‹‹گۇگۇم شەھىرى››نىڭ خاتىمىسى‹‹تاڭ يورىدى››نىڭ كىيىنكى قىسمىدىكى سۆرەتلىرى ئاشكارلاندى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى فىلىمدىكى ئاشۇ شېرىن مۇھەببەت ئاللىقاچان كۆپۈككە ئايلانغانىدى. ‹‹گۇگۇم شەھىرى››نىڭ خاتىمىسى‹‹تاڭ يورۇدى››دىكى بىر جۈپلەرنىڭ ئاشۇ يېقىملىق، شېرىن مۇھەببەتلىك سۈرەتلىرى ئاشكارىلانغاندا فىلىم مەستانىلىرى ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندى.‹‹گۇگۇم قىزى›› كىرىستىنا سىتۋارتنىڭ رېژىسسور بىلەن بولغان ئىشى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ئۇ ئىزچىل ئىنتايىن چۈشكۈن يۈردى،ھەمدە 26 ياشلىق روبېرت بولسا ‹‹ چوڭ شەھەر رايونى›› دېگەن فىلىمىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىدا بۇ توغرىسىدا ئىزچىل سۆز ئاچمىدى.بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كىيىن سىتۋارت ‹‹ يولدا›› فىلىمىنىڭ تەشۋىقات پائالىيىتىگىمۇ قاتناشمىدى. بىراق ئۇنىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 16- كۈنىگىچە بولغان ۋاقىتتىكى تورونتودىكى كىنو بايرىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى ياكى قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.
گەرچە بۇ خەۋەر بەك ئەۋج ئالغان بولسىمۇ بىراق ‹‹ گۇگۇمدىكى شەھەر›› نىڭ تەشۋىقات ھەيئىتى مۇنداق دەيدۇ:‹‹مېنىڭچە بۇ فىلىم بىلەن رولچىلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشىنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق،مەن كۆپچىلىكنىڭ كىنونىڭ ئۆزىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.مېنىڭچە بۇ ئىش كىنونىڭ بىلەت كىرىمىگە قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.››
«گۇگۇمدىكى شەھەر» نىڭ خاتىمىسى «تاڭ يورۇدى» نىڭ كېيىنكى قىسمى مۇشۇ يىلى 11-ئاينىڭ 16- كۈنى كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.