ساقلىۋىلىڭ باش بەت قىلىڭ بۈگۈن خۇشخۇي توربىكتىگە كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا!
قىزىقارلىق فىلىم مەدەنىيەت-تارىخ ئـەدەبىـيات كومپيۇتېر ۋە IT چولپانلارسالۇنى خەلقئارا خەۋەر كىنو-فىلىم باش بەت
كۈلكە-ئىتوتلار قىزىق نۇقتا بوكىسلار پەن-تېخنىكا رەسىم دۇنياسى مەملىكەت خەۋەرلىرى MTV ئىكرانى خـەۋەرلـەر
تەنتەربىيە قانىلى ئەدەبى شەخىسلەر ھەمكارلىق ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى تور ئويۇنى شىنجاڭ خەۋەرلىرى ناخشا - مۇزىكا مۇنبەر

AD-242-60

| قىزىق نۇقتا | خەلقئارا خەۋەرلىرى | مەملىكەت خەۋەرلىرى | شىنجاڭ خەۋەرلىرى | تەنتەربىيە | IT كومپىيۇتىر | ئىقتىسادى خەۋەرلەر | مائارىپ-ئىمتىھان خەۋەر باش بىتى  
ئافرىقىدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى - huxhuy online----Sports|world News|it News|china News|Local News Business
ئورنىڭىز:خەۋەر >> خەلقئارا خەۋەرلىرى >>
ئافرىقىدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى
 يوللىغۇچى:خۇشخۇي  كىلىش مەنبەسى:互联网  كۆرلىشى:0  

\
 

قەدىمدە، ئافرىقىدىكى ھەر دۆلەتلەردە مۇكەممەل بولغان قەبىلە باشلىقى تۈزۈمنى يۈرگۈزۈلەتتى، پۈتكۈل ئافرىقا قەبىلە باشلىقى جەمئىيتى ئىدى. بۇ چوڭ-كىچىك قەبىلە باشلىقى پادىشاھلىق دۆلەتلىرى ئىلگىرى كامىرۇن، نىگېرىيە، بېنىن، گانا، بۇركىنا فاسۇ بىلەن كوتى دى ئىۋۇئېرتا ئۇزۇن مەزگىل ساقلىنىپ قالغان.

 

\
 

پادىشاھ يەنى قەبىلە باشلىقى ھەرخىل قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار مۇتلەق ھوقۇققا ئىگە، مەسلەن قانۇن تۈزۈش، سىياسەت يۈرگۈزۈش، جەڭگە قوماندانلىق قىلىش، نەزىر-چىراغ قىلىشقا مەسئۇل بولۇش، دېلولارغا سوت ئېچىش، ھۆكۈم چىقىرىش، باج-سېلىق يىغىش دېگەندەك.

 

\
 

بىر قىسىم دۆلەتلەردە، قەبىلە باشلىقىنىڭ خوجىلىق زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، نوپۇسنىڭ كۆپ-ئازلىقى، ئىقتىسادتىكى مۇھىملىق دەرىجىسى، ھۆكۈمەت قانۇن بۇيرۇقى قاتارلىقلارغا ئاساسەن، قەبىلە باشلىقلىرى بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى دەرىجە دەپ ئۈچ دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. قەبىلە باشلىقىنىڭ خىزمىتى ئادەتتە ۋارىسلىق قىلىنىدۇ، كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا چوڭ ئوغۇل قەبىلە باشلىقلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ.

 

\
 

بىر قىسىم جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردە، مەسلەن كامىرۇندا قەبىلە باشلىقى مەمۇرىي جانابنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. بىرىنچى دەرىجىلىك قەبىلە باشلىقىنى دۆلەت باشلىقى تەستىقلايدۇ، ئىككىنچى دەرىجىلىك قەبىلە باشلىقىنى كابىنېت زېمىن مىنىستىرى تەستىقلايدۇ، ئۈچىنچى دەرىجىلىك قەبىلە باشلىقىنى بولسا ئىشتات باشلىقى تەستىقلايدۇ.

