
يەر شارى تورى مۇخبىرى چېن ۋېي خەۋىرى: تەيۋەن «مەركەز ئاگېنتلىقى» نىڭ 22- ئاۋغۇستتىكى ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە بېرلىن ھايۋانات باغچىسىدىكى 34 ياشلىق مۈشۈكئېيىق «باۋباۋ» 22- ئاۋغۇست ئۆلۈپ كەتكەن. «باۋباۋ» يەر شارىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ مۈشۈكئېيىق ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو 1980- يىلى بىر جۇپ مۈشۈكئېيىقنى گېرمانىيە ھايۋانات باغچىسىغا ئارىيەتكە بەرگەن بولۇپ، «باۋباۋ» بۇنىڭ بىرسى ئىكەن. ئىگىلىنىچە، «باۋباۋ» بىر ئەركەن مۈشۈكئېيىق بولۇپ، يەنە بىر چىشى مۈشۈكئېيىق 1984- يىلى ئۆلۈپ كەتكەن.
1980- يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، «باۋباۋ» ئىزچىل تۈردە بېرلىن ھايۋانات باغچىسىدا تۇرغان. پەقەت 1991- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا، بېرلىن ھايۋانات باغچىسى «باۋباۋ» نى لوندون ھايۋانات باغچىسىدىكى چىشى مۈشۈكئېيىق «مىڭ مىڭ» بىلەن جۇپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، لوندون ھايۋانات باغچىسىغا ئىجارىگە بەرگەن. ئەمما ئۇلار مۇۋەپپەقىيەتلىك جۈپلەشمىگەن.