ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئابدۇكېرىم ئابلىز كېچىلىكىنىڭ ئوغرى نەشرى بازارغا چىقىپتۇ - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> شىنجاڭ خەۋەرلىرى >>
ئابدۇكېرىم ئابلىز كېچىلىكىنىڭ ئوغرى نەشرى بازارغا چىقىپتۇ
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي   كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىنداشلار، بىز بۈگۈن چۈشتىن 56 تورىدا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ بىر ئىتوتىنى بايقاپ قالدۇق. ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ناخشا ئېيتىپ چىققانلىقى بىزگە ئۆزگىچە بىلىنىپ، بۇ سىننى تور بېكىتىمىزگە يوللىدۇق. ئارىدىن مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشتىن چۈشۈپ، ئۆيگە قايتىش يولىدا يول بويىدىكى مەلۇم بىر پلاستىنكا دۇكىنىنىڭ ئالدىغا كەلسەك، ئۇ دۇكاندا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتىنى قويۇۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز «ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكنىڭ پلاستىنكىسى چىقتىمۇ» دەپ سورىدۇق. دۇكاندىكى 40 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئايال «شۇنداق» دېدى. بىز گەرچە ئالدىنقى قېتىم ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ تەڭرىتاغ تورىدىكى سۆھبەتتە «كېچىلىكنىڭ پلاستىنكىسى چىقمايدۇ» دېگىنىدىن خەۋەردار بولساقمۇ، ئەمما بۇنىڭ زادى قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ، ئۇ ئايالغا سېتىۋالماقچى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. ئۇ ئايال «بىرى دولان شىركىتىگە پلاستىنكا ئالغىلى كەتتى، 15 مىنۇت ساقلاڭلار» دېدى. بىز بىر ئاز ساقلىغاندىن كېيىن، 30 ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئەر پلاستىنكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىز بىلەن تەڭ ساقلاۋاتقانلارغا تارقاتتى. قارىساق، پلاستىنكىنىڭ ئۈستىگە «2012-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى: 1-قىسىم» دەپ يېزىپ قويۇلۇپتۇ.
بىز پلاستىنكىنى قولىمىزغا ئېلىپ، شۇنى بايقىدۇقكى، بۇ پەقەت جىڭدەك تۇيۇلمايتتى. گەرچە ئالدى-كەينى مۇقاۋىسىغا ئىتوت ئويناپ چىققان تۆتەيلەننىڭ رەسىمى بۇرۇنقى تەشۋىقات رەسىمىدىكىدەك بېرىلگەن بولسىمۇ، قېپىدىن ئۇنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى چىقىپ تۇراتتى. بىز ئۇلاردىن «بۇ پلاستىنكا ساختىدەك قىلدىغۇ» دېسەك، ئۇلار « جىڭ، ساختا پلاستىنكا بۇنداق بولمايدۇ، بىز سىلەرنى ئالدىمايمىز، ساختا بولسا سىلەرمۇ 15 يۈەنگە ئالمايسىلەر» دېدى. بىز «قېنى ئۆيگە بېرىپ كۆرۈپ باقايلى» دېيىشىپ، ئۇ ئايالغا 15 يۈەننى بېرىپ، ئۆيگە كەلدۇق.
ئۆيگە كېلىپ، پلاستىنكىنى كومپيۇتېرغا سېلىپ، كۆرۈشكە باشلىدۇق. بۇ پلاستىنكىنىڭ بېشىدا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېيتقان ناخشىسى، «ياتاقتا» ناملىق ئىتوتى ۋە بىرقۇر ئېلاندىن باشقا ھېچنېمە يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن، بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپلا قالدۇق. بۇ زادى نېمە ئىش؟ بۇ ھەقىقىي نەشردىكى پلاستىنكا بولسا، مۇشۇنداق ئىككى-ئۈچ تاللا نەرسە بولامدۇ؟ كاللىمىزدىن نۇرغۇن خىيال كەچتى. بىز بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى دولان شىركىتىگە تېلېفون ئۇرۇپ، سۈرۈشتۈرۈپ باقماقچى بولدۇق. پلاستىنكىدىكى تېلېفون نومۇرىغا ئۇرساق قەتئىي ئۇلانمىدى. شۇنىڭ بىلەن، دولا شىركىتىنىڭ تور بېكىتىگە كىرىپ، 18999977007 دېگەن نومۇرغا تېلېفون ئۇرۇپ، شۇنى بىلدۇقكى، ئابدۇكېرىم ئابلىز ئېيتقاندەك، كېچىلىكنىڭ پلاستىنكىسى بازارغا سېلىنمىغان، ئۇلار تۇنجى قېتىم بىر ئىتوتنى «ئۇيغۇر تاللا تېلېۋىزىيىسى» گە بەرگەنلىكىنى، ئەگەر بۇ تورنى ئۆيگە تارتسا، 3 يۈەن بىلەن بۇ ئىتوتنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇ پلاستىنكىنىڭ ساختا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇشۇ، دېمەك، بىر تال ئىتوتنىڭمۇ ئوغرى نەشردىكى پلاستىنكىسى بازارغا چىقىپ بولغان، باھاسى 15 يۈەن ئىكەن!!! بۇ نېمە دېگەن كاززاپلىق!!!
ئەي، ئەزىز قېرىنداشلار، بۇ پلاستىنكىنىڭ ھەقىقىي نەشرى تېخى بازارغا چىقمىدى، ھەم چىقمايدۇ، ھەرگىزمۇ 15 يۈەن تۆلەپ ئوغرى نەشرىنى سېتىۋالماڭلار، بىز شۇ تاپتا بىزگە پلاستىنكا ساتقان ئايالنى دولان شىركىتىگە ئىنكاس قىلىپ قويايلىمۇ دېيىشتۇق، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ ئېلىۋاتقان كۈنىمۇ تايىنلىق، بىكار چوڭ بالاغا قالىدۇ، دەپ بولدى قىلىۋەتتۇق. شۇڭا كەڭ قېرىنداشلار كوچىلاردىكى بۇنداق ئوغرى نەشردىكى پلاستىنكىنى ھەرگىز سېتىۋالماڭلار، خەق قان تەرى بىلەن پلاستىنكا چىقارسا، كۆزى پۇلنىلا كۆرىدىغان بىر قىسىم نەپسانىيەتچى كىشىلىرىمىز ئۇنى تۆكمە قىلىۋاتىدۇ، بىز بولساقمۇ، ئاق بىلەن قارىنى پەرق ئېتەيلى، خەقنىڭ ئەمگىكىنى مۇنداق دەپسەندە قىلمايلى.