 

\
 

قەبىلە باشلىقى پادىشاھلىق دۆلەتلىرىدە، پادىشاھ، خان سارىيى، خانىش-توقال، ۋەزىر بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۆزلىرىنىڭ بېقىندىلىرى بولىدۇ، يەنە تېخى ھەرخىل ئالاھىدە ئىمتىيازلىرى بولىدۇ.

 

\
 

بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش ئافرىقا قەبىلە باشلىق پادىشاھلىق دۆلەتلىرىدە ئومۇميۈزلۈك بولۇپ كەتكەن ھادىسە، يابۇئا قەبىلە باشلىقىنىڭ 12 ئايالى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئايالى 70 ياشتا، ئەڭ كىچىكى ئۆزىنىڭ نەۋرىسى بىلەن تەڭ ياشتا، ئۇنىڭ 65 پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇنىڭغا تېخى ئۆلۈپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنى قوشمىغان. بۇ جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقىنى قەدىمكى بېنىن ئابومېي پادىشاھلىق دۆلىتىدىكى قەبىلە باشلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇن-توقاللىرى 4000دىن ئاشىدۇ، بۇ قەبىلە باشلىقى ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ 4000دىن ئارتۇق ئاياللىرى ئىچىدىن 41ياش ھەم گۈزەللىرىنى تاللاپ، ئۇلارنى زەھەرلىك ھاراقنى ئىچىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىكتە يېتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

 

\
 

ئافرىقىدىكى قەبىلە باشلىقى پادىشاھلىق دۆلەتلىرىدە، قەبىلە باشلىقىلا نۇرغۇن خوتۇنلۇق بولالايدىغان بولماستىن، شۇ يەردىكى ئەرلەرمۇ كۆپ خوتۇنلۇق بولسا بولىدۇ، بۇ خىل ئەھۋال شۇنداق ئومۇملاشقان بولۇپ، شۇ يەردىكى 40~50ياشلىق ئەرلەرنىڭ خوتۇنلىرى ناھايىتى كۆپ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئەرزان ئەمگەك كۈچىگە ئېرىشكەنگە باراۋەر. 

 

\
 

نۇرغۇن قەبىلە باشلىقى پادىشاھلىق دۆلەتلىرىدە ھازىرغىچە ئالاھىدە بولغان نىكاھ تۈزۈمى يۈرگۈزۈلىدۇ، يەنى قەبىلىلەر ئۆز جەمەتىدىن نىكاھلىنىش تۈزۈمى. بۇ خىل تۈزۈمنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىنىشى، قەبىلە ئىچىدىكى قىز-يىگىتلەر چوقۇم شۇ قەبىلىدىكى جەمەتتىن نىكاھلىنىشى لازىم، تۇغقانلار ئارىسىدا نىكاھلىنىش ئەھۋالىمۇ بۇ يەردە رۇخسەت قىلىنغان.

 

\
 

ئافرىقا قەبىلىلەر باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشقا كەلگەن ھەر قايسى قەبىلىلەر باشلىقلىرى.

 

\
 

ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئالتۇن تاقاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قەبىلە ئىچىدىكى كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

 

\
 

قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بەك كۆپ، قېنى تۆۋەندە ئۇلارنىڭ بۇ خوتۇن-توقاللىرىنى قانداق تاللىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى. ئۇلارنىڭ توقال تاللاش جەريانىنى چۈشىنىپ باقايلى.

 

\
 

سۋېزىلانددىكى ئەڭ چوڭ بايرام بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ بايرامنىڭ قومۇش ئۇسۇلى بايرىمى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەب، قىزلار قومۇش كۆتۈرۈپ بايرامغا قاتنىشىدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىكى قومۇش خۇددى مەيدانغا كىرىش بېلىتى بىلەن باراۋەر.

 

\
 

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، سۋېزىلانددىكى قومۇش بايرىمىنىڭ ئەسلى مەقسىتى قىزلارنىڭ گۈزەللىكىنى ھەم پاكلىقىنى نامايان قىلىش ، بۇ بايرامغا قاتناشقان قىزلار چوقۇم نىكاھلانمىغان قىز بولۇشى، رەڭگاراڭ كۆينەكلەرنى كىيگەن بولىشى، ئۈستى تەرەپى ئوچۇق بولىشى كېرەك.

