
8-ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا ھوللېۋۇدتىكى داڭلىق ئارتىس ئەنجىلىنا جۇلى رېژىسسورغا ئۆزىنىڭ تۆت ياشلىق قىزىنى ئالاھىدە تونۇشتۇرۇش بىلەن ئۇنىڭ كىچىك قىزى ۋىيئەن كىنو‹‹ مېلفېست››تا مەلىكىنىڭ بالا ۋاقتى ئورولانىڭ رولىنى ئالىدىغان بولدى.
‹‹مېلفېست››داڭلىق چۆچەك ‹‹ ئۇيقۇدىكى ساھىبجامال›› نىڭ كىنو نۇسخىسى بولۇپ جۇلى بۇ كىنودا قەبىھ خانىش مېلفىستنىڭ رولىنى ئالىدۇ.ئەسلىدە‹‹ئادەتتىن تاشقىرى8›› دىكى ماھارىتى ئالاھىدە بولغان كىچىك چولپان ئەيلى فەن ئورولانىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى رولىنى ئېلىش ئۈچۈن تاللانغانىدى. بىراق جۇلى ئۆزىنىڭ تۆت ياشلىق قىزىنىڭ بۇ رولغا ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارىغان.ئەڭ ئاخىرىدا خوجايىننى قايىل قىلىپ توختام ئىمزالىغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ مېنىڭچە قىزىم مەن بىلەن بىللە رولغا چىقسا چوقۇم بۇ بەك قىزىقارلىق بىر سەزگۈرەشتە بولۇپ قالىدۇ. مەن قىزىمنىڭ بۇ رولنى ئىلىپ چىقىشىغا بەكمۇ ئىنتىزار بولۇۋاتىمەن››.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇنىڭ باشقا بالىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاتا ئانىسىغا يېپىشىۋېلىپ ئەركىلىشىپ ئۆزلىرىنىمۇ كىنودا رول ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان.
ئەنجىلىنا جۇلى ۋە پېد بىرادنىڭ جەمئىي ئالتە بالىسى بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچى ئىككىسىنىڭ ئۆز بالىسى . چوڭ قىزى سارانى 2006-يىلى 5- ئايدا ئافرىقىدىكى نامبىيەدە تۇغقان. ئىككى يىلدىن كىيىن 2008-يىلى 7- ئايدا ئۇ قوش كېزەك بالىلىرى يەنى ئوغلى روكىس ۋە قىزى ۋىيئەننى تۇغقان. بۇ قېتىمقى ئورولا مەلىكىنىڭ بالىلىق ۋاقتىنىڭ رولىنى ئالىدىغىنى دەل ئۇنىڭ قوشكېزىكىنىڭ بىرى ۋېيئەن.