يالغان نەشىردىكى پىلاستىنكىنىڭ مۇقاۋا سۈرتى
 


 

يېڭى خەۋەرلەر
ئابدۇكېرىم ئابلىز كېچىلىكىنىڭ ئوغرى نەشرى بازارغا چىقىپتۇ
ئابدۇكېرىم ئابل...
جۇلىنىڭ قىزى «ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال» دا رول ئالىدىكەن
جۇلىنىڭ قىزى «ئۇ...
بىر ئەر ئىئانە توپلاش ئۈچۈن توڭلاتقۇ يۈدۈپ يۈگۈردى
بىر ئەر ئىئانە ت...
 كىشلەرنىڭ بارغانسىرى ئامراق بولىشى بىلەن ھايۋاناتلارنىڭ باھاسى بارغانسىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، تاۋار ئىگىلى
كىشلەرنىڭ بارغا...
ھىندىستان توك توختاپ قالسا تېخى جۇڭگودىن يامانلاپ يۈردى
ھىندىستان توك تو...
مىسىردا روزى ھېيىت مەزگىلىدە قىزلار جىنسى پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى
مىسىردا روزى ھېي...
دۇنيادىكى ئەڭ قېرى مۈشۈكئېيىق-باۋباۋ تۈنۈگۈن ئۆلۈپ كەتتى
دۇنيادىكى ئەڭ قې...
قىز-ئاياللار خورلىنىۋاتقان ھىندىستاندا كېلىن يېتىشمەي قالدى
قىز-ئاياللار خور...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئابدۇكېرىم ئابلىز كېچىلىكىنىڭ ئوغرى نەشرى بازار...
ئاتاغلىق چاقچاقچىمىز تۇداخۇن(پاكار) ۋاپات بولدى
بىر قېتىملىق ئاپەتنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان بىچار...
ۋۇخەن قۇرۇلۇش بانكىسىنى پارتىلاتقان باش جىنايەت...
12 نەپەر شياڭگاڭغا ئوغۇرلۇقچە قاچماقچى بولغان چەت...
بىر ئەر تېلىفوندا شۇجىسىنىڭ ئاۋازىنى دوراپ 25 تۈم...
ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ ...
بىر فوتۇ ئاپپارات بىر مىليون 700 مىڭ فوندستېرلىڭغا...
سەلتەنەت شىركىتى ساخاۋەت ئىشلىرىغا 15 مىڭ يۈەن ئى...
مىللىي كارخانىلىرىمىزنى قوللاپ بېلەت تاشلاڭ!
ئىچكىرىدىكى 1600 نەپەر سەرگەردان بالا شىنجاڭغا قاي...
شىنجاڭدا كەڭ كۆلەملىك ئايروپىلان مۇلازىمەتچى خا...
كۆيۈمچان باغۋەن تۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىمگە بېلەت تا...
بۇلتۇر شىنجاڭدا 27058 ئۇيغۇر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملان...
ئۈرۈمچى بىلەن ئاقسۇ ئارىلىقىغا يېڭىدىن تېز پويىز...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526