2012-يىللىق دۇنيا گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسى 18-ئاۋغۇست ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردۇس شەھىرىدە ئاياقلاشقان بولۇپ، جۇڭگو گۈزىلى يۈ ۋېنشىيا 100 دىن ئارتۇق رەقىبىنى يېڭىپ چىمپىيون بولدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك دۇنيا گۈزىلى ۋېنېسۇئېلالىق نازىنىن يۈ ۋىنشىياغا تاج كەيدۈرگەندە پۈتۈن مەيداننى گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى قاپلىدى. يۈ ۋىنشىيا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 115 نازىنىننى يېڭىپ، 2007-يىلىدىن بۇيانقى جۇڭگوغا ۋاكالىتەن ئىككىنچى قېتىم چىمپىيونلۇققا ئېرىشكەن دۇنيا گۈزىلى بولۇپ قالدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشكۈچىلەر ۋېلش ۋە ئاۋسترالىيە ۋەكىللىرى.