تونى، ئۆزىنىڭ نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئارتۇق ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ساخاۋەت ئىشلىرى ئۈچۈن پۇل توپلاشنى ئويلىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئۇ كىشلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ھەمدە ئەڭ ئاسان ئىئانە پۇلى توپلاش ئۈچۈن، توڭلاتقۇ يۈدۈپ مارافونچە يۈگۈرۈشنى قارار قىلغان. ئۇ توڭلاتقۇدىن كىچىك تۆشۈكتىن بىرنى ئاچقان بولۇپ، كىشلەر شۇ تۆشۈكتىن ئىئانە پۇل سالىدىكەن.
ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇنداق قىلغاندا ئۈچ نەرسىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى يەنى بىرىنچىدىن ساغلاملىققا، ئىككىنچىدىن تاماشا قىلىشقا، ئۈچىنچىدىن ئىئانە پۇل توپلىيالايدىغانلىقىنى ئېيىتقان. ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، يەنى تېخى نۇرغۇن كىشلەر ئۇنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يۈگۈرگەن.

