايلىق  ئايالارنى  ئەڭ  قاتتىق  جازالاش  ئۇسۇلى- ئىمكانقەدەر  قارىماسلىق  ،ئۇلار بىلەن
    سۈزلەشمەسلىك  ،ئۇلارنىڭ  مەۋجۇتلىغىغا  ئىتبارسىز قاراش  .

    چېرايلىق بىر خىنىمنىڭ  سىزدىن  يول  سورىغانلىغى  بىر ياخشى  ئىش  ، باھانە تىپىپ  ئۇنىڭ
    بىلەن بىللە ماڭغانلىغىڭىز  «ئامەت  كەلسە  قوش  كەپتۇ  »  دىگەندەك  بىر ئىش  .

    ئىلگىرى  كىشىلەر  بالىنى  مۇھاببەتنىڭ  جەۋھىرى  دەيدىكەنتۇق  ھازىر  بولسا  مۇھاببەتتىن
    ئىلىنغان  باج  دەپ قارايدىغان بولدى  .

    قىزلارنى  قوغلاشقاندا  شېئىر  ئىشلەتسە  ، شىرىن  ئاينى  ئۈتكۈزگەندە  ئەدىبى  پارچىلارنى  
    ئىشلەتسە  ، قىرى خوتوننى  مەسخىرە  قىلىشتا  فىليەتون  ئىشلەتسە  بولدۇ  .

    قىزلار  مۇھاببەت  خىتى  يىزىش  بىلەن  ھوزورلىنىدۇ  ، ئاياللار  سۈيدۈك  لاتىسىنى  يۇيۇش بىلەن
    ھوزورلىنىدۇ  ، مومايلار  ھەمرايىنى  ئەسلەش  بىلەن  ھوزۇرلىنىدۇ  .

    تەلەيسىز  ئەرلەر  چېرايلىق  ئاياللارغا  قارايمەن  دەپ  ئىستولبىغا  ئېستىلبوغا    ئۈسۈۋالدۇ.
    تەلەيلىك  ئەرلەر  سىتولبىغا  قارايمەن  دەپ  چېرايلىق  ئاياللارغا    ئۈسۈۋالدۇ .