 

\
 

مانا بۇ سۋېزىلانددىكى قومۇش بايرىمى، يىلدا بىر كېلىدىغان قەبىلە باشلىقى توقال تاللايدىغان تەنتەنىلىك مۇراسىم.

 

\
 

قومۇش ئۇسۇلى بايرىمى تۇنجى كۈنى 60مىڭغا يېقىن قىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان بولۇپ، قەبىلە باشلىقى بېلىغا قاپلان تېرىسىدىن تىكىلگەن تاسمىنى تاقاپ قىزلارنىڭ قومۇش ئۇسۇلى مۇراسىمىنى كۆرىدۇ.

 

\
 

قىزلار خان ئائىلىسى يېنىدا ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىپ، چاچ پاسونى، رەڭدار كۆينىكى، قىياپىتى ئارقىلىق پادىشاھنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

 

\
 

16ياشلىق مابۇبا مۇخبىرغا بۇ قېتىملىق قومۇش ئۇسۇلى بايرىمىغا بولغان ئىنتىزارلىقىنى بىلدۈرۈپ :« مەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىنتىلىمەن، باي بولۇشقا قىزىقىمەن، ئېسىل ماشىنام ھەم يانفونۇم بولسىكەن دەيمەن»دېگەن. بۇ بەلكىم مانا بۇ بايرامغا قاتنىشىۋاتقان بارلىق قىزنىڭ قەلب ئاۋازى بولىشى مۇمكىن. 1999-يىلىدىن باشلاپ، پادىشاھ مۇشۇنداق تەنتەنىلىك مۇراسىم ئارقىلىق قىزلارنى تاللاپ خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىغان.

 

\
 


قومۇش ئۇسۇلى بايرىمى باشلانغاندا، دۆلەتنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىدىن كەلگەن قىزلار خاننىڭ ئانىسى تۇرىدىغان خان ئائىلىسى كەنتىگە كېلىپ يىغىلىدۇ. ئۇلار ناخشا توۋلاپ ئۇسسۇل ئويناپ ئوخشاش بولمىغان قومۇشلۇققا بارىدۇ، ئارقىدىكى نەچچە كۈندە، قىزلار ھەممىسى 20 تال قومۇشنى كېسىپ خاننىڭ ئانىسى تۇرىدىغان خان ئائىلىسى كەنتىگە كېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپە باسقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.

 

\
 


ئالتىنچى كۈنى، ئۇلار قومۇشنى خان ئانىسى تۇرىدىغان ساراينىڭ ئالدىغا دۆۋلەپ قويىدۇ، ھەمدە ئەڭ گۈزەل ئۇسسۇل قىياپىتىنى نامايان قىلىدۇ، پۈتكۈل كەنت خۇددى چوڭ سەھنىدەكلا بولۇپ كېتىدۇ، يەتتىنچى كۈنى بولسا بۇ بايرامنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ، پادىشاھ قىزلار بىلەن تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، ھەمدە شۇ يەردە قىزلارغا كۆز سالىدۇ. شۇ كۈنى تاللانغان قىزغا نىسبەتەن نېشىغا بەخت قۇشى قوندى دېسەكمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇ شۇ كۈندىن تارتىپ پادىشاھنىڭ خوتۇنى بولىدۇ، ھەم ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا، ئېسىل سارايلارغا، كىيىم-كېچەكلەرگە ،ئېسىل ماشىنىلارغا ئېرىشىدۇ.

 

\
 

بايرامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى پادىشاھ 25 تۇياق كالىنى سويغۇزۇپ، كەلگەن قىزلارنى گۆش يېگۈزۈپ يولغا سالىدۇ، بىر يىلدا بىر كېلىدىغان قومۇش ئۇسۇلى بايرىمى مانا مۇشۇنداق ئاياغلىشىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچىلەرمۇ بۇ سەپەرگە قىيمىغان ھالدا قايتىشىدۇ.

 

\
 

بۇ بايرامنى قوللايدىغانلار، قىزلارنىلا قاتناشقۇزۇشتىكى سەۋەب ئەمەلىيەتتە قىزلارنىڭ پاكلىقىنى ساقلاشنى ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. بۇنداق بولغاندا ئەيدىز كېسىلى نىسبىتى تۆۋەن بولىدۇ، سۋېزىلاند دۇنيادىكى ئەيدىز كېسىلى كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق-مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يەردە تەخمىنەن 40% ئادەم ئەيدىز بىمارىكەن.

