بەلكىم، ئارىمىزدىكى نۇرغۇن تورداشلار خەنچە «سەمىمىي بولمىسىڭىز، ئاۋارە قىلماڭ» (非诚勿扰) ناملىق پروگراممىنى كۆرۈپ باققان بولۇشى مۇمكىن، بۇنى بويتاقلارغا جورا تېپىپ بېرشنى مەقسەت قىلغان، كۆڭۈل ئېچىش تېپىدىكى پروگراممىدۇر، بۇ پروگرامما دەل ياشلارنىڭ مۇھىم ئىشى-جورا تاپالماسلىقتەك قېيىنچىلىقىنى ئاساسىي تېما قىلغانلىقتىن، ناھايىتى تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى كۆرۈرمىنى ئەڭ كۆپ پروگراممىغا ئايلانغان. سۆزىمىز بۇ پروگراممىدا ئەمەس، بەلكى بۇ پروگرامما ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان تاقىرباش رىياسەتچى مېڭ فېيدىن ئىبارەت.
يېقىندا، توردا ئۇنىڭ بۇرۇنقى رەسىملىرى ئاشكارىلىنىپ كەتكەن. بۇلارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، پەرقنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.