 

\
 

كۆلىمى 20مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان، نوپۇسى مىلىيونغا يەتمەيدىغان جەنۇبىي قىسىم ئافرىقا كىچىك دۆلەتلىرىدە، 66% نوپۇس نامرات ھالەتتە.

 

\
 

\
 

«فۇربېس»ژۇرنىلىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ باي خان جەمەت ئەزالىرى شەرەپ تاختىسىدا، مىسۋاتى پادىشاھ 15-ئورۇندا تۇرغان، يەنى ئافرىقىدىكى بىردىنبىر باي خان جەمەت ئەزاسى. بىر قىسىم جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى پادىشاھنىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

 

يېڭى خەۋەرلەر
ئافرىقىدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى
ئافرىقىدىكى قەب...
نېگىرىيىدىكى دېڭىز تاشقىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
نېگىرىيىدىكى دې...
سۇرىيەدىكى جەڭ ئوتى دۇنياۋى مىراس شەھىرى ھەلەبكە تۇتاشتى
سۇرىيەدىكى جەڭ ئ...
ئامېرىكا ئاقسارايدا تۇنجى قېتىم بالىلار ئۈچۈن زىياپەت بەردى
ئامېرىكا ئاقسار...
ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئەڭ ئىلغار قوراللار بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن
ياپونىيە قوغدىن...
جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دېڭىزدا ئۇرۇشسا ياپونىيە يېڭىشى مۇمكىن
جۇڭگو بىلەن ياپو...
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە «ئارال ئىگىلەش» مانىۋېرى ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا بىلەن ي...
چولپانلارنىڭ كىملىكتىكى سۈرەتلىرى
چولپانلارنىڭ كى...
مۇشۇ تۈردىكى يېڭى خەۋەرلەر
ئافرىقىدىكى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇش...
نېگىرىيىدىكى دېڭىز تاشقىنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جې...
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى...
جۇڭگو ئاۋىياماتكىدىن ئۇچىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايرو...
سۇرىيەدىكى جەڭ ئوتى دۇنياۋى مىراس شەھىرى ھەلەبكە...
ئامېرىكا ئاقسارايدا تۇنجى قېتىم بالىلار ئۈچۈن زى...
ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئەڭ ئىلغار قوراللار بى...
جۇڭگو بىلەن ياپونىيە دېڭىزدا ئۇرۇشسا ياپونىيە يې...
ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە «ئارال ئىگىلەش» مانىۋېر...
جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ھەر دۆلەت سىياسىئونلىر...
بىل گايتىس نامرات دۆلەتلەردە ھاجەتخانا ئۈسكۈنىل...
ئامېرىكىلىق 19 ياشلىق قېرىماس بوۋاقنىڭ ھەقىقىي تۇ...
بايلار چامادانلاپ خەجلەۋاتقان دوللارنىڭ ياسىلىش...
بايلار چامادانلاپ خەجلەۋاتقان دوللارنىڭ ياسىلىش...
ئىتالىيە ئالتۇن بانكىسىدىكى چوكا ئالتۇننىڭ ياسى...
تور بېكەت ھەققىدە  |   مۇلازىمەتلەر  |  سەھىپىلىرىمىز  |  ئېلان بېرىڭ  |  ئالاقىلىشىڭ  |  ھەمكارلىشىڭ  |  بېكەت خەرىتىسى  |  پىكىر بېرىڭ  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  | 百度影音
بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : شىنجاڭ خۇشخۇي تور بېكىتىگە تەۋە ئوخشىتىپ ياسىغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ..
تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ، ناخشا- مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ!
پــۈتـــۈن كـــۈچــىــمىز بــىـــلەن مۇقۇمــــلىقنى قوغـــــداپ ئېــنــاق شىنـــــــــجاڭ بــــەرپا قــــىــلايلى
huxhuy.cn ©2011 E-Mail:elyar28@vip.qq.com 粤ICP备11034588号 QQ:354249503
ئالاقە تېلىفون : 13899842526